Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 11:42:53

خاماسنىڭ دوستلار چەمبىرىكى مۇرەككەپ!


نۇر تورى تەرجىمە خەۋىرى:

بىر ئايغا يېقىن ئاڭلانغان توپ ئاۋازىدىن كېيىن، غەززادە ئاخىر بىر ئاز جىمجىتلىق بولدى، لېكىن بۇ جىمجىتلىق كىشلەرگە بىر خىل «ئاجىزلىق»نى بىلدۈردى، خۇددى يەنە تۇيۇقسىز بۇ جىمجىتلىق بۇزۇلىدىغاندەكلا. 30 يىللىق تارىخقا ئىگە خاماس بۈگۈنكى كۈندە غەززادىكى توقۇنۇش بىلەن ئالاقىسى بولغان مۇھىم بىر تەرەپ بولۇپ قالدى، ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، لېكىن ھازىر ئۆتمۈشكە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئەرەب «دوستلىرى» ئۇنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن خۇشال بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئىلگىرىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئازراق ئوخشىمايدۇ. 2012-يىلىدىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مەزگىلىدە مىسردا[مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى» ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقاچقا، خاماس سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ياردەمگە ئېرىشكەنىدى. مىسىر زۇڭلىسى، تۇنىس دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەززانى زىيارەت قىلىپ، خاماسنى قوللىغانىدى، لېكىن بۇ قېتىم خاماس ئەكسىچە يېتىم قالدى.
پاكىستان «مىللەتلەر گېزىتى»نىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە: ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پەلەستىن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ئىسرائىلىيە ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى، بىراق بۇلتۇر مىسىردا مۇھەممەد مۇرسىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن، ئىئوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى قاتارلىق ئەللەرمۇ ئىسرائىلىيە تەرەپكە ئۆتۈشكە باشلىدى، دېيىلدى.
«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە: ھازىر كىم خاماسنىڭ دوستى؟ بەلكىم بۇ سىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ. قاتار بىلەن تۈركىيە خاماسنىڭ دوستى: ئىئوردانىيە، ئىران، سۈرىيە، لىۋان «ئاللا پارتىيەسى» ۋە فاتاخ خاماسنىڭ ھەم دۈشمىنى، ھەم دوستى: مىسىر، ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر خاماسنىڭ دۈشمىنى. ئۇنىڭدىن باشقا، خاماسنىڭ ئىلگىرىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى» بىلەن لىۋان «ئاللا پارتىيەسى»دىن ئېرىشىدىغان ياردىمىمۇ ئاجىزلاپ كەتتى، دېيىلدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە: قاتار خاماسنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەمراھى. ئىقتىسادىي جەھەتتە، قاتار خاماسنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى: سىياسىي جەھەتتە، خاماس رەھبەرلىرىنىڭ كەينىدىكى ئىشەنچىلىك يۆلىكى، دېيىلدى. ئىگىلىنىشىچە، قاتار ھەر يىلى خاماسقا 1 مىليارد ئامېىركا دوللىرى ياردەم بېرىدىكەن.
گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى» دە: قاتار ئىنتايىن باي كىچىك دۆلەت. ئەرەب دۇنياسىدا قالايمىقانچىلىق باشلانغاندىن بۇيان بۇ خەلىپىلىك سىستېمىلىق ھالدا ئىسلام مەزھەپلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى. تۈركىيە زۇڭلىسىمۇ قاتارنىڭ يولىنى تۇتقان. ئوتتۇرا شەرقتىكى كېلىشتۈرۈش ھەرىكىتىدە بۇ ئىككى دۆلەت ئاساسلىق ئورۇنىدا تۇرىدۇ. پەلەستىن -ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى كىشىگە ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، دېيىلدى.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 14:02:53

خاماسمۇ ئۈندىدار ئوينامدىكەن؟{:90:}

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 14:54:18

ئاللا ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن....

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 15:33:44

ئاغزىدا كۈلگە چاخچاق ،قوينىدا پالتا پىچاق دىگەندەك دەسلەپتە بىز ئانداق ياردەم قىلىمىز مانداق ياردەم قىلىمىز دەپ قۇرۇق ۋەدە بېرىپ ،مۇھىم يەرگە كەلگەندە  جىم بۇلۇش.بۇنىڭدىن  ئۆز ئىشىغا ئۆزى خۇجا بۇلۇش دېگەن ئىبارىنى كۆپرەك ئويلاش كېرەك.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 17:19:03

بىچارە پەلەستىننى ئىسرائىليەمۇ  خاماسمۇ بوزەك قىلىۋاتىدۇ

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 21:20:46

خاماس پەلەستىننى بۆزەك ئەتسە، غەززە خەلقى خاماسنى قوللىماستى؟ خاماسنىڭ پەلەستىننى بۆزەك قىلغىنىنى سىزدىن ئاڭلىشىم خارۇنجان، يېڭى ئۇچۇرلار بولسا تەمىنلىسىڭىز خوش بۇلىمىز.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 22:24:02

ھەقىقەتەن مۇرەككەپ

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 06:50:52

ئەسلى مۇرەككەپ ئەمەس ، چۇشىنچە كام

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 07:23:49

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 21:20 static/image/common/back.gif
خاماس پەلەستىننى بۆزەك ئەتسە، غەززە خەلقى خاماسنى قول ...

خاماسنىڭ سايلامدا غەلبە قىلىشى  پەلەستىن خەلقىنىڭ قوللىشىدىن بولغان ئەمەس، 2007- يلدىكى پەلەستىن سايلىمىدا  پەلەستىندىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي گۇرۇھ فاتاخ  مىللىي ھۆكۈمەتتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن ، خاماس ھاكىميەت بېشىدىكى  ئەڭ چوڭ گۇرۇھقا ئايلانغان، 1987- يىلى ياسىننىڭ رھبەرلىكىدە قۇرۇلغان   خاماسنىڭ ئالىي غايىسى‹ ئىسرائىليەنى يەرشارىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاش› بولۇپ 1959- يىلى ئەرەفاتنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان  فاتاخنىڭ ‹ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش›  شوئارىغا ئوخشىمايدۇ،
فاتاخ، ئىقتىساد ،سىياسىي، ھەربىي جەھەتتە تەڭ تەرەققىي قىلىش يولىدا  ماڭدى، ھالبۇكى خاماس بولسا ھەربىي ئىشلارغىلا كۈچەپ ئىسرائىليەگە ھۇجۇم قوزغاپلا كەلدى، ئىسرائىليە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ ، نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ بېشىغا چىقتى،زىيان، ئۆلۈم يېتىم بەك ئېغىر بولدى، ئىشلار مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئىسرائىليە يوقىلىش تۈگۈل، پەلەستىن يوقىلىدىغان ئىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن
ئىسرائىليە خاماسنى تىللاپ يۈرگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە  خاماس پەلەستىندە ھوقۇق تۇتسا ئىسرائىليە  خاتىرجەم بولىدۇ، چۈنكى خاماس مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىدىن ئايرىلىىپ چىققان، ئۇلار بىلەن ئوخشاش تونۇشقا ئىىگە،  بۇلار تەرەققي قىلسا ئەتراپىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە خىرىس بولىدۇ، شۇڭا ئەرەب دۆلەتلىرى، خاماسنىڭ، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ، ھەم ياردەم قىلمايدۇ، ئىسرائىليەمۇ خاماسقا  زەربە بېرىش باھانىسسىدا پەلەستىننى  يۇتۇۋالايدۇ ،دېمەك يەھۇدىيلار خاماستىن ھەم خوشال بولىدۇ، ھەم خاپا بولىدۇ،
بەت: [1]
: خاماسنىڭ دوستلار چەمبىرىكى مۇرەككەپ!