دۆلەتلىك كود ئۆلچىمى GB 21669 - 2008
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىGB 21669-2008
ئۇچۇر تېخنىكىسى
ئۇيغۇرچە-قازاقچە-قىرغىزچە
كودلانغان ھەرپ-بەلگىلەر توپلىمى
2008-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىندى
2008-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت سۈپەت نازارەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى
جۇڭگو دۆلەتلىك ئۆلچەملەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتى
ئېلان قىلدى
كودلانغان ھەرپ-بەلگىلەر نىڭ تارىغى ،ئەھميتى، جەمېيتىمىزدىكى رول ،جەھەتتە ئازراق چۇشەنچە بىرۋاتقان بۇلسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتىكەن دەپ ئۇيلاپ قالدىم. چۈنكى ھەممە ئادەم كەسىپ ئەھلى ئەمستە؛ بۇ دۆلەت ئۆلچىمىنى نەدە ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ دۆلىتىمىزدە ياسالغان يۇمشاق دېتال، سىستېمىلاردا بۇ ئۆلچەمنى ئىشلەتكەندەك قىلمايدۇ.
ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە خەلقئارالىق unicode ئۆلچىمى باركەن. بولمىسا ئۇيغۇر تىلىمىز قانچىلىك بىچارە ئورۇنغا چۈشۈپ قالار بولغىيتى. بۇ ئۆلچەمدە ئۇيغۇرچە يازسىڭىز بەك چىرايلىق چىقىدۇ {:92:} {:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:} 2008-يىلى ئىلان قىلىنغانكەن. ھازىرغىچە تارتمىدا تۇرغىنىغا قارىغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ تەتقىقات تۈرىگە يوللاپ، پۇلى خەجلىنىپ بولغان تۈردەك قىلىدۇ بۇ. بۇنداق تۈرنى ئۇيغۇر جەمىئىيتى قوللىمىدى ھەم قوللانمىدى. دىمەك بۇندىن كىيىنمۇ قوللانماسلىقى مۇمكىن. خەلىقئارالىق يونىكود ئۆلچىمى بۇيىچە قېلىپلىشىپ بولغان ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرگەن ئۇيغۇرتىلىنىڭ كود قالايمانچىلقى كۆزنەك يەتتە سەككىزلەردە تەلتۈكۈس ھەل قىلىندى. بۇنى ئۈچۈن تەر تۆككەن خالىس تۆھپە قوشقان ئاۋانگارتلېرمىزغا مەدەت ئوقۇيمەن.
ئەمما لىكىن يەنىلا ھۆكۈمەتنى ئالداپ كۆزبۇياپ كۆد قالايماقانچىلىقى چىقىرىپ ئۆزئالدىغا ئۆلچەم بىكىتىدىغانلار يوقمۇ ئەمەس بۇنداقلارغا پۇللا بولسا ئۆلچەم دىگەننى قەشقەرئۆلچەمى ،خوتەن ئۆلچەمى، تۇرپان ئۆلچەمى ، قۇمۇل ئۆلچەمى ،غۇلجا ئۆلچەمى، ئالتاي ئۆلچەمى، چۆچەك ئۆلچەمى ،ئاقسۇ ئۆلچەمى دەپ ئالدىغا بەلگىلەۋېردۇ.
================
شۇڭا كۆد قالايمانچقىلى ئۇرۇشىنى قوزغىماي خەلىقئارالىق بىردىنبىر ئۆلچەملىك ھەرپ بەلگىمىزنى(يۇنىكود) ئىشلىتىنى تەشەببۇس قىلىمەن. بىرقانچە كۈن بولدى، ئىزدىنىشقا نېمە بولدىكىن ،ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتكەن UKY ۋە يېزىق كودى ھەققىدىكى تېمىلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى، يوللىغۇچىلار ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ ئۆلچەملەرنىڭ ئۆلچىمى يەنىلا http://www.unicode.org/ بەتتىكىسى ئەڭ نوپۇزلۇق. يۇنىكود ئۆلچىمىنىڭ 7.0 نەشرى ئېلان قىلىنىپتۇ. ئۇيغۇرچىغا ئائىت يېڭىلىقلارمۇ باركەن.
http://cldr.unicode.org/index/downloads/cldr-25
بەت:
[1]