tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 16:38:17

قان ئازلىق ۋە ئۇنىڭ داۋالىرى

قان ئازلىق مۇستەقىل بىر كېسەل بولماستىن ،ئۇزۇقلىنىش ناچار بولۇش، كۆپ قان يوقىتىش، قان ئىشلىگۈچى ئەزالار خىزمىتى چېكىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن قان سۇيۇقلۇقىدىكى بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى قان قىزىل ئاقسىلى، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە بېسىلىش ھەجىمى نورمال ھالەتتىن ئازىيىپ ، چىراي تاتىرىش، باش قېيىپ، كۆز قاراڭغۇلىشىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە ئەگىشىپ كېلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىدىن ئىبارەت.
تۆۋەندە بەزى داۋالاش چارىلىرىنى تۇنۇشتۇرىمىز:
مېۋىلەردىن تاتلىق ئانار سۈيى، خوتەننىڭ قىزىل ئۈزۈمىنىڭ سۈيى ،بىھى سۇلىرىنىڭ قان تولۇقلاشقا پايدىسى بار.
تۈمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا قارىتا پاكىز پولات ياكى تۈمۈرنى قىزىتىپ سۇغا چۈكۈرۈپ ۋە بۇنى تەكرار داۋاملاشتۇرۇپ ،سۈيىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
مەجۈنى خۇبسىلھەدىد دېگەن دورا تۈمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ياخشى دورىسى ھېسابلىنىدۇ.
ھەزىم ئاجىزلىقى سەۋەب بولغان بولسا نارپىننە شەربىتى، ئامىلە نۇشدارى، ئامىلە نۇشدارى لۇلۇۋى، قىزىلگۈلقەنت پىننە گۈلقەنت، جاۋارىش مەرۋايىت قاتارلىقلار ياخشى پايدا قىلىدۇ .
سۇغۇقلۇق ۋە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن بولسا مادەتۇلھايات كەبىر، زەبىب شەربىتى،رەيھان شەربىتى ،مۇرەككەپ ھەسەل سۈيى قاتارلىقلار ياخشى پايدا قىلىدۇ.
بەدەننىڭ ئىمۇنت كۈچى تۆۋەنلىكتىن بولغان بولسا چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى، يىلىك، زەڧران قۇۋۋەت جەۋھىرى ، لوبوبى سەغىر قاتارلىقلار ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
يۈرەك –مېڭە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان بولسا داۋائىلمىشكى، ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىق دورىلار ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆپ قان يوقىتىشتىن بولغان بولسا ، مەجۈنى خۇبسىلھەدىد، ئامىلە نۇشدارى لۇلۇۋى، ئانار گۈلقەنتى، ئانار شەربىتى، قۇرسى جاۋارىش ئامىلە، قۇرسى كەھرىۋا ، ئەنجىباھار شەربىتى قاتارلىقلار ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئومۇمەن كېلىپ چىققان سەۋەبىگە قارىتا قائىدە ۋە تەرتىپ بويىچە داۋالاش ئېلىپ بارسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تادۇبەگ شىپاخانىسى http://www.elshipa.com/
تادۇبەگ ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىپ قۇيۇڭ
سالون ئىزدەش  نامى : TADUBAG

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 17:42:03

تادۇباگ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 18:28:16

ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق ئىشىپ كەتسە قايسى دورا مەنپەئەت قىلىدۇ؟

saba يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 19:16:34

مەجۈنى خۇبسىلھەدىد دېگەن دورا تۈمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ياخشى دورىسى ھېسابلىنىدۇ

   ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ، تىما  ئىگىسى ،بۇ  دورا  سىزدە بولسا ،مەن  سېــتىۋالاتتىم ،مەندىمۇ مۇشۇ  ئەھۋال  باتـتى...........

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 19:27:26

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 19:36:39

بالىلاردىكى بۇرنى قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بالىلاردىكى بۇرنى قاناش بۇرۇن كېسەللىكلىرى تۈردىكى بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ ، ئۇ كېسەللىك ئىسمى ئەمەس . ئادەتتە بۇرۇن ، بۇرۇن كاۋاكچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەزالارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ، سىرتقى زەخمە ، يۇقىرى قان بېسىم ھەمدە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىق ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىك بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر . بۇرۇن قاناش بۇرۇن كېسەللىكى ئىچىدىكى جىددى خاراكتېرلىق كېسەللىك تۈرىگە تەۋە بولغاچقا كىلىنىكىدا ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ۋە قاناش مىقدارىغا ئاساسەن چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن شۇنىڭغا مۇناسىپ چارە كۆرۈپ ئوخشاش ئەھۋالنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . بالىلاردىكى بۇرۇن قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا ئۈنۈملۈك بولۇپ ، تەخمىنەن %90 قاناشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تىزگىنلىگىلى بولىدۇ .
بىرنچى ، قىسمەن ئامىللار
1.قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغى : بالىلاردىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەپ . بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسى قۇرغاقلىشىش نەتىجىسىدە ، قان تومۇرلار چۈرۈكلىشپ چوڭ تەرەت قىلغاندا ، چۈشكۈرگەندە ، ئۇخلىغاندا قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى توغرا ئوزۇقلانمىغانلىقتىن بولۇپ مەسىلەن ، كۆكتات يېمەسلىك ، سۇنى ئاز ئىچىشتىن پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى كىلىنىكىدا توقسان پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ .
2.بۇرۇن تۆشۈكچىسگە نەرسە كىرىپ قېلىش ياكى بۇرنىنى كوچىلاش : ئىككى ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار بۇرنىنى كوچىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى بىر نەرسىلەرنى بۇرنىغا تىقىۋالىدۇ بۇ خىل ئەھۋالمۇ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇنىڭدا قان ئاز چىقىدۇ لېكىن بۇمۇ كىلىنىكىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
3.سىرتقى زەخمە : بۇمۇ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكنىڭ بىرى بولۇپ بالىلار جىم تۇرمىغاچقا تولا ئىش چىقىدۇ ، يەنە كېلىپ بۇرۇن يۈز قىسمىدىكى ئاجىز ئورۇنغا جايلاشقان بولغاچقا بىر يەرگە تەگسىلا قانايدۇ ، زەخمە ئېغىر بولغانسېرى قان شۇنچە كۆپ چىقىدۇ . ئۇندىن باشقا دوختۇرخانا شەكىللەندۈرگەن سىرتقى زەخمە يەنە بۇرۇن ئەينىكى ئوپراتسىيىسدە بالىلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنىڭ كىچىك بولۇشى سەۋەبىدىن ئەگەر ئوپېراتسىيىدە سەللا دىققەت قىلىنمىسا كۆمۈرچەك ياكى كېپىنەكسىمان سۆڭەكنىڭ سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قاناش ياكى قان ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4.بۇرۇن قىسىمدىكى جىددى ياكى ئاستا خاراكتېرلىق ياللۇغلىنىش .
5.بۇرۇن كاۋاكچىسى ئۆسمىسى : بۇ خىل ئەھۋال بالىلاردا ئاز كۆرىلىدۇ . سەككىز ياشتىن يىگىرمە ياشقىچە بولغان ئوغۇللاردا كۆپرەك بولىدۇ ، قان كۆپ چىقىدۇ ، تۇيۇقسىزلا كۆرىلىدۇ .
ئىككىنچى ، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىق ئامىللار
1.قاندىكى كېسەللىك : يەنى ئىرسىيەت خاراكتېرلىق ئاسان قاناش كېسىلى ، ئاق قان كېسىلى ، قان پلازمىسى كېمىيىپ كېتىشتىن بولغان سۆسۈن داغ كېسىلى . قايتا ئىشلەپ چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچىراشتىن كېلىپ چىققان قان كەملىك قاتارلىق كېسەللىكلەر . بۇنىڭغا قان تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق دىئاگنۇز قويغىلى بولىدۇ .
2.جىددى قىزىتما خاراكتېرلىق كېسەللىكلەر : كېسەللىك مىكرۇپىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ، قىزىتمىلىق قاناش ،  قىزىل چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بەدەندىكى قىزىش قان تومۇرلارنىڭ نېرۋا ئىقتىدارغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىدىن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3.ئوزۇقلىنىش توسالغۇغا ئۇچراش ياكى ۋىتامىن كەمچىل بولۇش : مەسىلەن ۋىتامىن س ، ك ، پ كەم بولۇش ، ۋىتامىن س قان تومۇرلارنىڭ راۋانلىقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق . ۋىتامىن ك قان ئۇيۇتقۇچى فېرمېنتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئۇ كەم بولسا بۇرۇن ئاسان قانايدۇ . بالىلاردىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تاماق تاللاش ئوزۇقلىنىش توسالغۇغا ئۇچراشنى ۋە مىكرو ئىلمىنتلار كەمچىل بولۇشنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاسالىق سەۋەپ .
4.پۈتۈن بەدەندىكى ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىكلەر : مەسىلەن يۇقىرى قان بېسىم ، جىگەر ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار قاننىڭ ئۇيۇشۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بىراق بۇ خىل كېسەللىك بالىلاردا ئاز كۆرىلىدۇ .
5.ئىرسىيەت خاراكتېرلىق كېسەللىكلەر : بۇ خىل كېسەللىك بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى ئىرسىيەت خاراكتېرلىق قىل قان تومۇرلار كېڭىيىش كېسىلى ، ئوسلېر كېسىلى ،خروموسوما ئىرسىيەت كېسەللىكى قاتارلىقلار .
ئۈچىنچى ، جىددى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
بۇرۇن قاناشنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى ھەر خىل ، ئۇنۋېرسال داۋالاش زۆرۈر بولسىمۇ لېكىن ئەڭ ئاۋال قاننى دەرھال توختىتىپ ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر . بالىلارنىڭ بۇرنى قانىغاندا چوڭلار ئۆزى بەكرەك  ھودۇقۇپ كەتمەستىن بالىنى تىنچلىنىشقا يىتەكلەشى كېرەك ، كەيپىيات تىنچلانسا قاننىڭ مىقدارىمۇ ئازلايدۇ . بالىنى ياتقۇزماسلىق كېرەك ، تىك ئولتۇرغۇزۇپ قاننى يۈتۋالماسلىقى ئۈچۈن بېشىنى ساڭگىلتىۋالسا بولىدۇ ، ئاغزىغا بوغۇزىغا كىرىپ كەتكەن قاننى ئامال بار تۈكۈرۈپ چىقىرۋەتسۇن ، بولمىسا ئاشقازانغا تەسىر قىلىپ ياندۇرۋىتىشى مۇمكىن .باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقتا بۇرۇننىڭ ئۇچىنى سىقىپ تۇرۇپ ئوتتۇرا قىسىمنى ئون مىنۇتتىن ئونبەش مىنۇتقىچە بېسىپ تۇرۇش ، ئارىلىقتا قولىنى قويىۋەتمەسلىك كېرەك ، شۇنىڭدا قاننى بېسىپ توختاتقىلى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا لۈڭگىنى سوغۇق سۇغا چىلاپ پېشانە ۋە بويۇن ئارقىسىغا قويۇش ئارقىلىق قان تومۇرلارنىڭ تاريىشىدىن قاننىڭ چىقىشىنى ئاستىلىتىش كېرەك .  بۇ خىل ئۇسۇلدا كۆپىنچە بالىلارنىڭ بۇرۇننىڭ قانىشى توختايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىققان قاننىڭ مىقدارىنى مۆلچەرلەپ بېقىپ قان كۆپ چىققان ياكى قان توختىمىغان بالىلارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك . ئەگەر بىھوشلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بېشنى تۆۋەنرەك قىلىپ تۈز ياتقۇزۇپ ياكى بېشىنى يانتۇ قىلىپ ياتقۇزۇپ دەرھال ئەڭ يېقىن جايدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .
تۆتىنچى ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بالىلاردىكى بۇرۇن قاناش كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا بۇرۇن كاۋاكچىسى قۇرغاقلىشىش ، يېپىشقاق پەردە زەخىملىنىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقسىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بالىنىڭ كۈندىلىك ئۇزۇقلىنىش ، تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، جۇڭيى تىبابىتىدە ئېيتىلغان قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان قاناش كۆپىنچە مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ .شۇڭا ئادەتتە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولۇپمۇ توم تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىش ،سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك .پارچە يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ، ئىچىملىكنى قايناق سۇنىڭ ئورنىدا ئىچمەسلىك كېرەك . كۈنگە بىر قېتىملىق چوڭ تەرەت قىلدۇرۇش ، تەرىتىنىڭ قۇرغاق ياكى ئەمەسلىكگە دىققەت قىلىش . بۇرنىنى كۆچىلاشقا يول قويماسلىق ، بۇرۇن ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ياكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىق كېسەللىك بولسا دەرھال ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 08:34:48

begtash يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 18:28 static/image/common/back.gif
ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق ئىشىپ كەتسە قايسى دورا مەنپەئەت قىل ...

سۇغۇقلۇق ۋە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن بولسا مادەتۇلھايات كەبىر، زەبىب شەربىتى،رەيھان شەربىتى ،مۇرەككەپ ھەسەل سۈيى قاتارلىقلار ياخشى پايدا قىلىدۇ.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 08:37:07

مەنمۇ قان ئازلىقتىن باشئاغرىقى،باش قېيىشلاردىن قىينىلىنىپ قالغاندا تۇخۇم ،سۈت ،شىكارنى قاينىتىپ ئىچىمەن بەك ياخشى ئۈنۈمى .    قان ئازلىق بالار    ئۆزىگە مۇناسىپ دورىنى سىناپ تاپسا بۇلىدۇ .

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 13:38:13

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-08-12 08:34:48 static/image/common/back.gif


سۇغۇقلۇق ۋە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن بولسا مادەتۇلھايات ك
ماددەتۇل ھايات بىلەن ماددەتۇل ھايات كەبىر ئوخشاشقۇ ھە؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 12:18:15

بىر خىل دورا ئىككى خىل نۇسخا .
بەت: [1]
: قان ئازلىق ۋە ئۇنىڭ داۋالىرى