bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 15:32:25

سىزنىڭ مەسئۇلىيتىڭىز نىمە؟

سىزنىڭ مەسئۇلىيتىڭىز نىمە؟

(باھادىر يىگىت)

   
ھۆرمەتلىك تورداشلار،بىرقانچە كۈنلۈك روزى ھېيت جەريانىدا تۇققانلارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم.نۇرغۇن تۇققانلار بىلەن ئىلم توغرىسىدا سۆھبەتلەشتىم.ھېيتىمىز تولىمۇ كۈڭۈللۈك بولدى.بىر تۇققىنىمنىڭ ماڭا ئېيتقان بىر سۆزى بەك قاتتىق تەسىر قىلىدى.شۇڭا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىشقا كىرىشتىم.
          ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىغا ئىكەن چۇقۇم رەببىنى تۇنۇش بىلەنلا قالماي بىلىم ئېگەللەپ ئۆزىنڭ ئىنسانلىقىنى يۈكسەكلىككە كۈتىرىشى كېرەك.بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.لىكىن ئاشۇ بىلىملەرنى ئۆگەنلەرنىڭ زادى مەسئۇلىيتى نىمە؟مانا بۇ تۇققۇنۇم مەندىن سورىغان ۋە ئۆزى جاۋاب بەرگەن سۇئال. ئۇ مۇنداق دەيدۇ.«ھازىر ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەر نۇرغۇن.كەسپى مەكتەپلەردە ئۇقۇغانلار مۇ ۋەياكى ھۈنەر ئۆگەنگەنلەرمۇ نۇرغۇن.ئۇنداقتا سىزنىڭچە مۇشۇ بىلىم ھۈنەر ئۆگەنگەنلەر شۇ بىلىمى ۋە ھۈنىرىگە تاينىپ پۇل تېىپ جېنىنى باقسىلاكۇپايە قىلامدۇ؟مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.ئۇلارنىڭ بۇ بىلىمىگە تاينىپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىشى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى مەسئۇلىيتى.قىلمىسا بولمايدىغان ياشاش ئۈچۈن كېرەك بولغان مەسئۇلىيتى.خۇددى ئادەم ياشاش ئۈچۈن تاماق يىگەندەكلا بىر ئىش.»ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىچكىرلەپ سورىغىم كەلدى ۋە «ئۇنداقتا ئۇنىڭ يەنە قانداق مەسئۇلىيتى بار؟»دەپ سورىدىم.ئۇ«ئۇ شۇ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىشى ياكى بىرەر كارخانا قۇرۇپ باشقىلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرىشى ۋەياكى تىجارەت بىلەن پۇل تېپىپ بېيىسا شۇ بۇلىنى بىرەر يەرگە مەبلەغ سېلىپ  بىر قىسىم ئۇقۇيالمىغان ئاجىز كىشىلەرنىڭ جان بېقىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك »دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇنىڭ بۇ جاۋابى مىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇردى ۋە قايىل قىلدى.ھەممە ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا بولمايدۇ.ئاللاھ ھەقىقەتەن بەزىلەرگە بايلىقنى بېرىدۇ،بەزىلەرگە ئەقىلنى بېرىدۇ بەزىلەرگە پېقىرلىقنى بېرىدۇ.مۇشۇنداق تەڭشەپ تۇرىدۇ.شۇڭا بايلار سەدقە ئارقىلق نامراتلارنى يۆلەش بەلگىلەنگەن.ئەمدى بىلىم ئىگەللىگەن كىشىلەر بولسا شۇ بىلىمىنى قورسىقىدا سېسىتىۋاتماي ياكى ئۆزى ئۈچۈنلار خىزمەت قىلدۇرماي بىر قىسمىنى باشقىلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىش ياكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋىلىىشىغا ياردەم قىلشقا ئىشلىتش كېرەك. بۇمۇ ھەقىقەتەن توغراھەممە ئادەمدە مۇشۇنداق ئاڭ بولسا بۇ ھەقىقەتەن مۇسۇلمانداچىلىقنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەتتى. مىللىتىمىزمۇ تىزلا روناق تاپاتتى. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇنىڭ بىر باي تۇنىشى باركەن.شىركەت ئاچىدىكەن .ئۇ شىركتنى نۇقۇل ئۈزى ئۈچۈن پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئاشۇنداق ئاجىزلارغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنىمۇ ئويلىشىپ ئاچىدىكەن. بۇيىل خوتەنننىڭ كىرىيەدە يەر تەۋرىگەندە ئۇ ھىچقانداق ئاخپارات ۋاستىللىرىغا ئاشكارىلماي ئۆزى مەخسۇس ئادەملەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ يىراق ئىىگىزلىك جايلاردا ياشايدىغان ياشاش شارائىتى ناھايتى ناچار كىشىلەرنىڭ ئائىلىسگە بىۋاستە بېرىپ قىممىتى بىر ملىيۇنغا يېتىدىغان ماددى ئەشيا ۋە پۇلنى ئاپىرىپ بەرگەن ئىكەن.بۇنى شۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرلا بىلىپ قاپتۇ. ھۈكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بەرسە ۋاقتىدا جايىغىغا تەككۈزۈشىگە ئىشەنسىمۇ لىكىن ئاخپارات ۋاستىلىلىرىنىڭ توختىماي خەۋەر بىرىشىنى بۇئارقىلىق بۇ خەيرى ساخاۋەت ئىشىنىڭ شىركىنىڭ ئېلانىغا ئايلىنپ قېلىشىنى خالىمايدىكەن.شۇڭا شۇنداق قىپتۇ. ئۇ يەنە ماڭا «سىز شۇنچە ئۇقۇپ كەلدىڭىز ،خىزمەت قىلىپلا ئۆتسىڭىز بولمايدۇ،ئارا ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزدىن پايدىلنىپ باشقىلارنى يېتەكلەڭ ياكى بىرەر نەرسلەرنى تەتقىق قىلىڭ ،قۇشۇمچە ئىشلارنى قىلىپ پۇل تېپىڭ بولسا شىركەت ئېچىپ بىرقىسىم كىشىلەرگە ئىشقا ئۇرۇنلىشىش جان بېقىش شارائىتى ھازىرلاپ بىرىڭ.بۇنىڭدا سىزنىڭ بەلگىلىك مەسئۇلىيتىڭىز بار.ھەرگىزمۇ مائاشنىڭ قۇلى بۇلۇپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كەتمەڭ.بۇ بەك ئېغىر زىيان »دىدى.ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنلۇق پىكىرلىرى مىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدى. بۇ يىللىق رۇزى ھېيت جەريانىدا ئىرىشكەن ئەڭ چوڭ ئۇتۇقۇم بولدى.شۇڭا مىنىڭچە ھەممەيلەن مۇشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلساق مىللىتىمىز ۋەتىنىمىز تىز روناق تاپقان بولاتتى. مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتىرىلەتتى.ھەممەيلەن ئۆگەنگەن بىلىمىمىزنى خىزمەت تېپىپ جان بېقىش دەپ ئەڭ ئاددى ئېھتىياجنىلا ئويلىشىپلا ئىشلەتسەك ئەلۋەتتە بولىدۇ.لىكىن غايىمىزنى ئىرادىمىزنى مەسئۇلىيتىمىزنى ئائىلىمىزدىن يەنە بىر بالداق كۈتىرىپ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە مىلىلىتىمىزگەقاراتقساق بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىيالايمىز. خىزمەت قىلغاچ ئەدەبىيات ئۇقىساق يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانساق ياكى ئاددى يازمىلارنى يېزىپ باشقىلارغا ئۈمۈد ئىشەنچ ئاتا قىلساق،تەبىئى پەن ئۆگەنسەك خىزمەت قىلغاچ  ئارا ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ كىتاپ كۈرۈپ كەسپىمىزنى تەرەققىىي قىلدۇرساق بولسا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانساق مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى يېزىپ مىللىتىمىزگە شەرەپ كەلۈرسەك،پۇل تاپساق باشقىلارنڭ جان بېقىشىنمۇ ئويلىشىپ بۇنىڭدا ياراتقۇچى ماڭا بەرگەن بايلىق بار ئاجىزلارغا ياردەم قلىشىم كېرەك دەپ ئۇلارنىڭ تۇمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا شارائىت ھازىرلاشقا قۇلىمىزنىڭ كىلىشىچە تىرشساق نىمىدىگەن ياخشى بولاتىتى ھە. بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ قۇلىدىن نىمە كېلەتتى مەن بىرقانچە ئادەمنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرسام ياكى بىر ماقالە يېزىپ قويسام مىللىتىم روناق تاپامتى دىمەي بۇنىى بىر مەسئۇلىيەت دەپ تۇنۇش كېرەك.تاما تاما كۆل بولار دىگەن گەپ بار.بۇمۇ دەل ئىسلام دىنىمىزدا تەكىتلىنىدىغان ئىش.بۇ قېرىندىشم دىننى ھەقىقەتەن ماھىيتىدىن چۈشىنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە دىنىمىز بىزنى ئەسەبىيلككە ئەمەس بەلكى مۇشۇنداق تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيەلەرگە تەرەققىپەرۋەر ئىشلارغا ئۈندەيدۇ.شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشىنى،مۇشۇنداق قلىۋاتقانلارنىڭ بولسا بۇ پىكىرلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ ئۇلارغا ئۈلگە بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.يەنە بىزدە «يىيىش ئۈچۈن ياشىماي ياشاش ئۈچۈن يىيىش كېرەك »دىگەن گەپمۇ بار.قىممەتلىك پىكىر تەكلىپىڭلارنى بەرگەيسىلەر.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 16:34:21

Heqiqet2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:53:35

ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەن چوقۇم رەببىنى تونۇش بىلەنلا قالماي بىلىم ئىگەللەپ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى يۈكسەكلىككە كۆتىرىشى كېرەك. بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. لېكىن ئاشۇ بىلىملەرنى ئۆگەنلەرنىڭ زادى مەسئۇلىيتى نېمە؟
---------------
ياخشى !!! بۇ قۇرلار ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقىنىمغا ۋە ھەرىكەت قىلىۋاتقىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولۇپ قاپتۇ. گەرچە كۆرۈنەرلىك ۋە بۈيۈك نەتىجىلەرگە تېخىچە ئېرىشمىگەن بولساممۇ، لېكىن خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىمگە پايدىسى يېتىدىغان نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. تاما-تاما كۆل بولار ..
يازما ئىگىسىنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى يازمىلىرىغا تەشەككۇر !!!:shutup:

بەت: [1]
: سىزنىڭ مەسئۇلىيتىڭىز نىمە؟