tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 08:56:39

باي ۋە نامراتلىق ھەققىدەپاراڭ

باي ۋە نامراتلىق ھەققىدەپاراڭ

دائىمىلىق تەربىيەكۇرسىدائوقۇۋاتقان چىغىمدا سىنىپتا بىر مۇلاھىزە بولۇپ قالدى.مۇئەللىم ئەقىل- پا راسەت ۋە مەنىۋى بايلىق ھەققىدە دەرىس سۆزلەۋاتقاندا،بىركۇرسانىت تۇيۇقسىزلا: «مۇئەللىم،بايلارنىڭ ماددى تۇرمۇشى تويۇنغان،لىكىن مەنىۋى جەھەتتىن نامرات،نامراتلاربولسامەنىۋى جەھەتتەباي، ماددىي جەھەتتىن نامرات بولىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ،بۇتوغرىمۇ؟›› دەپ سۇئال سورىدى.مۇئەللىم:‹‹ بۇ قەتئىي بىر تەرەپلىمىلىك قاراش،نامراتلارنى ھەرگىزمۇ مەنىۋىي جەھەتتىن باي دەپ قارىمايمىز.چۇنكى ئۇ مەنىۋى جەھەتتىن باي بولغان بولسا ماددىي جەھەتتىنمۇ باي بولۇشقا ئىنتىلگەن بولاتتى.بايلارنى بولسا مەنىۋىي جەھەتتىن ھەرگىزمۇ نامرات دە پ قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.چۇنكى ئۇ مەنىۋىي جەھەتتىن باي بولغانلىقى ئۇچۇن ماددىي جەھەتتنمۇ باي بولالىغان.يۇقىرىقى قاراش بايلارغا ھەسەت قىلىدىغان بىرقىسم نامراتلارنىڭ تا پقان گېپى.نامراتلارمۇ مەنىۋى جەھەتتىن ئويغىنىپ ئۆزىنى تونۇپ تىرىشسا،چوقۇم ماددىي جەھەتتىنمۇباي بولالايدۇ.بايلار بولسا تاپقان پۇللىرى ئارقىلىق ياكى ئەقلىنى تېخمۇ بىيتىدۇ ياكى ئەقلىنى بۇزىۋالىدۇ » دىدى.
بۇ مۇلاھىزە قاچاندۇر بىر چاغلاردا قايسىدۇر كىتابتىن ئوقۇغان مۇنداق بىر ھېكايىنى ئىسىمگەسالدى .بىر يەردە بىر باي ۋە بىر كەمبەغەل كىشى بارئىكەن. باي كۇندەپۇل تاپىمەن دەپ تىپىرلاپ يۇرگەن بولغاچقا نامراتنىڭ تىنىچ -خاتىرجەم تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدىكەن؛ نامرات بولسا ئۆزى كەمبەغەل بولغاچقا باينىڭ مال دۇنياسىغا ھەۋەس قىلىدىكەن.ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى بىلگەن تەڭرى بىركىچىدە تۇيۇقسزلا باينى نامراتقا ،نامراتنى بايغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ .ئۇلار بىشدا ئۆزىنىڭ ئارزۇسغا يەتكەنلىكتىن خۇشال بولۇشۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇلارنىڭ تەبىئىيتىدىكى ئەقىللىقلىق ۋە ئەقىلسزلىك ؛ ئىشچانلىق ۋە ھورۇنلۇق خاراكتىرى ئۇلارنى بىئارام قىپتۇ. بايغا ئايلىنىپ قالغان نامرات بولسائىشلىمەي، كاللا ئىشلەتمەي ھورۇنلۇق قىلىپ يىتىپ يەۋەرگەن بولغاچقا مال- دۇنيالىرى ناھايتى تىزلا تۈگەپ ئەسلىدىكى نامرات ھالىغا كىلىپ قاپتۇ.نامراتقا ئايلانغان باي بولسا ئەقىل ئىشلتىپ،تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق ناھايتى تىزلا ئەسلىدىكى بايلىقتىنمۇ كۆپ مال دۇنياغا ئىگە بولۇپتۇ.
شۇنداق! بايلارنىڭ باي بولالشى ئۇلارنىڭ نامراتلاردىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىدە. ئۇلار باشقىلاردىن ئەقىللىق بولغاچقا باي بولالىغان. بىز بۇ قانۇنىيەتكە قەتئىي ئىشنىشمىزكىرەك.ئەمدى نامراتلارنى بىر كىچىدىلا كۆمىۋىتىش ياكى ئۇلارنى ئېتىۋىتىش ۋە ياكى كۆزدىن يوقىتۋىتىش كىرەكمۇ؟ئەلۋەتتەشۇنداق قىلىش كىرەك.بىراق نامراتلارنىڭ ئۆزىنى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ھورۇنلۇقنى، بىپەرۋالىقنى كۆمىۋىتىش؛ ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ناچار ئىددىيلەرنى مىلتىق ئوقلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقىل ئوقلىرى بىلەن ئېتىۋىتىش،ئۇلارنىڭ كاللىسغا ئورناپ قالغان ئۆزىگە ئشەنمەسلىك، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش باي بولۇشقا ئىنتىلمەسلىك ..... قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى كۆزدىن يوقىتىش كىرەك .يەنى ،ھەممىسدە ئەقل ئوقلىرى ئارقىلىق نامراتلارنىڭ كاللىسىدىكى ناچار تەرەپلەرنى ئېتىۋىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئەقىل -پاراسەت ،ئىشچانلىق، تىرىشچانلىق ،توغرا بولغان رىقابەت ئىڭى ،جەمئىيەت ئىڭى ،تۇرمۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، بۇ ئارقىلىق نامراتلارنىمۇ بايلارقاتارىدىن ئورۇن ئىلىشقا ھەم مەنىۋىيتىنى تىخىمۇ يۇكسەلدۇرۇشكە تىرىششىمىزكىرەك.
ئاخىرىدا يەنە تەكىتلەيدىغىنىمىز بايلار قانداقتۇر تەلەي ياكى ئامەت بەدىلىگە باي بولۇپ قالغان ئەمەس. ئەگەر شۇنداق دىيىلسە بۇ تەلەي- ئامەتنىڭ كەينىگەنۇرغۇن ئەقىل- پاراسەت ۋە جاپا- مۇشاققەت يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا نامراتلارمۇ باي بولۇشنى، مەنىۋىيتىنى،ماددىي تۇرمۇشىنى بىيىتىشنى ئويلايدىكەن، چوقۇم قانداقتۇر تەلەي ،ئامەتلەرنىڭ كىلىشنى كۈتۈپ تۇرماي كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ، ئەقىل ئىشلىتىپ تۇرمۇشنى ياخشلاش ئۇچۇن تىرىششىلىرى كىرەك.ئەگەربىزكاللائىشلىتىدىغانلا،ئەقىل- پاراسەتكە، بىلىمگە تايىنىدىغانلابولساق چوقۇم بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ بېل گايتىستەك بايلارنىڭ چىقىپ قىلىشىغائىشەنچىمىز كامىل .
شۇڭا ھەممەيلەن ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ دۇنيا بايلىرى قاتارىدا ئورۇن ئىلىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى! نەتىجە،مۇۋاپىقىيەت مەڭگۈ تىرىشچانلارغامەنسۇپ!


بۇ ماقالە << پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:19:44

ماددى بايلىق بولماي تۇرۇپ مەنىۋىى بايلىق بولمساس ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:39:28

ئۇنداق قاراشلار  سىنپى كۆرەشنىڭ ئاسارىتى خالاس

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 10:09:48

بايلارنى بايلىقى سەۋەپلىك يامان كۆرۈشكە بولمايدۇ.  ئوخشاشلا، نامراتلارنى نامراتلىقى سەۋەپلىك كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

Heqiqet2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 08:39:51

مېنىڭ بىر مۇئەللىمىم بولىدىغان دائىم ئوقۇغۇچىلارغا يا سەن ئوسمان ئىبنى ئەففان ۋە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك باي بولغىن ياكى قايسى بىر ساھابىلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ شۇلاردەك ئىلىملىك بولغىن دەپ. شۇندا ھەققىڭنى ئادا قىلغان بولسەن دەپ.
مېنىڭچىمۇ ئەگەر بىر ئادەم ئەقىدىلىك بولسا، ئۇنىڭ ھەم بايلىقى بولۇشى ئۇنىڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بايلىق بىلەن بىلىمنى ئايرىۋەتكىنىم يوق.{:136:}
بەت: [1]
: باي ۋە نامراتلىق ھەققىدەپاراڭ