tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 18:15:51

يەسلىلەردە ھەق ھىساپلاشتىكى ئېنىقسىزلىقلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-11 18:18  

1.بىر قانچە كۇننىڭ ئالدىدا ئاپتۇنۇم رايوننىڭ يەسلى ھەقىنى چۇشۇرگەنلىك ھەقىدىكى بىر ئۇختۇرىشىنى ئېنىق كۆرگەن ئىدىم ، بۇگۇن مۇشۇ يازمامدا نەقىل كەلتۇرەي دەپ ھەر قانچە قىلساممۇ تاپالمىدىم ،بىزنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىمىز يەنىلا توختىماي غەيرەت قىلسا بولغۇدەك .

2. قومۇلدىكى مەلۇم بىر مەركىزى يەسلىدە بالىسىنى ئوقۇتىۋاتقان ئاكىمىز يەسلى ھەققى توغۇرسىدا سەل قايناپ قالدى .ئاكىمىزنىڭ دەپ بىرىشىچە ئۇ بالىسىنى قومۇلدىكى مەلۇم بىر مەركىزى يەسلىگە بەرگەن بولۇپ 2014 -يىلى 2-ئاينىڭ 26 -كۇنى ئوقۇش باشلاپ 6-ئاينىڭ 27 -كۇنى تەتىلگە قويۇپ بەرگەن ، بالىسنىڭ يەسلىدە ئوقۇش ۋاقتى تۆت ئاي بولغان بولسىمۇ ، ئوقۇش باشلانغان 2-ئايدا تۆت يېرىم ئايلىق ئوقۇش پۇلىنى  ئايلىقى 600 يۇەندىن بىر يولدىلا تاپشۇرغان جەمىئى 2700 يۇەن .كىيىن بۇ ئاكىمىز بۇ  ئارتۇق ئېلىنغان يېرىم ئايلىق پۇلىنى سۈرۇشتۇرۇپ كۆرگەن بولسىمۇ ۋاي بىز قاراپ باقايلى ، تەكشۇرەپ باقايلى دىگەندەك گەپلەر بىلەن تەتىل باشلىنىپ كەتكەن .

3. يەنە بىر ئىش ئۇكام دىدى بۇ ئاكىمىز ماڭا ئوڭايسىزلانغاندەك قاراپ قويۇپ  زاۋۇتتىن بىزگە پەقەت ئايدا بىر قېتىم مائاش بىرىدۇ ،  ئەمما يەسلىلەردە  بىر مەۋسۇملۇك پۇلنى بىراقلا يىغىۋالىدىكەن . ئايدا ئايدا تاپشۇرايلى دىسە قولايسىز ئۇ بۇ دەپ پەقەت ئۇنىمايدىكەن . يەسلى ئۆزىگە قولايلىق بولغاننى قىلامدۇ ياكى جاپاكەش ئاتا ئانىلارغا قولايلىق بولغاننى قىلامدۇ . ئۆزىڭىز بىلسىز ئۇكام ماۋۇ قومۇل دىگەن شەھەردە مال باھاسى پۇتۇن شىنجاڭ بويىچە ھەممىدىن قىممەت ، يەنىلا كۆپ قىسىم ئائىللەرنى ئويلۇشۇپ تۇزۇم چىقىرىلسا ياخشىتى دەڭا .
4.بەزى قوش تىللىق دەپ ئېچىۋالغان يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان خەنسو مۇئەللىملەركەن .سىنىپتىكى بالللارنىڭ ھەممسى ئۇيغۇر ، قانداقمۇ ئاشۇ ئۇيغۇر باللىرىنى ئوقۇتا دەيمەن بۇنداق سىنىپلاردا ، قېنى مۇئەللىمنىڭ كۆرۇكلۇك رولى

5. مېنىڭچە ئاخىرقى گىپىڭىز گە كەلسەك يەسلى مۇدۇرلىرى ئۇيغۇر يەسلى ئوقۇتقۇچى ئالمايدىغان ئوخشايدۇ . ياكى ئۇيغۇر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى سەپلەشكە قارشى ئوخشايدۇ ، مەن قومۇلدىكى بارلىق يەسلىلەرگە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئويغۇر ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ تولۇق سەپلىنىشنى تەلەپ قىلىمەن .
.ئەپسۇس توخوتۇر سەن پەقەت موشۇنداق توردا يېزىپ تەلەپ قىلالايسەن خالاس ،ئەمما بىرمۇ تەكشۇرۇپ نازارەت قىلىشقا ئامالسىزسەن ، يەسلىلەردىكى كام ئۇيغۇر يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى  تەكشۇرەشكە ، شەھرىمىزدىكى يەسلىلەردە مۇسۇلمانچە تاماق ئېتىلۋاتقان ئېتىلمەيۋاتقانلىقىنى تەكشۇرۇشكە ئامالسىز ،

.ھەي دەرىخ !!! ھەي نازارەت پالەچلەنگەن قومۇل !

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 19:35:55

يەسلىگە خالىغانچە كىرگىلى قويمىسا،

تاماقنىڭ مۇسۇلمانچە ياكى ئەمەسلىكىنى يەسلى ئامانلىق قوغدىغۇچىسى بىلەمتىكىن. ھۆكۆمەتتىن ئايلىق ئالىدىغانلار راس گەپ قىلمايدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 00:15:26

ئۈستىدىكى گەپ ئېشىپ كېتىپتۇ جۇما

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 07:22:12

بىزنىڭ بۇ يەردە بىر بالا ئۈچۈن ئايلىقى 200 يۈەن، مەن ياخشىراق قارىسۇن دەپ شەخسى ئاچقىنىغا ئاپىرىپ بەردىم، ئايلىقىغا 500 يۈەن تۆلىدىم بۇ يىل...
بەت: [1]
: يەسلىلەردە ھەق ھىساپلاشتىكى ئېنىقسىزلىقلار