تاغام ياسىغان قۇياش ئىنىرگىيەلىك ماشىنا
ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى تاغامنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدىم ، ئىشىكتىن كىرىپلا كۆزۈم «ئەبجەق»بىر ماشىنىغا چۈشتى ،ئەسلى ئۆزى ياسىغان قۇياش ئىنىرگىيەلىك ماشىنا ئىكەن :lol
ئەللىكتىن ھالقىغان تاغام مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بولسىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا بەك قىزىقاتتى . بىر مەزگىل رىمونتچىلىق
بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئىدى . ھېلىھەم ئۆز قىزىقىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋىتىپتۇ .
مەنمۇ مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئالاھىدە ئىشتىياقىم بولغاچقا قىزىقىش ئىچىدە رەسىمگە تارتىشنى باشلىۋەتتىم :lol
تاغام ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كوچىغا چىققاندا خەقلەرنىڭ ئولىشىۋىلىپ رەسىمگە تارتىپ كەتكىنىنى ،
تورمۇزىنىڭ ئۈزۈلۈپ كىتىپ توساقنى بۆسۈۋەتكىنىنى سۆزلەپ بەردى . ماشىنىنىڭ چاقىغا ئۆيدىكى قازاننىڭ تۇۋىقىنىمۇ
ئىشلىتىۋىتىپتۇ ;P
دادام بىر ياقتا مېنى مەسخىرە قىلىپ ، سەن داشۆسىك مۇشۇنچىلىك قىلالامسەن دىۋىدى خىجىللىق ئىچىدە ئۆزۈمنىڭمۇ
مۇشۇنداق قىزىقىشىمنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تاشلىنىپ قالغانلىقى ، بىكار ۋاقىتلىرىمنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا
سەرىپ بولۇپ كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم .
ئىشتىن چىققان ئەرزان ماشنىدىن بىرنى ئېلىپ، ماشنا گەۋدىسىگە شۇنى ئىشلەتسە بۇلىدىكەن ئەسلى………
سونىي تېلفۇندا يېزىلدى يامان ئەمەسكەن .
دېل كومپىيوتېرىدا يېزىلدى سىرلىۋەتسە بوپتىكەن
DOSمەشغۇلات سېستىمىسىدا يېزىلدى زاماسكىلاپ قويغاندەك تۇرىدۇ.
ئۈزەم قۇراشتۇرغان كومپىيوتىردا يېزىلدى، ماركىسى يوق. رەڭگى بەك پەيزىكەن ... باللا بىر - بىرىدىن يۇمۇر . :lol مۇئەييەن ئىلھام ۋە ئىقتىساد مەنبەسى بولسا ،بىزدە تەبىئي تالانتلىقلار بەك كۆپ ئىكەن.
(كومپىيۇتېرنى پەرىقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدۇق )كومپىيۇتېرىدا يېزىلدى. بۇ خېلى ياخشى باشلىنىش بۇلۇپتۇ، بىر تال تاختا چىقارغان توك يىتەمدىكەن؟قۇياش تاختىسى مودا بۇلۇپ قالدى دىسە.
چوتتا يېزىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 10:44
ئالامەت! تەپسىلىي قانچىلىك سۈرئەتتە، كۈن تاختىنىڭ رولى قانچىلىك، يەنى، قانچە سائەت قاقلىسا قانچە مىنۇت ماڭىدىكەن؟
نوكىيادا يېزىلدى. ماشىنا ئالماقچى ئىدىم، مۇشۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى:lol
(ئىزدىنىشنىڭ ئىنكاس رامكىسىدا يېزىلدى) بەك كاللىسى ئىشلەيدىكەن بۇ تاغىمىزنىڭ .....
ئايپاتەم(ئايپەد) دە يېزىلدى باللا تېما ئۈچۈن ئەمەس تېلفون كومپىيوتېرلىرى ئۈچۈن ئىنكاس يازغاندەك قىلامدۇ .
لۇمىيا 920Tدا يېزىلدى.lol زاماسكىلاپ قوياپتا،ئەمدى بىر سىرلىۋەتسە بولغۇدەك.
كونۇپكا تاختىسىدا يېزىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 13:19
قۇياش باتارىيسىنى ئورناتقىنى ياخشى بوپتۇ. بۇمۇ بىر يىڭىلىقتە.
لىيەنشىياڭlenovo ماركىلىقideacentre كومپىيۇتىر، ۋىندوۋىس 7 نىڭ ئائىلە ھەقىقىي نەشىرى، تور كۈرگۈ ie11, ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دىتالى offecce2003 دە يىزىلدى. بەك كاللىسى ئىشلەيدىكەن بۇ تاغىمىزنىڭ،،،
iphone6 دە يېزىلدى مەن ئېلكىتىر فىزىكىغا بەك قىزىقاتتىم ، توك تېپىۋىتەمىكىن دەپ قورقۇپ ئەمەلىي مەشغۇلات قىلالمايمەن لېكىن{:99:} ئويۇنچۇق ماشىنا قىلىپ نەۋرىلىرىگە ياساپ بەرسە تېخىمۇ قوللىنىشچان بولاركەن، تاختىدىن 3نى قويسا بولۇركەن
ئېغىرلىقىنى چوقۇم يېنىكلىتىش كېرەك،
ئىزدىنىش روھىدا سو يوق:lol مەنمۇ سىناپ بېقىشنى ئويلىشۋاتىمەن.
LG G Flex تە يېزىلدى. مېخانىكا ،ئوپىتكا، ئېلىكتىر فىزىكا دېگەندەكلەرنى مەكتەپتە ئۆگىنىپ يادلىۋالغان فورمۇلالاردىن بەزىلىرى ھازىرغىچە ئېسىمدە باركەن ،لېكىن ئەپسۇس مۇشۇ چاغقىچە قىلغان ئەڭ چوڭ ئەمەلىي مەشغۇلات باتارىينىڭ پلۇس، مىنۇس تەرەپلىرىگە سىم ئۇلاپ كىچىك چىراغ ياندۇرۇش بولۇپتۇ.:lol