jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 01:49:34

(جەۋلان) ھىسابات

ھىسابات


بامدات نامازدىن يېنىپ شۇ ئۇخلىغانچە كۈن چاشكا بولۇپ قالغان بولسىمۇ تېخىچە قوپقۇسى كەلمەي ياتقان ئىسراپىل قارىم ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنىڭ ئۆز ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىغانلىقىنى پەم قىلىپ سەل ئويغانغاندەك بولدى  ،  كۆڭلىگە موتوسىكىلت ھەيدەپ كەلگۈچىنىڭ كىملىكى ۋە نىمىشقا كەلگەنلىكىمۇ ئايان ئىدى ، چۈنكى ھەممە كىشى تىرىكچىلىك ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆيىگە ئالدىراپ  باشقا ئادەم كەلمەيتتى ، شۇڭا ئىشىكنىڭ قېقىلىشىنى كۈتۈپ يېتىۋەردى ، دىگەندەك ئىشىك قېقىلىپ ھويلىدا بىرئىشلارغا مەشغۇل بولۇپ يۈرگەن كېلنى ئىشىكنى ئېچىپ ئىشىك قاققۇچىنى ھويلىدىكى پىشايۋانغا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ ئۆزى ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ " دادا ، دادۈيدىن ئادەم كەپتىكەن ، سىلىنى قىچقىرىدۇ " دىگەندىلا ئاندىن خوشياقمىغاندەك ئېغىناپ ، "ھە ئۇقتۇم" دەپ ۋاقىراپ قويدى، "يەنە شۇ  يىغىننىڭ ئىشى ھەقاچان ، ئەجەپ ئېچىۋەردى بۇ يىغىننى" دەپ غودۇرغىنىچە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ سرتقا چىقتى ، ھەمدە توساتتىنلا ئالتۇن تېپىۋالغاندەكلا ھىجىيىپ روھلۇق ھالدا دادۈيدىن كەلگەن ئايغاقچى كادىر بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىب قىلدى
- بولدى قارىكا ، مەن ئىشلەۋاتىمەن ، يەنە ئۇقتۇرۇش قىلدىغان نەچچە ئۆيلەر بار ، چاينى كىيىن ئىچەرمىز  دىدى ئايغاقچى كادىر
- شۇنداق بولسىمۇ ئەمدى ، بىرەر تىلىمدىن قوغۇن يىگەچ ....
- خوش ، رەھمەت قارىكا ،  مەن ماۋۇ ئۇقتۇرۇشنى سىلىگە ئۇقتۇرۋېتىپلا ماڭاي  ، دىدى ئايغاقچى ،  ھەمدە يېنىدىن بىر تامغا بېسىلغان خەنزۇچە خەتلىك بىر ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ ئىسراپىل قارىمغا بىر كۆرسىتىپ قويۇپ گېلىنى قىردى
- سىلە ماۋۇ خەتنى تونۇمايلا ، مەن سىلىگە ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنىلا دەپ بېرەي  
- خوش ئۇكام ، قېنى دىسىلە ، دىدى قارىم خۇددى خاننىڭ يارلىقىنى قۇبۇل قىلغان ۋەزىرلەردەك قول قوشتۇرۇپ باش ئەگكەن ھالدا
-  خەۋەلىرىدە بار ، ئالدىنقى ھەپتە يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش ۋە مەھەللىلەرنى رەتلەش سەۋەبىدىن ئىشىك ئالدىدىكى مىۋىلىك مىۋىسىز ھەممە كۆچەت دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلىدۇق ، سىلنىڭكىنى قومارغاندا سىلە ئويدە يوقكەنلا
-  شۇنداق ، ئۇ كۈنى ناھىيىدە سىياسى ئۆگۈنۈش بىلەن بولۇپ قاپتىمەن ، خوتۇن باللانى ئېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپكەن ، ئىشىك تاقىلىپ قاپتۇ
  - ھىم ، ئۇ كۈنى جىق ئائىللىكلەرنىڭ دەرەخلىرىنى ياش باللا قۇمۇرۇشتىن بۇرۇن سانىمايلا قۇمۇرۇپ تاشلاپتۇ ،  شۇ كۈنى ئىش بېشىدا بولمىغان ئائىللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ قومۇرۇلغان دەرەخ سانىنى قايتا بىر سىتاتىسكا قىلماقچىكەن ، ئۆزلىرىنىڭ دەرەخ ۋە كۆچەتلىرىنىڭ سانىنى ئۆزلىرى بىلىلا ، شۇڭا سىلىدىنلا ئۇقاي دەپ كېلىشىم ، ئاساسلىق مەقسەت شۇ ، ماۋۇ ئۇقتۇرۇشنىڭمۇ ئاساسى مەزمۇنى مۇشۇكەن قارىكا ...
قارىمنىڭ قاشلىرى لىپىلداپ ، قوشۇمىلىرى جىددى تۈرۈلدى ۋە قاتتىق ئويلىنىۋاتقان قىياپەتتە بىر پەس جىم بولۇپ قالدى " بىر دەرەخكە قانچە پۇل بېرىدىغاندۇ ،  بارنى دەيمۇ يە پىشكە قاتايمۇ ، ئەسلىغۇ بار يوقى شۇ بەش ئالتە تۈپ تېرەك بىلەن ئۈچ تۆت تۈپ ئەسكى ياۋا جىگدە ،  لىكىن ھازىر تالادىكى باغنىڭ ئورنىنى تۈپ تۈز قىلۋېتىپ بولدى ، پىشكە قاتساممۇ چانمامدۇ نىمە ، شۇنداق قىلاي ، يەرنىڭ چوڭلۇقىغا ئاز دىگەندىمۇ قىرىق تۈپ تېرەك ، ئون تۈپ مىۋىلىك دەرىخىم بارتى دىسەممۇ ھېچكىم گۇمان قىلمىغۇدەك ، مىۋىلىك بىلەن مىۋىسىزنىڭ باھاسى ئوخشاشمىدۇ ياكى " ...
- قارىكا ، بەك ئويلۇنۇپ كەتلىغۇ ،  سانىنى بىلمىگۈدەك ئورمان يوق بولغىيتى ئۇ يەرلىرىدە ؟ مۆلچەرنى بىر ساننى دىسىلىمۇ بولاۋېرىدۇ ئەمەسما...
ھىساباتلىرىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي تۇرغان قارىم چۆچۈگەندەك بولۇپ
- ياق ، شۇ ساناپ چىقتىم ئۇكام ،   جەمئى ئەللىك تۈپكەن ، قىرىق تۈپ مىۋىسىز تېرەك ، ئون تۈپ ئۈرۈك ئۈرۈك ئۈجمە شاپتۇللىرىم باركەنتۇق  دىدى...
- نىمە ؟ ئەللىك تۈپ دەملا؟  دەپ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى ئايغاقچى كادىر ، بۇ ... سىلە ... ۋاي مەن ئەجەپ بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمىنا ،  راستمۇ يا؟
- مۇشۇ ساقىلىم بىلەن يالغان ئېيتىشقا ، بولۇپمۇ پارتىيەگە يالغان ئېيتىشقا قانداق يۈزۈم چىدايدۇ دىسىلە جېنىم ئۇكام ، بارنى دىدىم ، شۇنچىلىك بىر نەرسە بارتى شۇ ئۇ يەردە
  كادىر ئىسراپىل قارىمنىڭ باشتىن ئاياققا قايتا بىر سىنچىلاپ قارىۋېتىپ ، زاڭلىق ئارلاش كۈلۈپ بېشىنى چايقاپ قويدى ۋە تىزىملاپ بولۇپ ماۋۇ يەرگە قول قويسىلا دەپ بىر ۋاراققا  قول قويغۇزدى
- قارىكا ، ئەمىسە مەن ماڭاي ، چۈشتىن كېيىن دادۈيگە بارسىلا ئەمىسە دەپ خوشلاشتى
يالغان تەكەللۈپلەر بىلەن ئىشىك تۈۋىدە قالغان قارىمنىڭ كاللىسىدا ھازىر پەقەتلا ئەللىك كۆپەيتىلگەن نامەلۇم بىر سان بولۇپ ھەر بىر ساندىن نەتىجە چىقىرىپ ئۇنى مېڭىسىنىڭ مەلۇم يېرىدە ساقلىۋېلىپ ، يەنە باشقا بىر سانغا كۆپەيتىپ ھىساۋات قىلىشتىن باشقا  ئوي يوق ئىدى ،قارىمغا نىسبەتەن بۇ ۋاقىت شۇنچىلىك ئاستا ئۆتتىكىن ، چۈشتە ئايالى باللىرىنىڭ قىلىشقان گەپلىرىمۇ ، نەۋرىلەرنىڭ ئەركىلەش ، ۋاراڭ چۇرۇڭلىرىمۇ ، زادى ھېچقانداق نەرسە كاللىسىغا كىرمىدى ، چۈشلۈك تاماقنى ئاغزىغا يىدىمۇ بۇرنىغىمۇ ئەيتاۋۇر پىشىننىمۇ ساقلىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ،  دادۈي بىلەن قارىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئارلىقى بەك يىراق بولمىسىمۇ  بۈگۈنكىدەك ئىسسىق ۋە چىڭقى چۈشكە نىسبەتەن راۋۇرۇس يول ھىساپلىناتتى ، شۇنداقتىمۇ قارىمغا نىسبەتەن بۇ ئىسسىق ۋە يول ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتقاندەك ئىدى ،  قارىم دادۈي ئىشخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە دادۈينىڭ كادىرلىرى تېخى ئىشقا كەلمىگەن بولۇپ ، كادىرلارنىڭ بۇ ئىسسىقتا قورساقنى تويغۇزۇپ چۈشلۈك ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى پەم قىلغان قارىم ، سەۋىرچانلىق بىلەن دادۈي ئىشخانىسى ئالدىدىكى ئاپتاپنى يېرىم ياتا توسۇپ تۇرغان ئۈجمىنىڭ سايىسىدا تەرلەپ تەپچىرەپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىشقا چۈشۈشىنى ساقلاپ ئولتۇردى ، دەرۋەقە ، ئىشقا چىقىدىغان ۋاقىت توشۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن دادۈي ئىشخانىسى ئېچىلدى ۋە كادىر ۋە خىزمەتچىلەر بىر ئىككىدىن ئىشقا كېلىشكە باشلىدى ،  قارىم ئۇلارغا شۇنچىلىك ئۈمىد بىلەن تەبەسسۇم قىلغان ھالدا باققان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قارىم بىلەن ھېچ كارى بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، نەپسى تاقىلداپ چىدىمىغان قارىم ئاخىرى ئىشخانىغىلا كىرىپ  كەنت باشلىقىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە سالامنىڭ چوڭىنى گەپنىڭ تاتلىقىنى قىلىپ قول قوشتۇرۇپ تۇردى  چەتتە ئەتىگەنكى ئايغاقچى كادىرمۇ گېزىت ئوقاپ تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى ، قارىمنى كۆرۈپ قولىدىكىنى قويۇپ كەنت باشلىقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، "شاڭجاڭ ، ماۋۇ ئادەم ئۆتكەنكى دەرەخ قومارغاندا ئۆيىدە يوق ، دەرىخىنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس ئادەملەرنىڭ بىرىكەن " دىدى ۋە ئۆز ئورنىغا كېلىپ ئولتاردى ، كەنت باشلىقى قارىمنىڭ چىرايىغىمۇ قاراپ قويماستىن ، بىر تىزىملىكنى چىقاردى ۋە بىر ھازا قاراپ تۇرۋېتىپ " ھە ، ئىسراپىل قارىم ،  دەرەخلىرىنىڭ سانىنى ئۆزلىرى دەپ بەرگەنمۇ يا " دەپ سورىدى ،  قارىم ، "شۇنداق ، ئەتىگەن ما ئۇكام بېرىپتىكەن ، مۇشۇ ئۇكامغا دەپ بەرگەنتىم " دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇردى ، كەنت باشلىقى بېشىنى كۆتەرمەي تۇرۇپ
- ھە ، ئاندا بولسا ، پۇلنى ئالغاچ كەللىما ؟ دەپ سورىدى
- پۇ پۇل...قايسى پۇل ؟؟  ھەيرانلىق بىلەن سورىدى قارىم
- ھە ، مانداق گەپ ،  دەرەخ قومۇرۇش ئەسلى ئۆزەڭلارنىڭ ئىشى ئىدى ، ۋەزىپىنى دىگەن ۋاقىتتا تۈگىتىش ئۈچۈن دادۈيدىن مەبلەغ ئاجىرتىپ تىراكتۇر ، ماشىنىلارنى چىقىرىپ  سىلەرگە ۋەكالىتەن بىزلا تۈگىتىۋەتتۇق ئىشلارنى ، شۇڭا ئىش ھەققىنى بەرمىسىمۇ ئىۋۇ ماشىنا تىراكتۇرلىغا قۇيغان ياغنىڭ پۇلىنى بولسىمۇ دەرەخ ئىگىسى چىقارسۇن دەپ ئۇقتۇرۇش چۈشتى ، بىر تۈپ دەرەخكە بەش سومدىن ياغ پۇلى بېرىلا ، سىلىنىڭ ... تۇپ تۇسىلا ھە مەن قايلاپ باقاي ... ھە سىلىنىڭ جەمئى ئەللىك تۈپ دەرەخ باركەنمۇ دەيمەن ،  ھەربىرىگە بەش سومدىن ئىككى يۈز ئەللىك سوم تاپشۇردىكەنلا.....  باشقا ئىش قىلماي دەرخلا تىككەنمۇ نىمە سىلە؟ ھا ھا ھا ھا.........
- ھى ھى ھى ، ئەستا بۇ ،  مەن تېخى ... ئۇھ....ھى ھى ..
يالغان كۈلۈشنىمۇ قاملاشتۇرالماي پاڭڭىدە يىغلىۋېتىش گىردابىغا بېرى قالغان قارىم پۇلنى بۈگۈنچە ئەكەلمىگەنلىكىنى ئەتىگىچە ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا ئاران پايلىدى ، كەنت باشلىقىنىڭ باشقا گەپلىرى قارىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى ،  باياتىن ئۆتمىگەن ئىسسىق ئەمدى ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ ماغدۇرىدىن كەتكۈزگەندەك ، لاسسىدە بوشىشىپ ، ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيىگە قايتتى ، يول بويى ئاللىكىملەرنىدۇ قارغاپ ، تىللاپ غودۇراپ كېتىۋاتقان قارىمغا نىسبەتەن ئىسسىق بۈگۈنكىدەك بولۇپ باقمىغان ، ئۆيىگە قايتىدىغان يول بۇنداق ئۇزۇن تۇيۇلۇپ باقمىغان ئىدى .

2014 يىل ، ئاۋغۇستنىڭ سەككىزىنجى كۈنى

naqis يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 05:01:42

خەقنىڭ مىڭ بىر جاپادا ئەھيا قىلغان دەرىخىنى قومۇرىۋېتىڭ بىر، يەنە تېخى پۇل ئېلىڭ ئىككى. ئىنساپسىز، بىچارە، خار قارىم. ئۇنىڭدىن ئۆتە ئىنساپسىزكەن ما كادىرىم. بۇنداق مىسال قۇمدەك كۆپقۇ بۇرادىرىم، قۇتۇلدۇرغاي بۇ ئەھۋالدىن ئاللاھىم.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 06:15:54

ياخشى ئىجادىيەت{:112:}

danko يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 12:10:17

ما ئادەم ئۇزۇن يوقاپ كەتكەنگە چۈشلۇق ياخشى ئەسەر ئەپ كەپتۇ مانا

roh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 12:19:33

قارىم بىلگەن بولسا ئىدى ، ئۇكام بۇ نەدىكى دەرەخكەن دىيشى چۇقۇم .

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 13:10:29

يازغۇچىلىقنى ھەر كىم قىلسا بولىۋېرىدۇ، ئاپىرىن!

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 13:46:42

زىمىن قارا ئادەملىرىڭگە.....


ياخشى چىقىپتو

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 14:42:37

رەھمەت ، بۇرادەرلەر ، ئۇستازلار......

بولسا ، مەزكۇر ھىكايە ھەققىدىكى تەنقىدى پىكرلەرنىمۇ ئاڭلىغۇم بار ئىدى(بەدىئىلىك جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى)

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 14:49:31

jewlan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-9 14:42 static/image/common/back.gif
رەھمەت ، بۇرادەرلەر ، ئۇستازلار......

بولسا ، مەزكۇر ھىك ...

ئۇنداقتا مەن پىكىر بېرەي.
تاماخور، يالغانچى سۈپىتىدە كەلگەن باش پىرسۇناژغا چوقۇم «قارىم» نى ئېلىش شەرتمۇ؟ موللام، قارىملارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئاۋاز قوشقاندەك بولۇپ قالدىمۇ قانداق.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 14:59:58

ئۇ مەنچە كەمچىلىك ھېسابلانمايدۇ...
قۇرۇلمىسى پۇقتا چىقىپتۇ.

alper999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 15:02:17

‏‏ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ{:112:}{:112:}{:112:}

alper999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 15:04:56

naqis يوللىغان ۋاقتى  2014-8-9 05:01 static/image/common/back.gif
خەقنىڭ مىڭ بىر جاپادا ئەھيا قىلغان دەرىخىنى قومۇرىۋېت ...

‏‏ئامين

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 15:30:15

قۇۋ تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار .

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 15:38:37

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-08-09 14:49:31 static/image/common/back.gif


ئۇنداقتا مەن پىكىر بېرەي.
تاماخور، يالغانچى سۈپىتىدە
بولغان ئىش شۇكەنتۇق, بۇنى باشقىلارغا ئارتىپ قويغۇم كەلمىدى, موللام قارىملارغا قارا سۇۋاش نىيىتىم ئەسلا يوق:lol

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 15:42:38

جەۋلانباينىڭ ئەسىرى بولىدۇ ، ئەمما ئاۋۇ توردىشىمىز ئېيتقاندەك ، تاماخۇر ،ھىلىگەر ،ھورۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە «قارىم»نى باش پېرسوناژ قىلىشقا جەۋلانباي ئاۋاز قوشمىسىمۇ ، ۋەزىپىلىك يازغۇچىلارنىڭ يازغىنى يېتەتتى.  ئېتىقاد ھەرقانداق مىللەتنىڭ جېنى ، بىر مىللەت ئېتىقادىدىكى سىمۋوللۇق كىشى ۋە ئاتالغۇلارنى ئىمكان تېپىپ خۇنۇكلەشتۈرۈش مىللىي مۇھەببىتى بارلارنىڭ ئىشى ئەمەس.
گەرچە ،ئەسەردىكى «قارىم»لاردەك كىشىلەر ئەمەلىيەتتە يوق بولمىسىمۇ ، ئەمما ئەسەر يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان مەزمۇنغا ۋە ھازىرقى دەۋرنىڭ ھېكمەت تەقەززاسىغا نىسبەتەن ، ئەسەر مەركىزى ئىدىيىسى بىلەن كۆپ ئالاقىسى بولمىغان قارىم ئاتالغۇسىنى زورلاپ كىرگۈزۈش - بۇ دەۋردىكى ئۇسۇل ۋە تاكتىكا خاتالىقىغا ۋە خائىنلىقىغا كىرىدۇ.
شۇڭا قېرىندىشىم جەۋلاننىڭ مۇئەييەن تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 16:03:18

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-08-09 15:42:38 static/image/common/back.gif
جەۋلانباينىڭ ئەسىرى بولىدۇ ، ئەمما ئاۋۇ توردىشىمىز ئې
بۇ رېئاللىقتىكى ۋەقەگە ئاساسەن يېزىلغان ئىدى, بۇنى بىر مالىم ياكى بىر دوختۇر ۋەياكى بىر باققالغا دۆڭگەپ قويغۇممۇ يوق , راستىنلا ئەينى ۋەقە ئەينى پېرسوناژلار ئىدى, ئەمما ئىسلامى ئۆلىمالارغا بۆھتان چاپلاش ياكى سېسىتىش سېپىدا ئەسلا تۇرغۇم يوق

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 16:22:03

ئەمەلىيەتتە ، ئۇنداق رەددىيە بەرگۈممۇ يوق ،بىر كىشىنىڭ يازغان چىرايلىق ئەسىرىگە ماۋۇ پىرسوناژنى مانداق ئاپسەن !...دەپ «قوپال ئارلىشىش » نى ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن توغرا ئەمەس دەپ بىلىمەن. ئەمما رېئاللىق ۋە رېئاللىق تەلەپ قىلغان ئاقىللىق مېنى ئەسكەرتىش بېرىشكە قىستايدۇ.
مىسالەن : ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن گۈزەل تەۋسىيەلىرى بار . شۇلارنىڭ بىرىنى مەلۇم بىر جايدا،مەلۇم بىر ۋاقتتا دېسەك ھېكمەت ۋە پايدىلىق بولغىنى بىلەن ، باشقا بىر ۋاقتتا ياكى باشقا بىر جايدا دېسەك مېكىر بولىدۇ ياكى مېكىرغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ. بۇ ھالدا بۇ جايدا ھېكمەت ھېسابلىنىدىغان باشقا تەۋسىيەسىنى دېيىش توغرا كېلىدۇ.
مېنىڭچە نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى جەۋلان چۈشۈنۈپ بولدى. ۋەسسالام.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 16:41:29

مېنىڭمۇ ئۇنداق رەدىيە بەرگۈم يوقتى. ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتى ئادەم تەربىيلەش ئەمەس، رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈش... دېگەندەك پاراڭلار بار.  ئەمما ئەدەبىي ئەسەرلەر تەبئىيكى ئادەمنىڭ ئىدىسىيىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن: كىچىكىمىزدە ھېكايە، رومانلاردا، مائارىپتا بايلارنى سەلبىي پېرسۇناژ قىلىپ تەسۋىرلەيتى. پومپىشچىك دەپ تىللايتى. شۇڭا بايلارغا بىر خىل ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتىم. كېيىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بايلارنىڭمۇ ئۇنچىۋالا رەزىل ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنىڭ بايلار ئىچىدىن چىققانلىقىنى بىلدىم. مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ،  ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى.... قاتارلىق ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ خان جەمەتىدىن ياكى بايۋەتچە زەردارلار ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 16:53:46

نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم،ھېكايىغۇ ياخشى چىقىپتىكەن،لىكىن شۇ سەل كونا ئۇسلۇپتا يېزىلىپتۇ.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 17:22:13

دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىبلىرىگە كۆپ رەھمەت ،  ھىكايىنى يېزىپ بولۇپ خۇددى بۇ ھىكايىنى بۇرۇن ئوقۇپ باققاندەك ھىسياتتا بولۇپ قالغان ئىدىم ، ھەمدە قارىم پېرسوناژى ھەققىدە ئازرااق ئويلىنىشمۇ بولغان ئىدى ،  ھازىرچە مەندەك ھەۋەسكارلارغا نىسبەتەن بەدىئى قۇرۇلمىسى سەل مۇھىمدەك ھىس قىلىپ ئېلان قىلىۋەرگەن ئىدىم ،  بۇندىن كىيىنكى يازمىلىرىمدا يۇقارقى پىكىر تەكلىبلەر ماڭا قىممەتلىك يول كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالغۇسى ، ئىنشائاللا.....
بەت: [1] 2 3
: (جەۋلان) ھىسابات