tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 23:07:40

تامچى ؛ سارنى كەپتەرگە ئايلاندۇرۇش

يولۇچىنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى

بىر ئادەم ساياھەتكە چىقىپ دۇلقۇنلاپ ئېقىۋاتقان بىر دەرياغا دۇچ كەپتۇ، يېقىن ئەترپتا يا  كېمە، يا  كۆۋرۈك يوقكەن، يولۇچى ، دەريادىن كېچىپ ئۆتسەم ھايات قېلىشىم ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا جەسىتىممۇ تېپىلماسلىقى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ ، ئامالسىز جايىدا تۇرۇپ قاپتۇ.
شۇ يەرگە يېقىن يەردە تۇرۇشلۇق بىر ئادەم ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىككە ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرۈپ يېنىغا كېلىپ ، ئۇنى يۈدۈپتۇ، بۇ ئاق كۆڭۈل ئادەم مەيدىسىگىچە سۇغا كىرىپ شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان ئېقىنغا تاقابىل تۇرۇپ ، بۇ يولۇچىنى ساق-سالامەت قارشى قىرغاققا ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ،
    يولۇچى سەپەردە بولغاچقا، پۇلى كۆپ ئەمەسكەن، شۇڭلاشقا يېنىدىكى بوپىسىدىن ئازراق پارچە پۇل ئىېلىپ بۇ ئاق كۆڭۈل ئادەمگە بېرىپتۇ، بىرق ئاق كۆڭۇڭۈل ئادەم ئالغىلى ئۇنىماپتۇ، يولۇچى دەريا بويىدا خىجىل بولۇپ تۇرغىنىدا، ئۇ ئادەم يەنە ئۇدۇل قىرغاققا بېرىپ ،دەريادىن ئۆتەلمىگەنلەرنى داۋملىق بۇ تەرەپكە ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ،
    يولۇچى، ئەسلىدە بۇ ئادەم باشقىلارنى يۈدۈپ دەريادىن ئۆتكۈزۈشكە خۇشتار ئىكەن، ئۇ بۇنداق قىلىشنى ياخشى كۆرگەنىكەن، ئۇنىڭ ياردىمىنى خاتىرجەم قوبۇل قىلاي ، دەپ ئولاپ ھېلىقى ئاەمنىڭ يېنىغا بېرىپ؛
       -ئەمدى مەن سەندىن مىننەتدار بولمايمەن ،قارىسام، سەن غەلىتە ئادەم ئىكەنسەن، سېنىڭ باشقىلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە ياردەملىشىدىغان ھەۋىسىڭ بارئىكەن، _ دەپتۇ.
يولۇچى سەپىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە ، ھېلىقى ئادەم ئۇنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا ئۇنىماپتۇ. دۇلقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريا بويىدا يولۇچى يەنە بىر قېتىم ئامالسىز تۇرۇپ قاپتۇ.

ھېكەت ؛ گەرچە ئۇ ئۆزىدە باشقىلارغا خالىس يارەم قىلىشتەك خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا چوقۇم باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان مەجبۇرىيەت يوق.
گەرچە ئۇنىڭ ساڭا يارەم قىلىش مەجبۇرىيتى بولسىمۇ، سەن ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرۈشۈڭ كېرەك.باشقىلارغا داۋاملىق تەشەككۈر ئېيتىپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ياردەم قىلىش مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى قۇزغايدۇ.

                                         سارنى كەپتەرگە ئايلاندۇرۇش

بىر ئادەم ئودا خىزمىتىگە تاللىنىپتۇ، ئۇ ئوردا بېغىدىكى قۇشلارغا قاراشقا مەسئۇل ئىكەن.
      ئۇ نۇرغۇن قۇشلارنى تونۇيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىيالايدىكەن، بىراق ئوردا دىگەن يەنلا ئوردا - دە،  ئۇ يەردە ئاز ئۇچرايدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك قۇش تۇرلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل سار  بار ئىكەن، ئۇنىڭ سايرىشى ئالاھىدە، شەكلى غەلىتە بولۇپ، ئۇ ئادەم ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىكەن. بىر كۈنى ئۇ ، غەلىتە ئىشقۇ بۇ ، مەن نۇرغۇن قۇشنى تونۇيتتىم، بۇ خىلدىكى كەپتەر بارلىقنى بىلمەيدىكەنمەن، چوقۇم بۇرۇنقى خوجىدار ياخشى خەۋەر ئالمىغان گەپ، مېنىڭ مەسئۇلىيتىم بۇ قۇشلاردىن خەۋەر ئېلىش ، كۆز ئالدىمدا بۇنداق كۈلكىلىك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويسام بولمايدۇ، نەدىمۇ تۇمشۇقى، تىرنىقى ۋە قانىتى بۇنداق ئۆسكەن كەپتەر بولسۇن، دەپ ئويلاپ،ئۇنى ھەقىقىي كەپتەرگە ئوخشاش ياساش قارايىغا كەپتۇ.
ئۇ قولىغا قايچىنى ئېلىپ، سارنىڭ تىرناقلىرىنى كېسىپتۇ، تۇمشۇقىنى تۈزلەپتۇ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ قاناتلىرىنىمۇ بىر قۇر ياساپتۇ.
      ياساپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇ مەغرورلانغان ھالدا سارغا قاراپ؛
            -بىچارە كەپتەر،سەن نىمىدېگەن بەختسىز، باشقىلارنىڭ قولىدا تۈگىشىپ كېتىپتىكەنسەن ،  بىراق  سېنىڭ يەنىلا ئامىتىڭ بارئىكەن  ماڭا ئۇچىرىدىڭ ، ئەمدى قاراپ باققىنا ھەقىقىي كەپتەرگە ئۇخشىدىڭ، - دەپتۇ.
ھېكەت؛
دۆت ئادەم ئەڭ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلالمايدۇ،   ئەڭ ئەخمىقانە ئىشلارنى بىلەرمەن ئادەم قىلىدۇ.
             ئەڭ ئەقىلگە سىغمايددىغىنى، بىلەرمەن ئادەملەر دائىم جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىمەنە خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، ئۆزىنى مەسخرىگە قويغاندىن سرت، باشقىلارغىمۇ زىيان سالدۇ.
                       مەنبە ؛ <<ھاياتىڭىزغا تەسىركۆرسىتىدىغان پەلسەپىۋى مەسەللەر>> دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
تۇرداشلارغا سەمىمى تەۋىسيە؛  سوقرات،ئەپلاتون،ئارىستوتىل قاتارلىق پەيلاسۇپلارنىڭ قانداق-قانداق كىتاپلىرى بار بىلسەڭلار تەۋىسيە قىلىۋەتكەن بۇلساڭلا بەكمۇ مەمنۇن بولغان بۇلاتتىم.
ئۇندىن باشقا تەپەككۇرنى قۇزغايدىغان، دۇنيا قارشىنى كىڭەيتىدىغان، ھاياتقا مەنە بىرەلەيدىغان، ئەقىلغا ئىشتىراك قىلىدىغان، كىتاپلار بولسىمۇ مەيلى، ياق دىمەيمەن. خى خى  

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:01:38

ماۋۇ  تىمىلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياقتۇردۇم ،توغرا، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى  ئۇنىڭ ئاجىزلىقى دەپ بىلىش تۇلىمۇ ساپاسىزلىق ،   بىلەرمەنلەردىن   چالاتەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرۈدىغانلار چىقىدۇ .
   بەلەن تىما .{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:45:58

ئەپلاتۇن پاراڭلىرى ، غايىۋى دۆلەت ،  زورۇئاستىر شۇنداق دەيدۇ
……  بىر تۈركۇم تەرجىمە قىلىنغان پەلسەپىۋى ئەسەرلەر بار ، ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:47:06

كەپتەرۋازلار كۆرسە بولغىدەك

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 10:05:12

دۆت ئادەم ئەڭ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلالمايدۇ،   ئەڭ ئەخمىقانە ئىشلارنى بىلەرمەن ئادەم قىلىدۇ.
---
مۇشۇ گېپى بولغاچقىلا ،ئوقۇغۇنىمدىن بەك مەمنۇن بولدۇم.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 09:27:46

قۇشچى كىشى نادان ئادەمكەن، بۇنداق نادانلارنىڭ دەستىدىن خەلق جاپا تارتىدۇ
بەت: [1]
: تامچى ؛ سارنى كەپتەرگە ئايلاندۇرۇش