tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 09:21:52

سىمسىز زەرەتلەش پىرىنسىپى

يىقىندا ئاخبارات ۋاستىلېرىدە يانفوننى سىمسىز زەرەتلەش دىگەندەك ئاتالغۇلار كۈپىيىپ قالدى،بۇغۇ بەلگىلەنگەن كىچىك دائىرە ئىچىدە بۇلىدۇ،مىكرو دۇلقۇنلۇق ئۇچاق بۇنىڭ ئاساسى بۇلالايدۇ. يىقىن يىقىندا يەنە يۇقىرى بىسىملىق سىتولبا يىنىدا تۇرۇپ ئىلىكتىر ئىقىمى ھاسىل قىلغان ماگىنىت مەيدانىدىن پايدىلنىپ زەرەتلەش دەيدىغان ئاتالغۇ مەيدانغا كەلدى...
ئەمىليەتتە بۇ ھەرگىزمۇ يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۇقۇم ئەمەس.ئىلىكتىر رىمونتچىلىق كەسپى ئۈگەنلەرنىڭ تەڭدىن-تۇلىسىدا رادىئو سىگنالىغا ئوخشاش كۈچلۈك سىگنال تارقىتىپ شۇ سىگنالنى مەنبە قىلىپ ماڭىدىغان ماشىنا ئايرۇپىلانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش تەسەۋۋۇرلېرى تۇغرىلىق مۇنازىرىلەر بۇلۇپ تۇرىدۇ.
ئۇنداقتا ئالدى بىلەن رادىئو سىگنالىنىڭ ھاسىل بۇلىشىغا قاراپ باقايلى؛

يۇقارقىسى چاستوتىسى تىزگىنلىنىدىغان 88-108 مىگا گىرتىسلىق كىچىك رادىئو سىگنا لى ھاسىل قىلغۇچنىڭ توك يۇلى ئىسخىمىسى بۇلۇپ مەخپى تىڭشىغۇچ،سىمسىز مىكرافون قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ توك يۇلىدا ئىككىنچى لامپا(تەۋرىنىش لامپىسى) يۇقىرى( 88-108 مىگا گىرتىس ئەتراپىدا تۇشۇغۇچى سىگنال) تەكرارلىق سىگنال ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ.C2 دىن كەلگەن 10-20000گىرتىسلىق ئاۋاز تەكرالىقتىكى سىگنال تەۋرىنىش لامپىسىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىنىڭ تۇكىنى چوڭ-كىچىك ئۆزگەرتكەندە تەۋرىنىش چاستوتىسى بەلگىلىك دائىرىدە يۇقىرى-تۈۋەن ئۆزگىرىپ لامپىنىڭ يىغقۇچى قۇتۇبىدىكى تەۋرىنىش ئورامىدىكى ئانتىنا ئارقىلىق ئەتراپقا تارقىلىدۇ.تەۋرىنىش ئورامىنىڭ تۇلىسى 0.38-0.56 دىئامىتىرلىق مىس سىمنى 3مىللىمىتىر دىئامىتىرلىق تاياقچە ئۈستىگە 5-12 ئورام ئورىلىپ ياسىلىدۇ.يۇقارقى ئسخىمىدىكىسى ئىككى ئورامدىن بىر ئۇچ ئانتىناغا ئۇلانغا.يەنە 6-8ئورام ئورىلىپ توك مەنبەگە ئۇلىنىدۇ.
ئادەتتە داغمال ئىشلىتىشنى بىلىدىغانلار بىرقىسمىنى قىسقارتىپ رەڭلىك سىزىق بۇيىچە ئاددىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ باقساڭلار بۇلىدۇ.بەك ئاسان ،بىر تەرەپتىن مىكرافونغا سۆزلەپ تۇرۇپ رادىئونىڭ FM قانىلىدا ئاستا ئايلاندۇرۇپ تارقاتقان سىگنالىڭلارنى تاپالايسىلەر...
زەرەتلىگۈچ:ھەممىڭلار رادىئونىڭ توك مەنبە بولمىسا ئوزىلدىن بەرگەن پىرگۇراممىلارنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.بۇرۇن بىر خۇىزۇمۇ-خەنزۇمۇ؟بىرسى بەيدۇ ئارقىلىق مەندىن؛بىزنىڭ بۇيەردە ماگىنىتلىق تاغ بار،50مىتىر ئۇزۇنلۇقتا مىس سىمنى ئۇيەردە قۇيۇپ قويسام قانچە ۋولىت توك ھاسىل بۇلىدۇ؟50 كىلوۋات توك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سىم دىئامىتىرىنى قانچىلىك ئۆلچەمدەقىكىلسام بۇلىدۇ؟ دەپ سورىغاندامەن:سىمنى تۈمۈر رام بىلەن ئىككى بىشىغا چاق ئورنىتىپ شۇجايدا يۇقىرى سۈرئەتتە ھەركەتلەندۈرسەڭ توك ھاسىل بۇلىدۇ،ئۇنىڭدىن كۆرە ماگىنىتنى سىلىقلاپ ماگىنىتلىق گىنراتور ياساپ توك چىقارساڭ ئۈنۇمى يۇقىرى بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن.
مىكرو دۇلقۇنلۇق ئۇچاق ئۈستىگە تۈمۈر تاختىنى قويسىڭىز ئىندوكسىيلىك توكنىڭ تەسىرىدە تۈمۈر قىزىيدۇ.

سىم ئورامنى قۇيۇپ سىم ئورامنىڭ ئىككى ئۇچىغا ۋولفىراملىق لامپۇچكىنى ئۇلىسىڭىز (دىققەت قىلىڭ،قۇۋۋىتى ۋە چاستوتىسى يۇقىرى بولغاچ 10-5ئورام بولسىلا بۇلىدۇ) لامپۇچكا يورۇيدۇ.
ئاپتۇبۇستا ئىشلىتىلىدىغان كارتا،تورخانىلاردا ئشلىتىدىغان كارتىلاردا ئاللىبۇرۇن بۇخىل تېخنىكا ئىشلىتىلگەن.(ئىشلەتمەيدىغان،بۇزۇلغان) كارتىنىڭ ئىچىىگە قاراپ بىقىڭ...
ئەمدى شۇنى كاشلا سىگنالى تۇسۇش پەردىسى،زەرەتلىنىپ بولغاندا سىگنال چىقىرىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىپ يانفوننىڭ كەينىگە ئورنىتىپ قويغان گەپ خالاس...ئاندىنتارقىتىلغان سىگنالنى قۇبۇل قىلغان ئانا بالىغا تەمىنلەۋاتقان يۇقىرى چاستوتىلىق ماگىنىتلىق سىگنالنى ئاپتۇماتىك تۇختىتىدۇ .
سىتولبا يىنىدىكى كېرەكسىز دۇلقۇندىن پايدىلىنىش پەقەت مەخسود خادىملار قاتلىنىدىغان سىم ئورام گۇرۇپپىسىدىن پايدىلىنىپ زەرەتلەشنى ئىشقا ئاشۇرسا بۇلىدۇ،ئادەتتىكى پۇخرالارغا كەلسەك بۇ بىر(ئىشىكىدىن تۇقۇمى قىممەت ) ئاۋارىچىلىك،كىيىنمۇ سۇنداق.تەرەققىيات بوشلۇقى يوق دىيەرلىك بىر ئىش.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىنچە توك ئۇزىتىشتا تۇراقلىق توكقا ئۆزگەرتىلىپ ئۇزىتىلىش ئېھتىماللىقى بەك چوڭ بۇلۇپ، بۇنىڭدا توكنىڭ ئۈتكۈزگۈچ سىمدا ئىسراپ بۇلىشى ئىنتايىن تۇۋەن...ھەم كېرەكسىز ماگىنىت مەيدانى يوق دىيەرلىك بۇلۇپ قالىدۇ...
ئاپتورى؛ئابلىمىت مەمەت
مەنبە:توردالاشلار تورى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 13:24:56

بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۈستىدىلا بار ئىدى يۇقرى بېسىملىق توك سىمى، لېكىن بولمايدىكەندە.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:27:41

ئابلىمىت مەمەت مۇشۇ مۇنبەردە بارغۇ ........
@ablimitt  

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:36:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-13 10:09  

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 09:27 static/image/common/back.gif
ئابلىمىت مەمەت مۇشۇ مۇنبەردە بارغۇ ........
@ablimitt

  ئۇ تىمىنى يازغان ۋاختىمدا مەن تىخى ئىزدىنىش تورىغا ئەزا بولمىغان ئىدىم، كىيىن ئەزا بۇلۇپ بىر قىسىم تىمىلېرىمنى چىقىرىپ قويغان، بۇ تىمىنى چىقارماپتىكەنمەن. بۇ توردىشىمىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تىمىنى يوللاپ قويغىنىغا رەھمەت، مىنىڭ تىمىلېرىمنى ۋاقىت چىقىرالايدىغان تورداشلار ئاپتورنى ئەسكەرتمىسىمۇ مەنبەسى ئەسكەرتىپلا خالىغان مۇنبەرگە يوللىسا بۇلىۋېرىدۇ، تىمىلارنى مۇناسىۋەتلىك ماتىريال ئىزدىگەنلەر پايدىلىنىپ قالسا دىگەن ئۈمىتتە يازغان ئىدىم.
  ئىلىكتىر كەسپىگە قىزىقىدىغان تورداشلار ئىلىكتىرون ھەۋەسكارلېرى تورىغا مەرھەممەت!...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:39:33

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 13:24 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۈستىدىلا بار ئىدى يۇقرى بېسىملىق توك سى ...

بۇلىدۇ، ئەمما ئۈنىمى بەك تۈۋەن، 0.21 دىئامىتىرلىق سىمدىن ھارۋا چاقىدەك چوڭ يۈلۈك قىلىپ ئوراپ مەلوم بىر تال يۇقىرى بىسىملىق سىم تەرەپتىن بىر يېرىم مىتىردىن تۈۋەن ئورۇنغا قۇيۇپ قويسا بىر يانفوننى بىر كۈندە ئاران زەرەتلەپ بۇلالايدىغان توك چىقىشى مومكىن.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 14:12:06

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 09:39 static/image/common/back.gif
بۇلىدۇ، ئەمما ئۈنىمى بەك تۈۋەن، 0.21 دىئامىتىرلىق سىمد ...

بولسا تەپسىلىيرەك دەپپەرگەن بولسىڭىز، ئۆيدە توك يوق، ئىلىكتىر شىركىتى تېخى توك تارتمىدى بىزنىڭ مەھەللىگە، لېكىن بىزنىڭ ئۆگزىنىڭ ئۈستىدىلا يۇقرى بېسىملىق توك سىمى بار، بىكار ئىسراپ بۇلۇپ كەتكەندىن ئاشۇنچىلىك بولسىمۇ توك چىقارساق بولغىدەك...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 15:10:11

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 14:12 static/image/common/back.gif
بولسا تەپسىلىيرەك دەپپەرگەن بولسىڭىز، ئۆيدە توك يوق، ...

ئىشىكىدىن تۇقۇمى قىممەت دىگەندەك بۇلىدۇ ئاداش، ئۇنچە مىس سىم سىتىۋالغان پۇلغا قۇياش باتارىيسى سىتىۋالسىڭىز ياخشىراق.
  ماگىنىت ئۇچاقنىڭكىدەك ئورام تەييارلاپ ئىككى ئۇچىدىن ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بىلەن توك رەتلەپ ئاندىن ئىشلىتىسىز. ئورام سىم  ۋىلسىپىت چاقچىلىك بولغاندا ئاندىن بۇلىدۇ.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 15:38:52

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 15:10 static/image/common/back.gif
ئىشىكىدىن تۇقۇمى قىممەت دىگەندەك بۇلىدۇ ئاداش، ئۇنچە ...

زادى ئىشىكىدىن تۇقىمى قىممەت ئىشكەن بۇ، ھازىر مىس سىمنىڭ باھاسى قىممەت تۇرسا.
رەھمەت سىزگە ئاۋارە قىلدىم..
بەت: [1]
: سىمسىز زەرەتلەش پىرىنسىپى