elyaralip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:33:49

فىزىكا زۆرۈر دەرىسلىك 1 (سىنلىق دەرىس)

http://v.youku.com/v_show/id_XNzU0MTg1NDQw.html

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...قېرىنداشلار
گەرچە مەن ئوقۇغۇچى بولساممۇ ئۆزۈم بىلىدىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى مەن...
خاتالىقلىرىمنى تۈزىتىپ، بىلمىگەنلىرىمنى ئۆگۈتىپ قويۇشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن....

boranjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 11:32:00

گەرچە ئوقۇغۇچى بولسىڭىزمۇ،شۇنچىلىك تىرىشىپ،خېلى ياخشى سۆزلەپسىز.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 14:35:53

ئېسىل دەرسلىك بوپتۇ.
سىنغا قايتا ئۆلچەملىك ئاۋاز بەرگۈزۈپ،يەنە ئىككى - ئۈچ دەرسلىك تەييارلاپ مەدەنىيەت سودىگەرلىرىگە كۆرسىتىپ باقسىڭىز قانداق بولار دەپ قالدىم. يولى، ئەقلى بار سودىگەر بۇنى پۇل قىلىپ كېتەلەيدۇ. مەكتەپلەرگە ناھايىتى زۆرۈر مۇشۇنداق جانلىق دەرسلىك.

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 19:50:25

ئانا تىلىمىزنىڭ مائارىپتا داۋاملىق مەۋجۇد بولىشىنى تىلەيمەن.

elyaralip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 22:00:51

sayaq1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 19:50 static/image/common/back.gif
ئانا تىلىمىزنىڭ مائارىپتا داۋاملىق مەۋجۇد بولىشىنى تى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم...بۇ گېپىڭىزغا  ئالتۇن بەگۈسىز...:)

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 08:54:12

ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم!

Heqiqet2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:13:13

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ياخشى دەرسلىك بوپتۇ. مېنىڭ بۇرۇنقى كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقىمۇ تەكرار قىلىۋېلىش بولدى. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئالىم بار ئىدى، ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تولۇق ئوتتۇرا 3 يىللىق فىزىكا دەرسلىكىنى تەكرار قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قايسى ماتىرىياللارنى ۋە قوشۇمچە ماتىرىياللارنى كۆرۈش لازىم بولىدۇ؟ (دېمەكچى ۋاقىت قىسقا بىئولوگىيە، خىمىيە، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا تەكرار ۋاقتى 9 ئايدا تۈگىشى كېرەك).
يازما ئىگىسىگە رەھمەت! ..

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:45:57

Heqiqet2013 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 09:13 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ياخشى دەرسلىك بوپتۇ. مېنىڭ بۇرۇنقى ...

خەنسۇچىدىن ياخشى پايدىلىنالىسىڭىز « ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى زۆرۈر قورال كىتاب »(高考备考工具书) دەيدىغان بەكمۇ توم كىتاب بار، ئەمما ئىچىدىكى مەزمۇنلار بەك تەپسىلىي. مەنمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا قاتارلىق پەنلەرگە مۇشۇ كىتابنى تاللىغان.
يەنە بىر كىتاب بار «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلىم تىزىملىكى» (高考知识清单) دەپ، بىيولوگىيە، خىمىيە قاتارلىق پەنلەرگە مۇشۇنى تاللاپ ئىشلەتكەنتىم.
مەن مۇشۇ كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئالماقچى بولسىڭىز تاۋباۋدىن تاپالايسىز. ئاخىرىدا كىلەر يىللىق ئىمتىھاندا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىزنى تىلەيمەن قېرىندىشىم.

Heqiqet2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 12:30:00

sayaq1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 10:45 static/image/common/back.gif
خەنسۇچىدىن ياخشى پايدىلىنالىسىڭىز « ئالىي مەكتەپ ئىم ...

سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم، سىز تونۇشتۇرغان ماتىرىياللار توغرىسىدا چوقۇم ئىزدىنىپ باقىمەن. قوشۇمچە: مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇمىغان، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى كەسپىدە ئوتتۇرا تېخنىكومدا خەنزۇچە دەرسلىك ماتىرىيالى بىلەن ئوقۇغان. خەنزۇچە ئاساسىم خېلى ياخشى،  لېكىن بەك كەسپىي ماتىرىياللارنى كۆرۈشتە يەنىلا بىر ئاز قىينىلىشىم چوڭ ئېھتىماللىق. يەنە بىرتىن ۋاقىت قىسقا. ئۇيغۇرچىسى يوقمىدۇ؟ شۇ توغرىسىدىمۇ ئىزدىنىپ باققانمىدىڭىز؟ ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن كۆپ خىجىلمەن.
ئاخىرىدا ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمەن.

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 15:07:50

Heqiqet2013 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 12:30 static/image/common/back.gif
سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم، سىز تونۇشتۇرغان ماتىرىي ...

شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ بىللە نەشىر قىلغان « سەرخىل ئومۇمىي تەكرار » ( خەنسۇچە «赢在高考»دېگەن كىتابنىڭ تەرجىمىسى) دېگەن ئۇيغۇرچە كىتابنى بىلىدىكەنمەن.

Heqiqet2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 10:33:35

sayaq1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 15:07 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشىرىي ...

ماقۇل، كۆپ تەشەككۇر!!

elyaralip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:51:03

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 08:54 static/image/common/back.gif
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرۇمىزنىڭ پەخىرى بىلىمخۇمار ئەپەندى...
ئەڭ ئاۋال سىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزگە، تۆككەن قان تەرلىرىڭىزگە، ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن ئېلىۋاتقان ھەربىر نەپەسلىرىڭىزگە...چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن...
ئۆزى بىلگەننى ئۆز خەلقىگە سۇنالىغان چاغدىكى ھېسىيات كىشىگە تەسۋىرلىگىسىز ھۇزۇر ئاتا قىلىدىكەن...مەن گەرچە ئوقۇغۇچى بولساممۇ ئۆزۈم بىلگەننى ساۋاقداشلىرىمغا بولسىمۇ سۇنالىدىم...ئىنشا ئاللاھ خەلقىمگە سونۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن...ئىنشا ئاللاھ...
ئىزچىل تىرىشىمەن....!

سىز ھېلىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ياسىر قازىنىڭ نۇتۇقلىرىنى، ھەرخىل ئۆزىڭىز ئوقۇغان ماتىرىياللارنى، كىتابلارنى... تەرجىمە قىلىپ بىزگە سونۇۋاتىسىز...بۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە...سىزگە يەنە بىر قېتىم چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن...
ئۆز خەلقىنى رازى قىلغاندا كىشى بۇدۇنيادا جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرەلەيدۇ...
مەن سىزگە بىر تەكلىپ بەرمەكچى:
مۇمكىن بولسا، ئاللاھ خالىسا ئۆز كەسپىڭىزگە، ئاستىرنومىيىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى دەرىسلىك تۆزۈپ، سىنلىق دەرىسلىق قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز دىگەن ئۈمۈددىمەن...سىزھېلىمۇ بىز ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز...بىز ئەلۋەتتە بۇنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز
بىزنىڭ ئاچكۆزلىكىمىزدىن سۆيۈنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن...بىلىمگە بولغان ئاچكۆزلىكىمىزنى ...
مەن پەستىكى ئىنكاستا ئالما كومپىيوتىرىدا ئىشلىتىدىغان ئالمىنىڭ يۇمشاق دېتالىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن...ئۇ يۇمشاق دېتال ناھايىتى قولايلىق بولۇپ ، ۋاقىت ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى...بەلكىم دەرىسلىك تۈزگەندە ئىشلەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن...
ئاخىرىدا ئاللاھدىن تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، بىلىمىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول بولۇشىنى تىلەيمەن...سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن...

elyaralip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:54:37

https://www.apple.com/cn/mac/keynote/
بەت: [1]
: فىزىكا زۆرۈر دەرىسلىك 1 (سىنلىق دەرىس)