ۋېيشىن سالونلىرىدا سىياسى خەۋەرلەرنى تارقىتىش چەكلىنىپتۇ.
مەنبە: ئوكيان تورىپەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى: دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن «تېز ئالاقە قوراللى ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» (《即时通信工具公众信息服务发展管理暂行规定》) ئېلان قىلغان بولۇپ، ئېلان قىلغاندىن كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. بۇ يەنە «ۋېيشىننىڭ 10 ماددىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بەلگىلىمىدە دېيىلگەن ئالاقە قوراللىرى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ۋېيشىن، ۋاڭيىنىڭ يىشىن قاتارلىق ئالاقە قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بەلگىلىمە جەمئىي 10 تۈرلۈك.
بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ 7-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلدى: تېز ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت پائالىيىتى ئۈچۈن ئاچقان ئاممىۋى ھېسابات نورمۇرىنى ئالاقە مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى تەستىقلىشى، يەنى ئالاقە قورالى مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەزمۇنىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تۈرگە ئايرىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك.
ئاخبارات ئورۇنلىرى، ئاخبارات تور بەتلىرى ئاچقان ئاممىۋى سۇپىلار، سالونلار ۋەزىيەت خاراكتېرىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلسا، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ، ئىنتېرنېت خەۋەر ئۇچۇر مۇلازىمەت مۇلازىمەت خاراكتېردىكى ئاخبارات ساھەسىدە بولمىغان ئورۇنلار ئاچقان ئاممىۋى سۇپا ۋە سالونلار ۋەزىيەت خاراكتېردىكى خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتسا بولىدۇ. باشقا ئاممىۋى سۇپىلار ۋە سالونلار تەستىقلانمىغان ئەھۋالدا ۋەزىيەت خاراكتېرىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلسا، كۆچۈرۈپ تارقاتسا بولمايدۇ.
قانداق خەۋەرلەر سىياسىي خەۋەر ھېسابلىنىدۇ؟ «ئىنتېرنېت ئۇچۇر مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى» غا ئاساسلانغاندا، سىياسىي خەۋەرلەر «سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئىشلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەر، ئوبزورلار ھەمدە جەمئىيەتتە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ 9-ماددىسىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ، دېيىلگەن. 10-ماددىسىدا بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە دېيىلگەن.
تەرجىمان: ئوكيان قانداق خەۋەرلەر سىياسى خەۋەر ئەمەسكەن ؟ مەنغۇ ، نېمىنىڭ سىياسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ؟{:87:} ۋېيشىن سالونلېرى ساختا خەۋەر ، ساختا ئۇچۇرغا تولۇپ كەتكەن تۇرسا ، چەكلىگىنى توغرا! بۇمۇ بولۇپتۇ. سالونلارنىڭ ئېلاننى سەل پەل چەكلەپ قويسا بولاتتى. بىرقۇر خەت دىمەكچى بولغان ئۇچۇر قالغان مەزمۇننىڭ ھەممىسى ئېلان ۋېىيشىن دىگەن نىمىكى ...؟ ئاساسىي قانۇندىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ روھى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ، خوتەندە ۋىيشىن يوق. بۇ بەلگىلىمىنىڭ 11-ماددسى چالا قاپتۇ....
11-ماددىسى مۇنداق بولسا توغرا بولىدۇ...
11-ماددا ---ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلار....
.مۇشۇ ماددا قۇشۇلۇپ كەتسە راس شۇنداق ئىش بولسىمۇ بىراقلا 11 ماددىغا سىېلىپ بىر تەرەپ قلىۋەرسە بولىۋىردۇ... ئۇنداقتا ئىزدىنىشتا تارقاتاسا بۇلامدۇ ؟
مۇشۇ خەۋەرنىڭ ئۆزى سىياسى خەۋەرگە كىرەمدۇ ؟
تېما ئىگىسى بۇ خەۋەرنى تەستىقلاتتىڭىزمۇ ؟ بۇرۇن يوللىسا بۇلىدىكەندۇقما؟
ئۈندىدار دەيتۇققۇ؟ يەنە ياندۇقمۇ؟
ئوغۇل بالا ئالدى كەينىگە يېنىپ تۇرىدۇ، دىەەندەك... udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 12:17 static/image/common/back.gif
خوتەندە ۋىيشىن يوق.
يەكەندە تورمۇ يوق تىخى....:funk: نەدە چەكلىنىپتۇ ؟ بۇلىدۇ دەپ چىقۋاتىدىغۇ تېما ئىگىسى ئىزدىنىشقا كىرمەسمىكى؟
بەت:
[1]
2