bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 07:16:15

ئامېرىكىدىكى ئىلمىي يىغىندىن ئىلمىيلىككە نەزەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-11 07:34

ئامېرىكىدىكى ئىلمىي يىغىندىن ئىلمىيلىككە نەزەر
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىلمىي ساختىلىققا چېتىشلىق بولغان «يوشىكى ساساي ئۆلۈمى» (ئىلىمىي ساختىلىق ۋە ياپون ئالىمىنىڭ ئۆلۈمى) ۋەقەسى پۈتۈن دۇنيادا زور داغدۇغا قوزغىدى ۋە دۇنيا ئىلىم پەن ساھەسىدە ئىلمىيلىك، ئىلمىي ئەخلاق ۋە ئىلمىي خاتالىقلارغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش دولقۇنى قوزغىدى. بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە خەۋەر بەرگىنىمدە ئىشتىراكچىلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسى ھەر خىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىمىز ھەققىدىكى ئويلىنىش يەنىلا مەن كۈتكەندىن ئاز بولدى. ھەتتا مەن بىر قىسىم ئۇيغۇر پىروفىسورلارنىڭ ئىلمىي ساختىپەزلىك، كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكىنى پاكىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويساممۇ بۇ خۇددى «كۈندە يۈز بېرىدىغان ئىشقۇ؟» دېگەندەك ھېچكىم ئانچىمۇ ئېرەنشىپ كەتمىدى. ئەلۋەتتە دىيارىمىزدىكى ئىلمىيلىكنىڭ، ئىلمىي ئەخلاق، ئىلمىي سەمىمىيەتنىڭ ئۇقۇملىرى، چۈشىنىلىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىنى دۇنيانى ئىلىم-پەن ساھەسىدە يېتەكلەپ كېتىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل «تەپسە تەۋرىمەس» ھالەتتىن ئەندىكمەي تۇرالمىدىم.تور دۇنياسىدا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولۇشىنى بۇنىڭ بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، بۇ خىل سۆرۈن پوزىتسىيە يەنىلا سەمىمىيەتسىزلىككە ۋە ئۇنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىنىڭ يېتەرسىزلىكدىن بىشارەت بەرسە كېرەك. سەمىمىيەت - ئىلمىي ساھەدىلا ئەمەس، ھەممىمىز قىلغان ھەر بىر سۆزىمىز ۋە ئىشىمىزدىكى بىرىنچى پىرىنسىپبولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ گەرچە جەمئىيتىمىزدە تېخىچە «قىزلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا بولامدۇ؟»، «ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان قىزلار قېرىپ كېتەمدۇ؟»، «باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى ئۆز نامىدا ئېلان قىلۋالسا نېمە بولاتتى؟» ... دېگەندەك 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان زامانىۋى ئىنسانلار جەمئىيتى ئۈچۈن ئەپسانىۋى ئاڭلىنىدىغان، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە تىلغا ئىلىنىپ قالسا كىشىلەرنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قىستايدىغان، ھەتتا قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدىغان «ئىپتىدائىي» تېمىلاردا مۇنازىرىلەر ئۈزۈلمەيۋاتقان بۈگۈنىمىزدە مېنىڭ يۇقىرىدىكى گەپلەرنى قىلىشىم بەلكىم بەزى ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر جەمئىيتى رىئاللىقىدىن چەتنىگەندەك تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن. مېنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى جەمئىيتىمىزدە زىيالى قاتلىمىدىكىلەرنىڭمۇ ئىلمىيلىك، ئىلمىي ئەخلاق ۋە سەمىمىيلىك مەسلىلىرىدە چۈشەنچىسىنىڭ مۇجىمەللىكى بولدى. مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى ئۆزۈم يېقىندا قاتناشقان بىر خەلقىئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرىمەن. شۇ ئارقىلىق ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە سەمىمىيەت ئۈستىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

2014-يىلى 7-ئايدا مەن تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن بىر ئىلمىي يىغىن ۋاقتى يېقىنلاشقانسىېرى شۇنچە تەقەززا بولدۇم ۋە تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. مەن 2011-يىلى ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي يىغىنغا دۇنيا ئىلم-پەن سەھنىسىنىڭ مەركىزى بولغان ئامېرىكىدا قاتناشتىم ۋە شۇ قېتىملىق ئىلمىي يىغىندىن كېيىن مەن راستىنلا ئىلمىي يىغىنلارغا بېرىشقا ناھايىتى ئامراق بولۇپ قالدىم. راست ئەمەسمۇ، سىز تەجىرىبخانىدا ياكى ئىشخانىڭىزدا ئولتۇرۇپ قىلغان تەتقىقاتىڭىزنى ئۆز كەسىپداشلىرىڭىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۇلارنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشمىسىڭىز، باشقىلار قىلىۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ ئۆز تەتقىقاتىڭىز ئۈچۈن يېڭى ئىددىيەلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرمىسىڭىز ۋە كەسىپداشلار بىلەن يىلدا بىرەر نۆۋەت بىر يەرگە جەم بولۇپ قىزغىن ئىلمىي مۇنازىرىلەردە بولۇپ كاللىڭىزنى سەگىتمىسىڭىز ئىلىم-پەن ساھەسىدە قانداقمۇ ئىزچىل قىزغىنلىق بىلەن دادىل قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولسۇن؟

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مۇھىملىقىنى مەن ئامرېكىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قانچە يىلدىن بۇيان تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن. بۇ يىل 1-ئايدا ئىتالىيەنىڭ فىلورىنسىيە شەھىرىدە ئېچىلغان «دۇنيا تۇغۇت تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيتى، SGI» نىڭ يىللىق يىغىنىغا تاپشۇرغان ماقالەمنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم چۈنكى بۇ يىغىن مەن ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە مەن ئەڭ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىتالىيەنىڭ فىلورىنسىيە شەھرىدە ئېچىلىدىغانلىقى ئىدى. ئىلمىي يىغىنلار بىزدەك ياش تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن يەنە بىر جەھەتتىن شەھەرلەرنى كۆرۈۋالىدىغان ئوبدان پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئەپسۇس، شۇ مەزگىلدە ئامېرىكىدا تۇرۇپ يېڭى خىلدىكى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىۋاتقان ۋاقتىم بولغاچقا ۋىزا ئىلتىماسىم تولۇق تەستىقلانماي تۇرۇپ ئامېرىكىدىن چەتئەلگە سەپەرگە چىقسام، ئامېرىكىغا قايتالماي ئىتالىيەدە بىرەر ئاي ساقلاپ تۇرۇپ قىلىش ئىھتىمالى بار بولغاچقا، يېتەكچىم بۇ قېتىملىق يىغىنغا بارماسلىق تەكلىپىنى بەردى. شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندىم، كۆڭلۈم يېرىم بولدى ۋە ئامېرىكىنىڭ قاملاشمىغان ۋىزا بىجىرىشتىكى ئاستا مەشغۇلات سىستىمىسىنى تىللاپمۇ ئىچىمنى بوشىتالماي، ئاخىرى مەن يىللاردىن بىرى قاتنىشىپ كىلىۋاتقان يەنە بىر ئىلمىي يىغىن - «دۇنيا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى، SSR»نىڭ 7-ئايدا ئېچىلىدىغان يىللىق يىغىنىغا ئەڭ يېڭى ئىشلەپ چىققان تەتقىقاتىمدىن تەييارلىغان يەنە بىر پارچە ماقالەمنى تاپشۇرۇپ ئاندىن سەل كۆڭلۈم تىنجىغان بولدى. 3-ئايدا فىلورىنسىيەدىكى يېغىندا مېنىڭ تام دوسكا دوكلاتىمنى پىروفىسورۇم ماڭا ۋاكالىتەن بەرگەنلىكىنى ۋە زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداقتىمۇ مەندىن باشقا پۈتۈن تەجىرىبخانىدىكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار چوڭ-كىچىك، توڭ-پىششىقلارنىڭ ھەممىسى ئىتالىيەگە كەتكەن شۇ بىر ھەپتە ئىچىم پۇشۇپ تۇرغاندا پەقەت SSR غا تاپشۇرغان ماقالەمنىڭ قوبۇل قىلغانلىق خەۋىرى كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن كۆڭلۈم ئېچىلدى.

ھەر يىلى شۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەڭ ئاساسلىقى تېمىسى بار بولۇپ، شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك دۇنياۋى داڭلىق ئالىملار سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەر قانداق بىر ئىلمىي بايقاش ئاۋۋال ئىلمىي يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئاندىن رەسمىي ژورناللاردا ئېلان قېلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇمۇ ئالىملارنى ئۆز بايقاشلىرىنىڭ باشقا ئالىملار تەرىپىدىن قانداق باھا بېرىلىشى ۋە قانداق تەكلىپلەرنىڭ بېرىلىشىنى ئالدىن بىلىۋىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كۆپنىڭ كاللىسى كۆپ» دېگەندەك باشقا ئالىملارنىڭ ئۆزى ئويلاپ يەتمىگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە پىكىر بېرىشلىرى بىلەن ئۆزىگە يېڭى نىشان تىكلەيدۇ ۋە تەتقىقاتلىرىغا يېڭىچە ئىددىيەلەر ۋە ئۇسۇللارنى قوشالايدۇ.

ئىلمىي يىغىنلار باشقا يىغىنلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئىلمىي يىغىندا «تۆر»، «پەگا» ئايرىلمايدۇ، ھەر بىر تەتقىقاتچىغا ئوخشاش نەزەردە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا كۆپ خىل تېمىدىكى دوكلاتلار ئىلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كىشى ئۆزى ئەڭ قىزىققان دوكلاتلارنى تاللاپ ئاڭلىيالايدۇ ۋە خالىغان سوئاللارنى سورىسا بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئالىملار ئۆز تەتقىقاتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنى كۆپنىڭ كۆزى بىلەن تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايدۇ. ئىلمىي يىغىنلاردا كىشىلەر ئۆزلىرى ھۆرمەتلەيدىغان ئالىملارغا كۆڭلىدە ئويلىغىنى دەپ ماختىسا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ زورىغا مەلۇم پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن بىراۋنى ماختايدىغان ئىش بولمايدۇ. پىشقەدەم ئالىملارمۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ياشلارنىڭ قىلغان تەتقىقاتلىرىغا پىكىر بەرگەندە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ كەسىپتە ئۆزلىرىنىڭ ئىز-باسارلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ كەمچىلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇشۇ خىل يىغىنلاردا شۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە تەڭتۇش تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرگە-بىر كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بولغاچقا مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭمۇ ياخشى پۇرسىتى. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ھەر قانداق يىغىن قاتناشچىسى ئورۇنلۇق ئاساسى بولسا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باشقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە جەڭ ئېلان قىلسا ۋە قايىل بولمىغان تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئىلىم-پەن ساھەسى ھەر ھالدا ساختىلىقتىن خالىي، ساغلام تەرەققىي قىلىپ ماڭالايدۇ.

بۇ خىل ئىلمىي جەمىئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى بولۇش پەقەت تەتقىقاتچىنىڭ شۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنڭ ئىسپاتى بولۇپ ھەرگىزمۇ بىر ئەمەل ياكى ئالاھىدە تۆھپىنىڭ بەلگىسى ئەمەس. قىززىق يېرى، چەتئەللەردە ئوقۇپ قايتقان بىر قىسىم زىيالىلار ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە بىر نوپۇز سۈپىتىدە تىلغا ئالىدىكەن، شۇڭا باشقىلارمۇ ئۇلارنى تونۇشتۇرغاندا شۇ بويىچە تونۇشۇرۇلغۇچىنىڭ قايسى بىر ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئاتاپ تونۇشتۇرۇشىغا توغرا كىلىدىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەيدىغانلار چوڭ بىلسۇن دەپ ساختا نام قوغلىشىش ۋە ئىلمىيسىزلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىش ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى بولۇش ياخشى ئىش، ئەمما نام-ئاتىقىنىڭ ئاخىرىغا «پالانچى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى» دەپ قوشۇۋالغۇدەك چوڭ ئىشمۇ بولمىسا كېرەك.



بۇ قېتىم مەن قاتناشقان 2014-يىللىق «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيتى، SSR» نىڭ مىچىگان شىتاتىنىڭ گىراند راپىد شەھرىدە ئېچىلغان 47-قېتىملىق ئىلمىي يىغىنىنىڭ ئاساسي تېمىسى: «ئۇرۇقلىنىش - دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلغان مەسىلە» بولۇپ، ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلاردىكى كۆپىيىش كېسەللىرى، كۆپىيىشكە مۇناسىۋەتلىك غول ھۈجەيرە، كلون، پروبىركىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش ۋە باشقا كۆپىيىش تېخنىكىلىرى، ئەرلەر كۆپىيىش سىستىمىسى، ئاياللار كۆپىيىش سىستىمىسى، تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئىلىش، تۇغماسلىق ۋە داۋالاش ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى، تۆرەلمە يېتىلىش ۋە ئەۋلاد ساغلاملىقى، ئانا مۇھىتىنىڭ تۆرەلمىگە بولغان تەسىرلىرى (تۆرەلمىنىڭ پروگراممىلىنىشى)، مۇھىت بۇلغىنىش ۋە كۆپىيىش.... قاتارلىق كەڭرى تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تېمىلارنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى ئەنگىلىيە ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفىسورى ئاننا گلاسىيىرنىڭ ئاچقۇچلۇق دوكلاتى بىلەن باشلاندى. ئۇ «تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئېشىپ بېرىشى» ناملىق بىر سائەتلىك دوكلاتىنى ئىنتايىن قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىدى ۋە ئافىرىقىدىن تارتىپ شەرقىي ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغىچە بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ناھايىتى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىدى. پىروفىسور گلاسىيىرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نۇرغۇنلىغان كەمبەغەل دۆلەت-رايونلاردىكى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا پەقەت تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا نېگىرىيە، كېنىيە، ئىفىئوپىيە قاتارلىق ئافىرىقا دۆلەتلىرىدە ھامىلە چۈشۈرۈش نىسبىتىنى 30-20% ئازايتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ دۆلەتلەردىكى ئاياللار ساغلاملىقى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ھەتتا ئانىلار ۋە بالىلاردىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا بوستون شەھرىدە ئىلىپ بىرىلغان بىر تەتقىقاتتا تەجىرىبىگە قاتناشقان ئاياللارنىڭ يېرىمىغا ھەر كۈنى يانفون ئۇچۇرى ئەۋەتىپ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىشنى ئەسكەرتكەن، نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن 1 يىل ئىچىدە مۇشۇ گۇرۇپپىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆزى خالىمىغان ھالدا ھامىلدار بولۇپ قىلىش نىسبىتى ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ئاياللار گۇرۇپپىسىدىنمۇ يۇقىرى بولغان؛ لىكىن ھەر ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئەڭ يېڭى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللانغۇچىلاردا ئۈنۈم 100% كە يەتكەن. بۇ دوكلات ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى ۋە بۇ دوكلاتتىن ھېس قىلغان ئەڭ چوڭ نەرسە شۇ بولدىكى، بىر ئىنسان تىرىشسا دۇنيادىكى چوڭ ئىشلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتكە كىلىپ ئىنسانلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىسا ئۆمرىنىڭ ئاخرىدا ئۆزى ياشىغان ھاياتتىن ھەقىقىي رازى بولىدىكەن.

مېنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا يوللىغان ماقالەم ئېغىزچە دوكلات بېرىشكە تاللانغان بولۇپ، مەندىن بۇرۇن ۋە كېيىن سۆزلەيدىغان ھەر ئىككەيلەن شۇ ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق ئالىملاردىن بولغاچقا بۇ ماڭا خىلى زور بېسىم ھېس قىلدۇردى. شۇڭا گەرچە يىغىنغا كىلىشتىن بۇرۇن تەجىرىبخانىدىكىلەر ئالدىدا 3-4 قېتىم مانىۋىر دوكلات سۆزلەپ ئوبدانلا مەشق قىلىپ پىروفىسورۇمغا يارىغاندىن كىيىن ئاندىن بەلنى مەھكەم باغلاپ كەلگەن بولساممۇ، دوكلات سۆزلەشتىن بىر سائەت ئاۋۋال مېھمانخانىغا قايتىپ يەنە ئىككى رەت ئەينەككە قاراپ مەشق قىلىۋىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم. نېمىلا دېگەنبىلەن جاپا تارتىپ بىر يىلدىن بىرى قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىنى بېرىلگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كىشى چۈشەنگۈدەك ۋە قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەش ئاسان ئىش ئەمەستە. ئالدىنقى كۈنى سۆزلەيدىغان دوكلاتىمنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ كىشىگە تېخىمۇ زوق بېغىشلىغۇدەك چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئەكلىپ قويغان ئىدىم. مانا ئەمدى يىغىننىڭ 2-كۈنى «ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى مىكرو RNA تىپىدىكى ئېپىگېنتىكىلىق مىخانىزىملار بىلەن ھامىلە مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ» نامىدىكى دوكلاتىمنى سۆزلەپ بولغىنىمدا ئۇزۇن سوزۇلغان چاۋاك سادالىرى ۋە قىزغىن سوئال سوراشلاردىن كىيىن، ھەر ھالدا ئەل قاتارى سۆزلىگەن ئوخشايمەن، دەپ ھېس قىلدىم. بۇ دوكلاتىمدا مېڭىدىن ئىبارەت مۇھىم ئەزانىڭ «ئانا قورسىقىدا يېتىلىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى ھامىلە مېڭە يېتىلىشىگە تەسىر قىلمايدۇ چۈنكى بار بولغان ئوزۇقلار ئاۋۋال مېڭىگە تەقسىملىنىدۇ» دېگەن دوگمىغا جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد گېن تەرتىپلىرىنى ئېنىقلاش تېخنىكىسى،نۇر چىقىرىدىغان مىكروسكوپلۇق تېخنىكىلار ۋە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان مىكرو RNA تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ھامىلە ئاخىرقى باسقۇچىدا ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇشنىڭ مېڭە گېن تىپلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىدىكى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەۋلادنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق مىخانىزىملىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىمە پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ يىغىندا مەن ئۆزۈمنى بىر قايناق ئىشتىياق بىلەن ئۆز تەتقىقاتلىرىغا كىرىشكەن بىر توپ دۇنياۋى ئالىملارنىڭ قاتارىدا ناھايىتى ئەركىن ھېس قىلالىدىم ۋە شۇنداق بىر قىزىقارلىق تەتقىقات ساھەسىگە كىرىشكەنلىكىمنىڭ ھەقىقەتەن توغرا بولغانلىقىغا يەنە بىر مەرتەم ئىچىمدە قايىل بولدۇم ۋە شۇنداق بىر ساھەگە كىرىشكىنىمدىن يوشۇرۇنچە پەخىرلىنپمۇ قالدىم.

بىزنىڭ باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلىشىمىز ۋە قوشقان تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرشىمىزنىڭ ئۆزىمۇ ئىلمىيلىك جۈملىسدىندۇر. ئەمما كەلسە-كەلمەس ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى «دۇنيادا بىر» دەپ ماختاش - ناچار ئىلمىي ئىستىلدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىلىم ساھەسىدە يالغانچىلىق قىلىش، ساختىلىق ئىشلىتىش ئاقمايدۇ چۈنكى ھەر بىر ساھەدە بىر توپ ئالىملار بولىدۇ. ئەگەر سىز قىلغاننى باشقىلار سىناپ بېقىپ ئوخشاش نەتىجە چىقمىسا خۇددى مەن باشتا تىلغا ئالغان ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلاردەك چاۋىڭىز چىتقا يېيىلىدىغان گەپ. كىمنىڭ ھەقىقىي زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى ۋە شۇ ساھەدە باشلامچى ئىكەنلىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆزىنى ماختىشى بىلەن ئەمەس بەلكى كەسىپداشلارنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقى، تەربىيەلىگەن شاگىرىتلىرىنىڭ مۇۋاپىققىيىتى ۋە ئىلم-پەن ساھەسى، جەمئىيەتكە، جۈملىدىن ئۆزىدىن باشقا ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەلىي ئۇتۇقلىرى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ. قىسقىسى، ئىلمىي ساھەدىكى زىيالىلىرىمىز ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئىلمىي روھنى تەكىتلىسە ۋە ئىلمىيسىزلىكتىن يېراق تۇرۇشتا باشقىلارغا ئۈلگە بولسا، ئاندىن يېڭى ئەۋلاد كىشىلىرىمىزدىن ئىلمىيلىكنى كۈتۈش مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 08:21:49

ئادەم ساختىلىققا چۆكۈپ كەتكەن جەمئىيەتتە ياشىسا ھەمىشە بۇ ئىشلارغا ئېرەن قىلمايدىغان، ساختىلىققىمۇ نورمال پوزىتسىيىدە بولىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 09:44:07

ئەسىلامۇ-ئەلەيكۈم بىلگ جان ئالدى بىلەن بىزلەرگە ياخشى بىر تىما سۈغا قىلغىنىڭىزغا مىڭ تەشەككۇرلەر بۇلسۈن!
مەن كېينرەك مۇنبەر گە ئىشتىراك قىلغان بۇلساممۇ سىزنىڭ ئالدىنقى قىتىملاردا يۇللىغان يازمىلىرىڭىزنى ئاساسەن كۇرۇپ بۇلدۇم، يازمىلىرىڭىزنى ئۇقۇۋىتىپ سىزدىن شۇنداق خۇرسەن بۇلۇپ كەتتىم،ھەر كەسىپلەردە چەتتە ئۇقۇغان ياش ئالىملىرمىز سىز دەك يىڭىلىقلىرىنى دۇنياۋى يىڭى بايقاشلارنى مۇنبەرلەرگە يۇللاپ تۇرغان بۇلسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە! دەپ ئۇيلاپكەتتىم.
ئاخىردا تىنىڭىزگە ساغلاملىق،ئىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 10:14:54

«پالانچى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى»...
دۆلىتىمىزدە بۇ بەك چوڭ ئىش سۈپىتىدە بىراۋنى تۇنۇشتۇرۇشتا چۈشۈپ قالمايدىغان بىر ئىش...
سىز ئۆزىڭىز شۇ ناملارغا ئېرىشىپ بولغاندىكىن سىزگە چوڭ ئىش بىلىنمەيدۇ. ئەكسىنچە يەنىمۇ ئالدىڭىزغا قاراپ تىرىشمىسىڭىز بۇ دۇنيادا ياشىغىنىڭىزنىڭ ئەھمىيتى يوقتەك ، مۇناسىۋەتلىك باشقا ساھەلەرنىمۇ چۇقۇم بىلىشىڭىز كېرەكتەك ھىس قىلىسىز. شۇڭا سىز ياش تۇرۇپلا ئالىم بۇلۇپ تۇنۇلغان...

Heqiqet2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 10:42:43

بىر ئىنسان تىرىشسا دۇنيادىكى چوڭ ئىشلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتكە كىلىپ ئىنسانلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىسا ئۆمرىنىڭ ئاخرىدا ئۆزى ياشىغان ھاياتتىن ھەقىقىي رازى بولىدىكەن.
-----------------
بىزنىڭ باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلىشىمىز ۋە قوشقان تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرشىمىزنىڭ ئۆزىمۇ ئىلمىيلىك جۈملىسدىندۇر.
-----------------
نېمە دېگەن كاتتا بايانلار بۇ، قىسقا ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك !!! مۇئەللىمگە رەھمەت.{:112:}

sekine يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 13:41:30

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئاكا ! ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۇتۇقلىرىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ھەقىقەتەن تىرىشچان، ئەستايىدىل ۋە سەمىمىيلىكىڭىزگە قايىل بولدۇم. ئارىمىزدا دوكتۇرلار كۆپلەپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ سىزدەك مەسئۇلىيەتچان ، سەمىمىي دوكتۇرلار بەك ئاز.
سىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەتقىقات يېغىنىدا سۆزلىگەن‹«ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى مىكرو RNA تىپىدىكى ئېپىگېنتىكىلىق مىخانىزىملار بىلەن ھامىلە مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ» نامىدىكى دوكلاتتىڭىزغا مەن بەكلا قىزىقىپ قالدىم ۋە چۆچۈدۈم.بۇ يىغىندىكى مۇشۇ دوكلاتىڭىزدىن تۇلۇق خەۋەردار بولساق بۇلارمۇ ؟ ئۆزۈم ھامىلدار بولغاچ تەپسىلاتىنى ئېنىقراق بىلگۈم كېلۋاتىدۇ . راستىنلا ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ھامىلە مىڭىسىدىكى گېنلارنى ئۆزگەرتەمدۇ؟ ئۇنىڭ زىيىنى بەك چوڭمۇ ؟
ئۇنداقتا ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قاتتىق سېزىك سەۋەبىدىن ئىشتىھاسىزلىنىپ تاماق يىمەي ، كۆپ ياندۇرۇش ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ مەن ھامىلدار بولغىلى تۆت ئاي بوپ قالدى.سېزىكىم بەكلا قاتتىق بولغاچ كۆڭلۈم بەك ئاينىپ تاماق يىيەلمەيۋاتىمەن. شۇ ھالدىمەنكى قۇرسۇقۇم ئاچلىقتىن ئاشقازىنىم ئاغرىپ كىتىدۇ ئەمما بىر نەرسە يىيەلمەيمەن.ئۇسسىغىنىمدىن گىلىم قۇرۇپ كىتىدۇ ئەمما سۇمۇ ئىچەلمەيمەن. بىرە نەرسە يىسەم ياكى ئىچسەم تېخىمۇ بىئارام بۇلۇپ ياندۇرۇپ كېتىمەن.
ئۇ تەرەپلەردە قاتتىق سېزىككە قارىتا دوختۇرلار قانداق تەۋسىيە بېرىدۇ؟ مەن بۇ سېزىككە بەرداشلىق بېرەلمەي باشقىلارنىڭ گىپىگە كىرىپ بىر ھەپتە سېزىك تارتىدىغان ئاسما سالغۇزۇپتىمەن. ئەمما بۇ ئاسمىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى بەك كۆپكەن ئەمەسمۇ. دوختۇرلانىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ھامىلدار بوپ تاھازىرغىچە بىر قېتىممۇ دوختۇرغا كۆرۈنمىدىم. لېكىن كۆرۈنمەيمۇ ئامال يوق. ئەمما بۇيەردە تەبىي تۇغۇت ياكى ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغۇشلارغىمۇ ئەر دوختۇرلارنىڭ كىرىدىغىنىنىئويلىسام پەقەت بارغۇم كەلمەيدۇ. ئۇيەردىمۇ شۇنداقمۇ؟ تېخى بۇيەردە تۇغۇت ئوپراتسىيەسىگە كىرگەن دوختۇرلار باشقا تاشقى ئوپراتسىيەلەرگىمۇ كىرىدۇ. ئۇلار شۇنداق كۆپ ئىقتىدارلىقمىدۇ؟ئاياللار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش بولسۇن، تۇغماسلىق بولسۇنياكى باشقا .ئاياللار كېسىلى بولسۇنھەممىسىنى كۆرۈدۇ. ئۇلار ئونۋىرسىتتا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كۆپ نەرسىنى ئۆگۈنۈپ بۇلالامدىغاندۇ؟بۇلارنى ئويلىساملا بىئارام بولىمەن.

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 14:02:11

بىلگەجاننىڭ ھازىرقى ياش باسقۇچىدا موشۇنداق نەتىجىلەرگە ئىرىشىشى ئادەمگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى يەنى تىرىشسىلا يەتكىلى بولمايدىغان نىشان، ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان يوقلۇقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى يەنىمۇ ھىس قىلدۇرىدۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 18:01:25

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى2014-08-11 08:21:49 static/image/common/back.gif
ئادەم ساختىلىققا چۆكۈپ كەتكەن جەمئىيەتتە ياشىسا ھەمىش
بۇ ئىنكاس ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى ئىپادىلىگەندەك قىلىدۇ.

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 23:33:04

ئەسسەلامۇئەلەيكۇمبىلگەجان ، سىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!
ئاللاھ سىزنى ۋە ئەھلىلىرىڭىزنى ئامان قىلسۇن!
ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!
سىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن !

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 07:16:56

كۆپ مۇبارەكلەر بولسۇن. ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

مەن يىغىنلارغا بارسام مەشىق قىلىپ يۇرمەيلا سۆزلەۋىرىدىكەنمەن. مەشىق قىلسام پەقەتلا ياخشى بىلىنمەيدۇ. ئۆزەم قايتا قايتا ئۆتكۈزۇپ كاللامدا نىمە سۆزلەيمەن شۇنى ئويلىۋالىمەن خالاس.

مۇنداق يىغىنلاردا بىرىلگەن دوكلاتلاردىن باشقا كەلگەن كەسىپداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش بەك پايدىسى بار. دائىم يىغىنلارغا بارسام ئادەتتىكىدىنمۇ كۆپ ئالدىراش بولۇپ كىتىمەن كەسىپداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، تاماق يەپدىگەندەك.باشقىلار نىمە قىلىۋاتىدۇ، قانداق قىلىۋاتىدۇ، تەجرىبىسىدىكى بەزىبىر ئۇششاق ھالقىلار دىگەندەك نەرسىلەرنى بىلىپ ئۆزىمىزگە تەدبىقلىغىلى بۇلىدۇ. يەنە ئەڭ مۇھىمى ھەمكارلىق ئورنىتىپ بىرلىكتە تەتقىقات قىلىش يوللىرى ئېچىلىدۇ. مىنىڭ نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىمنى شۇنداق باشلىغان. ئۇندىن باشقا ياش تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭمۇ شۇ ساھەنىڭ ئادىمى ئىكەنلىگىنى ياخشى ئەمگەكلەرنى قىلىۋاتقانلىغىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ ئۇلاردائۆزى توغرىلىق مەلۇم ئۇقۇم قالدۇرىدۇ. كىينچە لازىم بولۇپ قالغاندا ئۇلار ئىزدەپ كىلىدۇ. مالىمىم بەك ئالدىراش بولغاچقا نۇرغۇنلىغان كەسىپداشلار ھازىر ئۇدۇل مىنىلا ئىزدەيدۇ. مەن ئۇزۇم شۇلار بىلەن دىيىشىپ تولۇق بىر رامكا چىققاندا ئاندىم مالىمغا مۇنداق قىلىدىغان بولدۇق دەپ ئەكىرىپ بىرىمەن. بەزىدە تەجرىبنى ئىشلەۋىرىپ نەتىجىسى چىققاندا ئاندىن بىراقلا بىرىمەن.

قىسقىسى ياش تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئۆز كەسپىنىڭ يىغىنلىرىغا يىلدا بىر ئىككى قېتىم چوقۇم بېرىش زۈرۈر.



bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 07:51:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-12 08:13

Jeck يوللىغان ۋاقتى2014-8-12 07:16 static/image/common/back.gif
كۆپ مۇبارەكلەر بولسۇن. ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

مەن يىغىن ...

رەھمەت بۇرادەر! مەنمۇ ئادەتتە مەشىق قىلىپ كەتمەيتتىم، ئەمما بۇ نۆۋەت باشقىچىرەك ئەھۋال بولۇپ قالدى. بۇ قېتىم مەن دوكلاتىمدا يەتكۈزمەكچى بولغان سانلىق مەلۇماتلار ئەسلى ئىككى پارچە پۈتۈن ئىلمىي ماقالە ئۈچۈن ئىشلەتكۈدەك دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، يېرىمنى تاشلاپ قوياي دېسەم، «ھېكايە» تولۇق چىقماي قالىدىكەن. شۇ پوۋىرپوئىنىت ھۆججىتىنى تەييارلىغىنىمدا تۇنجى نۇسخىسى 56 بەت بولۇپ كەتكەن ئىدى، پىروفىسورۇم نەچچە نۆۋەت قىسقارتىپ، ئاخىرىدا ئۆزۈم قايسىنى قويۇپ قايسىنى ئىلىۋەتسەم مۇۋاپىق كىلەر دەپ بەك كۆپ ئۆزۈم بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ ئاخىرى 18 بەتكە قىسقارتقان ئىدىم. شۇنچە چوڭ مەزمۇننى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ بېرىش بىزدەك ياش تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئاسانغا توختىمايدىكەن (ئەمەلىيەتتە 50 مېنۇتلۇق دەرس ئۆتۈپ كۆنۈپ قالغان پىروفىسورلار ئۈچۈن تېخىمۇ تەس بولۇشىمۇ مۇمكىن)، شۇڭا ئەڭ نېگىزلىك گەپلەرنى تاللاپ ئاڭلىغۇچىغا ھېكايەمنى تولۇق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق مەشىق قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

ئەمما بۇ تېمىدا ئاساسلىقى دوكلاتىم توغرۇلۇق ئەمەس، شۇ مەزمۇنلاردا ئۇچۇر بەرگەچ ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئىلىم ئىگىلىرىدىكى سەمىمىيلىك توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم. قارىغاندا جامائەتنىڭ تازا تەۋى يوقتەك قىلىدۇ. دېمىسىمۇ بۇ گەپلەر جىق ئادەملەرگە خوشياقماسلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن، سىلى-بىز قىلىشىپ ئۆتۈپ كەتمىسەك :D

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:32:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-12 09:34

sekine يوللىغان ۋاقتى2014-8-11 13:41 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئاكا ! ئالدى بىلەن سىزنىڭ...

سىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەتقىقات يېغىنىدا سۆزلىگەن‹«ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى مىكرو RNA تىپىدىكى ئېپىگېنتىكىلىق مىخانىزىملار بىلەن ھامىلە مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ» نامىدىكى دوكلاتتىڭىزغا مەن بەكلا قىزىقىپ قالدىم ۋە چۆچۈدۈم.بۇ يىغىندىكى مۇشۇ دوكلاتىڭىزدىن تۇلۇق خەۋەردار بولساق بۇلارمۇ ؟ ئۆزۈم ھامىلدار بولغاچ تەپسىلاتىنى ئېنىقراق بىلگۈم كېلۋاتىدۇ . راستىنلا ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ھامىلە مىڭىسىدىكى گېنلارنى ئۆزگەرتەمدۇ؟ ئۇنىڭ زىيىنى بەك چوڭمۇ ؟
====================
بۇ سوئالىڭىزغا ھازىرچە جاۋاب بەرمەي تۇراي چۈنكى مەن دوكلاتىمنى ئۇيغۇرچە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بىر ماقالە تەييارلاۋاتىمەن، پۈتكەندە شۇ ماقالىگە دېققەت قىلسىڭىز. ئەگەر سوئالىڭىز بولسا شۇ يەردە داۋاملىق سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئۇنداقتا ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قاتتىق سېزىك سەۋەبىدىن ئىشتىھاسىزلىنىپ تاماق يىمەي ، كۆپ ياندۇرۇش ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ مەن ھامىلدار بولغىلى تۆت ئاي بوپ قالدى.سېزىكىم بەكلا قاتتىق بولغاچ كۆڭلۈم بەك ئاينىپ تاماق يىيەلمەيۋاتىمەن. شۇ ھالدىمەنكى قۇرسۇقۇم ئاچلىقتىن ئاشقازىنىم ئاغرىپ كىتىدۇ ئەمما بىر نەرسە يىيەلمەيمەن.ئۇسسىغىنىمدىن گىلىم قۇرۇپ كىتىدۇ ئەمما سۇمۇ ئىچەلمەيمەن. بىرە نەرسە يىسەم ياكى ئىچسەم تېخىمۇ بىئارام بۇلۇپ ياندۇرۇپ كېتىمەن.
ئۇ تەرەپلەردە قاتتىق سېزىككە قارىتا دوختۇرلار قانداق تەۋسىيە بېرىدۇ؟
=====================
ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ھامىلە بەكلا كىچىك بولغاچقا ئېنرگىيە ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نورمال سېزىكتە ئانچە چوڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما ئېغىر سېزىك بولۇپ پەقەت تاماق يېيەلمىگەندە شۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە سېزىك 14 ھەپتىلەردە ئاخىرلىشىدۇ، قىسمەن ھامىلدارلاردا 20 ھەپتىگىچە داۋملىشىدۇ. پەقەت بولمىغاندا ئېنرگىيە تولۇقلايدىغان سۇيۇقلۇق ئوكۇل سالغۇزۇشقا توغرا كىلىدۇ ھەم ئىمكانقەدەر مايسىز يېمەكلىك، مېۋە، سۈزۈك شورپا قاتارلىق يەڭگىل يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش لازىم. بۇ تەرەپتە دوختۇرلار گالدىن نېمە ئۆتسە شۇنى بولسىمۇ يېيىشنى ۋە ھەر قېتىمدا ناھايىتى ئاز مىقداردا ئوزۇقلىنىپ بىر كۈندە 7-8 قېتىم ئازدىن تاماقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

مەن بۇ سېزىككە بەرداشلىق بېرەلمەي باشقىلارنىڭ گىپىگە كىرىپ بىر ھەپتە سېزىك تارتىدىغان ئاسما سالغۇزۇپتىمەن. ئەمما بۇ ئاسمىنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى بەك كۆپكەن ئەمەسمۇ. دوختۇرلانىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ھامىلدار بوپ تاھازىرغىچە بىر قېتىممۇ دوختۇرغا كۆرۈنمىدىم. لېكىن كۆرۈنمەيمۇ ئامال يوق. ئەمما بۇيەردە تەبىي تۇغۇت ياكى ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغۇشلارغىمۇ ئەر دوختۇرلارنىڭ كىرىدىغىنىنىئويلىسام پەقەت بارغۇم كەلمەيدۇ. ئۇيەردىمۇ شۇنداقمۇ؟
===================
بۇ تەرەپتە سىز ئۆزىڭىزنىڭ دوختۇرىنى ئۆزىڭىز تاللىيالايسىز، شۇڭا بەزى ئاياللار ئەر دوختۇرلارنىمۇ تاللىشى مۇمكىن، ئەمما خالىمىسىڭىز ئايال دوختۇرنى تاللىسىڭىز ھەر ۋاقىت بولىۋىرىدۇ.


تېخى بۇيەردە تۇغۇت ئوپراتسىيەسىگە كىرگەن دوختۇرلار باشقا تاشقى ئوپراتسىيەلەرگىمۇ كىرىدۇ. ئۇلار شۇنداق كۆپ ئىقتىدارلىقمىدۇ؟ئاياللار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش بولسۇن، تۇغماسلىق بولسۇنياكى باشقا .ئاياللار كېسىلى بولسۇنھەممىسىنى كۆرۈدۇ. ئۇلار ئونۋىرسىتتا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كۆپ نەرسىنى ئۆگۈنۈپ بۇلالامدىغاندۇ؟بۇلارنى ئويلىساملا بىئارام بولىمەن.
=========================
ئامېرىكىدا تۇغۇت بۆلۈمىدىكىلەر باشقا ئوپراتسىيەلەرگە كىرمەيدۇ، تۇغۇت دوختۇرى پەقەت تۇغۇت كېسەللىرى بىمارلىرىنىلا كۆرىدۇ. ئاياللار بۆلۈمى بىلەن تۇغماسلىقنى داۋالاش بۆلۈمى كۆپىنچە ھاللاردا ئايرىم-ئايرىم بولىدۇ. ئاياللار بۆلۈمىدىمۇ كەمىدە كۆپلىگەن تارماق مەركەزلەر بولۇپ ھەر قايسى دوختۇرلار قايسى ساھەدە مۇتەخەسىس بولسا پەقەت شۇنىڭغا ئائىت كېسەل كۆرىدۇ. جۇڭگودىكى دوختۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن مەن تازا ئىنچىكە خەۋەردار ئەمەس. ئەمما ھەممە ساھەدە مۇتەخەسىس بولۇش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

سىزگە تەكلىپ: ئۆزىڭىزگە بەزى ئىشلارنى بەك كۆپ بېسىم قىلىۋالماڭ. روھىي بېسىمنىڭ بالىغا بولغان زېيىنى بەلكىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. يېقىن دوستلىرىڭىز، بولۇپمۇ سىزدەك ھامىلدار ئاياللار بىلەن پاراڭلىشىپ تازا دەرت تۆكۈشۈڭ. ئۆزىڭىز كۆڭلىڭىز ئېچىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئەنسىرەشتىن ئۆزىڭىزنى يىراق تۇتۇڭ. ئۆزى بەك تەجىرىبىلىك بولمىسمۇ مىجەزى ئوڭلۇق دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ھال-ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىڭ، لىكىن ئىمكانقەدەر دورا ئىشلەتمەڭ. بەلكىم سىز ئويلمىغان پەيىتتە سېزىك ئاخىرلىشىپ توساتتىن ناھايىتى راھەت ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 19:02:37

ماقالىڭىزنىڭ تېمىسىدىنلا بىلىنىپ تۇرۇپتىكى بۇ تەتقىقات ناھايتىمۇ ئەھمىيىتى زور بولغان شۇنداقلا تەتقىقات-تەجرىبىلەر كۆپ چەكلىمىلىككە ئۇچرايدىغان تۈركەن. ئاسان ئەمەس.
مۇبارەك بولسۇن...{:112:}

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:35:38

مۇبارەك بولسۇن.قازاننىڭ قىشىدە تۇرساڭ قارىسى يۇقار، ياماننىڭ قىشىدە تۇرساڭ يالىسى يۇقار دەپتىكەن كونىلار ....... جوڭگۇدا بۇنداق ئىلمىي كۆچۇرمىكەشلىك ئوموملىشىپ قالدىمىكىن دەيمەن ...

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 13:39:49

دۆلىتىمىزدە كۈچۈرمىكەشلىك ھەقىقەتەن ئومۇملاشقان، ھەم ئۇنچە ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدۇ.
بۇ ئەلۋەتتە مەدەنىيەت ۋە سىياسىي، مائارىپ تۈزۈلمىسىگە باغلىق ئىشلار، بولۇپمۇ مائارىپ تۈزۈلمىسى.
ئوقۇتۇش ئۇسولىىمۇ بىزنى كۆچۈرمىچى قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. مەسلەن، ئوقۇتقۇچىلاربىر تېمىنى بېكىتىپ تۆت ، بەش مىڭ خەت ماقالە ياز دەيدۇ، قانچىلىك يازساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىدىيىسىنى، كۆز قارىشىڭنى ياز دېمەيدۇ، ساننى توشقۇزۇش شەرت، ۋاقىت قىستاپ تۇرۋاتقان. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەپ تېپىپ كۆچۈرۈپ بەرسەك، كۆچۈرۈپسەن دەپ يۈزىمىزگە ئاتماي، بىلىمەن ھەممىڭلار كۆچۈرسىلەر دەپ قويۇپ، نۇمۇر بېرىۋاتقان مائارىپ شارائىتىدا كۆچۈرمىكەش بولۇپ تالىنىدىغان گەپكەن.
چەتئەللەردە تولۇق كورۇس پۈتتۈرۈشتە قانداق تەلەپلەرنى قويدىكىن؟ بولۇپمۇ ماقالىدە.بۇ يەردە بولسا ماۋزۇسى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالمىسا، خەت سانى توشسا، شەكلى ماقالىگە ئوخشىسىلا بولدى. تولۇق كورۇس پۈتتۈرگىچە جىق بولسا ماقالىنى قانداق شەكىلدە يازسا بولىدىغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى نەدىن، قانداق ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدىكەن، بەزىلەر بۇلارنىمۇ ئۇقماي، باشقىلارغا يازدۇرۇپ ياكى باشقىلارنىڭ ماقالىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا تاپشۇردىكەن.
ئاسپىرانىتلىقتا بولسا بۇ تەلەپلەر قاتتىق بولۇپ، لېكىن ئەڭ ئېغىر تەلەپ خەت سانى، ماتىماتىكىغا ئەڭ ئاز بولغاندا 25مىڭ خەت تەلەپ قويۇپتىكەنلا ھەيران قالدىم. كۆچۈرمىكەشلىككە بولغان تەلەپمۇ پىروگراممنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتسىلا بولدى.تەتقىقات تېمىسىمۇ كۆپىنچە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلار تەرپىدىن بېكىتىلدۇ. پۇتۈن مەقسەت ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈش، كېنىشكىغا ئېرىشىش. قىزىقىش، جەمىيەت ئېھتىياجى يازىدىغانلار بەك ئاز.
2014-يىلى پۇتۇن مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ تۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى7مىليون 270مىڭ،پەقەت تولۇق كورۇستىلا7مىليۇن 270مىڭ پارچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ دىگەن گەپ، بۇلار ھەممىسى مەكتەپ ئامبىرىدا بېسىلىپ قالىدۇ.
ئاسپىرنتلارنىڭ 600مىڭ پارچە. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك پەقەت كېنىشكا ئۈچۈنلا .... شەكىلۋازلىققا تولغان مۇھىت
تېمىدىن چەتنەپ كەتتىم، دىمەكچى بولغۇنۇم، مەدەنىيەت، جەمىيەت،تۈزۈلمە، مائارىپنىڭ شەخىسكە بولغان تەسىرى بەك زور ، بۇ خىل مۇھىت تەربىيلەپ چىققان ئادەملەردىن بەك ئاغرىنىپمۇ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. لېكىن تۈزۈلمىلەرمۇ بارغەنچە مۇكەممەللىشىپ، بار -بارا كۆچۈرمىكەشلىكنى ئېغىر ئالدىغانلار، ئېلمىيلىكنى تەشەببۇس قىلدىغانلارمۇ بارغانچە جىقلاۋاتىدۇ. مېنىڭچىمۇ بۇ بىر مۇقەرەر يۈزلىنىش، ھازىرچە يەنىلا شەخىسنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنى كونتىرول قىلىشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 20:55:51

sekine يوللىغان ۋاقتى2014-8-11 13:41 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئاكا ! ئالدى بىلەن سىزنىڭ...

دوكلاتىمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يوللاپ قويدۇم، بۇ يەردىن كۆرسىڭىز بولىدۇ: http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=57007&page=15&extra=#pid388366

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 09:09:05

ياپۇنىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ سەتچىلىكى ھەر ھالدا كىشىلەرگە ياپۇنلۇقلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدىغان، غۇرۇرى بار، نۇمۇس قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئىلىم-پەن تارىخىدا بۇنداق سەتچىلىكلەر جىق، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قالىدىغان ئىشلار، ئادەملەر بۇلىدۇ.
ئەڭ مۇھىم ئىش مىنىڭچە مەسئۇلىيەت ۋە ئۈستىگە ئېلىش، بۇلارنى بىلمىگەنلەرنى ھەقىقىي شەرمەندىلەر دىسە بۇلىدۇ. بەزىلەردە بۇنىڭ گېنىمۇ يوق{:90:}

yasir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 20:42:04

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان.ئەشۇ يېڭى تىپتىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى بىزنىڭ بۇ تەرەپتىمۇ ئۇمۇملاشتۇرۇشقا بۇلاامدۇ؟مۇمكىن بولسا خەۋەردار قىلغان بولسىڭىز .پىلاانلىق توغۇت تەدبىرلىرىنىڭ يېرىكلىكىدىن ئاياللار بىھۇدە كىسەل تارتىۋاتىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 00:15:09

yasir يوللىغان ۋاقتى2014-8-31 20:42 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان.ئەشۇ يېڭى تىپتىكى ھامىلدا ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئامېرىكىدا دوختۇرلار ھەممىدىن بەكرەك تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىۋاتقىنى دەل باش تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا بىر IUD دەپ ئاتىلىدىغان T شەكىللىك ئەسۋاپ بالياتقۇغا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ ئەسۋاپتا ھېچقانداق ھورمۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زېيىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولىدۇ ياكى پۈتۈنلەي زىيانسىز. بۇ ئەسۋاپ ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت ھەقسىز تەمىنلەيدىكەن، ئامېرىكىدا تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى جۇڭگودا كېڭەيتسە ھازىرقى ئوپراتسىيە قىلىپ ھالقا سېلىشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئاغرىقسىز، ئەڭ مۇھىمى ھورمۇندىن ساقلانغىلغى بولغاچقا سالامەتلىككە زېيىنى ئاز بىر ئىش بولاتتى. بۇ ئىش ھۆكۈمەت تەرەپ ئېغىر ئويلىشىپ بېقىشقا تىگىشلىك بىر ئىش. ئاياللار قۇرۇلتيىي، ئاياللار جەمئىيىتى ... دېگەندەك ئاياللار تەشكىلاتلىرى باش بولۇپ مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشنى ئۇدا نەچچە يىل خەلق قۇرۇلتىيىي يىغىنلىرىدا سۇنۇپ جەمئىيەتتە كەڭ تەشۋىق قىلسا بۇ ئىش ئومۇملىشىپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى...
بۇ ئەسۋاب سەل قىممەت بولۇپ ئامېرىكىدا 1000 دوللارغا سېلىپ قويىدىكەن، لىكىن ئاساسلىقى دوختۇرلارنىڭ ئىش ھەققى پەۋقۇلئادە يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن. رايونىمىزدا ئاياللار ئۆزلىرى بۇ ئىشنى چۈشىنىپ ئاكتىپلىق بىلەن دوختۇردىن مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسا يەنىلا بولىۋىرىشى مۇمكىن.

yasir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 18:55:03

چۈشىنۋالدىم،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
بەت: [1]
: ئامېرىكىدىكى ئىلمىي يىغىندىن ئىلمىيلىككە نەزەر