tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 09:09:42

يوقالغان سايە(مىكرو ھېكايە)

يوقالغان سايە(مىكرو ھېكايە)
رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدا بىر كىچىك بالا ئوڭ-سول،ئالدى-كەينىگە يۈگۈرۈپ سايىسى بىلەن
ئوينىماقتا .تۇيۇقسىز ئۇنىڭ سايىسى يوقاپ كەتتى،ئۇ يولدا ئويناۋاتقان يەنە بىر بالىدىن ئۆزىنىڭ سايىسىنى تېپىپ بېرىشىنى ئۈتۈندى،بالا ئۇنىڭ ئەتراپىنى بىر نەچچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن ھودۇققىنىچە كېتىپ قالدى بالىنىڭ سايىسىمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولدى.
كۈنلەرنىڭ كەينىدىن ئايلار،ئايلارنىڭ كەينىدىن يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ مەنسەپكە ئولتۇردى.بۈگۈن كەچتە رەڭگارەڭ چىراغلار ئورنىتىلغا كوچىدا تەنھا كېتىۋاتقان ئۇ تۇيۇقسىز ئۆز سايىسىگە سەپ سالدى،بىراق سايىسى كۆرۈنمىدى،_"توۋا بۇ قانداق ئىش؟ كىچىكىمدە دائىم سايەمنى قوغلۇشۇپ ئوينايتىم،ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىگىنىنى! دەپ پىچىرلىغىنىچە قايتىدىن سايىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. سايىسى يەنىلا كۆرۈنمىدى.سايەم قاياقلارغا غايىپ بولغاندۇ ؟بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر سوراپ باقمايمۇ؟دېگەن خىايللار بىلەن ئاشنىسىنىڭكىگە قاراپ يول ئالدى.
ئۇ ئاشنىسىغا ئۆزىنىڭ سايىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى ئېيتتى،ئاشنىسى ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
_ شۇنىمۇ بىلمەمسىز"سىزنىڭ سايىڭىز مەن"_دەپ جاۋاب بەردى ئاشنىسى ئەركىلىگەن قىايپەتتە.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتتى، لېكىن ئۇنىڭ سايىسى يەنىلا كۆرۈنمىدى،بىر كۈنى ئۇ قول ئاستىدىكى بىرىگە سايىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىۋىدى،ئۇ مۇلايىملىق بىلەن:
__ باشلىق سىزنىڭ سايىڭىز مەن بولىمەن _دېدى جاۋابەن.
ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىنىڭ سايىسىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئۇ بۈگۈن خوتۇنىغا نېمىشقا سايەمنى تاپالمايمەن؟دېدى.
ئېرىنىڭ بالىلارچە سورىغان سۇئالىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان خوتۇنى ئۆزىنى تۇتۇۋالاماي كۈلۈپ تاشلىدى .   بۈگۈن ئۇ ئانىسنى ئەسلەپ قالدى چۈنكى كىچىكىدە ئانىسى دائىم ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ ئۇنۇڭ بىلەن سايە قوغلاپ ئوينايتى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەچ بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىر سوراپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى.
بۈگۈن ئۇ ئانىسىنى يوقلاپ كەلدى،ئانا پىشىن نامىزىنى ئوقۇۋاتاتقاندى،نامازدىن كېيىن ئانا ئوغلى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشتى،پاراڭ ئارىلىقىدا ئۇ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ سايىسىنى تاپالمايۋاتقانلىقنى ئېيتتى.ئانا بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن ،بېشىنى چايقىغان ھالدا ئۇلۇغ -كىچىك تىندى-دە:
__ ئوغلۇم سېنىڭ روھىڭ مەينەتلىشىپ كېتىپتۇ،شۇڭلاشقا سايەڭ ئۆزۈڭگە كۆرۈنمەس بولۇپ قاپتۇ"دېدى جاۋابەن...  
ئاپتورى:پەرھات جەمشىت
مەنبە:تورداش تورى

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 12:38:05

روھ مەينەتلىشىپ كەتسە سايە يۇقاپ كىتەمدىكەن.
تەن مەينەتلەشسە يۇيۇپ پاكىزلىغىلى بۇلىدۇ. روھ مەينەتلەشسە قانداق قىلىمىز؟؟؟؟

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 15:30:01

بەدىي دىت كەمچىل.لوگىكىلىق نەتىجىسى مۇجىمەل.ئەسەر قۇرۇلمىسى قالايمىقان.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 15:41:34

      بەدئىي مايىللىقى كۈچلۈك ،لوگىكىلىق خۇلاسە جايىدا،قۇرۇلما رەتلىك .
     ئەسىرىڭىز نىڭ قارتمىلىقى بەك ياخشى چىقىپتۇ .    كەينىدىن نۇرغۇن كىشى يۈگۈرۈپ يۈرسە سايىسىنىمۇ ،پەرق قىلىشى تەسلىشىدۇ .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 15:44:47

مۇشۇ قانداق تىمىنى ئۆچۈرۈپ، قانداق تىمىنى كۆچۈرۈپ قىلىدىغاندۇ.بۇ ئىزدىنىشتىكى بەزىلەر ،سەۋەبىنى دىمەيلا تىماڭنى يوق قىلىدىكەن ، نىمانداق ئى        ...      ...      ...     لىق ھە بۇ .

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 20:14:06

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 15:30 static/image/common/back.gif
بەدىي دىت كەمچىل.لوگىكىلىق نەتىجىسى مۇجىمەل.ئەسەر قۇر ...

باھايىڭىزنى كونكىرىتراق ئوتتۇرىغا قويۇپ باقامسىز؟ مەسلەن : بەدىئى دېت قانداق كەمچىل؟ نەتىجىسى قانداق مۈجمەل؟ قۇرۇلمىسى قانداق چۇۋالچاق؟!...

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 00:36:33

Neshter يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 20:14 static/image/common/back.gif
باھايىڭىزنى كونكىرىتراق ئوتتۇرىغا قويۇپ باقامسىز؟ م ...

بەدىئىي دىت كەمچىل:
ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكى ئەسەر جەلىپكارلىقىنىڭ جىنى.سۆز جۈملىللىرىدە ھىچبىر يىڭىلىق،ئۆزگىچە خارەكتىر بولمىغان يۇقارقى ھىكايىدە بەدىئىيلىك سۈنئىيلىشىپ قالغان.پەلسەپەۋىي ئۇقۇم توقۇش يولىدا ئەسەر بەدىئىيلىكىگە سەل قارىغان.
لوگىكىلىق نەتىجە مۈجمەل:
مۈجمەل كەلىمىسىدىن جايىغا چۈشكىدەك چوقۇم سۆز بار ئەمما دەماللىققا ئىسمگە ئالالمىدىم.ئۆزلۈكنى سايىغا سىمۇۋۇل قىلىش ئارقىلىق ئەسەرگە پەلسەپەۋىي تۈس بىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئابىستىراكىت مەۋھۇملۇق ئىچىدە باشلانغان ئەسەر لوگىكىسى ئاخىرىدا ئاددىي بىر جۈملە بىلەن قوپاللىق بىلەن ئاياغلاشتۇرۇلغان.ئەسەردىكى پەلسەپەۋىي ئۇقۇمنى ئويلىنىشقا ئەسەر لوگىكىسىدىن ھوزۇر ئىلىشقا يول قويۇلمىغان.
قۇرۇلمىسى چۇۋالچاق:
ئەسەرنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرىشى ئىنتايىن قالايمىقان.كىچىك چىغىدا يۈتتۇرۇپ قويغان سايە بىلەن مۇۋاپىقيەت قازانغاندا يۈتۇپ كەتكەن سايىنى ئىزدەش كۈرىشى ئەسەر ئورۇنلاشتۇرۇشتا بوشلۇق بارلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ.
بۇ ھىكايىغا بۇنۇڭدىن ئارتۇق ئوبزۇر زايا كىتىدۇ.بۇ ھىكايە ناچار تەرجىمە قىلىنغان ئوشۇ ھىكايىللىرىگە ئوخشاپ قاپتۇ.ئەسەر ئاپتورىدىن ئۆزرىلەر....
بەت: [1]
: يوقالغان سايە(مىكرو ھېكايە)