Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 03:52:23

تەبىئەتكە تەقلىد قىلىنغان سۇنى پارچىلاش تېخنىكىسى


رەسىمدىكى قارا ماددا مانگان ئوكسىدلىق بېرىكمە


(يېشىل)ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتىز ئارقىلىق كاربون تۆت ئوسىد ۋە  سۇنى شىكەر ۋە ئوكسىگىنغا ئايلاندۇرىدۇ.  بۇجەرىيان توپ توپ مانگان، كالتسىي ۋە ئوكسىگىن ئاتوملىرى ئارىسىدا،  «فوتو سېستىما 2»  (photosystem II) دەپ ئاتىلىدىغان مۇرەككەپ ئاقسىلنىڭ مەركىزىدە يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇ سېستىما سۇنى ئوكسىگىن مولىكولىسى،  پروتون ۋە ئېلىكترونلارغا (ھېدروگىنغا )ئايرىيدۇ.


فوتوسىنتىز سىخىمىسى

تەتقىقاتچىلار بۇنى تەقلىد قىلىپ تۇرۇپ، بىر خىل سىنتىزلەنگەن كاتالىزاتۇرلۇق بىرىكمىنى ياساپ چىقىش ھەققىدە ئىزدەنگەن. بۇ خىل بىرىكمىگە نۇر ياكى ئېلىكتىر بېرىش ئارقىلىق سۇدىن يېقىلغۇ قىلغىلى بولىدىغان ھېدروگىن گازىنى پارچىلاپ چىقارغىلى بولاتتى. لېكىن، ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ خىل سۈنئىي بىرىكمە پەقەتلا ئىشقارلىق سۇنى پارچىلىيالايدىغان بولۇپ، بۇ ئۈزلۈكسىز جەرىيان بولماي قالاتتى.

RIKEN  مەركىزىدىكى Ryuhei Nakamura  ۋە ئۇنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىللىرى يېقىندا مانگان ئوكسىد ئاساسىدىكى كاتالىزاتۇرلۇق بېرىكمىنى ياساپ چىققان بولۇپ،  بۇ خىل بېرىكمە ناتۇرال سۇ (pH قىممىتى 7)نىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا پارچىلىيالايدىكەن.  Nakamura  نىڭ دېيىشىچە،  تەبىئەت بىخەتەر، پاكىز ۋە مول بولغان سۇدىن پايدىلىنىپ « يېقىلغۇ» ئىشلەپ چىقىرىدۇ، شۇڭا تەبىئەت ئۈزلۈكسىز ۋە ھەقىقى بولغان ئېكىلوگىيلىك سېستىمىنى ھاسىل قىلالايدۇ.  (شۇنىڭغا ئوخشاش) ناتۇرال سۇنى پارچىلىيالايدىغان كاتالىزاتۇرمۇ يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەسى بولۇپ،  ئۈزلۈكسىز (ئېھتىياجلىق) ئىنسانلار جەمىيىتىنى تەمىنلەشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ.

«فوتو سېستىما 2 » دە  زەرەتلەنگەن مانگان ئىئونلىرى سۇ مولىكولىللىرىدىكى پروتونلارنى  ئاجىرىتىپ چىقىرىۋېتىش بىلەن بىرگە ئېلىكترونلىرىنى بارا-بارا قويۇپ بېرىدۇ. بۇ مانگاننىڭ ئىككى ۋە ئۈچ ۋالىنتلىق ھالىتىدىن ئوكسىدلىنىپ تۆت ۋالىنتلىق ھالەتكە ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  گەرچە «فوتو سېستىما 2 » دە تۆۋەنرەك ئوكسىدلىك مانگان پلۇس 3 بەكىرەك تۇراقلىق بولسىمۇ Nakamura ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىللىرى (تەتقىق قىلىنغان مەزكۇر ) مانگان ئوكسىدلىق كاتالىزاتۇردا ئۇنىڭ تۇراقلىق بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان ئېدى.

بۇ خىل تۇراقسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار +Mn3 نىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلەتكەن بولۇپ، بۇ خىل جەرىيان +Mn2 بېرىكمىسىنىڭ  ئايرىم ئايرىم ئىككى باسقۇچتا بىر تال پروتون ۋە بىر تال ئېلىكتروننى قويۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كىلىدۇ.  Nakamura نىڭ تەتقىقات گورۇپپىسى pyridines دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل چەمبەر شەكىللىك ئورگانىك بېرىكمىنىڭ يۇقىردىكى ئىككى باسقۇچلۇق جەرىياننىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشىگە ياردەم قىلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل photosystem II دىكى ئامىنو كىسلاتاسى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان جەرىيانغا ئوخشايتتى.

  pyridine  نى قوللانغاندا مانگان ئوكسىدلىق كاتالىزاتۇر بېرىكمىسى ناتۇرال سۇدىن 15 ھەسسە كۆپ ئوكسىگىن ھاسىل قىلىدىغانلىقى بايقالغان...
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن ئۈچۈن ئىلىم-پەن تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ.

مەنبە:  فىزىكا ئورگان تورى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:17:09

قانداق گەپ بوپ كەتتى بۇ؟
بۇ سېستىما زادى سۇنى پارچىلامدىكەن ياكى ئاتوم يادروسىنىمۇ ؟
پوتون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ دىيىلىپتۇ،پىروتون ئاتوم يادروسىدا تۇرسا،پىروتون ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئاتوم يادروسىغا ئىنتايىن كۈچلۈك ئېنىرگىيە بېرىلىشى ياكى يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك يادرو زەررىچىلىرى بىلەن يادرونى توپقا تۇتۇپ بومباردىمان قىلىش كېرەك ۋە تارتىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك كۈچلۈك بولغان يادرو بېغىنى بۇزۇش كېرەك،يۇقىرىدا ئېيتىلغان كاتالىزاتورلۇق ئادەتتىكىرېئاكسىيە سېستىمىسىدا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ، بۇ تەرجىمە خاتا بوپ قالدىمۇ يا ئوبوكاتا خانىمنىڭكىدەك تەتقىقات نەتىجىسىمۇ ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:28:46

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 09:17 static/image/common/back.gif
قانداق گەپ بوپ كەتتى بۇ؟
بۇ سېستىما زادى سۇنى پارچىلام ...

سۇنى پارچىلايدۇ. ھېدروگىن ئاتومىدىن ئېلىكترون ئاجىرىلىپ تۇرغان ھالدا ئۇنىڭدا پروتون ئېشىپ قالىدۇ.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 10:42:26

بۇ تېخنىكا ئەگەر سانائەتلەشتۈرۈلسە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىدكى ئىنىرگىيە غېمى ھەل بۇلىدۇ دىگەن گەپ .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 11:36:06

ھىدروگېن ئاتومىدا نېيىترون بولمايدىغىنى پەقەتلا ئېسىمگە كەلمەپتۇ،پىروتون دىگەن گەپنىلا ئويلاپتىمەن…ھاھا

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 13:42:02

مەندەك كاللىسى ئاددىي ،ئادەتتىكى ئادەملەر چۈشىنەلەيدىغان تىما ئەمەسكەن بۇ.بىئولوگىيەنى ئالىي مەكتەپكىچە تاماملىيالىغانلار پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدىكەن..

بىلىگ ئەپەندىم سىز ھازىرمۇ تۈركىيەدىمۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 20:06:09

ئاڭلىشىمچە شۇ كاتالىزاتور ئاسماندىن چۈشىۋېرەمىش، ئاندىن يەنە قايتىلىنىپلا تۇرغۇدەك، تىمىدا دىيىلگىنىدەك توك ئۈتىشى شەرىت ئىكەن باللا...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 01:07:56

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

http://bbs.izdinix.com/thread-59413-1-1.html    بۇ تېما تاقىلىپ قالغان ئوخشايدۇ...

بىر قېرىندېشىمىز ئۇچۇر يېزىىپ تور بېتىگە تىزىملاتقاندا دەلىللەش كودىدا مەسىلە بارلىقىنى، شۇڭا تىزىملىتىشتا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىكەن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ تىزىملىتالماي قالغان بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم... مەن بۇ يەردە شۇ قېرىندېشىمىزغا كۆپتىن كۆپ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

ھازىر بۇ مەسىلە ئوڭشالدى. كۆپچىلىكنىڭ تىزىملىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ۋە يەنە قانداق تەكلىپ پىكىر ۋە كەمچىلىكلەر بولسا دەپ بېرىشلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن. رەھمەت!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 01:17:07

ھۆرمەتلىك@adip ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلار،   
ئەگەر ئەشۇ تېما ئېچىۋېتىلگەندە باشقا مەسىلە كۆرۈلمىسە تېمىنى ئېچىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى ۋە باھالىرى مەن ئۈچۈن پايدىلىق ئېدى.  

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 01:17:32

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 13:42 static/image/common/back.gif
مەندەك كاللىسى ئاددىي ،ئادەتتىكى ئادەملەر چۈشىنەلەيد ...

شۇنداق.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 08:46:55

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 03:17 static/image/common/back.gif
ھۆرمەتلىك@adip ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلار،   
ئەگەر ئەشۇ تېما ...

مەنمۇ ئىنكاس يىزىپ پىكىر ئالماشتۇراي دىسەم، تىمىنى تاقىقۋىتىپتىكەن.


سىلىنىڭ كۆڭلىڭلىنى يىرىم قىلىدىغان ئىنكاسلارنى كۆرمىسۇن دەپتىكەندە.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 08:55:19

دەل- دەرەخلەرنىڭ فۇتۇسىنتىز رىئاكسىيسىنى، ئەمىلىيلەشتۈرۈش سانائىتىدە قوللىنالىسا، ئاندىن  بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.

دەل - دەرەخلەرنىڭ تۇپراقتىكى سۇنى ۋە مىكرۇ ئىلمىنىتلەرنى سۈمۈرۈش ۋە فۇتوسىنتىز رىئاكسىيسى ھەممىسىنىڭ ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمى ئوخشىمايدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 09:06:08

ھىلىقى سۇ بىلەن ماڭىدىغان ماشىنا يالغان خەۋەركەن ھە

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 20:06:48

بىلىگ ياخشىىمۇسىز     ئىلىم-پەن تورى ئىچىلمايدىغۇ    ئازراق ئۇچۇر بىرۋىتىڭ.
بەت: [1]
: تەبىئەتكە تەقلىد قىلىنغان سۇنى پارچىلاش تېخنىكىسى