yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 18:28:07

ئامەت ۋە ئاپەت

يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-15 , تەھرىرلەش
   





   

بىر ئىكىسپىدىتسىيىچى بىر ھاممالنى ئېلىپ چۆل-جەزىرىگە قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە كىرىپتۇ.بىر كۈنى ئىكىسپىدىتسىيىچى كۇكۇس كىسىۋېتىپ بىخەستەلىكىدىن بىر بارمىقىنى كىسىۋاپتىكەن،بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ھاممال دەرھال:
-بەك ياخشى بولدى،خۇدا سىزگە رەھمەت ئاتا قىلدى،-دەپ ۋاقىراپتۇ.
ئىكىسپىدىتسىيىچى ھاممالنىڭ گىپىگە غەزەپلىنىپ ئۇنى چوڭقۇر بىر ئازگالغا ئىتتىرىۋېتىپ،ئۈزى يالغۇز ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ.
ئىككىنجى كۈنى بىر توپ يەرلىك كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ ھەمدە بېشىنى كىسىپ نەزىر قىلماقچى بوپتۇ.بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئادەمنىڭ كۈزى ئۇنىڭ بىر بارمىقىنىڭ يوقلىقىغا چۈشۈپ قاپتۇ-دە:
-بۇ نوقسانسىز نەزىرلىك ئەمەسكەن،-دەپ ئۇنى قۇيۇۋېتىپتۇ.
مۇشۇ چاغدىلا ھاممالنىڭ سۈزىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ئىكىسپىدىتسىيىچى ھاممالنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ ئۇنىڭدىن كۈچۈرۈم سۇراپتىكەن،ھاممال:
-كەچۈرۈم سورىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ئەمەلىيەتتە مېنى بۇيەرگە تاشلاپ قويغىنىڭىزمۇ خۇدانىڭ رەھمىتى،-دەپتۇ.
ئىكىسپىدىتسىيىچى ھەيران بۇلۇپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا،ئۇ:
-چۈنكى ،مەن سىز بىلەن ماڭسام،يەرلىكلەر مېنى نەزىرلىك قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى،-دەپتۇ.

مەنبە:ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان "ئادەم بولماق ئەقىل بىلەن"دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 18:56:00

ھەر يامانلىقنىڭ كەينىدە بىر ياخشىلىق بار دىگەن شۇكەن ...

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 19:11:33

ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەسەرلىرى ھەقىقىتەن بىر -بىرسىدىن ياخشى،

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 20:03:00

بۇنى   ئۈندىدار   ئاگېنتلىقىدا   پادىشاھ بىلەن   ۋەزىرى   ئئوتتۇرىسىدىكى   ۋەقەلىك  دەپ   چىقرىپ

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 21:33:10

ئۈندىدار   ئاگېنتلىقى.
يېڭى بىر گەپنى بىلىۋالدىم مانا.

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 00:01:04

بالا سەيگويەن يادىمغا كىپ يۈگرەپلا كىرىپتىمەن دىسە.
بۇمۇ ئوبدان يازمىكەن

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 00:24:54

بۇنىڭ پادىشاھ ۋە ۋەزىر ۋارىيانتىنى ئاڭلاپتىكەنمەن. ھەر ئىشتا ھېكمەت بار نامىدا.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 13:05:40

ھەر ئىشتا بىر خەيىر باردۇر

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 13:53:47

بۇنىڭدىكى ۋەقەلىكنى مۇنداقلا بىر توغرا كەپ قالغانمىكىن دەيمەن

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 14:22:46

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 13:53 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدىكى ۋەقەلىكنى مۇنداقلا بىر توغرا كەپ قالغانمىكى ...

ۋەقەلىك يۈز بەرمىگەن بۇلۇشى ،يازغۇچىلار مەلۈم ئىدىيەنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە تۇقۇپ چىققان بۇلۇشىمۇ مۇمكىن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 15:13:52

ھەرنەئىشنىڭ باردۇر بىر ھېكمىتى ،
ئۇنىن بىلمەك ئىىشڭ چۈن بەركىتى .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 15:36:41

راست مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتكەن قوچقارنى قۇربانلىق قىلىپ سۇيۇشقا بۇلامدۇ ؟
بولسا دەرىجىسى تۆۋەن بۇلامدۇ ئوخشاش بۇلامدۇ ؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 15:52:54

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 15:36 static/image/common/back.gif
راست مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتكەن قوچقارنى قۇربانلىق قىلىپ سۇ ...

قۇربان ھېيتقا تېخى خېلى ۋاقىت بارغۇ؟

ئالدىنئالا بۇنىڭ ھۆكۈمىنى سورىۋېلىپ قۇربان ھېيت كەلگەندە ئۇنتۇپ قالماڭ يەنە،ئىزدىنىش بار بولغاندىكىن قۇربان ھېيتقان ئۈچ كۈن قالغاندا سورىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ ھى ھى ھى ھى ھى ھى چاخچاق ھە؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 16:04:27

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 15:52 static/image/common/back.gif
قۇربان ھېيتقا تېخى خېلى ۋاقىت بارغۇ؟

ئالدىنئالا بۇنى ...

ما يەردە بارمىقى يوق ئادەم نەزىرگە يارىماپتۇ ...

    بىزمۇ ئادەتتە قورقۇپ ، قۇلىقىنى كەسكەن ، مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتكەن قوي بولسا كۆڭلىمىز تەسكىن تاپماي  قۇربانلىق قىلمايمىز ......
    مۇشۇنىڭ ئاسانلىق تەرىپىنى ئىزدەپ باقتىم :lol :lol

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 19:09:10

ھەرقانداق ئىشنىڭ ھىكمىتى بار                دەپ يېزىپتىكەن كونىلار ھېكمەت خاتىرىسكە  :lol:lol
بەت: [1]
: ئامەت ۋە ئاپەت