tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:00:58

2014 - يىلىدىكى يېڭى «قاتناش پىراۋىسى» قائىدىلىرى

2014 -يىلى 1 -ئاينىڭ 1 -كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كنىشكىسىنى ئىشلىتىشى قائىدىسى » ئىجرا قىلىنىدۇ. يېڭى قائىدىدە نومۇر تارتىلىدىغان بەلگىلىمىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەگەر ھەممە تارمىقىغا خىلاپلىق قىلىنسا جەمئىي 126 نومۇر تارتىلىدۇ. پەقەت 12 لا نومۇرى بولغان پىراۋىمىزغا نىسبەتەن بۇ ئاز نومۇر ئەمەس ئەلۋەتتە. تۆۋەندە بىر قىسىم يېڭى «قاتناش پىراۋىسى» قائىدىلىرىدىكى نومۇر تارتىلىدىغان ھالقىلىق ۋە ئىنچىكە نۇقتىلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
● تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋالدا 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

1. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش، تەتۈر يۆلىنىشتە يول يۈرۈش، ئوتتۇرىدىكى يول ئايرىش بەلبىغىدىن كېسىپ ئۆتۈپ كەينىگە قايرىلىش.

2.بەلگىلەنگەن سۈرئەتنىڭ P دىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش.(ئىلگىرى 6 نومۇر تارتىلاتتى، ھازىر 12 نومۇرغا ئۆزگەرتىلدى)

3.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە 12 نومۇر تارتىشتىن سىرت، پىراۋىسى 6 ئاي بىكار قىلىنىپ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلدۇ.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ، پىراۋىسى بىكار قىلىنغان بولسا جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ ھەمدە 5 يىلنىڭ ئىچىدە قايتا پىراۋا ئېلىشقا بولمايدۇ.

4. ۋەقە سادىر قىلغاندىن كىيىن قېچىپ كەتكەن، ئەمما جىنايەت سادىر قىلمىغان. ۋەقە سادىر قىلغاندىن كىيىن قېچىپ كەتكەن، ئەمما جىنايەت سادىر قىلمىغان ئەھۋال ئادەتتە ئادەم زەخىملەنمىگەن ياكى پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي زىيان 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان ئەھۋال كۆزدە تۇتىلىدۇ.

5. ئاپتوموبىلغا نومۇر تاختىسى ئاسمىغان، ساختا نومۇر تاختىسى ئاسقان ياكى ئاپتوموبىلغا نومۇر تاختىسىنى ئۆزگەرتكەن ۋە قەستەن ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىنى توسۇپ قويغان ئەھۋاللاردا بىردەك 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
● تۆۋەندىكى 4 خىل ئەھۋالدا 6 نومۇر تارتىلىدۇ.

1. پىراۋىسى تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەھۋالدا داۋاملىق ئاپتوموبىل ھەيدەش.
2.قاتناش قىستاڭچىلىق بولغاندا جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل يولىنى ئىشلىتىش.
3.مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا قائىدە بويىچە يول بەرمەسلىك.
4. قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش. (3 نومۇردىن 6 نومۇرغا ئۆزگەرتىلدى)
● تۆۋەندىكى 9 خىل ئەھۋالدا 3 نومۇر تارتىلىدۇ.

1. پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە سۈرەتنى ئاستىلىتىش، كېرەك بولغاندا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ پىيادىلەرگە يول بەرمىگەنلەر.
2.يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يولدىكى باغلىما يولدا ئاپتوموبىل يانداپ ئۆتۈش.(باغلىما يول بولسا يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدىن ئادەتتىكى يولغا كىرىپ چىقىدىغان يول)
3. چەكلەش كۆرسەتكۈچ سىزىقىغا خىلاپ يول يۈرۈش .
4.ئايلىنىدىغان ئاپتوموبىل تۈز يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىلغا ۋە پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىك.
5.قارىمۇ-قارشى يول يۈرۋاتقاندا ئوڭدىن ئايلىنىدىغان ئاپتوموبىل سولدىن ئايلىنىدىغان ئاپتوموبىلغا يول بەرمەسلىك.

6.بەلگىلەنگەن يولدا يول يۈرمەسلىك.
7. سۈرئەتنى بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن، لېكىن بەلگىلەنگەن سۈرئەتنىڭ P دىن ئىشىپ كەتمىگەنلەر. 8.ئالاھىدە ئاپتوموبىللارغا يول بەرمىگەنلەر( ئوت ئۈچۈرۈش ئاپتوموبىلى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار)
9.قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىلدىن ئېشىپ ئۆتۈش ياكى قارشى يۆلىنىشتە يول يۈرۈش.
● تۆۋەندىكى 5 خىل ئەھۋالدا 2 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىماسلىق.
2.بەلگىلەنگەن يولدا قىزىل يىشىل چىراغلارنى ساقلاش.
3.بەلگىلىمىدىن ئارتۇق سالغان ئادەم بەلگىلىمىنىڭ دىن ئېشىپ كېتىش.
4.ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تېلفۇن ئىشلىتىش.
5.قاتناش قىستاڭچىلىق بولغاندا قالايمىقان ئۆچىرەت بۇزۇش قارشى يۆلىنىشتىكى ئاپتوموبىل يولىنى ئىشلىتىۋىلىش.


● تۆۋەندىكى 4 خىل ئەھۋالدا 1 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. شوپۇرلۇق پىراۋىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىللە ئېلىپ ماڭمىغانلار.
2. يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسىنى چاپلىمىغانلار.
3.قاتناش سۇغۇرتا بەلگىسىنى چاپلىمىغانلار.
4. بەلگىلىمىگە خىلاپ چىراغ ۋە سىگىنال چىرىغى ئىشلىتىش.

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:37:00

پ دىن ئېشىپ كەتمىگەن دېگىنى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 11:27:55

بەلگىلەنگەن سۈرئەت چەكلىمسدىن ئىېشىپ كەتكەننى .

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 12:36:24

5-ماددىسىنى ساقچىدىكى باللا ئورۇنلىيالايدۇ خىزمەت ئېھتىياجى دەپ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 15:09:02

tawpik يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 11:27 static/image/common/back.gif
بەلگىلەنگەن سۈرئەت چەكلىمسدىن ئىېشىپ كەتكەننى .

چۈشەنمىدىم

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 22:34:53

تۆت كوچىدا سولغا بۇرۇلىدىغان ئاپتۇمۇبىلغا ئۇدۇل يۈرگەنلەر يول بەرمىسە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ؟
بەت: [1]
: 2014 - يىلىدىكى يېڭى «قاتناش پىراۋىسى» قائىدىلىرى