لاتەك LaTex تە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش باسقۇچلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rockman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 21:16ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
بۈگۈن لاتەكتە ئۇيغۇرچىنى كىرگۈزۈشنىڭ قەدەم باسقۇچىنى مەن ئۆزەم بىلگەن ھەم ئىشلەتكەن ئۇسۇل بىلەن يېزىپ چىققانتىم. لازىم بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئىنگىلىزچە بىلدىغانلارغا ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىش ئانچە قىيىنغا توختىمايدۇ. ئالدىنقى يىلىغۇ دەيمەن، ئىزدىنىشتىكى ئوغۇزبەگ ئىزدىنىشتا ھەم ئۆزىنىڭ بىلوگى ئاچىنۇق بىلوگىدا بۇ توغرىلىق يازغانتى. كەمىنە ئاقساقاللىق قىلىپ يەنە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مېنىڭچە بەزى كىچىك تېخنىكىلارنى مۇشۇنداق سورۇنلاردا كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھىرلەنسەك، نۇرغۇن كىشىلىرمىز بەلكىم مەلۇم ۋاقتىنى تېجەپ قېلىشى مۇمكىن.
تەپسىلىي قەدەم باسقۇچنى PDF فورماتىدا يېزىپ يوللاپ قويدۇم. لازىملىق ھۆججەتلەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم. ناۋادا چۈشمەي قالسا تۆۋەندىكى بوشلۇقتىن چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
http://1drv.ms/1q6zuir بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 22:13
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بۇ خىلدىكى تېمىلار بىزگە خېلى كۆپ پايدىلىق، رەھمەت! بۇلىدۇ. مەن تىزىملىتىپ قويدۇم. 7200 مىنۇتتىن كىيىن مەشغۇلات قىلالايدىكەنمەن. ساقلاۋاتىمەن ... بۇلىدۇ. مەن تىزىملىتىپ قويدۇم. 7200 مىنۇتتىن كىيىن مەشغۇلات قىلالايدىكەنمەن. ساقلاۋاتىمەن ... دەرسلىكنى كۆردۈم، يەنىلا سەل ئاددى بولۇپ قالغاندەك، بولسا دېتالنىڭ قايسى نەشىرىنى، قانداق قاچىلاش؛ يېپيېڭى بىر ھۆججەتنى قانداق قۇرۇش؛ قانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ... دېگەندەك قەدەم-باسقۇچلارنى ئىكراندىن رەسىم تۇتۇپ، تېخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ، نۆلدىن باشلاشنى ئاساس قىلغان بىرەر دەرسلىك تۈزۈپ قويساڭلار دېگەن ئۈمىدتىمەن.
لاتەك(Latex)تە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
ماۋۇ تېمىدىكى ئەزىزكامنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ شۇنداق قىزىقىپ قالغانىدىم بۇ دېتالغا. لېكىن چۈشۈرۈپ ئەپلەشتۈرەلمىدىم. بولمىسىغۇ بەك دۆتلەردىنمۇ ئەمەستىم:lol
شۇڭا مۇشۇ دېتالدىن تەجرىبەڭلار بارلار ئازراق ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ، تەپسىلىيرەك بىرەر دەرسلىك تۈزۈپ قويغان بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى. قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى ئەلۋەتتە.
چۈشۈرۈپ يەنە بىرەر-ئىككى كۈن مالتىلاپ باقاي... يەنە بىر گەپ چالا قاپتۇ، دەرسلىك تەييارلاپ قالساڭلار، مىكروسوفتنىڭ كۆزنەك windows مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئاساس قىلغان بولساڭلار... چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنى ئىشلىتىدىغانلار بەك كۆپ... ئەلۋەتتە بۇلىدۇ. لېكىن بىر نەچچە ئاي كىيىنرەك ۋاقىت چىقىشى مۇمكىن. ھازىر بەك-بەك ئالدىراش ئىدىم. لېكىن چوقۇم دەرىسلىك ياساپ چىقىرىپ قويىمەن. بۇ دېتال مەشغۇلات سېستىمىسىنى تاللاپ كەتمەيدۇ. سالامەت بۇلۇڭ.
بەت:
[1]