TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 07:01:03

تاشپولات: ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەتگە مۇبارەك بولسۇن!

ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەتگە مۇبارەك بولسۇن!

تاشپولات روزى




ئەسسالامۇ ئەللەيكۇم قەرىنداشلار، مەن بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز ھاياتلىق ئىلمى دوكتورى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت  ئۇكام ئېرىشكەن كاتتا خوش خەۋەردىن سىلەرنى خەۋەردار قىلماقچى. ئۇ 45 تىن كوپ دۆلەتلەردىن كېلىپ قاتناشقان دۇنياۋى بىئولوگىيە ئالىملار يىغىندا ئۆزىنىڭ ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئوقۇلغان 1000 پارچىدىن كوپ ئىلمى ماقالىلەر ئىچىدىن ماقالىسى تاللىنىپ لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۇيغۇر خەلقىنى چەكسىز خۇشال قىلىدۇ! مەن ئۇنۇڭ ئۇتۇقلىرىنى چىن كۆڭلۈمدىن مۇبارەكلەيمەن! بۇنداق كاتتا نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ ئويناپ يۈرۈش بىلەن قولغا كەلمەستىن ئۇنۇڭ تىنىمسىز تىرىشىشى نەتىجىسىدىن كەلگەندۇر. ئۇ داۋاملىق مۇشۇنداق بىزنى خۇشال قىلىدىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىلمى ئاساسىغا ئىگە يازمىلارنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ مىللىتىمىزگە سۇنۇپ كەلمەكتە. مەن بۇ قېتىم ۋەتەنگە تۇغقان يوقلاش بىلەن بارغىنىمدا ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇنۇڭغا كوپ رەھمەتلەرنى ئەيتى. ئۇنۇڭ شان شۆھرىتى ۋەتەندىكى زىياللار ئىچىدە، كارخانىچىلار ئىچىدە، سەنئەتچىلەر چىدە، دىخانلار ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن. مەن توققۇزتارانىڭ ئەڭ چەت ئەڭ كىچىك بىر يېزىسىغا بارسام ئۇ يەردىكى دىخانلارمۇ تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامنى ۋە بىزنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇردىن چىققان بىردىن بىر دۇنياۋى ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ياخشى تونۇيدىكەن. ئۇلار مەن بىلەن تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئىككىمىز بۇلتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشلىگەن سىن ئالغۇنى كۆرۈپتۇ. بۇ سىن ئالغۇدىن ئۇلار كوپ پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئېلىپتۇ. تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامدىن بىزنىڭ يەنە بىر ئۆگىنىدىغان يېرىمىز، ئۇنۇڭ كىچىك پېئىل كەمتەر، كەسىپتە مۇكەممەل بولۇپ يالغان گەپ قىلمايدىغانلىقىدا.



مەن بۇ قېتىم ۋەتەنگە بارغىنىمدا، ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپلەر دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەتنى، بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ۋە ئاياللاردىن چىققان ياش ئالىمىمىز  رەيھان بەكتۇرنى ۋەتەن ئىچىدە ئالاھىدە دوكلات بېرىشىنى تەكلىپ قىلدى.

دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بۇ يىغىن توغرىلىق مۇنداق توختالدى.  “بۇ قېتىم مەن 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە  «دۇنيا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى،SSR » نىڭ ئامېرىكا مىچىگان شتاتى گىراند راپىد شەھىرىدە ئېچىلغان 47-قېتىملىق ئىلمىي يىغىنىغا قاتناشتىم. بۇ قېتىملىق يېغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى: «ئۇرۇقلىنىش - دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلغان مەسىلە» بولۇپ، كۆپىيىشتىن ئىبارەت ئىنسانلار دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر بىئولوگىيىلىك ھادىسە ئۈستىدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى تەتقىقاتلاردىن دوكلات بېرىلدى. بۇ ئىلمىي يىغىنغا 45 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن بىئولوگىيە ئالىملىرى قاتناشتى.



ئادەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىلمىي يىغىنلار مۇنداق بىر تەرتىپتە ئىلىپ بېرىلىدۇ:
ئالدى بىلەن يىغىن ۋاقتى، ئورنى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئىلمىي جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن بارلىق ئەزالارغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. كۆپ قىسىم پروفېسسورلار ئۆز تەتقىقات ساھەسىدىكى ئاز دېگەندە بىر-ئىككى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار شۇ يىغىنغا بېرىش-بارماسلىق ئۈستىدە نۆۋەتتىكى تەتقىقات ۋە مەبلەغ ئەھۋالىغا قاراپ قارار چىقىرىپ قول ئاستىدىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلار ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىغا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ. ئاندىن تەتقىقاتچىلار يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىشلەپ چىققان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ بىر پارچە پۈتۈن ماقالە ياكى ماقالە ئابستراكتى تەييارلاپ ماقالە تاپشۇرۇش ئاخىرقى كۈنىدىن بۇرۇن توردا ماقالىنى تاپشۇرىدۇ. تەلەپ - تاپشۇرۇلغان ماقالىدىكى سانلىق مەلۇماتلار يېڭى، توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشى، ئىلمىي نەتىجىلەر ئىلگىرى ھېچقاچان ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى، باشقا يىغىنلاردىمۇ سۆزلەنمىگەن بولۇشى ۋە تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ ئاخىرقى چەك يىغىن ئېچىلىدىغان ۋاقىتتىن 6 ئاي بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئىلمىي جەمئىيەت بىر تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى بەلگىلەپ تاپشۇرۇلغان بارلىق ماقالىلەرنى باھالاپ تەخمىنەن 2 ئاي ئىچىدە ماقالىسى تاللانغان ئاپتورلارغا «ماقالە قوبۇل قىلغانلىق خېتى» ئەۋەتىدۇ. كۆپىنچە ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆپ، ئەمما ۋاقىت چەكلىك بولغاچقا 80% تىن كۆپ يىغىن قاتناشچىلىرىغا تامغا دوسكا شەكلىدىكى دوكلات سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلىدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسمىلا ئېغىزچە دوكلات سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار بىر يەرگە كېلىپ ئىلمىي دوكلات سۆزلىنىدۇ.



ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، مەن بۇ قېتىم دوكتور ئاشتى تەتقىقاتىمنىڭ ئەڭ يېڭى مېۋىسى بولغان ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىمنى خۇلاسىلەپ بىر پارچە ماقالە تاپشۇردۇم. بۇ يىغىنغا جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي دوكلات ماقالىسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش كومېتىدىكىلەر مېنىڭ ماقالەمگە يۇقىرى باھالارنى بېرىپتۇ ۋە بۇ يىل 4-ئايدا ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ماقالەم ئۈچۈن ماڭا «لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ تور بېتىدە بۇ مۇكاپاتنىڭ شەرتلىرى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:
«لايلور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» ئەڭ ياخشى تەتقىق قىلىنغان ۋە ئەڭ ياخشى يېزىلغان ماقالە ئۈچۈن بېرىلىدۇ.

Http://www.ssr.org/14MeritAwards

تۆۋەندىكىسى مەن 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تاپشۇرۇۋالغان مۇكاپات ئۇقتۇرۇشى:



مەن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىغان مىچىگان شتاتىنىڭ گراند راپىد شەھىرىگە يېتىپ باردىم چۈنكى شۇ كۈنى يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىگە ئېچىلىدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى.
ئىلمىي يىغىن ئەتىسى رەسمىي باشلاندى ۋە مەن 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن 15 مىنۇتلۇق ئېغىزچە دوكلات بەردىم. «ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى مىكرو RNA تىپىدىكى ئېپىگېنتىكىلىق مېخانىزملار بىلەن ھامىلە مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ» نامىدىكى دوكلاتىمنى سۆزلەپ بولغىنىمدا پۈتۈن زالدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. نۇرغۇن ئالىملار قىزغىنلىق بىلەن كەينى-كەينىدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى ۋە تەتقىقاتىمنىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق، زور ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ياخشى باھالارنى بەردى. نەق مەيداندا دوكلاتىمنى ئاڭلىغان ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىلگىرىكى دوكتور يېتەكچىم سىېىۋىن فورد ماڭا: «تۇرسۇن، يارايسەن! قالتىس بىر دوكلات بولدى، مەن سەندىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن» دېگىنىدە ماڭا قاتتىق تەلەپ قويۇپ مېنى بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن، ئادەتتە بىر ئىشنىڭ يارىمىقى ناھايىتى تەس بۇ پېشقەدەم ئۇستازىمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم.



مەن بۇ قېتىملىق يىغىن جەريانىدا كۆپلىگەن دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە داڭلىق ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق ئەنگلىيە ئالىمى، «كىلون ئاتىسى» دەپ نام ئالغان ۋە ئەنگلىيە خانىشى تەرىپىدىن «چەۋەنداز» لىق نامى بىلەن تارتۇقلانغان دوكتور ئىيان ۋىلمات(Sir Ian Wilmut) مۇ بار.



دوكتور ئىيان ۋىلمات 1996-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى كلونلانغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان «دولىي» ئىسىملىك قوينى كىلولاپ، دۇنيا كىلون تېخنىكىسى ۋە غول ھۈجەيرە ساھەسىدە ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ داغدۇغا قوزغىغان كەشپىياتنى ياراتقان. ئۇ بۇ قېتىملىق يىغىندا «كىلون تېخنىكىسى ۋە باشقا كۆپەيتىش تېخنىكىلىرىنىڭ تارىخىغا نەزەر» دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك دوكلات بەردى. ئۇنىڭ دوكلاتى بېرىلگەن ۋاقىتقا باشقا ھېچقانداق دوكلات ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولغاچقا 1000 كىشىلىك چوڭ يېغىن زالى لىق توشتى. دوكتور ۋىلمات غول ھۈجەيرە بىئولوگىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى بىر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىسىنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاپ باھا بەردى. دوكتور ۋىلمات دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمىمىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ ساھەگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈستىدە خىلى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەپسىلىي توختالدى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن يۇقىرى باھالارنى بەردى. شۇ مىنۇتلاردا مەن ھېس قىلغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى.... ئاخىرى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىسمى دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەھنىلىرىدە ئەڭ داڭلىق دۇنياۋى ئالىملار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە سۆزلىنىدىغان بوپتۇ! دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭدىن بىر قانچە سوئال سورىدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالدىم:
مەن بۇ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگەندىن باشقا يەنە 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى «ئۇرۇقلىنىش تېخنىكىلىرى» نامىدىكى بىر بۆلەك دوكلاتلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. ئاساسلىقى شۇ قېتىملىق دوكلات جەريانىدىكى سۆزلىگۈچىلەرنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ھەر بىر دوكلاتنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۈگىشى ۋە سوئال سوراش باسقۇچلىرىنىڭ تەرتىپلىك ئىلىپ بېرىلىشى قاتارلىقلارنى باشقۇردۇم ۋە يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشتۇم.



بۇ قېتىملىق يىغىن ھەقىقەتەن زور مول-ھوسۇل بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتىكى يىغىن يېپىلىش مۇراسىمىدا مەن «لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلاندىم.”



ئاخىرىدا تۇرسۇنجان نۇرمەمەت، ۋە باشقا ئىلىم يولىدا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ياش ئالىملىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇستازى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقماس روھىدىن ئۆگىنىپ،  تېخىمۇ كوپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنۇڭغا ھەممە جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان رەپىقىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:11:40

تۇرسۇنجان نۇرمەمەتنىڭ  تېخىمۇ كوپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! داۋاملىق ئالغا تىرىشچان يىگىت

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:14:57

مۇبارەك بولسۇن! يۈزىمىزنى يورۇق، تىلىمىزنى ئۇزۇن، بېشىمىزنى تىك قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىز ئامان بولسۇن!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:22:07

مۇبارەك بولسۇن!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:40:22

مۇبارەك بولسۇن دوستۇم تۇرسۇنجان ، يېنىمدا بولسىڭىز تون ياپاتتىم سىزگە
تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن !

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:40:29

مۇبارەك بولسۇن دوستۇم تۇرسۇنجان ، يېنىمدا بولسىڭىز تون ياپاتتىم سىزگە
تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن !

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:40:32

مۇبارەك بولسۇن بىلگېجان!

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:46:50

مۇبارەك بولسۇن!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 10:16:43

مۇبارەك بولسۇن

huseyinuyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 10:17:58

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاللاھ سىزنى سالامەت قىلسۇن ، ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۇم ( نىمە دەپ تەبرىكلەشنىمۇ بىلەلمىدىم بۇ ھاياجاندا {:112:} )

zeper يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 10:52:31

مۇبارەك بولسۇن بىلگەجان ،ئۇلۇغ ‹ئاللاھ› بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ مول قىلسۇن، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزگە بەركەت بەرسۇن.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 10:54:49

مارەك بولسۇن. ھەجەپ مۇنبەردىكى @murad قا ئوخشايدىكەن چىرايى :P

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 10:56:20

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئالىملىرمىزدىن پەخىرلىنىش ھىسياتى نىمىدىگەن ياخشى ، ئاللاھ ئائىلڭىزگە خاتىرجەملىك ، بەركەت ئاتا قىلسۇن

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 10:58:11

بۇ تىمىنى ئوقۇپ خۇددى ئاكام بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەندەك ھىسياتقا كەپقاپتىمە{:90:} ، تاش پولات ئاكىمىزغۇ رەھمەت

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 11:29:15

مۇبارەك بولسۇن ،ئاللا ئەزىز تىنىڭىزنى ئامان قىلسۇن

tiroy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 11:33:34

مۇبارەك بولسۇن مىللەتنىڭ پەخىرلىرى

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 11:40:51

تۇرسۇنجانغا مۇبەرەك بولسۇن!!.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 12:52:02

مىنىڭمۇ مۇشۇ تىمىنى ئوقۇغاندىكى ھىسياتىم ، پەخىر ، غورۇر تۇيغۇم ئالتۇنغا تىگشكسىز ، مۇبارەك بولسۇن بىلگىجان تەبىرىكلەيمەن  

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 13:05:51

xjtv, utv, radio دىگەنلەر داقا - دۇمباقنى چېلىۋەرگۈچە مانا مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى بەرسىچۇ، مۇشۇنداق پەخىرلىك كىشىلىرىمىزنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرسىچۇ.
星光大道 نى دوراپ يېڭى ناۋانى ئىشلىدى. 中国好声音 نى دوراپ يەنە بىر نېمىنى ئىشلىگىلىۋېتىپتۇ. ئىلىم - پەن توغرۇلۇق بىرەر پروگراممىنى بولسىمۇ ئىشلەپ باقسا، ھېچ بولمىسا 盗版 قىلىپ بولسىمۇ ئىشلەپ باقسا نېمە بولار بولغىيدى.

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 13:08:45

مۇبارەك بولسۇن .پەخىرلىك ئوغلانىمىز.
بەت: [1] 2 3 4
: تاشپولات: ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەتگە مۇبارەك بولسۇن!