بالىڭىزغا كارتون تەۋسىيە قىلاي
ئىسمى :Shaun The Sheepخەنزۇچە ئىسمى:小羊肖恩
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2007-يىلى
چىقارغان شىركەت:BBC
دۆلىتى:ئەنگىلىيە
قىسىم سانى : 80 قىسىم 2بۆلۈم
ھەر بىر قىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى : 7 مىنۇت
ئاساسلىق مەزمۇنى : ھەر بىر قىسمى 7مىنۇت بولسىمۇ ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىر ئۆي ئىتىنىڭ ئاليجاناب روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىگەن، ئەنگىلىيەدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانى تەسۋېرلەنگەن ، بىر توپ قويلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى ، قىززىقالىق سەرگۈزەشتىلىرى ، ئۈچ تال چوشقىنىڭ ئەسكىلىكرى تەسۋېرلەنگەن ، بۇ كارتون مول بولغان ئاددى فىزىكا بىلىملىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەقلىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولغۇسى
كارتوندىن ئارىيە:
http://player.youku.com/embed/XMjg0MzY0OTcy
http://player.youku.com/embed/XMjg0Mzc4NzE2 ئۇيغۇرچە تىللىقمۇ ياكى.......ئىنگىلىز تىلدىمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-11 14:45
گاچا تىياتىر شىياڭياڭنىڭكىدىن نوچىيكەن... http://www.xuandy.com/movie/35576.html
بۇ بەتتە 1-بۆلۈمدىن 3-بۆلۈمگىچى تولۇق چۈشۈرۈش ئادىرىسى باركەن ، شۇڭا قالدۇرۇپ قويدۇم . مەنمۇ بالىلىقىمدا ياپۇنيەنىڭ ئەقىللىق يىشونى بەكلا ياختۇرۇپ كۆرەتتىم،مانا ھازىرمۇ بالىلار شۇ فىلىمنى ياختۇرىدىكەن..
ئەگەر بالامنى جەسۇر،قەيسەر،قورقۇمسىز،ئەقىللىق قىلىپ تەربىيەلەيمەن دىسىڭىز توم سويېرنىڭ سەرگۈزەشتىسى ناملىق بالالىر چۆچىكىنى ئېلىپ بىرىڭ،يەنە ئەقىللىك يىشو پىلاستىنكىسىنى ئېلىپ بىرىشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.
يوقارقى كارتۇنمۇ بولىدىغاندەك قىلىپ تۇرىدۇ، لىكىن ئىنگىلىز تىللىق بولسا قانداق چۈشەنگىلى بۇلۇركىن؟ anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 14:12 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بالىلىقىمدا ياپۇنيەنىڭ ئەقىللىق يىشونى بەكلا يا ...
گاچا تىياتىر بۇ مېنىڭ بالاممۇ بۇ كارتۇن فىلىمنى كۆرۈشكە ئامراق. دوستلار ياخشىراق كارتون فىلىم، بولسا تەۋسىيە قىلڭلار.مەسلەن ياپۇنىيەنىڭ نەرسە ئارىيەت ئالغۇچى پاپا ئەررېتى « 借东西的小人阿莉埃蒂» دەك. بۇنىڭدىكى چوشقا ئوبرازى ئىچى تار، ھەسەتخور ھەم دۆت قىلىپ تەسۋېرلەنگەن . بالىلىرىمىز كۆرسە چوشقىنى قوبۇق قىلىدىغان ئەمەس بەلكى ئۇلارغا تەبىئي ئۆچ بولۇپقىلىشى تۇرغان گەپ . بۇ فىلىم شۇ 3 -6 ياشقىچە بالىلارنىڭ پىسخىكىسى قوبۇل قىلالايدىغان ، ھەرقاندان مىللەتتىكى بالىلار كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ ئىشلەنگەن ، ئاساسەن دىئالوگسىز . مىنىڭ بالام كۈندە كۆرسە زېرىكمەيتى ، ئالاھەزەل 2.5 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ بىر يىلچە كۆردى . ھازىر باشقا كارتونلارغا ئۆتتى :lol بىزنىڭ ئۆيدە چوڭ كىچىك ھەممىمىز 海绵宝宝 نى كۆرىمىز، ئىشقىلىپ بەك سەت ماز قوچاقكەن، يىغلاپ قالسا شۇنى قويۇپ بېرەيمۇ دېسەم ھە ماقۇل دەيدۇ، يىغىسى پەس بولسا ماقۇل دەپ قويۇپ بېرىدىكەنمەن. يېقىندا ئۆمۈچۈك پالۋانغا ئامراق بولۇپ قالغان، قويۇپ بەرسەم خېلى قىزىقىپ كۆرۈۋاتاتتى، سەلبى ئوبرازلار بەك قورقۇنۇشلۇق تۇيۇلغان چېغى پەقەت كۆرگىلى ئۇنىمىدى. تېمىدىكى قوينىڭ قوچىقىنىمۇ كۆرۈپ باققان، 海绵宝宝 دەك ياقتۇرمىدى ئۇنى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-11 18:01
rock يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 15:09 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ئۆيدە چوڭ كىچىك ھەممىمىز 海绵宝宝 نى كۆرىمىز، ئىشقى ...
تېلفۇنۇمنىڭ سايرايدىغان مۇزىكىسىنى شۇ كارتوننىڭ ئاياقلىشىش مۇزىكىسىغا تەڭشىۋالغان..
خېلى بوپ قويدىغان قونچاق بۇ.
شى ياڭ ياڭ خۈي تەيلاڭ، خاپانباش بالا چۈمۈشباش دادا دىگەندەك قونچاقلاردىن نوچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tebessum331 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-11 18:38
مېنىڭ بالاممۇ بەك ئامراق بۇ كارتوننى كۆرىدىغانغا، پەقەت زېرىكمەيدۇ قايتا-قايتا كۆرسىمۇ.
يەنە بىر كارتون ئۇچراپ قالغان بىر چاغدا ، ئېسىمدە قېلىشىچە بىر قوزىچاق، بىر كۈچۈك، بىر ئاسلان ،بىر چوشقا كۈچۈكى،بىر مۈشۈكياپىلاقنىڭ بالىسىمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداقراق بىر قۇشمۇ بار بىر نەچچەيلەن بىر يەسلىدە ئوقۇيدىغان كارتون بولۇپ بالىلارغا ھەمكارلىشىش ، ئۆز ئارا يول قويۇش، ھۆرمەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىشتە ياخشى ئۇستاز بولالايدىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇنىڭدىمۇ چوشقا كۈچۈكى بەك كالامپاي، دۆت چىقىپتىكەن. ئەپسۇسكى چۈشۈرەلمەي قالغانتىم. كارتوننىڭ ئىسمى
小小羊提米 ئىكەن.
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 14:45 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بالاممۇ بۇ كارتۇن فىلىمنى كۆرۈشكە ئامراق. دوستلا ...
مۇشۇ كارتون فىلىمنىڭ رېژىسورى ئىشلىگەن باشقا كارتونلارنى كۆرۈپ بېقىڭ، بىر بىرىدىن پەيزى، رېژىسورى:Miyazaki Hayao، خەنزۇچە ئىسمى 宫崎骏
بۇ رېژىسور ئىشلىگەن كارتون فىلىملەردىن «خوۋلىسنىڭ كۆچمە قەلئەسى(Howl's Moving Castle)»، «كۆكتىكى قەلئە (Castle in the Sky)» ۋە «Spirited Away» قاتارلىقلار ئەڭ پەيزى. رەھمەت چۈشۈرۋالدىم. ئېسىل كارتون بۇ. جەمئىي 3 بۆلۈم ھەر بىر بۆلۈمى 20 نەچچە قىسىمغۇ دەيمەن. مەندە 720P نۇسىخىسى تولۇق بار ئىدى. بالام بەك كۆرىدۇ ھازىرمۇ. ئىشقىلىپ يەنىلا چەتنىڭ كارتونلىرى نوچى جۇمۇ. شى ياڭ ياڭ دېگەن قوزا بىلەن بۆرىنىڭ جىدىلىنىڭ بالىلارغا سالىدىغان زىيىنىنى يۇيىدىغانغا «سوپۇن» تەييارلاپ قويۇڭلار بىغەم ئاتا- ئانىلار!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Kanji تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 14:05
. anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 14:12 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بالىلىقىمدا ياپۇنيەنىڭ ئەقىللىق يىشونى بەكلا يا ...
توم سويىرنىڭ سەرگۈزەشتىسى قايتا نەشىر قىلىندىمۇ؟ئۇيغۇرچىسى بەك بۇرۇن نەشىر قىلىنىپتىكەن مەن خېلى كۆپ كونا كىتاپچىلاردىن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، ئۇ كىتابنىڭ قوشمىقى بولغان خاك فىننىڭ سەرگۈزەشتىسىنى تاپتىم، يەنە بىلمەسجاننىڭ ئۇيقۇ شەھرىگە، گۈلزارلىق شەھرىگە ساياھىتى قاتارلىق كىتابلارنىمۇ تاپقىلى بولمىدى. qetiq يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 20:51 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كارتون فىلىمنىڭ رېژىسورى ئىشلىگەن باشقا كارتونل ...
رېژىسورى:Miyazaki Hayao مىيازاكى ھاياۋ خەنزۇچە ئىسمى 宫崎骏
بۇ رېژىسور ئىشلىگەن كارتون فىلىملەرنى ئاساسەن كۆرۈپ بولدۇق. ياخشىلىقىغا گەپ كەتمەيدىكەن.بۇلار ئاساسان كىنو شەكلىدە ئىشلەنگەن ئىكەن.
بەت:
[1]