Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 12:00:18

ھېچ بولمىسا ئەزا بولۇپ قويۇڭلار...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بەلكىم ئارتۇق جاپا تارتىۋاتقاندىمەن، شۇنداقتىمۇ قىلغان ئەمگەكلەرنىڭ بىكارغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئاز-تولا قوللاپ قويىشىغا ئېھتىياجىمىز بار.. كۆڭۈل پاراكەندە ھالدا..«ئېشەك ئۆلسە بىرنېمىسى غىجەك تارتىپتۇ» دېگەندەك بۇ كۈنلەردىمۇ، مودىدىن قالغان، «تايىنى يوق» نەرسىلەرنى تەۋسىيە قىلىۋېرىشىم بەلكىم كۆپچىلىكنى جېنىنى سىقىشىمۇ مۇمكىن شۇنداقتىمۇ يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ يەنە دەۋىرەي. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ دۇتار-تەمبۇر چېلىپ ناخشا-ئۇسسۇل ئوينىغاندىن ياخشىراق بولىشى مۇمكىن...

بىر يىل بۇرۇن دېگەن «ئىلىم-پەن قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش»، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» چاقىرىقىدىن بەزىلەرنىڭ خەۋىرى بولسا كېرەك. يىتەرلىك كۈچ بولمىغانلىقتىن دېگىنىمىزدەك قىلالمىغان بولساقمۇ ھازىرچە ئەڭ ئاددىي ۋە كونا ئۇسلۇبتىكى مۇنبەر ھالىتىدىكى تور بەتنى ھۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئېدۇق. تور بەت ئاددىي ۋە كەمچىلىكلىرى كۆپ بولسىمۇ ئەگەر يىتەرلىك زىيارەتچى ئەزا ۋە يازما بولسىلا ئېھتىياجنى قامداق كىتەلەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. ھالبۇكى، شۇنچە زورۇققانغا قارشى تور بەتكە ئەزا ۋە يازما يوق «چىۋىن قورۇپ» قالدۇق. تور بەت قۇرۇشتىكى مەخسىدىم ئەزەلدىنلا بۇنىڭدىن شەخسەن بىرەر مەنپەئەت تېپىش ئەمەس ئېدى. مەخسىدىم ھەر ساھەدىكى زىيالىيلارنىڭ مەخسۇس پەن بىلىملىرىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان، مەخسۇسلاشقان تور مۇھىتى بولۇپ قالسۇن دېگەن ئېدىم...

تەرەققىيات شۇنچە تىز بولىۋاتىدۇ. پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى سىكونتىغا دىگۈدەك يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئارىمىزدا ئەلبەتتە تەرەققىياتقا يېتىشىپ مېڭىشنى ئەڭ خالايدىغانلار كۆپ، لېكىن شۇ تەرەققىياتنى تونۇشتۇرىدىغان مۇھىت كەمچىل. ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى پەن-تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ، دېققەت قىلساق، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى تەشۋىقاتى مەيلى تورلاردا بولسۇن، مەيلى مەتبۇئات ۋە تېلىۋېزۇرلاردا بولسۇن ناھايىتى قويۇق ۋە كۆپ بولىدىكەن. مەنچە بۇ ئارقىلىق كىچىك بالىلارنىڭ، ياشلارنىڭ پەنگە قىزىقىشى ۋە بۇ ساھەدە تالانتنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۇلاردىكى مۇنازىرە كۆپىنچە بۇ ساھەلەردە بولۇپ كەلگەچكە پەندىكى تەرەققىياتقا ئۇلار ھۆكۈمران بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ.. كۆپ ئاممىنىڭ بۇنىڭغا قىزىقىشى ۋە بۇنىڭغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىنىشى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك..

بىزلەردە بولسا توردا بولسىمۇ، بىلگەنلەر پەن يېڭىلىقلىرىدىن خەۋاردار قىلىپ تۇرسا، بىلىم قىزغىنلىقى كەيپىياتىنى يارىتىشقا تىرىشسا، ياشلارنىڭ ئېڭىدا ئۈمۈد ۋە ئۇلۇغ غايىلەرنىڭ تىكلىنىشىگە تۈرۈتكە بولىشى مۇمكىن ئېدى. كەلگۈسىدە ئارىمىزدىن بۇ ساھەلەردە قانچە كۆپ يېتىشكەن كىشى چىقسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئەلبەتتە تەشۋىقاتقا، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش كەيپىياتىنىڭ قويۇقلىقىغا باغلىق. مەسىلەن، ئون ئوقۇغۇچىدىن بىرىنىڭ كاللىسىغا پىلتە يېقىلسا، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىن خوشاللىنارلىق ۋە ھەيران قالارلىق ئىدىيەلەر ۋە يېڭىلقلار پارتىلاپ چىقشى مۇمكىن. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر توپقا نىسبەتەن چوڭ بىر تۆھپە بولۇپ قالىدۇ..

ئۆز-ئارا قوللاش ۋە ياردەم بىزدە يوق ئەمەس، لېكىن يىتەرلىك ئەمەس.. كۈچنى توپلاپ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئۆز-ئارا قوللاپ ماڭساق ، خۇدا خالىسا، «كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە» بولىدۇ. گەپنى كۆپ قىلماي نەق گەپنى دېسەم، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىشقا يەنە بىر قېتىم دېققەت ئاغدۇرۇپ قويۇشىنى، قوللاپ-قۇۋەتلەپ بېرىشىنى سورايمەن. قانداق قوللايمىز دېگەندە، ئۇ يەر بۇيەردىن(خەنچە، ئىنگىلىزچە توربەتلەردىن)  كۆرگەن پەنگە ئائىت يېڭىلىقلارنى ئېرىنمەستىن قىسقىچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشلىرىنى، بىلگەنلەرنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماي يوللاپ قويۇشلىرىنى، قىزىققانلارنىڭ سۇئاللارنى سورىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئەزا بولۇپ، زىيارەت قىلىپ قويۇشىنى ۋە ئېلىھام بىرىشلىرىنى سورايمەن. ئۇنىدىن باشقا توربېكەتكە نىسبەتەن تەكلىپ-پىكىر ۋە ياردەم بېرىشلىرىنى ۋە ھەرقانداق تەۋسىيەلەردە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

مەنزىلىمىز ئىلىم-پەن تورى
بەت: [1]
: ھېچ بولمىسا ئەزا بولۇپ قويۇڭلار...