newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 19:58:18

«بىلگەنلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا ئازاپلىرىڭ شۇنچە كۈچىيىدۇ»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!
مەن ئەدەبىياتنى ،يېڭى پىكىر قاراشلارنى ياقتۇرىمەن.بۇ مۇنبەردىن ئۆگەنگەن ،ھىس قىلغانلىرىم كۆپ بولدى.
مەن يېقىندا كۆرگەن بىر جۈملە سۆزمەندە ناھايىتى قىزىقىش ۋە ئويلىنىش ھىس قىلدى.بۇ سۆز«بىلگەنلىرىڭ قانچە
كۆپ بولسا ئازاپلىرىڭ شۇنچە كۈچىيىدۇ».بىلمىدىم بۇ سۆزنى قايسى تەپەككۇرى ئۇچۇق كىشى قىلغاندۇ؟
راست ،دىمىسىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ھىس قىلغان كىشى ،قانداق بىر ئىش بولمىسۇن ئاشۇ
ئىشنى ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ تەپەككۇر قىلدىكەن،ھەرقانداق بىر ئىشتىن ئىبرەت ،بىلىم ۋە تەجرىبە ئالالايدىكەن.
سالام دۇنيانىڭ قۇدرەت تېپىش تىمىسىدىكى بىرقاتار يازمىلىرى ،ئەرتۈرۈكنىڭ  ئادەمنى تەپەككۇرغا ئۈندەيدىغان
ئىسل ماقالىلىرى ،ئەفىيفىينىڭ ناھايىتى سۈزۈك  قەلبىدىن چىققان ھىكمەتلىك سۆزلىرى ،86نىڭ ئادەمنى قايىل
قىلدىغان بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي دىن ۋە ئىلىم -پەنگە ،تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرى ،ئىنكاسلىرى ...
ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى.
ئۈمىدىم مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆرگەن -بىلگەنلىرى ،ھىس قىلغانلرىغا ئاساسەن مۇشۇ ««بىلگەنلىرىڭ قانچە
كۆپ بولسا ئازاپلىرىڭ شۇنچە كۈچىيىدۇ»چۆرىدىگەن ئاساستا مەيلى تۇرمۇش ،ئۆگىنىش ،خىزمەت..ۋە باشقا جەھەتتە
مۇنازىرە ئېلىپ بېرەپ »ئوخشىمىغان كۆزقاراشلاردىن ھەقىقەت چاقناپ چىقىش»تەك مۇنازىرىنى يەنە بىر بۇرۇنقىدەك
ئېلىپ بارايلى دەپ سەمىمىي ئۈمىد قىلىپ بۇ پىشمىغان پىكىرىمنى سۇنۇشۇم،قېنى ئەركىن مۇنازىرىگە مەرھەمەت.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 13:51:14

مەن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ باقاي،بەلكىم دىگەنلىرىم تىمىڭىزنىڭ ئەسلى يۆنىلىشىگە ئانچە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن،ئۆزرە سورايمەن.

مىللەتداشلىرىڭىزنىڭ ھاكىميەت بېشىدىكىلەر تەرىپىدىن،قەدىر- قىممەتسىز،گۇمانخور بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن چېغىڭىزدا ئازاپلىنىسىز.

ئانا تىلىڭىزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ بارغانسىرى تارىيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان ۋاختىڭىزدا،ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىسىز،ئۇرۇنۇپ باقىسىز،ئامال بولمىغاندا ھەسرەت چىكىسىز ئازاپلىنىسىز.

ئاقكۆڭۈللىكنى دوست تۇتۇپ كەلگەن بولسىڭىز،رەزىل كىشىلەرنىڭ ئالدامخالتىسىغا چۈشىۋەرسىڭىز،دۇنيانىڭ رەزىللىك،ئىپلاسلىق بىلەن تولغانلىقىنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا ئازاپلىنىسىز..

بىلگەنلىرىڭ كۆپەيگەنسىرى ئازاپلىرىڭ كۈچىيىدۇ دىگەن گەپ ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇر ئىكەن،
بۇ يەردىكى بىلىشنى پەقەت ئىلىم-پەننى بىلىشكىلا تەدبىقلىۋالساق قاملاشماس،كەڭ دائىرە بۇيىچە تەھلىل قىلغان تۈزۈك.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 15:18:02

بىلگەنلىرىڭ كۆپەيگەنسىرى ،يەنىمۇ بىلمەيدىۈغانلىرىنىڭ بۇندىنمۇ كۆپلىكىدىن ۋاقىت دەپ ئازاپلىنىسەن.
   بىلىملىكلەرلا ئاندىن قورقۇشنىڭ نىمىلىكىنى، تەمىنى ياخشى بىلىدۇ .ئەقىلسىزدا جىنسى سىزىممۇ تايىنلىق بۇلۇرمىش .
   

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 17:03:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tamqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 17:35  

«بىلگەنلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا ئازاپلىرىڭ شۇنچە كۈچىيىدۇ»

‹‹بىلگەنلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا بىلمىگەنلىرىڭ شۇنچە كۇپىيدۇ››
بىلمىگەنلىرىڭ كۆپەيگەنسىرى ئازاپلىرىڭ كۆچىيىپ بارىدۇ

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 07:44:38

بۇ يەردە قەيت قىلىنغان ‹بىلگەنلىرىڭ› دىگەن سۆز ھەرگىزمۇ بىلىم بىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ . ئەكسىنچە مۇھەببەتكە ئىما قىلىنىۋاتىدۇ . يەنى ئىككى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشنىڭ بىرى قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنى ساختا دەپ ئويلىسا(بۇ ئەلۋەتتە مۇتلەق يىگىت بولىدۇ، زىيانلانغۇچىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى يەنىلا ئوغۇللار) ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەنسىرى شۇنچە ئازاپلىنىدۇ .
قانچە بىلىملىك بولغانسىرى ئازاپلانغاننى سىلەر كۆرگەنمۇ ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 08:58:39

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 09:44 static/image/common/back.gif
بۇ يەردە قەيت قىلىنغان ‹بىلگەنلىرىڭ› دىگەن سۆز ھەرگىز ...

مەزمۇنغا ئەڭ يىقىن ئىپادىلەش بولدى.  
چۈنكى ھاياتتىكى %80 تۇرمۇش كارتىنىلىرى مۇھەببەتكە باغلانغان.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 12:19:28

بېغىر ئەپەندىنىڭ جاۋابى ناھايىتتى توغرا بوپتۇ, ئەمدى باشقا جاۋاب ۋە مۇنازىرلەر ئارتۇقچە.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 15:38:29

مەيلى نېمىلا بىلسۇن،ئىشقىلىپ بىلگەنلىرى كۆپ ئادەمنىڭ ئازاپلىرى كۆپ بولىدۇ كۆپىنچە . كۆپنى بىلگەن بولساڭلار بىلەتتىڭلار . كۆپنى بىلمىگەچكە كۆپنى بىلىدىغاننىڭ ئازابىنى بىلمەيسىلەر ...

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 15:46:55

ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمىدە بىر جۈملە نادىر سۆز بار .‹سېنىڭ كۈچۈڭ قانچە كۆپ بولسا مەسئۇلىيتىڭمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ›

بۇ سۆز جىسمانى جەھەتتە كۈچلۈكلەرگە ئەمەس ، روھى جەھەتتىن كۈچلۈكلەرگىمۇ قارىتىلغان . كۆپنى بىلگەن كىشىلەر كۆپنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ غېمىنى يەيدۇ . ئۇلارغا ئازابنى بىرسى يۈكلەپ قويمىسىمۇ ، ئۇلار كۆپنى بىلگەچكە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنىڭ كۆپلىكىنىمۇ بىلگەن . تارىختىكى كۆپنى بىلگۈچىلەر،كۆپنى بىلمەيدىغان قەۋمى ئۈچۈن روھى ئازاپ چەككەن،ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن جىسمانى ئازاپمۇ چەككەن ، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن،ئېچىنىشلىق قەستلەنگەن . ئەگەر ئۇلار كۆپنى بىلمىگەن بولسا ئىدى، قورساق تويسىلا خەق بىلەن نېمە كارىم دەپ ياشىغان بولسا بەلكى ئازابلىرى ئاز بولار ئىدى .
بەت: [1]
: «بىلگەنلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا ئازاپلىرىڭ شۇنچە كۈچىيىدۇ»