meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:08:19

گېمرويداشلار بارمۇ، ھەكىملەرچۇ

موشۇ خەتلەرنى يېتىپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن،
تاشقى گېمىروي دەپ دېئاگنۇز قويدى ماڭا. گېمىروي دېگەن بەك چاتاق كېسەلكەن بۇ،  بەك ئاغرىيدىكەن، يا ماڭالماي، يا ئولتۇرالماي ، يېتىپلا قالدىم.
دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ھازىرچە مەرگەنسۇپ بىلەن يۇيۇپ، سىقما دارىسىدا ياغلاپ، گېرمانىيەنىڭ بىر دارىسى بارىكەن شۇنى ئىچىدىكەنمەن. ئۈچ كۈن بولدى، شۇنداق قىلسام ئاغرىقى سەل پەسەيدى.
موشۇ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا تولا ئولتۇرۇپ تاپتىممىكىن بۇ كېسەلنى. شۇنداق بولسا، ئىزدىنىشتا گېمرويداشلارمۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئەمدىكى گەپ، موشۇ گېمروينى داۋالاشنىڭ ياخشى چارە-تەدبىرلىرى بولسا، تەجرىبە ئالماشتۇرساق، ئىزدىنىشتىكى ھەكىملەر مەخپىي رېتسىپلار بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ رېتسىپلىرىنى دەپ بەرسە دېمەكچى.
يەنە بىرگەپ، بىرزات ھەكىم مەجۈنى بوۋاسىر دېگەن بىر دارىنىڭ گېپىنى قىلغانكەن. بۇ دارا بىرزات ھەكىمدە بولسا، سېتىپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:31:34

تادۇبەگنى ئىزدەڭ

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:53:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kompyuter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 17:57  

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ يازما باركەن ئىزدىنىشتا :

بۇۋاسىر (گىموروي ) ھەققىدە پاراڭلىشايلى


بوۋاسىر(گىمىروي)توغرۇلۇق ياردەم سورايمەن‹جىددى›

سىزدە بوۋاسىر بارمۇ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 18:05:15

ساۋاقداش، تورداش دەپ بارتى. ئەمدى گىمرويداش...توۋا دېمىسە

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 18:16:36

توۋا{:136:}

arislan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 18:25:22

گىمىروي بولۇپ كەتكىچە نېمە ئىش قىلغان؟ يېگەن نەرسىگە چۇشلۇق بىرەر نەرسە چىقمىسا بەدەنگە سىڭىپ كەتكەندۇ دەپ قاراپ ئولتاغانما ؟ ئايدا بىرەر ئىككى كۈن ئىچى سۈرمىگەن ئۆزىنى ساق چاغلىمىسۇن ؟

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 19:38:10

   迈之灵片
مۇشۇ دورا ياخشىراق.

ئېسىڭىزدا بولسۇن ، بۇ كىسەلنىڭ قوزغۇلىشى مەلۇم بىر خىل يىمەكلىكنىڭ زىيان قىلىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بىرىدۇ.
1- ئۆسۈملۈك يېغى: ئاساسلىغى ساختا ۋە سۈپەتسىز ئۆسۈملىك يېغىدا ئىتىلگەن تائاملار.ئەڭ ياخشىسى بازاردىن قورۇپ ئىتىلگەن تاماق يېمەڭ.ياغ سېتىۋالغاندا ئىشەنچىلىك يەردىن ئىشەنچىلىك ياغ سېتىۋىلىپ ئىشلىتىڭ.
2. پارچە ئوراغلىق تەييار يېمەكلىك.
3. خوگو، مالاچۇەر، داپەنجى.
3. باشقا گۇمانلىق يېمەكلىكلەر.

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 20:02:16

ئاچچىق نەرسە يېيىشتىن، كۆپ ئولتۇرۋېلىشتىن، ئارقا يولنىڭ تازلىقى ياخشى بولماسلىقتىن پەيدا بڭلىدىغان كېسەل بۇ

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 20:04:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Huqush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 20:06  

دورىسىنى بىلمەيمەن
لېكىن ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ ئولتۇرماسلىق، ئاچچىق يېمەسلىك  ، شۇ يەرنى كۆپ يۇيۇپ بېرىش، بولۇپمۇ ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە تەرەتتىن كېيىن، تەرلىگەندە ئامال بار كۆپ يۇيۇپ بېرىش كېرەك

roh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 20:45:43

قىززىق قۇمدا ئولتۇرۇپ بىقىڭ ...

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 21:32:23

roh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 20:45 static/image/common/back.gif
قىززىق قۇمدا ئولتۇرۇپ بىقىڭ ...

تۇزدا ئولتۇرسىمۇ بولامدۇ ؟:shutup:

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 08:26:28

达克宁乳膏 دېگەن بىر سىقماق بار. ئۆزىمۇ ئەرزان. بىر ھەپتە مىلاپ بەرسىڭىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ تىكىدەك سەكرەپ كېتىسىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 08:48:04

  قاندا داۋالايدىغانلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن ، ئەمما ئالدىنى ئىلىش ۋە قايتا قوزغۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن  تەرەتتىن كىيىن ئىستىنجا قىلىش كىرەك  
  قان تازلايدىغان  دورىلارنى يىسىمۇ پايدا قىلامدىكى

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 10:55:49

ئەڭ ياخشى داۋاسى يىلمان سۇدا تاھارەت ئېلىپ ئوقۇلغان 5ۋاخ ناماز.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 11:32:26

پىشقان بۇينىڭ ئورۇقىنى چاينىماي يۈتۈپ بېرىڭ مەنپەئەت قىپ قالار

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 11:32:59

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 11:32 static/image/common/back.gif
پىشقان بۇينىڭ ئورۇقىنى چاينىماي يۈتۈپ بېرىڭ مەنپەئەت  ...

بەك جىق يۈتۈۋالسىڭىز جىگەرگە بىسىم ئېلىپ كېلىدۇ

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 12:55:30

   بۇ كېسەللىك كۆپ ئولتۇرۇش ، ۋە ئاچچىق نەرسىلەرنى كۆپ ئېستىمال قىلىشتىن بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ . ئەڭ مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە تەبىئى يەللىك بولغان بولىدۇ . تاشقى گېمروينى ئۈچەي يولىنى توسىۋالغان گېمروينى تازلاش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ . ئوپراتسىيە قىلىش ياكى نۇر ئارقىلىق داۋالاش ياكى ئۇيغۇر تېبابەتتە دورا ئارقىلىق داۋالاش ، جوڭگۇچە ئۆسۈملۈك دورىلار بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ . ئوپراتسىيەدىن كېيىن  بىر مەزگىل ئىچى سۈرۈپ ، چوڭ تەرەتنى تۇتۇش تەسلىشىدۇ . كېيىنچە ياخشى بوپ كېتىدۇ .

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 13:43:12

ھەركەتنى كۆپ قىلىپ بىرىڭ،تەرەتنى بۇشىتىدىغان دۇرىلارنى يەپ بىرىڭ، ئاچچىقسۇ،لازا، غىدىقلايدىغان ئىشقارلىق يىمەكلىكلەرنى يىمەڭ.كۇندە داسقا سۇغۇق سۇ قۇيۇپ 5~10 مىنۇتچە مەقەتنى چىلاپ بىرىڭ،
بەك ئېغىر بۇلسا  ئاپىراتسيە قىلىپ كىسىپلا ئىلىۋەتمەمسىز.ما نىڭدا ئاسانراق بۇلامدىكىن دەيمە مەن.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 14:03:55

كەينى تەرەپنى پاكىز تۇتۇپ يۈرۈڭ

eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 15:46:22

بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ،يىلىمان سۇدا تەرەتتىن كىيىن كەينى پىشاپنى يۇيۇپ بىرىش ،ئاندىن قەۋزىيەت بوپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ،ھەرگىزمۇ بازاردىكى مەيلى مىللىي تىبابەت بولسۇن ياكى غەرىبچە بولسۇن سۈرگۈ دورىلىرى نى قالايمىقان ئىستىمال قىلماسلىق چوقۇم گىمرويغا بولغا زىيىنى   بارمۇ ،دىگەننى سۇراپ سۈرگۈ دورىسى ئىشلىتىڭ ،؟   
بەت: [1] 2
: گېمرويداشلار بارمۇ، ھەكىملەرچۇ