Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 15:05:10

توردىن موتوسېكىلىت سېتىۋېلىپ باققانلار بارمۇ ؟

بىر تونۇشۇم توردىن بىر دانە موتسىكىلىتنى تاللاپتىكەن، سېتىۋالسام بولارمۇ؟    ئىشەنچىلىكمىكەن دەيدۇ، مەنمۇ بىر نەرسە دېيەلمىدىم شۇڭا سىلەردىن ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يازدىم .
تور ئادرېسى مانا
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z09.2.9.9.ltS6HA&id=40531370285&_u=a1nrjhv906e

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 16:51:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 16:54  

دۇكانغا كىرىپ مال چىقىرىش خاتىرىسىنى كۆرۈپ باقتىم. ھازىرغىچە بىركىم ئېپ باقماپتۇ بۇنى. ئېھتىيات قىلساڭلار بولغۇدەك. ئەگەر توردىن ئېلىش خىيالىدا بولساڭلار، باھا خاتىرىسى، يېقىنقى مەزگىللىك سېتىپ چىقىرىش ئۇچۇرى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلغۇلۇق.

مەسىلەن: ماۋۇ دۇكاننىڭ ماللىرى خېلى ئىشەنچلىكتەك.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 16:52:52

1. مەن بۇرۇن بىرسىگە موتۇتسىكىلىت ئېلىپ بەرگەن ، رەسىمدە بە چىرايلىق چىقتى ، ئەكەلگەندىن كىيىن قارىساق تولىمۇ كىچىك بىر نەرسە كىلىپ قالغان ، ئەمما تەمىنلەپ بەرگەن رەزمىلىرىگە سېلىشتۇرساق باھانە تاپالمىغانتۇق ...
    سىزگە مەسلىھەت : مۇشۇ مۇتۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەزمىسىنى رەسمى خۇندا موتۇنىڭ شۇ تىپلىقىنىڭ ئۆلچەملىك رەزمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ ....ئوخشاش بولمىسا ھەرگىز ئالماڭ ....
2.مال كەلگەندىن كىيىن يەنە بىر قېتىم سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ ، لاياقەتلىك ئىسپاتى ، تالۇن قاتارلىقلارغا قاراڭ ، يوق بولسا 7 كۈن ئىچىدە قايتۇرىۋېتىڭ ....

3. شىنجاڭلىقلارغا ئاسانلىقچە ساتمايدۇ ،شۇڭا سىز يالۋۇرىسىز ،  سودىدا كىلىشىپ بولغىچە سىزنى خېلى كىچىكلەرگە سۇلايدۇ ، كىرىپلا قالسىڭىز پۇلنى تۆلەپ ، مالنى سېلىپ بولغاندىن كىيىن شۇنى ئىسپات قىلىۋالىدۇ ...
مال كىلىپ سىز باھالاپ بولغىچە ۋاقىت ئۇزۇن ئىكەنلىگى ، مەبلەغ زىچلىقى تۈپەيلىدىن سىز مال كىلىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالدىم دەپ تۇرۇشىڭىز كېرەكلىگى ، يارىمىسا ئوخشاشلا قايتۇرۇىۋەتسىڭىز بۇلىدىغانلىقى ، ۋاھاكازالار ،

4. مالنىڭ كىراسى 600-800 يۈەنگىچە بۇلۇپ قالىدۇ ، توردا كۈرۈنگەن 200 يۈەن  ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ باھاسى ،بۇرۇن شۇ كىراغا ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ بىرەتتى ، ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەنلەرگە يەنە ئايرىم ھەق تۆلەيدىغان ياكى بېرىپ ئەكىلىۋالىدىغان ئىش بار ئىدى ، مال تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىت ئۈرۈمچىدە ئىمزا قويغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھىساپلىناتتى ، بۇ ۋاقىتتا مالنى سىنايدىغان 7 كۈن ۋاقىت بەك تىز توشۇپ قالاتتى ، ھەم مال قايتۇرۇشقا قولايسىزلىق كىلىپ چىقاتتى ...

5. كۈرۈلۈپ باقمىغان ئىھتىماللىق : ناۋادا مال يارىمىسا ، قايتۇرماقچى بولساق ، مۇشۇ موتۇتسىكىلىتنى ئىچكىرىگە سېلىپ بەرگىلى بۇلىدىغان تىز يوللانما ، ۋاكالىتەن تۇشۇش شىركەتلىرى بارمۇ يوقمۇ بۇ ئىش خۇدانىڭ ئۆزىگە ئامانەت ...

بەك ئىشەنمىسىڭىز مەن 6 يىل بۇرۇن يازغان بىر قېتىملىق تور سودىىسى دىگەن تېمىنى كۈرۈپ باقسىڭىز بۇلىدۇ ....

بۇرۇن بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ، بەلكىم مەن ئۇچراتقان ئۇ ئەھۋاللار سىزگە ئۇچرىماس ....
سىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن ....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 16:54:39

8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېچىلغان دۇكان كەن ماۋۇ. دىققەت قىلغۇلۇق

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 16:57:31

بوران
مەنمۇ سىزدەك ئويلىغان لېكىن نەچچە دۇكانغا كىرىپ قارىسام ھەممىسىنىڭ سېتىش خاتىرىسى يوقكەن،

بۇنىڭ بىلەن دېيىشسەم تاۋباۋ دا سودا قىلىپ جىفۇباۋدا پۇل تۆلىسەڭ بولىدۇ ،15 كۈنگىچە مال قايتۇرۇش، ئالماغتۇرۇشقا كېپىل بۇلىمىز دەيدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:00:03

نەق گەپ قىلاي :
سودىلىشىپ باقتىڭىزمۇ ؟ نىمە دەيدۇ ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:05:23

ماڭىغۇ بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمايۋاتىدۇ ،،،،
ساتقۇسى يوقمۇ ؟

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:08:57

سەل قىممەت بولسىمۇ  ئۆز يۇرتۇڭدىن  كۆرۈپ  سىناپ بېقىپ ئالغان ياخشىراق بولامىكى دەيمەن

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:13:55

يۇرتىڭىزدا   新大洲本田 小战鹰SDH125-51前碟后毂 نى ساتىدىغان دۇكان يوقما؟ بۇنداق داڭلىق ماركىدىكى موتسىكىلىتنى
قولىڭىز بىلەن تۇتۇپ ئېلىڭ،بۇ ماركىنى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلەردىن تاپالايسىز

ئۈستىدىكى ساختىپەز دۇكان ئىكەن

2-قەۋەتتىكى تورداش تەۋسىيە قىلغىنى ئىشەنچىلىك دۇكان بولسىمۇ ساتىدىغىنى قوراشتۇرما موتسىكىلىت ئىكەن ئۇنى ھەرگىز ئالماڭ

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:21:57

  新大洲本田   sundiro  خېلى ئوبدان موتسىكىلىت، ئالاھىدىلىكى: دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن خوندا موتۇر سەپلەنگەن، ماي تېجەيدۇ، سىلكىنىشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى باشقا ماركىلىق موتسىكىلىتلاردىن ياخشى ،چاقمايدۇ
قورقماي تاللىسىڭىز بولىدۇ

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:23:14

مەن تاۋباۋدىن مال سېتىۋالسام ،مەللۈم بىر تۈردىكى مەھسۇلاتنى باشقىلار سېتىۋىلىپ باقمىغان ياكى ئاز سېتىۋالغان دۇكاننى تاللايمەن.چۈنكى دۇكاندار مەللۇم بىر تاۋارنىڭ سودىسىنى يېڭىدىن قىلغان بولسا  سېتىۋالغۇچىنىڭ باھالىرىغا بەك دىققەت قىلامدىكىن.سۇڭا سۈپەتلىك ھەم چاتىققى يوق مالنى ئەۋەتەمدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئۈزەممىغۇ بەك ئۇشۇق ،گەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يامان بەك ئاچچىقىم يامان، ئەۋەتسەڭ ياخشىسىنى ئەۋەت ،بولمىسا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي،مالنى ئەكەلگەن پوچتىكەچكىلا تۇتقۇزۇپ قۇيىمەن،دەپ قۇرقىتىپ قۇيىمەن.:lol

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:27:53

ئەمما تەۋسىيەم  ماندا مۇتسىكىلىتنى تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى دۇكاندىن سېتىۋىلىڭ جۇما!! چاقچاق قىلدىغان نەرسە ئەمەس بۇ . بىر چاتاق چىقىپ قالسا ئاپلا دەپ قالدىغان گەپ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:40:58

ئاخماق بولماڭلا. توردىن شۇ موتونىڭ ئۆزى كەلگەن تەقدىردىمۇ لاياقەتلىك كېنىشكىسى (خې گېجىڭ)، تالونلىرى كەلمەيدۇ. نومۇر تاختىسى بىجىرگىلى بولمايدۇ.
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىرسى مۇسابىقە موتوسى ئالماقچىتىم، توردىن پۇل تۆلىيەلمىدىم تۆلەپ بەرسىڭىز دەپ كىرىپتىكەن، موتونىڭ ئۆزى 2500 سوم، قارىساق بەك چىرايلىق خوندا موتو. ساختا چىقىپ قالسا بۇ ئېغىر نەرسىنى قايتۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ دېسەم مەيلى، زىيان بولسا ئۆزەم ئىگە دېدى. ماقۇل دەپ پۇل تۆلەپ بەردىم. ساق بىر ئايدا كەلدى. مال قايتۇرۇش ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ۋاقتىنى سوزۇپ بەر دېسەك ئۇنمىدى. مال كەلگەندە كىراسىغا 500 يۈەن تۆلەپتۇ. قارىساق كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇق موتوسىدىن سەللا چوڭ. ئويۇنچۇق موتومىكى دېسەك ئۇنداق ئەمەس، بېنزىن ماتۇرلۇق، ماي قۇيساق ئوت ئالدى. بىرلا ئادەم مىنىشكە بولىدىغان. سېتىۋالغۇچى قۇڭىنى ئۇۋىلاپ خەپ دەپ مىنىپ يۈرەتتى. ھەر قېتىم شۇ موتونى مىنىپ ماڭسا باشقىلار تېلىقىپ كۈلەتتى. مۈشۈككە مىنىۋالدىڭما دەپ زاڭلىق قىلىپ...
ئۆزەڭلىنىڭ مەللىسىدىن ياكى ئاقسۇدىن ئالساڭلار (سىلە ئاقسۇدىنغۇ دەيمە) بىر يىللىق رېمۇنىت كاپالىتى بىلەن ئالالايسىلە. تېخى بىرەر مىڭ كوي تۆلەپ قالغىننى پاختا ساتقاندا بېرەي دېسەڭلىمۇ ماقۇل دەيدۇ. ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بار نەرسىنىمۇ توردىن ئالامدۇ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:45:43

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 17:40 static/image/common/back.gif
ئاخماق بولماڭلا. توردىن شۇ موتونىڭ ئۆزى كەلگەن تەقدىرد ...

مەنمۇ دەل مۇشۇنى دىمەكچى ، موتۇ قولغا تىگىپ بولغىچە 5000 يۈەندىن ئۇشۇق پۇل كىتىدۇ ، ئەمما .....

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:58:19

مەن بىر سائەت ئالدىدا ئويۇن كومپىيوتىرىدىن بىرنى ئالدىم،  يۇقىردىكى تەجىربە ساۋاقلارغا ئاساسلانغاندا مەن ئالدانمىغۇدەكمەن

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 18:19:08

مىنىپ بىقىپ ئالمامدۇق ئانى ،،ئاغىنىڭىز ئۆمرىدە موتومۇ مىنىڭ بىقىپتىكەنمۇ يا {:92:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 18:20:32

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 18:19 static/image/common/back.gif
مىنىپ بىقىپ ئالمامدۇق ئانى ،،ئاغىنىڭىز ئۆمرىدە موتومۇ ...

:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 18:22:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 18:23  

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 17:58 static/image/common/back.gif
مەن بىر سائەت ئالدىدا ئويۇن كومپىيوتىرىدىن بىرنى ئالد ...

قاندىغىنى ئالدىڭلا مەنمۇ بىرنى ئالاي دەپ خىيال قىلغان تەپسىلاتىنى بى يوللاڭلا

meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 18:54:35

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 17:40 static/image/common/back.gif
ئاخماق بولماڭلا. توردىن شۇ موتونىڭ ئۆزى كەلگەن تەقدىرد ...

تﺎزﺎ كۈلۈپتىمەن بۇ ئىنكﺎسنى ئوقۇپ،
بەت: [1] 2
: توردىن موتوسېكىلىت سېتىۋېلىپ باققانلار بارمۇ ؟