kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 19:28:58

[خەتلىك فىلىم] ئېمىلى فۇلانىڭ ئاجايىپ ھاياتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-12 19:48  

http://www.kowruk.cn/temp/amelie/poster.jpg

فىلىم نامى: ئېمىلى فۇلانىڭ ئاجايىپ ھاياتى
فرانسۇزچە نامى: Le fabuleux destin d'Amélie Poulain
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2001-يىلى
دۆلىتى: فرانسىيە / گېرمانىيە
تۈرى: ۋەقەلىك / كومېدىيە / مۇھەببەت
تىلى: فرانسۇزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.5
رازمىرى: 1280x720
سىغىمى: 1.44Gb
رېژىسسور: Jean-Pierre Jeunet
باش روللاردا: Audrey Tautou

فىلىم ھەققىدە:
فرانسىيەلىك قىزچاق ئېمىلىي فۇلانىڭ بالىلىقى باشقىلار نەزەرىدە بەختسزلىككە تولغان ئېدى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئېمىلىينى ئەزەلدىن قۇچاغلاپ باقمىغان، ئۇنىڭ  ئاتىسى دوختۇر بولۇپ، ئۇ پەقەت ئېمىلىينىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتىلا بەدىنى ئاندىنلا بىر-بىرى بىلەن تېگىشەتتى. بۇنداق كەمدىن-كەم بولىدىغان ئۇچرىشىشتىن ئېمىلىينىڭ يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئېمىلىنىڭ يۈرەك كېسلى بار ئىكەن دەپ دىئاگىنو قويدى. بۇ يوقىلاڭ بىر «كېسەل» بىلەن ئېمىلىي مەكتەپكە بارماي، ئۆيدە ئاپىسى دەرس ئۆتۈپ بەردى. كېيىن بىر قېتىملىق تاساددىپىي ۋەقەدە ئېمىلىينىڭ ئاپىسى قازا قىلىپ كەتتى، ئەمما بۇلار ئېمىلىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدۋارلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى.
ئېمىلىي چوڭ بولغاندىن كېيىن پارىژدىكى بىر قەھۋاخانىدا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىدى، قەھۋاخانىدىكى كىشىلەر ۋە ئۇ تۇرغان بىنادىكى قوشنىلىرى بىرئاز غەلىتە ئېدى.
1997-يىلىنى 8-ئاينىڭ 31- كۈنى ئۇ تاساددىپىي ھالدا ئۆزى تۇرغان ئۆيدىن بىر كىچىك ئويۇنچۇق قاپچۇقىنى تېپىۋالىدۇ ھەمدە بۇ قاپچۇقنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر قاتار باشقىلارغا ياردەم بېرىش پىلانىنى باشلايدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ  ئېمىلىينىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلايدۇ...
بۇ فىلىم 74-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىدا 5 تۈردە نامى ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى كىنو فېستىۋاللىرىدا 54 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە 50 تۈردە نامى ئاتالغان.

كەسمە رەسىملەر:
http://www.kowruk.cn/temp/amelie/01.jpg

http://www.kowruk.cn/temp/amelie/02.jpg

http://www.kowruk.cn/temp/amelie/03.jpg

http://www.kowruk.cn/temp/amelie/04.jpg

http://www.kowruk.cn/temp/amelie/05.jpg

بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

قوشۇمچە:

كەسپىي، كۆرۈنمە يۈزى يېقىشلىق، سەھىپىلىرى تولۇق، مەزمۇنلىرى سەرخىل ۋە ساغلام بولغان كۆڭۈل ئېچىش تور بېكىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتخانىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىقى بىلەن «كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.
«كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، كىنو، تېلېۋىزىيە-تىياتىرى، كالتە فىلىم، كارتون فىلىم، سەنئەت كېچىلىكى، MV، ئېتوت، بوكىس، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى، قىزىقارلىق فىلىملەر، چولپانلار ۋە مۇناسىۋەتلىك فىلىم ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋەر قاتارلىق سەھىپىلىرى بار بولۇپ، تور بېكىتىمىز يەنە مەزمۇنى ساغلام بولغان فىلىملەرنى قەرەللىك ھالدا ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ تارقىتىدۇ.
توربېكەت ئادرېسىمىز: www.kowruk.cn
«كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» يەنە كۆرەرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان PC تېرمىنالىنى ئىشلەپ تارقاتتۇق، PC تېرمىنالىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ تور ئادرېسىدىن كۆرەلەيسىز: http://www.kowruk.cn/player

تېرمىنال كۆرۈنمە يۈزىدىن كەسمە رەسىملەر:
http://www.kowruk.cn/temp/player/01.jpg

http://www.kowruk.cn/temp/player/02.jpg

http://www.kowruk.cn/temp/player/03.jpg

http://www.kowruk.cn/temp/player/04.jpg

http://www.kowruk.cn/temp/player/05.jpg

كۆۋرۈك تور بېكىتىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى خەتلىك فىلىم ئۇچۇرلىرىدىن ئەڭ ئاۋال خەۋەر تېپىشنى خالىسىڭىز، تور بېكىتىمىزنىڭ ئۈندىدار (ۋېيشىن) ئاممىۋى توپىغا قوشۇلۇڭ.
توپ ئاكونتىمىز: kowrukcn
ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ قوشۇلۇڭ:
http://farm4.staticflickr.com/3808/11097109784_f38c1ffc61_o.jpg

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 19:53:24

چارلىز دېككىنىسنىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن كىنونى كۆرگۈم كەلدى. قاچان قويۇلىدۇ...

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 20:36:19

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 19:53 static/image/common/back.gif
چارلىز دېككىنىسنىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن كىنونى  ...

مۇشۇ جۈمە كۈنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيمىز.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 20:52:37

كىنونىڭ سۈزۈكىنى ئىشلىتىڭلار،720 دىن تۆۋەن بولمىسۇن
ئىملاغا بەك دىققەت قىلىڭلار،خەت نۇسخىسىغا قۇتياردەك تۈز خەت ئىشلىتىڭلار
سەمىمى تەكلىپ

abdukerim11 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 21:04:40

رەھمەت، كىشەنسىز جانگونىمۇ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن بولساڭلار، ئېسىل فىلىمكەنتۇق.

abdukerim11 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 21:08:45

تور بېتىڭلارنى ياقتۇردۇم، فىلىملارنىڭ قويۇلىشىمۇ نورمالكەن، تەرجىمىنىمۇ بەلەن قىلىپسىلەر

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 21:30:33

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 20:52 static/image/common/back.gif
كىنونىڭ سۈزۈكىنى ئىشلىتىڭلار،720 دىن تۆۋەن بولمىسۇن
ئى ...

تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. :)
مەنبە فىلىم ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1080P نى ئىشلىتىمىز (مۇشۇ چوڭلۇقتىكى مەنبە فىلىم بولسىلا)، چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدىغان فىلىمنى 720P قىلىپ پىرىسلايمىز.
كۆزدە تۇتقىنىڭىز فىلىم يېزىقىغا UKIJ Tuz Tom نى ئىشلىتىڭلار دېمەكچىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، UKIJ Tuz Tom سەل ئىخچام ۋە توم ئىكەن، ئەمما بىز فىلىم يېزىقى ئۈچۈن Alkatip Asliye نى ئىشلەتتۇق، بۇ فونت UKIJ Tuz Tom غا قارىغاندا تېخىمۇ تۈز ۋە سىپتا كۆرۈنىدۇ، ئاندىن بىر قەدەر مۇنتىزىم دەمدۇق؟ UKIJ Tuz Tom دا خەتلەرنىڭ تۇتاشقان ئورنى، بەزى ھەرىپنىڭ غولىدا مەسىلە بار، چوڭايتىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە تازا چىرايلىق ئەمەس، Photoshop ئىككى خىل فونتقا تەڭشەپ خەت يېزىپ چوڭايتىپ كۆرسىڭىز پەرىقنى ھېس قىلالايسىز.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 21:31:32

abdukerim11 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 21:04 static/image/common/back.gif
رەھمەت، كىشەنسىز جانگونىمۇ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن بولس ...

تور بېكىتىمىزدە بار بولغان بارلىق تەرجىمە فىلىملەرنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيمىز.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 21:34:23

تېمىدىكى PC تېرمىنالنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى خاتا بولۇپ قاپتۇ.
توغرىسى:
http://www.kowruk.cn/player

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:01:28

تور بەت لايىلىنىشى بەك يېقىشلىق بوپتۇ ، تېلفۇن نۇسقىسىنىمۇ تېزراق ئېلان قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن .

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:10:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gewala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-13 11:46  

تېرمىنالنى قاچىلاپ كىنونى كۆرۈپ باقتىم ، تېرمىنال شۇنداق سۈزۈك پاكىز ئىشلىنىپتۇ ، كىنو قويۇلۇش سۈرئېتىمۇ تېزكەن ، خېلىلا كۈچ سەرىپ قىپسىلەر .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:42:57

abdukerim11 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 23:04 static/image/common/back.gif
رەھمەت، كىشەنسىز جانگونىمۇ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن بولس ...

جەنگونى بۇرۇن چۈشۈرۈپ كۆرمىگەنمۇ؟  مەندە بار.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:52:48

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 23:34 static/image/common/back.gif
تېمىدىكى PC تېرمىنالنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى خاتا بولۇپ قاپ ...

بىكىتىڭلارنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ناھايىتى بەك ئاستىكەن.

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 11:20:02

PC تېرمىنالىنى چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 11:53:57

بېكىتىڭلار بەك كۆركەم ئىشلىنىپتۇ، ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 12:05:02

ئاۋۇ «بۈيۈك ئارزۇلار» ناملىق فىلىم قاچان ئىشلەنگەن نۇسخىسى بولغىيدى، ھېچ بىلمىدىم
مەندە  شۇ ئەسەرنىڭ رەڭسىز ئىشلەنگەن نۇسخىسى بار ، 2000-يىلى ئۇستاز تەرجىمان قاسىم راشىدىن تەرجىمە قىلغانكەن،
فىلىم نامى گۈزەل كېلەچەك دەپ ئاپتىكەن، باش پېرسوناژغا قەيسەر ھەبىبۇللا ئاۋاز بېرىپتىكەن
كىرىشتۈرەي دېسەم ھېچ ۋاقىت يەتمەيۋاتىدۇ

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 12:28:11

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 10:52 static/image/common/back.gif
بىكىتىڭلارنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ناھايىتى بەك ئاستىكەن.

ئەمدى نورماللاشتى، قايتا سىناپ بېقىڭ.:)

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 12:30:32

Yaruq يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 11:20 static/image/common/back.gif
PC تېرمىنالىنى چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ.

قويغۇچنى بىرلا ۋاقىتتا چۈشۈرگەنلەر بەك كۆپ بوپ كېتىپ مۇلازىمېتىرنىڭ تور سۈرئىتى يېتىشمەي قاپتۇ، ۋاقىتلىق شۈنلېينىڭ تور دېسكىسىغا چىقىرىپ قويدۇق، ۋاقىتلىق مۇشۇ يەردىن چۈشۈرۈپ تۇرساڭلار بولىدۇ، ھېلىغىچە نورماللىشىدۇ.

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 13:05:20

قېنى ئۇ شۈنلېينىڭ تور دېسكىسىنىڭ ئادرېسى؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 13:12:30

Yaruq يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 13:05 static/image/common/back.gif
قېنى ئۇ شۈنلېينىڭ تور دېسكىسىنىڭ ئادرېسى؟

چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ، چۈشۈرۈشنى باسسىڭىز ئۇلىناتتى، ھازىر ئۆز مۇلازىمېتىرىمىزغا قويۇپ ئوڭشاپ بولدۇق.
http://www.kowruk.cn/player/ غا كىرىپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] ئېمىلى فۇلانىڭ ئاجايىپ ھاياتى