ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 19:30:17

بورتالا شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-11 23:04


                                             بورتالا شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

         شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1999-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆن-خۇرۇم پىششىقلاش، سېتىش، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قۇرغۇچىسى شەۋكەت ئابلەت. ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى 12 مىليون 564 مىڭ يۈەن. ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 86 مىڭ 600 كىۋادىرات مېتىر. يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 360 مىليون يۈەن. يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 150 مىڭتوننا .
                                                                  شىركەت مەھسۇلاتلىرى

شىركەت كۆن-خۇرۇم، يۇڭ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە، تۈركىيە، گۇاڭدۇڭ، فۇجىيەن ئۆلكىلىرىنى قاپلىغان.

                                                            شىركەت تەرەققىيات تارىخى

1999-يىلى 6-ئايدا بورتالا شەھىرىگە قۇرۇلغان.
2000-يىلى 6-ئايدا ئالاتاۋ شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.
2004-يىلى ئابلەت ھاجى مېھمانسارىيىقۇرۇلغان.
2006-يىلى شىنجاڭ قورغاس سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان.
2007-يىلى شىنجاڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى قۇرۇلغان.
2008-يىلى بېيجىڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى قۇرۇلغان.
2010-، 2012-يىلى قازاقىستان كۆن-خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئۆزبېكىستان كۆن-خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلغان.
2011-يىلى گۇاڭجۇ، دوڭگۈەن، فوشەن، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس سېتىش نۇقتىلىرى قۇرۇلغان.
2011-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاقاسلىقنى كۆكەرتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان.
شىركەت يەنە ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى ئايلانما يولىغا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا سالماقچى.
                                       
                                                                        شىركەت شان–شەرىپى

          2010-، 2011-يىلى «كۆن-خۇرۇم ئىشلەش ساھەسىدىكى ئون مۇنەۋۋەريېڭىلىق ياراتقۇچى كارخانا»، «جۇڭگو ئون چوڭ كۆن-خۇرۇم ئىشلەش كارخانىسى»، «بىخەتەر ئىشلەپ چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن.
2011-يىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭى سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇشىنى تىزلىتىش خىزمەت ئەترىتى تەرىپىدىن «ئون كۈچلۈك سانائەت كارخانىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
10-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 2012-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە «ئىجرا ھەيئەت ئەزا كارخانا»دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن 2008-، 2009-يىللىق «توختامغا ئەمەل قىلىدىغان ئورۇن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئالاتاۋ ئېغىزى كومىتېتى، ئالاتاۋ ئېغىزى باشقۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن «كۆپ باج تاپشۇرغۇچى ئورۇن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 4-ئايدا بورتالا ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن «شەخسىي مۇنەۋۋەر كارخانا» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 3-ئايدا «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 2009-يىللىق ئون چوڭ باج تاپشۇرغۇچى كارخانا» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
شىركەت تەشكىلىي قۇرۇلمىسى
شىركەت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى، خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش بۆلۈمى، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى قاتارلىقبۆلۈملەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاسپىرانت 3 نەپەر، تولۇق كۇرس 12 نەپەر، مەخسۇس كۇرس23 نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكوم 38 نەپەر، تولۇق ئوتتۇرا 82 نەپەر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا 64 نەپەر، باشلانغۇچ35 نەپەر.
                                                               شىركەت تۆھپىسى
شىركەت قۇرۇلغان ئون نەچچە يىل جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يەڭگىللەتتى.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
شىركەت ئورنى: بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ شەھىرىدۇڭگۈي يولى 2-نومۇر
تېلېفون نومۇرى: 6991645-0909، 6993069-0909

    مەنبە : ئەرقال تاراتقۇسى
http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/0721/307-7.html

         تۇمارىس مىھمانسارىيى ئۈندىدار سۇپىسىدايەنە مۇنداق ئۇچۇرلار بار ئىكەن :
   شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارمىقىدىكى تىرە زاۋۇتى يىلىغا بىر مىليون چوڭ تىرە ، ئىككى مىليۇن قوي تىرىسى پىششىقلاپ ئىشلەش سەۋىيەسىگە ئىگە . پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە بىرىنجى دەرىجىلىكئۆلچەمگە يەتتى .
      زاۋۇت كۆلەم جەھەتتە غەربى شىمالدىكى بەشئۆلكە _ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە1 - ئورۇندا ،مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا ، ئاسىيا بويىچە 7- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ زاۋۇت .
   

ئەينى يىللىرى مۇسابايۇفلارنىڭ تىرە زاۋۇتى   يىلىغا 40 مىڭ چوڭ تىرە (ئات ، كالا تىرىسى ) ، 600مىڭ پارچە كىچىك تىرە (قوي ، ئۆچكە تىرىسى ) پىششىقلايىتتى .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 08:47:00

مۇنداق ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان كارخانا شېركەتلەردىن دىيارىمىزدا1000بارمىدۇ؟

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 08:49:25

مۇندا زاۋتۇلامۇ بار دەيلى .......

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:01:43

ئەنگە ئالدۇرغان پۇلىدەسمايە بولۇپ ئايلىنۋاتقان مەبلەغنى كۆرسىيەمدۇ ؟ 12 مىليون 564 مىڭ يۈەن بىلەن قانداقمۇيىلىغا 360 مىليون يۈەنلىك مەسھۇلات ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ ؟ ئىقتىساتتىن خەۋىرى بارلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:31:50

بىزلەردە مۇنداق زاۋۇتلارمۇ باركەندە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 10:22:39

بۇ زاۋۇت ئالاتاۋ ئېغىزى(شەھىرى)گە جايلاشقان.زاۋۇت كۆلىمى چوڭ بولۇپ ، كۆلەملەشكەن ،سېستىمىلاشقان.
نۇرغۇن ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشقا ئورۇنلاشقان.
كارخانا - سانائەت بىر مىللەتتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىكەن.

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 12:25:45

زاۋۇت كۆلەم جەھەتتە غەربى شىمالدىكى بەشئۆلكە _ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە1 - ئورۇندا ،مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا.
زاۋۇت كۆلەم جەھەتتە غەربى شىمالدىكى بەشئۆلكە _ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە1 - ئورۇنداماۋۇسى ئوشۇقچە بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟

مانداق شىركەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن جۇمۇ.

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 12:27:58

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-8-12 09:01 static/image/common/back.gif
ئەنگە ئالدۇرغان پۇلىدەسمايە بولۇپ ئايلىنۋاتقان مەبل ...

زاۋۇت يېڭى قۇرۇلغاندا ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى بولۇشى مۇمكىن ،يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 360 مىليون يۈەن بولىشى ھازىرقى سانلىق مەلۇمات بولىشى مۇمكىن دەپ چۈشەندىم.

arkzat618 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 14:06:31

بولسا تېخمۇ كۆكلىسۇن. ئەسلى تۇمارىس مىھمانسارىيمۇ شۇلار سالغانكەندە. ئەمدى بىلدىم .

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 14:13:12

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-8-12 09:01 static/image/common/back.gif
ئەنگە ئالدۇرغان پۇلىدەسمايە بولۇپ ئايلىنۋاتقان مەبل ...

ئەنگە ئالدۇرغان پۇلى (تىزىملاتقان مەبلىغى) شىركەت قۇرۇلغانغاندا سالغان دەسمايىسى بۇلۇپ ، قانۇنى تەرتىپ بۇيىچە قۇرۇلغان ،قانۇنى ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە شىركەتلەر تىزىملاتقان مەبلىغى ئارقىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ،يەنى زىيان تارتىپ ۋەيران بولسا ،دەسمايىسىنى ھەقدارلىق قەرزدارلىق نىسبىتى بۇيىچە قەرز ئىگىلىرىگە تۆلەپ بىرىپ ،مەسئۇلىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ .قانۇنى ئىگە ۋاكالەتچىسى ياكى پايچىكلارنىڭ تىزىملاتقان مەبلەغ دائىرىسىدە بولمىغان مال مۈلكى قەرز تۆلەش دائىرىسىدە بولمايدۇ .
شىركەت مەبلەغ ئەنگە ئالدۇرۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن بانكىدىن قەرز ئېلىش ،ئېلىش بېرىش مۇئامىلىسى شەكىللەندۈرۈش ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق تىجارەت قىلىدۇ .قۇلىدا بار مەبلەغنى (ئۆزى سالغان دەسمايە ،قەرز ) تىزرەك ئايلاندۇرسا ،ئۇنىڭ تىجارەت كىرىمى ماس ھالدا كۆپىيىدۇ ،يەنى ئۆزىدىكى دەسمى 20مىڭ بانكىدىن ئالغىنى 80مىڭ جەمئى 100مىڭ يۈەننى 10 قېتىم ئوبوروت قىلسا بىر مىليۇندىن ئارتۇق تىجارەت كىرىمى (سېتىش كىرىم) شەكىللەندى دىگەن گەپ .

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 14:20:34

قايسى كۈنى چۈشۈمدە مۇشۇنداقراق زاۋۇت قۇرۇشنى ئويلاپ قالغان، يانچۇقتا بىر پۇڭ يوق.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 15:22:13

ما شىركەتنى بۈگۈن ئاڭلىشىم.

نېمە قىلغان بولغىيتى دەنشىدە ئېلان بەرمەي :lol:lol:lol:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 15:46:34

ھازىر خوتەن دىيارى گۇما ناھىيسىدە، 1قوينىڭ تىرىسىنى 15 يۈەندىن 30 يۈەنگىچە ئىلىۋاتىدۇ.

شەۋكەت ئەپەندىم قانچە پۇلدىن شىركىتىگە ئۆتكۆزىۋالىدۇ؟

قوي تىرىسىنى ساناپ پۇل ھىساپلامدۇ؟   چوڭ - كىچىكلىكىنى مىتىرلاپ پۇل ھىساپلامدۇ؟

توننىسى بويىچە بىراقلا ھىساپلاپ ئۆتكۆزىۋالامدۇ؟


چۈشەنچە بىرىدىغانلار بارمۇ؟

ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولساق، بىراقلاتىرە ئىلىپ -سىتىپ تىجارەتكە كىرىشىپ قالامدۇق تىخى...........

بولسا شىركەتنى تونۇشتۇرغان تىما ئىگىسى بىر جاۋاب بەرسە، بىلمىگەن يىرىنى شەۋكەت ئەپەندىمدىن تىلىفۇندا سوراپ جاۋابىنى بەرسىمۇ بولىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 16:01:34

بىر تېرىنى قانچە پۇلدىن ئالىسىلەر دەپ شەۋكەت ئەپەندىمدىن سوراپ كەتسە ھە:lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 16:24:11

udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-8-12 15:46 static/image/common/back.gif
ھازىر خوتەن دىيارى گۇما ناھىيسىدە، 1قوينىڭ تىرىسىنى 15 ...

شىركەت ئورنى: بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ شەھىرىدۇڭگۈي يولى 2-نومۇر
تېلېفون نومۇرى: 6991645-0909، 6993069-0909

مەن شىركەت خادىمى ئەمەس ، ئۆزىڭىز ئالاقىلشىپ بىقىڭ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 16:26:47

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2014-8-12 18:01 static/image/common/back.gif
بىر تېرىنى قانچە پۇلدىن ئالىسىلەر دەپ شەۋكەت ئەپەندىم ...

بولساشۇنىمو سوراپ بىقىشقا ئەيمىنىپ سىلىدەك بازار چۈرگىلەپ كۈن ئۆتۆپ كەتسە.................

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 17:59:10

:lol:lol

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 10:44:33

مەنمۇ تېرىچى ئائىلىسدىن دادام بىلەن تاغام تېرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى . دادام تۈگەپ كىتىشنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ شىركىتى ئايدا ئاز دىگەندە 50 مىدىن 100 مىڭغىچە تېرە يىغاتتى. دادام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن دادامنىڭ شىرىكلىرى شىركەتنى تارقىتىۋېتىپ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلغان ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر يەر ئېچىپ دىھقانچىلىق قىلىۋاتىدۇ بەزىلىرى يەنە شۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ .شىنجاڭدىكى چوڭ بايلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇ تېرىچىلىق بىلەن پۇل تېپىپ ئاندىن باشقا ئىشقا كىرىشكەنلەرتېرىچىلىق كەسپى ئىقتىساد كىرزىسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئۇچىرايدىغان كەسىپ 98-99- يىلدىكى ئىقتىسادى كىرزىستا شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تېرىچىلەرنىڭ 30% تى ۋەيران بولدى . ساق قالغانلىرى 2000- يىلدىن كىيىن بىر مەزگىل شۇ ئىشنى قىلىپ 2005- يىلدىن كىيىن ئاساسى جەھەتتىن باشقا تىجارەتنىڭ يۇلىنى تۇتتى .
ھازىرقى تېرىچىلەر ئاساسى جەھەتتىن باشقا كەسىپ قىلاي دىسە ئەسلى قىمماي دىسە ئەسلى بىردە پايدا بىردە زىيان دەپ ئۈتىۋاتىدۇ . بۇ يىلىقى تېرىچىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك زىيان تارتتى . تاغاممۇ يىغقان تېرىسىدىن 150 مىڭدەك زىيان تارتقاننىڭ گىپى بار .
قايسى يىلى ئىكەنلىگى يادىمدا يوق بىر يىلىسى بىر قوي تېرىسى 200 يۈەنگە چىققان ھازىر 20 يۈەننىڭ ئۆپچۆرىسىدە سودا بۇلىۋاتىدۇ . خۇرۇم بازىرى قانچە ياخشى بولسا تېرىنىڭ باھاسىمۇ ئۈسىدۇ ئۇششاق تېرىچىلەرمۇ خېلى پۇللۇق بۇلۇپ قالىدۇ خۇرۇم بازىرى كاسات بولسا بار بولغۇلۇق ئۇششاق تېرىچىلەرگە بۇلىدۇ .

تېرىنى دانىلاپ سېتىۋېلىپ تۇزلاپ قۇرۇتۇپ ئاندىن زاۋۇتقا ئۆتكۈزىدۇ . چوڭراق تىجارەتچىلەر بولسا تېرىنىڭ مويىنى چۈشۈرۋېتىپ يېرىم خۇرۇم ھالىتىدە پىششىقلاپ ئاندىن زاۋۇتقا ئۆتكۈزىدۇ .
بەت: [1]
: بورتالا شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى