سۈزۈك سۇ:ھەريەرلەردە ھەر خىل نىدالار
ئەزىم دەريا ئاقار ئۆركەشلەپ،سىماسىدا ئۇيغۇرنىڭ جېنى.
دولقۇنلايدۇ ئىگىزلەپ پەسلەپ،
مىسلى دەريا ئۇيغۇرنىڭ قېنى.
ئەزىم دەريا قىلار بىر نىدا،
چەكتىم پەرياد يىللار ئىلكىدە.
قىلغىن جاننى مەن ئۈچۈن پىدا،
يالقۇنجايمەن ئۇيغۇر يۈركىدە .
تەكلىماكاندا بىپايان ئىزلار،
قۇم بوراندا ئۆچمەس ھېچقاچان.
ئۆچمەس ئىزلار تارىخى يىللار،
يىللار ئۈچۈن چىكىمەن پىغان.
نىدا قىلار تەكلىماكان ئانا،
ئەجدادلىرىم باللىرىم يۈتتى.
يالغۇز قالدىم مەن ھازىر مانا،
مەسۇم دىلىم باللارنى كۈتتى.
تارىم دەريا بىپايان ئۆزى،
تىنىمسىزدۇر سۈپسۈزۈك سۈيى.
ئاسىيانىڭ كىندىكى كۆزى،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۇ شادلىق كۈيى .
تارىم ئۆزى بىر نىدا ئەيلەر،
ئاققان سۈيۈم ئازاپ ياشلىرىم.
نىداسىدا ھەر يۈرەك تەۋرەر،
پايخان بولدى قۇرام تاشلىرىم.
كۇئىنلۇندا ھەيۋەت سادالار،
باسقان ئىزلار ئەجدات تۆھپىسى.
ھەر يەر لەردە ھەرخىل نىدالار،
بىزلەر شۇنداق كېسەل كۆرپىسى.
كۇئىنلۇننىڭ نىداسى مۇنداق،
بېسىپتىمىش دىلنى غېرىپلىق.
بولۇپ قاپتۇ كېسەلگە مۇشتاق،
كۇئىنلۇندا تارىخ يېزىقلىق.
ئاھ!زەرەپشان نىچۈندۇر ھالىڭ،
مانا بىزلەر سېنىڭ ئەۋلادىڭ.
سېنىڭ ئىزىڭ سېنىڭ سىمايىڭ،
زەرەپشانىم بارمۇ مادارىڭ.
زەرەپشاننىڭ كۈچلۈك نىداسى،
ئاڭلىنىدۇ قىتئەلەر ئارا.
ھەر يەرلەردە ئۇنىڭ ئىزناسى،
لېكىن زەرداپ يۈرەكتە يارا.
سايرام بىلەن ئېلى دەرياسى،
قوشۇلمايدۇ بىر بىرگە زىنھار.
ھەر بىرىنىڭ باردۇر نىداسى،
ئۇلارنىمۇ سۆزلەشكە قىستار.
دەريا دەيدۇ: قۇرۇپلام كەتتىم،
دەت ئەلەمگە تولۇپلام كەتتىم.
ئاققان سۈيۈم تارىخ بولارمۇ،
بۇنى ئويلاپ تۇرۇپلام كەتتىم.
سايرام دەيدۇ:مەنغۇ قۇرمۇدۇم،
ئورنىمدىنمۇ ياكى تۇرمۇدۇم.
پەرزەنىتلىرىم ئازاپتا قالسا،
كۆرگەن بولدۇم لېكىن تۇيمۇدۇم.
يىغلار تاغلار يىغلايدۇ دەريا،
يىغلار باغلار يىغلايدۇ يۈرەك.
ھەر يەرلەردە ھەرخىل نىدالار،
خاتىرجەم بول تىلەيمەن تىلەك.
يىغلىمىغىن ئەي ئانا يۇرتۇم،
تۇتىيادۇر ھەر بىر تۇپرۇقۇم.
نىدالىرىڭ يېتىپتۇ پەلەك،
ياردەمچى يوق رەببىمدىن بەلەك.
ئاپتور:سۈزۈك سۇ
مەنبە: ئۆزۈم. بىرنىمىنى بىلەلمىدىم . نېمىنى بىلمەكچى ئىدىڭىز؟ :lol:lol:lol:lol:lolھا ھا، شېئىردىن ھوزۇرلىنالمايدىغانلار بىر مەنلا ئەمەسكەنمەن.
بىراق بۇ شېئىر خىلى چۈشنىشلىك ئاددى چىقىپتىكەن. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۈزۈك سۇ قېرىندىشىم!
ئۇزاقتىن بېرى ئۈندىدار ۋە تور بەتلەردە شېئىرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇردۇق. مەن ھېس قىلغان شېئىرلىرڭىزدىكى كەمچىلىك ،بىر قىسىم شېئىرلىرىڭىزدا زورۇقۇش بار ...ھىسسىياتنى ئەركىن قويۇپ بېرىش يوق.
بىر قىسىم شېئىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن گۈزەل يېزىلغان. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!رەھمەت.
پىكىرىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.مەن قەلەم ساھىبى ئەمەس،پەقەت خىزمەت ۋاقتىمدىن سىرىت ئانچە مۇنچە يېزىپ قويىمەن.ھەقىقەتەن كۆپلىگەن كەمچىللىكلەر مەۋجۇت،كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىز. مەن ياختۇردۇم ، تىما ئىگىسىگە رەخمەت. مەن ياقتۇردۇم ، بەك مۇرەككەپ بۇلۇپ كەتسە چۈشىنەلمەيدىكەنمەن .......
يامان ئەمەس قوشاقكەن . كۇئىنلۇن شىئېر يېزىشتا ئابدىكېرىم ئابلىزدىن قېلىشمايدىكەنسىز ما كەلگەن ئىنكاسلاردىن.......
قانداق ھەزىم قىلشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم يا؟
قارىغاندا تازا ياخشى يازالمىغاندەك تۇرىمەن....
بەت:
[1]