bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 15:30:20

ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە

ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە


(باھادىر يىگىت)


  
        ئىسلام مەدەنىيتى ئىسلام دىنىدىن كەلگەن مەدەنىيەت بۇلۇپ ،«قۇرئان»ۋە «ھەدىس»نىڭ مەنىۋىي يېتەكلىشى ۋە تەشەببۇسى ئاستىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئەسىردە ئورتاق بەرپا قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان بىلىم قۇرۇلمىسى مول ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت. ئۇ جۇڭگو مەدەنىيتى،ھىندىستان مەدەنىيتى،گىرىتسىيە-رىم مەدەنىيتى بىلەن بىرلىكتەقەدىمكى دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەت سېستىمىسىنىڭ بىرى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئىسلام مەدەنىيتى يۇقىرقى قالغان ئۈچ مەدەنىيەتكە چوڭقۇرتەسىر كۆرسىتىپلا قالماي بەلكى دۇنيا مەدەنىيتىگە ئۇزۇنغىچە تەسر كۆرسەتكەن بۇلۇپ ،دۇنيا ئىدىيە تارىخ ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا ناھايتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.
          ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئىككى چوڭ مەنبەسى بۇلۇپ بۇنىڭ بىرىنچىسى«قۇرئان» بۇلۇپ ئېتقاد،بەلگىلىمە،ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرۋە تەبىئى پەنلەر قاتارلىق تۆت چوڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىجتىمائى پەن قىسمى تارىخ،ئىنسان،ئائىلە،جەمىيئەت،پەلسەپە،پىسخولوگىيە،تىلشۇناسلىق،ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەرنى،تەبىئى پەنلەر بولسا ئاستىرونومىيە،جۇغراپىيە،تىبابەتچىلىك،بىئولوگىيە،ئۈسۈملۈك ئىلمى،دېڭىز -ئوكيان ئىلمى،تاغ جىنىسلىرى ئىلمىي قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىسلام مەدەنىيتىىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولسا«ھەدىس»بۇلۇپ ،مۇھەممەت ئەلەيھىسلامنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان سۆزلىرى ۋە ئىش ھەركەتلىرى خاتىرلەنگەن بۇلۇپ ھەدىسلەر بولسا قۇرئاننىىڭ يىشىپ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ئەمەلىيتى ھېسابلىنىدۇ. ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ۋە بايان قىلىنغان مەسىلىلەر ناھايتى كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ.ھەدىس قۇرئاننى شىشىپ چۈشەندۈرۈشلا بۇلۇپ قالماي بەلكى سىياسەت،ئىقتىساد،ھەربىي ئىشلار،مەدەنىيەت،دىپلۇماتىيە،قانۇن تۈزۈم،مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە جەمىيئەت ئەمەلىيتى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەدىس بىلىم ئېگەللەشكە بەك ئەھمىيەت بەرگەن ،مەسىلەن:«بىلىم ئىگەللەش ئايال بولسۇن ياكى ئەر بولسۇن ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز»،«ئۆگىنىشنى بۈشۈكتىن باشلاپ تاكى قەبرىگە كىرگۈچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك»قاتارلىقلار.ئىسلام مەدەنىيتى مۇشۇ ئىككى مەنبەگە تاينىپ ئۆزگچە يېڭىلىققا ئىگە مەدەنىيەت سېستىمىسنى بەرپا قىلغان بۇلۇپ بۇلار تۆۋەندىكى تۆت ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
         بىرىنچى:دىنشۇناسلىق - قۇرئان ئىلمى،ئىلمي تەپسىر،ھەدىس ئىلمىي،تەۋھىد،فىقھى ئىلمىي،سېلىشتۇرما دىنشۇناسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
         ئىككىنچى:پەلسەپە - تەبىئەت پەلسەپەسى،دىنىي پەلسەپە،لوگىكا ئىلمىي،ئېتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ.
        ئۈچىنچى:تەبىئى پەنلەر- ماتىماتىكا،ئاستىرونومىيە،تىبابەتچىلىك،يۇرۇقلۇق ئىلمىي،خېمىيە،دورىگەرلىك،فىزىكا ،تەجرىبە ئىلمىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
         تۆتىنچى:ئىجدىمائىي پەنلەر- تارىخ،جۇغراپىيە،سىياسى ئىقتىساد ئىلمي،جەمىيەت ئىلمىي،مائارىپ ئىلمىي،تىلشۇناسلىق،ئەدەبىيات،گۈزەل سەنئەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
        ئىسلام مەدەنىيتى ئوتتۇرا ئەسىردە يۇقارقى تەرەپلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.تۆۋەندە بۇھەقتە قسقىچە مىساللار ئارقىىق توختىلىمىز:
        1.ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى(تەجرىبە ئۇسۇلى): «قۇرئان»ۋە «ھەدىس»نىڭ ئىلھاملاندۇرىشى ئاستىدا مۇسۇلمانلار كۈزىتىش ۋە تەپەككۇرغا ناھايتى ئەھمىيەت بەرگەن بۇلۇپ بۇئارقىلىق بىر يۈرۈش مۇكەممەل ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە مۇسۇلمانلار تۇنجى بۇلۇپ كۈزىتىش،تەجرىبە قىلىش،يىغىنچاقلاش،يەكۈن چىقىرش،خۇلاسىلەش قاتارلىق سېستىمىلىق ئۇسۇلنى قوللانغان.بۇ مۇكەممەل بولغان ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى كىينكى دەۋرلەردە ياۋرۇپاغا تارقىلىپ تاكى ھازغىچە قوللىنىلماقتا.شۇڭلاشقا ھازىرقى زامان پەنتېخنىكىسى تەجرىبە ئىلمىي مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ دەپ قارايدۇ.مۇسۇلمانلار ئەنگىلىيلىك روگىر باكون(1214-يىلى تۇغۇلۇپ 1294-ۋاپات بولغان ،ئەنگىلىينىڭ داڭلىق پەيلاسوپى،مىتاللورگىيەچىسى، فىرانسىسكان مۇناخى) تەجرىبە ئىلمىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن 3ئەسىر بۇرۇن بۇنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە قوللانغان. بۇ ھەقتە بېل لېيت«خاراكتىرنىڭ  يارىتىلىشى»دىگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:«روگىر باكون ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىسىمداش بولغان فىرانسوس باكوننىڭ ئىلمىي تەجرىبە ئۇسۇلىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بۇلۇش سالاھىيتى يوق.روگىر باكون پەقەت ئىسلام پەنتېخنىكىسى ۋە ئىلمىي تەجرىبە ئۇسۇلىنى خرىستىيانلار يۇرتى بولغان ياۋرۇپاغا ئېلىپ كىرگەن كىشى ھېساپلىنىدۇ.ئۇ ئىلگىرى كەسكىنلىك بىلەن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئەرەپ پەنتېخنىكىسنى ئۆگىنىش ھەقىقى ئىلىم ئىگەللەشنىڭ بىردىن بىرى يولى دىگەن.»ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى بولمىغان بولسا ھازىرقى زامان تەجرىبە ئىلمىي بولمىغان بولاتتى.ھازىرقى زامان پەنتېخنىكا نەجىللىرىدىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.مۇسۇلمانلار بۇ ئۇسۇلنى بايقىدى ۋە توغرا ئىشلىتەلىدى.شۇڭلاشقا تەبىئى پەن ساھەسىدە نەچچە يۈز يىل دەۋر سۈردى.
          2.ماتىماتىكا:بۇ ساھەدە مۇسۇلمانلار تۇنجى بۇلۇپ «نۆل»نى ئىجاد قىلدى ھەمدە ھىندىستانلىقلارنىڭ رەقىمنى ۋە ئونلۇق سېستىمىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ ۋە تارقىتىپ ئالگىبرانى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ماتىماتىكىنىڭ مەخسۇس كەسپى قىلىپ ،ئالگىبرا،مەلۇم سان،نامەلۇم سان،يىلتىز،راتسىئونال سان،ئىراتسىئونال سان قاتارلىق ئالگىبرا ئۇقۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.ئۆلچەم گىئومىتىرىيسىدە مۇسۇلمانلار  سانلىق ئالگېبرانى ئىشلىتىپ سېتىمىلىق ھالدا كۇنۇس ئەگرى سىزىقىنىڭ سېخىمىلىق يىلتىزىنى تېپىش نەزىرىيسىنى ئوتتۇرغا قويدى.مۇسۇلمانلار يەنە چەمبەر تۇراقلىقىىنى ھېساپلاپ چىقتى.ئۈچبۇلۇڭ ئىلمىي جەھەتتە  تەكشىلىكتىكى ئۈچبۇلۇڭ ۋە چەمبەر يۈزى ئۈچبۈلۈڭ سېستىمىسىنى بەرپا قىلدى.ئۇلار دەسلەپكى قەدەمدە تانگىنىس،كوتانگىنىس،سىنوس ،كوسنوس،سېكانىس قاتارلىق ئۇقۇملارنى بەرپا قىلىپ ھازىرقى زامان ئالگىبراسى ئۈچۈن ئاساس تىكلىدى.ئىنگىلىس ئۆزىنىڭ «تەبىئەت دېئالىكتىكىسى»دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق دىگەن:«ئەرەبلەر ئونلۇق سېستىمنى،ئالگىبرا ئاساسىنى،ھازىرقى زامان ماتىماتىكىسى ۋە مىتاللورگىيە تېخنىكىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى؛ئەكسىچە خىرىستىيان دۇنياسى بولغان ياۋرۇپادىن ئوتتۇرا ئەسىردىن بۈگۈنگە ھېچنىمە يىتىپ كەلمىدى.»تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئېنگىلىز تىلىدىكى ئالگورىزىم(ھېسابلاش ئۇسۇلى)،ئالگېبرا،نۆل،لوگارىفما،ئىراتسئونال يىلتىز،سىنوس قاتارلىق ئاتالغۇلارنى مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان بۇلۇپ  ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب تىلىنىڭ تاۋۇش تەلەپپۇزى بۇيىچە ئىنگىلىزلار قۇبۇل قىلىنغان.ئۇنڭدىن باشقا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ساننى ئەرەب رەقىمى دەپ ئاتايدۇ.بۇنىڭدىنمۇ مۇسۇلمانلارنى ماتىماتىكىغا قوشقان تۆھپىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنڭ داڭلىق ماتىماتىكا ئالىمى خارەزىمى(780-850) ئۆزىنىڭ «ئالگېبرا»دىگەن كىتابى 12-ئەسىردە لاتىنچىغا تەرجىمەقىلىنىپ ياۋرۇپادىكى ئالى مەكتەپلەردە نەچچە ئەسىرگىچە مۇھىم ماتىماتىكا دەرسلىكى قىلىنغان. ئېنگىز،نېمىس،ئىسپان ۋە باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدا ماتىماتىكاقاتارلق ئاتالغۇلارنىڭ ناملىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
3.ئاستورونومىيە:ئاستىرونومىيە ساھەسىدە مۇسۇلمان ئاستىرونومىيە ئالىمى تۇنجى بۇلۇپ يەر شارىنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى ،ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە دېڭىز تاشقىنى بىلەن ئاينىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.مۇسۇلمانلار تولومىىڭ يەر مەركەز تەلىماتىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭدىكى كەڭلىك يانتۇلۇق بۇلۇڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكەن.يەر شارىنىڭ رادىئوسى ۋە ھەجىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلاپ چىققان.ئاستىراونومىيە سائىتى ۋە توغرا كالىندارنى بېكىتىپ چىققان.قۇياش سېستىمىسدا بايقالغان سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىققان ھەمدە بۇ سەييارىلەر ۋە 300دەك ئالەم جىسمىنىڭ ئىسمىنى بېكىتىپ چىققان. ئېنگىلىس تىلىدىكى earth(يەنى يەرشارى)دىگەندەك نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى مۇسۇلمانلار قويغان بۇلۇپ ئېنگىلىزلار ئەرەپ تىلى تاۋۇش تەلەپپۇزى ئاساسىدا قۇبۇل قىلغان .كالىندار تۇرغۇزۇش جەھەتتە مۇسۇلمانلار،يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنپ چىقىشى ئۈچۈن 365كۈن كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان.بۇ ۋاقىتتنىڭ 80مىڭ يىلدا بىر كۈن پەرق قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن.ئىسلام ئاستىرونومىيە بىلىملىرى ياۋرۇپاغا تارقالغاندىن كىيىن ياۋرۇپانىڭ ئاستىرونومىيە تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.كوپىرنىك قاتارلىق غەرب ئاستىرونومىيە ئالىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاستىرونومىيە تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن پايدىلانغان .گىرمانىيەلىك داڭلىق شەرقشۇناس سىگىرت خوڭكى ئۆزىنڭ «ئەرەبلەر قۇياشى غەربنى يۇرۇتتى »دىگەن كىتابىدا «ئاستىرونومىيە ساھەسىگە ھەقىقى تۆھپە قوشقۇچى گىرىتسىيەلىكلەر ئەمەس،ھىندىستانلىقلار مۇ ئەمەس،بەلكى ئەرەبلەردۇر.پەقەت شۇلارلار بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ»دەپ يازغان.مۇسۇلمان ئاستىرونومىيە ئالىملىرىدىن بىرۇنى(973-1050)،ئىبىن .يۇنۇس(950-1008)قاتارلىقلار بار.تىلغا ئېىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئىنسانلار بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىۋاتقان تەۋرىنىش قېتىم سانىغا ئاساسەن ۋاقىت خاتىرلەيدىغان ماياتنىك سائەتنى دەل ئىبىن يۇنۇس كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاستىرونومىيە ساھەسدىكى مەشھۇرئەسىرى«ھاكىم يىلنامسى»نىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايتى زور.بۇ تەتقىقاتلار كىيىنكى دەۋرلەردە گالىلىي ۋە نىيۇتۇننىڭ شانلىق نەتىجە قازىنىشىغا ئاساس بولغان.ھەمدە بۇنەتىجىلەر 1267-يىلى يۆەن سۇلالىسى دەۋرىدە مەملىكىتىمزگە كىرىپ مۇسۇلمانلار كالىندارى جۇڭغا تارقىلىشقا باشلىغان.تاكى چىڭ سۇلالىسىگىچە تەسىر ىنى يوقاتمىغان.
         4.تىبابەتچىلىك:سىگىرت خوڭكى «ئەرەبلەرقۇياشى ياۋرۇپانى يۇرۇتتى»دىگەن ئەسىرىدە:«600يىل ئىلگىرى پارىژ تىببى ئىنىستوتىدا بىر كىچىك كۈتۈپخانا بار بۇلۇپ پەقەت بىرلا ئەسەر ساقلانغان.بۇ ئەسەر بولسا مەشھۇر ئەرەب تىببى ئالىمى ئىبىنسىنانىڭ ئەسىرى ئىدى. بۇ ئۇلۇغ ئەربابنى خاتىرلەش ئۈچۈن پارىژ تىببى ئىنىستۇتىنىڭ چوڭ زالىدا ئۇنڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان.»دەپ يازغان. مۇسۇلمانلارنىڭ تىببى ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى پۈتكۈل دۇنياغا داڭلىق.ئۇلار تىبابەتچىلىكنى تۈرلەرگە ئايرىغان بۇلۇپ قان ئايلىنىش نەزىرىيسىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە ھەرقايسى بۈلۈملەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى،پاتالوگىيسى،كېلىنكا،دىئاگنوز قۇيۇپ داۋالاش،دورا قاتارلىق جەھەتتە يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان.تاشقى بۈلۈم،كۆز بۈلۈمى،نېرۋا كسەللىكلىرى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر قاتارلىق جەھەتتە ھازىرقى زامان تىباتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كېلىنكا تەجرىبىسى ۋە نەزىيە ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمانلار ئىسپىرت،دېزىنفىكسىيە قىلىش  ۋە مەس قىلىشنى بىلگەن.ئۇلار يەنە سۈزمەك،دىستىرلاش،چۆكمە ،كىرىستاللاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ ئازوت كېسلاتاسى،سىنىك ،ئىسپىرت ،ناترىي نىترا ت تېشى قاتارلىقلارنى بايقىغان. مۇسۇلمانلارنىڭ تىببى ساھەدىكى مەشھۇر ئالىملىرىدىن ئىبىنسىنا،راتسىي،ئەبۇ ئەل قاسىم ئەل زەخراۋى ،ئىبىن مەيمىڭ ماتارلىقلار بار.ئۇلارنىڭ تىببى ئەسەرلىرىنى غەرب دۇنياسى نەچچە ئەسىرگىچە دەرسلىك كىتاب قىلىپ ئىشلەتكەن.
         5.يۇرۇقلۇق ئىلمى: مۇسۇلمانلار ھىراكلىت ۋە تولومى نىڭ خاتا قارىشنى ئىنكار قىلىپ ،يۇرۇقلۇق كۈرۈۋاتقان جىسمدىن كەلگەن،يۇرۇقلۇق شارسىمان دولقۇن شەكلىدە يۇرۇقلۇق چىقارغۇچى جىسىمدىن تارقىلىپ چىققان دەپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ يۇرۇقلۇقنىڭ قايتىش ۋە سۇنۇش قانۇنىنى يەكۈنلەپ چىققان.گىرىتسيە ئالىملىرىنىڭ كۆز يۇرۇقلۇق چىقىرىدۇ دىگەن خاتا قارشىنى تۈزەتكەن. ئەرەب يۇرۇقلۇقئ ئىلمىي ئالىمى ئىبىن ھېسام يۇرۇقلۇق ئىلمى ئاتىسى دەپ ئاتالغان بۇلۇپ ئۇ يازغان«ئوپتىك ئەينەك»دىگەن ئەسىرى دۇنيادا تۇنجى بۇلۇپ يۇرۇقلۇق ئىلمىي ساھەسىدە يېزىلغان ئەسەر بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
         6.خېمىيە:خېمىيە ساھەسىدە مۇسۇلمانلار قەدىمكى مىتال تاۋلاش تېخنىسىكى بىلەن خېمىيەنى بىرلەشتۈرۈپ مىتاللار مەلۇم مۇھىت ئارقلىق بىربىرىگە ئايلىنالايدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويغان.مىتاللارنىڭ ئىرىشى،ساپلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ قوللىنىشچان خمىيەنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. ھەمدە خېمىيە تەجرىبە سايمانلىرنى سولفات كېسلاتاسى ،تۇز كېسلاتاسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.دىستىللاش،سۇبلىماتسىيە ،كىرىستاللارنىڭ ئىرىشى قاتارلىقلار بىر قاتار خمىيەلىك رىئاكسىيەلرنى ئىشلەپ يېقىنقى زامان خىمىيەسنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.
         7.كۈچ ئىلمىي: مۇسۇلمانلار پارابولانىڭ ھەركىتى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ،ھەركەت ئېنىرگىيە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويغان.جىسىملار ئوتتۇرسىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئىككىسىنىڭ فونكىسيىلىك مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئىكەنلىگىنى ئوتتۇر غا قۇيۇپ كىلاسسك كۈچ ئىلمىنىڭ بارلىققا كىلىشگە ئاساس سالغان. مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئى پەنلەر ساھەسىدىكى تۆھپىسى ناھايتى زور.ئۇلار ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. يۇقىرىدا پەقەت ئاز بىر قسىمىنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم.مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئى پەن ساھەسىدە يازغان كىتابلىرى غەربلىكلەرنىڭ نەچچە ئەسىرگىچە دەرسىلىك كىتابى بۇلۇپ كەلگەن.ئۇندىن باشقا جۇڭلۇلۇقلار كەشىپ قىلغان تۆت چوڭ كەشپىياتنى پۈتكۈل دۇنياغا ئۇمۇملاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان.
    ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى 11-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە كىرس قۇشۇنىنىڭ توختىماي پاراكەندىچىلىك سېلىشى،چىڭگىز خاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى قاتارلىق بىرقاتار ئۇرۇشلاردىن كىيىن ئاغدۇرۇلغان ئەرەب ئېمپىريىسىدىن كىيىن ئىسلام مەدەنىيتى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئاجىزلاپ ماڭغان. گەرچە ئىسلام مەدەنىيتى شۇنداق ۋەيران قلىغان بولسىمۇ لىكىن بۇ بۈيۈك ھازىرقى زامان پەنتېخنىكىسغا ئاساس سالغان مەدەنىيەتنى غەربلىكلەر ئۇنتۇپ قالمىدى ۋە ئۇزۇنغىچە غەرب دۇنياسىدا پۇت تىرەپ ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ئامرىكا ھازىرقى زامان شەرقشۇناسى سىتى ئۆزىنىڭ «ئەرەب تارىخى»دىگەن ئەسىرىدە«8-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا مۇسۇلمانلار پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرگۈچىلەر بولدى.بۇ مەدەنىيەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنشى بولالىدى»دەپ يازغان.بىلفۇت«پەن تېخنىكا بولسا مۇسۇلمانلار نىڭ بۈگۈنكى دۇنياغا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىسى »دەپ يازغان.ئامرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون«پۇرسەت تۇتۇش»دىگەن كىتابىدا«ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىردە بېكىنمە قاراڭغۇلۇق ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا ،ئىسلام مەدەنىيتى ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى كۈتىۋالدى.ئۇمۇمەن بارلىق ساھەلەردىكى بۈسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى مۇشۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار بارلىققا كەلتۈردى.ياۋرۇپادا ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى باشلىنىپ بىلىم ئىگەللەش ۋە تەتقىقاتقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋاقىتتا ئۇلار نىڭ بۇنداق يىراقنى كۆرەلىشىدىكى سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدەك گىگانتلارنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرغانلىقىدىندۇر »دەپ يازغان.بۇ ھەقتە يەنە تورداشلارنى ئەنگىلىيە تارىخشۇناسى بونارد لۇيىسنىڭ «مۇسۇلمانلار ياۋرۇپانى بايقىدى»،ئامرىكا تارىخشۇناسى جوناسىن لويىسنىڭ «ئەقىل پاراسەت ئوردىسى- ئەربلەر غەرب مەدەنىيتىنى قانداق ئۆزگەرتتى»دىگەن كىتابىنى كۈرۈپ بېقىشنى ئۈمۈد قلىمەن.
         ئىسلام مەدەنىيتنى ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق گۈللەنگەن ھازىرقى زامان پەنتېخنىكىسىغا ئاساس سالغان بۈيۈك مەدەنىيەت ئىدى.بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. غەربنىڭ بۈ سۈپ كىرىشى ،مەزھەپچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار تەسىرىدە ئۇزۇن مەگىل ئۈزلۈكسىز گۈللەنگەن تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆزىنىڭ تەسىرنى كۆرسەتكەن ئىسلام مەدەنىيتى يېقىنقى يۈز يىلدا خاراپلىققا يۈزلەندى. ئىنسانىيەت دۇنياسىدامۇشۇنداق مەدەنىيەت بۈشۈكلىرى دائىم ئالمىشىپ تۇرىدۇ.بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز بولسا ھازىرنى كۈرۈپ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.پۈتۈن زېھنىمىزنى ئىلىم ئېرپان ئۆگىنىشكە قارىتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن بىركىشلىلك ھەسسىمىزنى قۇشۇشىمىز كېرەك.مۇنبەردە مۇشۇ ھەقتە نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەرنى بايقىغان بولغاچقا كۆپچىلىك ئورتاق بەھرىرلەنسۇن دەپ بۇ تارىخنى تەرجىمە قىلىپ توپلاپ يېزىپ چىقتىم.كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن قۇبۇل قىلىپ بىلم ئېگەللەشنىڭ مۇھىملىقىنى بالدۇر ھېس قىلىپ ۋاقتىمىزنى ئۆز ئارا قۇرۇق ئىشلاردا مۇنازىرە قىلشقا قاراتماي،بىلىم ئۆگىنىشكە يېڭىلىق يارىتىشقا قارىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 14:45:15

بۇ تېمىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئەرەپلەر ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىكەن ، تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم
بۇ تېمىنى تەرجىمە قىلدىم دەپسىز، تېمىنىڭ ئاپتورى ئەرەپ ئوخشايدۇ،ئاپتور پەقەت ئەرەپنى مەدھىيىلەپ چىقىپتۇ،سىز خىجىل بولۇپ مۇسۇلمان دىگەن گەپنى قىستۇرۇۋاپسىز

bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 16:47:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-13 16:48  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 14:45 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئەرەپلەر ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىك ...

بۇبىر ھەقىقى تارىخى.ماقالىنى يازغۇچى مەخسۇس ئىسلام تارىخنى تەتتقىق قىلىىغان دۆلتىمىزىدىكى داڭلىق خۇيزۇ تارىخ شۇناس ۋە دوكتۇر.ماقالىدە ھىچكىم ئەرەپلەرنى ماختىماقچى ئەمەس.بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت جەريانىدىكى بىر پارالق سەھىپىنى كىشىلەرگە ئەسلىتىش. شۇڭا ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىزمۇ«بىز نىمىشقا بىزگە ئىلىم پەن يولىنى ئېچىپ بەرگەن مۇسۇلمانلارنى چۈشۈنۈشكە ئىنتىلمىدۇق»دىگەن.ئىشلار غا ئىلمىي مۇئامىلە قىلايلى. ئەگەر مەن مۇشۇنىڭ ئورنىغا كىيىنكى دەۋرىلەردىكى  كوپىرنىك ،گالىلىي،نىيۇتۇن ،ۋات،ئوم،ئامپىر،بېنىز..قاتارلىقلارنى يازغان بولسان نىمە دەيتىڭىز؟ئېنگىلىز گىرمانلار ھەممىدىن ئۇلۇغ دىمەكچى دەمتىڭىز؟ ئەگەر ئۇلۇغ بېگ نى دىسەم تۈركلەر ئەڭ ئۇلۇغ دىمەكچى دەمتىڭىز؟ئەگەر ھىراكلىت،ئارستوتىل قاتارلىقلارنى يازغان بولسام يۇنانلىقلار ئەڭ ئۇلۇغ دىمەكچى دەمتىڭىز؟ ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن ئالگىبرانى بەرپا قىلغان ئەل خارەزىمىنى دۇنيا بىردەك تۈرك دەپ قارايدىكەن. ئۇ ئەرەپ ئەمەس.مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا ئۇنڭغا ئاپرىن ئۇقۇش روھدىن ئۆگىنىش كېرەك.دۇنيا مەدەنىيتى بىردە يۇناندا،بىردە رىمدا،بىردە مىسىردا،بىردە ھىندىستاندا،بىردە جۇڭگودا،بىردە پارىستا،بىردا ئەرەپلەردە بولدى.مەدەنىيەت بۈشۈكى ئاشۇنداق ئالمىشىپ تۇرىدۇ.نۇرغۇن كىشلەر ھازىرقى يەنى 1500-يىلدىن كىيىنكى ياۋرۇپا مەدەنىيتنى ياكى 2000يىل بۇرۇنقى يۇنان مەدەنىيتىنى بىلىدۇ.لىكىن مۇسۇلمانلار نڭ مەدەنىيتىنى بىلىدىغانلار ئاز.شۇڭا تەرجىمە قىلدىم.مەسىللەرگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.گىپىڭىزدىن ئەرەپلەرگە ئۆچتەك قىلىسز.ھىچقىسى يوق .ئۆچ بۇلۇڭ ياكى بولماڭ بىزگە ھىچ پايدىسى يوق.ئۇلارنىڭ تۇرمىشى ئۆزى ئۈچۈن،بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۆزىمىز بىلەن. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز پەقەت ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بىلىمىنى ئۆگىنىش ئارقىلق ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش.شۇڭا ئىشلارغا ئىلمى قارىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاخىردا ئىنكاسىڭىزا رەھمەت.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 18:04:33

توۋا

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 19:26:19

سىزنىڭ مەنتىقىڭىز بويىچە ئۇلۇغبەگ مۇسۇلمان ھېساپلانمايدىكەن شۇنداقمۇ ؟
ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى دەپ يوغان ماۋزۇ قويۇۋالغان تۇڭگان ئىزدىنىپراق ، بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملىرى توغرىلىق بىر مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئاندىن قەلەم تەۋرەتسىمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ…

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 19:28:43

ھە ئەسلى سىز باغداشتىن چىقىپسىز-ھە، ئىزدىنىشقا.

bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 20:36:53

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 19:26 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ مەنتىقىڭىز بويىچە ئۇلۇغبەگ مۇسۇلمان ھېساپلانم ...

تەپسىلى ئۇقۇپ چىققايسىز. مەن مىرزا ئۇلۇغ بەگنى مۇسۇلمان ئەمەس دىمىدىم.مىرزا ئۇلۇغ بەگ 15-ئەسىردە ئۆتكەن تېمۇرىيلەر ئېمپىريسىنىڭ شاھزادىسى،سەمەرقەنت تەختىگاھىنىڭ سۇلتانى.داڭلىق  تۈرك ئاستىرونومىيە ئالىمىدۇر.ئۇ ناھايتىمۇ تەقۋا ،ئىسلام دىنىنى ماھىيتىدىن چۈشەنگەن مۇسۇلماندۇر.شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتىغا قارشى چىققان ،لىكىن ئۇ ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغان.ھەتتا شۇ  سەۋەبلىك تېمورىيلەر ئېمپىريىسىنىڭ خاقانى بولالمىغان ۋە ئۆز ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىسلام مەدەنىيەت تارخىدا ئابباسىيلار سۇلالىسدەك ئىنسانىيەت مەدەنىيتنى ئۆزگەرتكەن دەۋر يوق.ھەتتا بۇنداق ئۆزگىرىش ئىنسانىيەت تارىخدىمۇ تۇنجى قېتىم.ئىلگىرى كۈرۈلۈپ باقمىغان.بۇ دەۋرنى سۆزلەشتىكى مەقسەتمۇ دەل مۇشۇنداق ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئالەمشۇمۇل تۆھپىسىنى تورداشلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن.بۇنىڭدىن باشقا ئۇلۇغبەگ،.ئابدۇسالام،ئەركىن سىدىق تەك مۇسۇلمان ئالىملار نۇرغۇن.لىكىن بۇلار كىيىنكى دەۋرلەردىكى ئالىملاردۇر .ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئابباسىيلار سۇلالىسىدەك دەۋر ياراتقان نەتىجىسى يوق.بۇنىڭغا كۆز يۇمماسسلىق كېرەك. ئەمدى بۇيەردىمۇ يۇرتىمىزدىكى يۇرتۋازلىقىمىز يەتمىگەندەك مىللەت ئايرىپ يۈرسەك سىزنىڭچە توغرىمۇ؟نىمىشقا نىمىنى قۇبۇل قىلىشنى بىلمەي پۇتتاق ئىزدەش ئاغرىنىش بىلەنلا ئۆتىمىز؟ بولسا ئالدىڭىزدىكى بىلىمنىڭ مېغىزىنى قۇبۇل قلىشنى ئۆگەنگەيسىز.كىيىنچە مۇمكىن بولسا سىز ئېيتقان بۇ ئالىملارنڭمۇ تارىخىنى ئىزدىنىپ يازىمەن.بۇنىڭغا ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىتاپ كۈرۈش ۋە ئىزدىنىش كېتىدۇ.بۇ ماقالىنى تېپىش تەرجىمە قىلىش ۋە راست يالغانلىقىنى سېلىشتۇرۇشقىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت كەتكەن.بولسا شۇ ماقالىدە مەن تەۋسىيە قىلغان كىتاپلارنى كۈرۈپ باققايسىز.ئاخىردا ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت.

bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 20:37:25

zuwansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 19:28 static/image/common/back.gif
ھە ئەسلى سىز باغداشتىن چىقىپسىز-ھە، ئىزدىنىشقا.

شۇنداق مەن باغداشتىن چىقتىم قېرىندىشىم.ئىككىلا توردا ماقالەم بار.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 20:54:49

قارىساملا شۇ باغداش پۇراپ تۇرسىز.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 21:07:13

bahadiryigit يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 20:37 static/image/common/back.gif
شۇنداق مەن باغداشتىن چىقتىم قېرىندىشىم.ئىككىلا توردا ...

ئۇكەم ۋاختىڭ كۆپ ئوخشايدۇ ھەممە يەردە پۇتلىشىپلا يۈرىيسە ,تۆكمە قىلغان تىمىلىرىڭ ئاندىن ئوتە ھاياجان ,
ئىزدىنىشتىن بىرنەرسە ئۈگۈنەي دىسەڭ كېمىدە ئالتە ئاي ئىنكاس ئۇقۇ  تىما يېزىشقا ئالدىرما .

بولمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۋېتىسەن .
ئۈيۈڭگە بېرىپ ئەينەككە قايتا قارا-ھازىرچە ئۈزۈڭنى شىر چاغلاپ قالغان مۈشۈكسەن.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 06:06:06

مۇسۇلمانلار شۇ دەۋىرنىڭ نەتىجىلىرنى قولغا كەلتۈرگۈچىلەرئىدى، بۇ دەۋىرنىڭ نەتىجىلىرنى ئىلتەرىش قاتارلىق زىيالىلىرىمىزدا كۈرۈشنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلىمىز. بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز، داۋاملىق ئەرەپ مىللەتچىلىگىنىڭ ئەپتى بەشىرسىنى ئاشكارلاپ بىزگە پاكىتى بىلەن يەتكۈز گەيسىلە!

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 06:08:52

تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!..

bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 07:43:08

anw8735 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 20:52 static/image/common/back.gif
خىيالپەرەس گەلدەمە.  نەگىلا بارسا بىر توقام قۇرۇق گەپل ...

ئادەم تىلاشتىن باشقىنى بىلمەيسىز.ئاللاھتىن سىزگە چىرايلىق تىل ،گۈزەل ئەخلاق ،ئەقىل پاراسەت تىلەيمەن. خاتىرجەم بۇلۇڭ.بۇ سۇرۇندى سىزدەك مىللىتىمىزنىڭ دانىشمەنلىرىگە قۇيۇپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىمەن.دىمىسڭىزمۇ سىزگە ئوخشاش 3ياشلىق بالىنىڭ سۇئالىنى سورايدىغانلاردىن بەكلا زىرىكتىم.تۇرمۇشتا بىرقىسىم يۇرتۋازلىق قىلىدىغانلارنى ئۇچراتقان.ئەمدى توردىمۇ سىلەردەك مۇنبەرۋازلىق قىلىدىغان چۈپرەندىلەرنى ئۇچرىتىمەن دەپ ئويلىماپتىمەن. بىلىم ئېگەللەيدىغان ياخشى سۇرۇننى دائىم پېتىغداپ ئادەم تىللايدىغان سۇرۇنغا ئايلاندۇرىسىلەن.باغداشتىن زىرىكىپ بۇ يەرگە كەلسەم يەنە شۇ سىلەر.شۇڭا بۇ مۇنبەرلەرگە ئۇقۇغان زىيالىلار كىرمەي قاچىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا مىللىتىمىز تەرەققى قىلالمايدۇ.نىمىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەي دائىم پۇتتاق ئىزدەيدىغان سىلەردەك پۇتتاقچىلارنىڭ دەستىدىن. بىركۈنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ قالار. بولسا ۋاقتىڭلارنى كىتاپ كۈرۈشكە بىلىم ئېگەللەشكە قارىتىپ ئىشلارغا ئەمەلىي ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى ،پاكىت بىلەن سۆزلىشىڭلارنى ،ھەرگىزمۇ قۇڭاڭلارغا ئۇرۇپلا ھۈكۈم چىقارماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بولسا غەلبەڭلاردىن پەخرىلىنىپ يۈرەسىلەر.يېقىندىلا ھاياتىمىز تۈگىگەندە كىمنىڭ كۈلەلەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالىمىز.مۇشۇنداق ئۇرۇنسىز،تېتىقسىز،بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقلىرى چېچىلغان سۇرۇندىن چىقىپ كىتىپ ،مەسلەكداشلىرىم بىلەن بىلىم ئېرپان جەھەتتە يۈزتۇرانە مەسلىھەتلىشەي. ئۆزەم ياقتۇرغان تۈردە نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىمەن.نەتىجە قازانغاندا چۇقۇم يەنە مۇنبەردە ئېلان قىلىمەن. بەلكىم شۇ چاغدىمۇ «مۇشۇمۇ نەتجە بولدىمۇ »دىيشىەسە.نىمە دىيىشسەڭ دىيىش.مىللىتىمنىڭ كۈزى بار.سەندەكلەرغا يەنىلا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئىنساپ،غۇرۇر،ئەقىل ،ئەخلاق تىلەيمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 17:53:36

باھادر يىگىت سىزنى ياقتۇرۇپ قېلۋاتىمەن ، ماقالىلىرڭىز ، تەرجىمىللىرڭىز ئۇزۇلمىگەي !
سالماق بۇلۇپ بەزى گەپلەرگە پەرۋا قىلماسللىغىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن !
سىز دىگەندەك ئىزدىنىش ھازىرچە پۇتاخچى ، مىللەتچى ، يۇرتۋازلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قېلۋاتقاندەك قىلىدۇ . بۇلۇپمۇ ئىسلام  دىنىغا ئائىت ماقالىلاردىن مەخسۇس پۇتاق ئىزدەيدىغان بىر تۇركۇم كىشلەر ھامان بار ، ئەمما سىزدە بۇلارغا پەرۋا قىلمايدىغان پوزىتسىيەنىڭ شەكىللىنىشىنى شۇنداقلا تېخىمۇ غەيرەتكە كىلىپ بۇنداق كىشلەرگە ئىلمى پوزىتسىيە بىلەن ،پاكىتلىق ئاساسلىرڭىز ئوتتۇرغا قۇيۇپ يامان نىيەتلەرنى مات قىلشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن
! ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، كارۋان يۇلىغا مېڭىۋىردۇ !

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:43:16

ئوقوش خوشياقمىدى ، شۇنداقتىمۇ تىما ئىگىسىنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشنى سەمىمىي خالاپ قالدىم

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:53:30

كۆزىڭىزنىڭ قارچۇقىسىغا پىلاستى چاپلىۋالغانمىدىڭىز؟

تېما ئىگىسى.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 14:23:44

zuwansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 20:54 static/image/common/back.gif
قارىساملا شۇ باغداش پۇراپ تۇرسىز.

:lol

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 18:24:49

ئىسلام دىگەن دىن.دىن قەلىپ بىلەن تەڭرى ئارىسىدا بولىدۇ.ئىسلام مەدىنىيىتى دىگەن سۆز تىپىك ماتىريالىزىمچە تىرمىن.:lol
بەت: [1] 2
: ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە