باللاردىكى سوغۇق تەرلەش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن.
ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى:نەق گەپكە كەلسەك ، ئوغلۇم بۇيىل ئالتە ياش ، يىقىندىن بىرى مۇزدەك تەرلەيدىغان ،قول پۇتى مۇشۇ يازنىڭ ئاپتىپىدىمۇ تۇتسام سوغۇق تۇردىغان بۇلۇپ قالدى، ئاندىن ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەس ،باشقىلار تاش مىجەزىنى سوغ ئىلىپ كىتىپتۇ دەيدۇ،بوزىغا مىينى سۇرۇپ باقساممۇ بەك ئۇنۇمنى كورەلمىدىم، شۇڭا ئىزدىنىشتىكى تىبابەت ساھەسىدە بىلمى بار تورداشلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئولتۇرۇپتىمە،،،، تەجىربىسى بارلار بولسا بىللە بەھىرلەنسەك بەكمۇ مەمنۇن بولغان بۇلاتتىم. رەھمەت!
قان سوۋۇپ كىتىپتۇ، تىۋېپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇۋەت دورىلىرىنى ئۈزمەي ئۈچ ئاي يەپ بەرسۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdikadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-8 13:44
بالىڭىزنىڭ سۇغۇقى ئېشېپ كىتىپتۇ ، مۇزكالتىكى ، قۇتىلىق ئىچىملىك ، سۇغۇق سۇ ، كالا گۈشى ئۈگرىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى يىگىلى قويماڭ ، دۇكاندا سېتېلىدىغان تەييار چۆپ ، خالتىلىق ئەخلەت دىگەندەك نەرسىلەرنىمۇ يىمىسۇن .
ئۇزۇن يىل ساقلانغان كونا سىركە تېپېپ ، بوزۇغا ، جوز ، ئىگى قاتارلىق (تىۋىپلەردىن بالامنى ئۇۋىلايتتىم دىسىڭىز ئۈزى بىلىپ ئېلېپ بىرىدۇ ) نى چۇقۇر تاشقا سىركە قۇيۇپ سۈرۈپ ئۇۋىلاڭ ، دەسلەپتە ، بىلىنىڭ ئاستىنى ، ئاندىن ئاستا ئاستا پۈتۈن بەدەننى ئۇۋىلاڭ ، بارا بارا مىقدارىنى ۋە ئۇۋىلاش قېتىم سانىنى كۈپەيتىڭ ، تەخمىنەن ، 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە ئۈنۈمىنى كۈرىسىز
كۆك كەپتەر باچكىسى تېپېپ ئەكىلىپ دۈمبىسىگە بۇغۇزلاپ قۇيۇڭ ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم (ئەسكەرتىش : ھەم ئۇۋىلاپ ۋە باچكا بۇغۇزلاشنى تەڭ قىلماڭ ، بولمىسا بالىڭىز ئىسمىداپ قېلېشى مۇمكىن )
tadubeg@ دە ئامالى بار مەن باللىرىمىنى مۇشۇنداق بېقىپ كىلىۋاتىمەن ، خۇدا ساقلاپ قىش ياز كىسەلدىن نېرى چوڭ بۇلىۋاتىدۇ . مەڭزى ئانارنىڭ دانىسىدەك ، يېنىمدا ئۇخلاپ يېتېپ سىيىپ قويسا قايناق سۇدەك سىيىدۇ كاساپەتلەر . خې خې خې مەن باللىرىمىنى مۇشۇنداق بېقىپ كىلىۋاتىمەن ، خۇدا ساقلاپ قىش ياز كىسەلدىن نېرى چوڭ بۇلىۋاتىدۇ . مەڭزى ئانارنىڭ دانىسىدەك ، يېنىمدا ئۇخلاپ يېتېپ سىيىپ قويسا قايناق سۇدەك سىيىدۇ كاساپەتلەر . خې خې خې ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مىنىڭ بالاممۇ سوغۇق تەرلەيدىغان بوپ قالغانتى مەنمۇ سىناپ باقاي ئاپتاپقا قاقلانسا ئوڭشىلىدۇ دەيدىغۇ تېۋىپلار :(:(:(
مەنچە كاڭدا ياتسا ئوڭشىلىدۇ :lol:lol:lol ساغلام ئۆسۈپ يىتلىۋاتقان باللارغا قالايماقان دۆرىلارنى يىگۈزمەسلىك كېرەك،
نورمال تۇرمۇش ئادىتى ،ياخشى بولغان بەدەن چىنىقتۇرۇش بولسا كۇپايە چوقۇم كالىتسى كەمچىل. ئىلمىي ئۇسۇلدا كالىتسى ئوڭشىلىپ كىتىدۇ. ئۇ ياشتىكى بالىلار تىز ئۆسۇش مەزگىلىدە بولغاچقا كالىتسى قاتارلىقلارغا بولغان ئىھتىياجى يۇقىرى بولىدۇ. بالىڭىزغا ماس كېلىدىغان دورىلار:
نارپىننە شەربتى
ئامىلە نۇشدارى
داۋائىلمىشكى.
مۇشۇ دورىلارنى يەپ بەرسۇن.
ئانچە مۇنچە ئاپتاپ كۆرسۇن، ئىش قىلسۇن،ئۇششاق نەرسە يېمىسۇن،سۇغۇقتىن پەرھىز قىلسۇن. بالىڭىز ئۇخلىغاندىمۇ شۇنداق تەرلەمدۇ؟ تاماققا ئىشتىھاسى ئازمۇ ؟ئۇنداق بولسا ئامال بار بۆرەك ،سۈيدۈك يولىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. مىنىڭ بالاممۇ شۇنداق بۇلۇپ بۆرەككە تاش چۈشكەن. 4ياش چېغىدا.ئاندىن ئۈستىدىكى تورداشلار دىگەندەك سۇغۇقى ئېشىپ كەتكەن بولسا ئامال با تېۋىپ ھەم چوڭلاردىن مەسىلھەت سوراپ ،بولسا چوڭلار ئۈزى ئىسىقلىق قىلىپ بەرسۇن. مەنمۇ بالامغا شۇنداق ئىسىقلىق دورىلاردا يۇيۇپ بەك ئىسىق كىتىپ تاس قالدى ئۇلۇغ ئاللا ھېلمۇ ئۆز پاناھىدا ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى تىببى ئىنىستوت دوختۇرخانىسغا ئاپىرىپ ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنلەردە تەكشۈرتۈپمۇ كىسلىنى تاپالماي شاڭخەي ،بېيجىڭغا ئاپىرىڭلار دىگەن. سەۋەبى ئىسىقلىق دورىنى باش قىسىمدىن قۇيۇپ يۇيۇپتىكەنمىز.(دىققەت ئىسىقلىق دورىلارنى قەتئى ئادەمنىڭ بېشىدىن قۇيۇشقا بولمايدىكەن.)شۇنىڭ بىلەن قىزىپ ،بىردەم كۆزۈم ھىچنمىنى كۆرمىدى، بىردەم كۆزۈمگە بىر نەرسىلەر ئىككى كۈرۈنىۋاتىدۇ دەپ .شۇنىڭ بىلەن مىڭىسىنى (核磁)سالساقمۇ ھىچنىمە يوق ،CT,B,تەكشۈرۈش ئاپراتلىرىدا ھىچنمە تاپالماي نىرۋا خاراكتىرلىق كىسەل ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىمۇ تەكشۈرتسەك يەنە نورمال .يەنە كىسەل تاپالماي چوڭلارغا تىلفۇن قىلىپ مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدا ئىسىقلىق دورىدا يۇغان دىسەك بىزنى تىللاپ دەرھال قېتىق ،ئاش كۆكى قاتارلىق نەرىسلەرنى بىرىڭلار، ئوسمىنمۇ ياكى ئاش كۆكىنىمۇ ئىشقىلىپ سىقىپ سۈينى بېشىدىن قۇيۇڭلار دىگەن .ھېلىمۇ ئۈرۈمچىدە قىشتا شۇنداق نەرسىلەرنمۇ تاپقىلى بولىدىكەن ئاللاغا شۈكرى. شۇنداق قىلىپ يېرىم كۈندە ئەھۋال باشقىچە ،چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ ئويناپ يۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ سوغۇقلۇقنى تازا قىلىپ ئىككى كۈن بولغاندا ئاشقازىنى سۇغۇق ئېلىپ كەتسە بۇلىدۇ. ئەمدى ئىسىقلىق قىلايلى دىسەك قۇرقۇپ دەرھال يېنىپ كىلىپ چوڭلارنىڭ قېشىغا ئاپرىپ قويغان ،بىر ھەپتىدە نورمال ھالەتكە قايتتى . ئىشقىلىپ بالا بېقىشنى ئالى مەكتەپ دەرسىلككە كىرگۈزسىكە دەيمەن. بىزدەك چوڭلارغىمۇ دورا يوقمۇ؟ مىنىڭ بەدىنىممۇ قىش ياز سوغۇق تەرلەيدۇ، تىۋىپقا كۆرسەتكەن، تازا ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدىم. بەدەندە ۋىتامىن ۋە مىنېرال كەملىكنىڭ ئىپادىسى، بالىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىدە مەسىلە باركەن. چوڭلاردىكى سوغۇق تەرلەش يەنى ماغدۇرسىزلىقنىڭ دېئاگىنوزىمۇ شۇ.
بەت:
[1]