كۆكتۇغ؛شاھمات ھىكمىتى
شاھمات ھىكمىتىئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ
قەلبىمدە شاھماتقا ھەۋىسىم پەۋەس ،
بۇ ھەرگىز ئەمەستۇر بىكارلىغىمدىن .
بۇ سىرلىق ھاياتنىڭ ھەر داۋانىدا ،
بىر ھىكمەت -مەناغا خۇشتارلىغىمدىن .
زەن سالساڭ شاھماتنىڭ تاختىسى ئارا ،
روبىرو «شاھ»لاردىن كەلسە بىر جاكا .
«ئەسكەر»لەر چۈشىدۇ جەڭگە يەكمۇ يەك،
قىلىشىپ ساداقەت ئۈچۈن جان پىدا .
ئاتلانسا «قۇر باشى» ۋۇررا دەپ توۋلاپ ،
گۈمبۈرلەپ يول ئاچار شۇئان « زەمبىرەك» .
ئېلىشىش روي بىرەر شۇنداق دەھشەتلىك ،
ۋەلىكىن بۇ ئەمەس ئۈلۈمدىن دىرەك .
ھەم ئاقماس تىكرىت*نىڭ ۋادىسىدەك قان ،
بۇ ئۇرۇش تۈپەيلى كىسىلمەيدۇ باش .
پەلەستىن ،ئافرىقا ھىندىچىنادەك،
مۇساپىر بالىلار تۆكمەيدۇ قان- ياش.
كۈرۈنمەس بۇ يەردە تىرىك كۈمۈلگەن ،
ئېتىلغان ،چانالغان سانسىز ئىسكىلىت .
ئاسماندا سىنارەت ئۇچماس ئوت پۈركۈپ،
بۇ يەردە يوقتۇر ھېچ كەمسىتىش- تەھدىت .
بۇ پەقەت تېچلىقتا ئىككى ياراننىڭ ،
ئولتۇرۇپ ئۆز ئارا ئەقىل سىنىشى .
غەلبىدىن كۈچ ئېلىپ مەغلۇپتىن ئىبرەت،
تەپەككۇر بېغىدىن گۈللەر ئۈزىشى .
ئويلايمەن؛ ساختىپەز ئۇرۇش خۇمارلار ،
كەلسىدى روبىرو شاھمات يۈزىگە .
تۇتۇشسام شۇ ئادىل ئەقىل يۈزىدە ،
بۇغۇلۇپ قالمىساق ھەقنىڭ قەرزىگە.
ماڭدىڭمۇ شۇنداقلا بىرقەدەم خاتا ،
شەكسىزكى ھامانە بۇلىسەن ھالەك .
بۇ ھايات يۇلىدا ئادالەتنى ھەم ،
ھەقىقى تۇنىتار دەرىسلىك دىمەك .
قەلبىمدە شاھماتقا ھەۋىسىم پەۋەس ،
بۇ ھەرگىز ئەمەستۇر بىكارلىغىمدىن .
قان خۇمار ئۇرۇشقاق جاھانگىرغا ،
نەپرەتتە ئوت بولۇپ يانارلىغىمدىن .
1990-يىل ئاقسۇ
بەت:
[1]