لاتا شېئىرى (62) بارئىكەنمەن يادىڭدا جانان
لاتا شېئىرى (62) بارئىكەنمەن يادىڭدا جانانتېلفۇن قىلدىڭ ، قىلمىدىڭ تىۋىش ،
چۈشەنمىدىم بۇزادى نىمە ئىش ؟
مەجبۇرلىدى ئەنسىز سېغىنىش ،
بارئىكەنمەن يادىڭدا جانان .
كەتكىنىڭگە بولدىمۇ ئەسىر ؟
نىچۇن كەتتىڭ بۇ يىشىلمەس سىر ،
مەن يىغلىسام ساڭا بەرىبىر ،
بارئىكەنمەن يادىڭدا جانان .
سوراي سەندىن : يۈرۈكىڭ تاشمۇ ؟
يا مەخسىدىڭ مىنى سىناشمۇ ؟
يار بارمىدۇ ساڭا ئوخشاشمۇ ؟
بارئىكەنمەن يادىڭدا جانان .
خېتىڭ كەلدى ئۈزۈڭ كەلمىدىڭ ،
ئەسلى مىنىڭ بەختىم سەنمىدىڭ ؟
ماڭا قىلچە رەھىم قىلمىدىڭ ،
بارئىكەنمەن يادىڭدا جانان .
ئوۋچىنىڭكى بولسا ئوقياسى ،
كىيىكنىڭمۇ باردۇر خۇداسى ،
جاننى ئالدى سۆيگۈ تەشناسى ،
بارئىكەنمەن يادىڭدا جانان .
كۈرۈشەرمىز كەتمىسەم ئۈلۈپ ،
يا مەھشەردە تۇرارمەن كۈتۈپ ،
بەلكىم مەغرۇر كىتەرسەن ئۈتۈپ ،
بارئىكەنمەن يادىڭدا جانان .
:'({:112:} قىرىغاندا نىمە خاپىلىق بۇ «لاتا» ئاخۇن بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا .... ناخشا قىپ ئۇقۇۋەتتىم ئىچىمدە..:handshake ياخشى يېزىلغان مەزمۇنلۇق شېئىركەن . {:112:}{:112:}
بەت:
[1]