tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 11:06:28

ئۇيغۇرچە سىممېتىرىك سۆزلەر

ئۇيغۇرچە سىممېتىرىك سۆزلەر ئۇيغۇر تىل-يېزىقى،
يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار توپىدا مۇنداق تېپىشماق ئايلىنىپ يۈرمەكتە يەنى ئالدى-كەينىدىن ئوقۇسا ئوخشاش مەنا بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەر بار، ئۇلار قايسىلار؟ 5 نى تاپالامسىز؟ دېگەندەك. مەنمۇ مۇنداق تېپىشماقنى بىرنەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم، جاۋابىنى تاپقانلارمۇ شۇ ئاران بىرنەچچە سۆزنى دەپ توختاپ قاپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «تەلەي يۇلتۇزى» پىروگراممىسىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا قەيسەر ھەبىبۇللامۇ مۇشۇنداق سوئاللارنى سورىغان ئىدى، لېكىن جاۋاب بەرگۈچىلەر مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بىرنەچچە سۆزنى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن 5 نى دېيەلمىگەن ئىدى. مەسىلەن: كىيىك (ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى خاتا، شۇڭا جاۋابى بولالمايدۇ)، قازاق، قاق،…دېگەندەك. بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىدىكى 15000 مىڭغا يېقىن تۈپ ئىسىملار ئامبىرىدىن بۇنداق قانۇنىيەتلىك سۆزلەرنى ئىزدەپ باقسام، جەمئىي 37 سۆز چىقتى، نەتىجىسى مۇنداق:


(بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسىڭىز، ئىزاھلىق لۇغەتكە قاراپ بېقىڭ)
قارساق
قازاق
قاساق
قاق
قاماق
قاۋاق
قۇدۇق
قۇسۇق
قۇللۇق
قىچىق
قىلىق
كاۋاك
كەررەك
كەك
كۆك
كۈچۈك
كۈرۈك
كۈللۈك
موم
نان

بۇنى يەنە ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىمگە يوللاپ قويدۇم، لېكىن بەزىلەر «كىيىك» دېگەن سۆز چۈشۈپ قاپتۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە «كىيىك» ئەمەس، توغرا ئىملاسى «كېيىك» بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق خاتا نەتىجە چىقمايدۇ.

ئەمدى مەن مۇنداق تېپىشماق چىقىرىپ باقاي، سىلەر تېپىپ بېقىڭلار. كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسا، ئۆز پېتى ئەمەس بەلكى باشقا مەنا ئاڭلىتىدىغان سۆزلەردىن نەچچىنى تاپالايسىلەر؟ مەسىلەن: «زامان» دېگەن سۆزنى كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسىڭىز، «ناماز» بولىدۇ. «تامام» دېگەن سۆزنى كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسىڭىز، «مامات» دېگەن سۆز بولىدۇ. قېنى تېپىپ بېقىڭلار، مەرھەمەت.
========================
جاۋابىنى بۈگۈن دەپ بېرەي:
بۇك=كۇب
پات=تاپ
پاس=ساپ
پەن=نەپ
پىت=تىپ
پىرىت=تىرىپ
تالاس=سالات
تامام=مامات
تام=مات
تەخ=خەت
تەل=لەت
تۇرىت=تىروت
تۇتاش=شاتۇت
تۆل=لۆت
تۈس=سۈت
چاغ=غاچ
چەك=كەچ
چۆك=كۆك
خۇم=مۇخ
رەت=تەر
روھ=ھور
زامان=ناماز
شەك=كەش
شوق=قۇش
قاتلام=ماتلاق
قارساق=قاسراق
كۈي=يۈك
كىي=يىك
لاپ=پال
لام=مال
لاي=يال
لەت=تەل
مات=تام
ماش=شام
مىس=سىم
مەي=يەم
ياۋان=ناۋاي

مەنبە : ئالىم ئەھەت بىلوگى

ttt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 11:16:27

‹تەلئەت› چۇ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 11:41:49

شاش - ئا لۇغەتتىن چىقمىدىمۇ ؟

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 11:44:28

چۆك=كۆك

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 12:14:40

قارساق

قارساق دېگەن نېمە دېگەن گەپ ؟
بۇنى تەتۈرسىگە ئۆرىسەك قاسراق بولىدىكەنغۇ ؟

elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 12:53:13

قاپاق چۇشۇپ قالدىمۇ

self يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 14:10:40

قېلىنلىق يېرىم دولەت دەپتىكەن كونىلار

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 15:28:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 15:29  

تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئالدى- ئارقى ئوقۇساقمۇ ئوخشاش بولىدۇ.
ئانا
ئاتا
ئاغا
ئاكا
ئاچا
ئىنى
ئاپا
ئىگى (قۇمۇلدا ئاچا دېگەن مەنىدە، ئىگى- سىڭىل دېگىنى ئاچا- سىڭىل دېگەنلىك بولىدۇ. ئىگى تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ شۇنداق)
نۇن
چاچ
سۇس
قاراق
قاپاق (قۇمۇل- تۇرپانلاردا قاۋاق دەيدۇ)
كازاك (رۇسىيەدىكى بىر مىللەتنىڭ نامى، بۇرۇن ئاساسەن ئەسكەر بولىدىكەندۇق)
شاش
تات (قەدىمكى تۈركلەر دىنسىزلارنى تات دەيدۇ)
رادار
تۆت
تۇت (پېئىل)
مىم (80-يىللاردىكى ياپونىيە كارتون فىلىمىدىكى بىر شەخس)
قاياق (سۇئال سۆزى؟)
ئارا
قالاق
ئادا (پېئىل بېشى، قەرزنى ئادا قىلماق)
قاداق
ئىچى
ياي
باب
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېسىمگە كەلگىنىنى مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، ئويلاپ كەلسەك بۇنداق كۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئىنتايىن كۆپ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 15:28:54

مەن بۇتېمىغا ئوخشاش تېمىدىن بىرسىگە ئىنكاس يېزىپ بولغاندەك ئېسىمدە

semerqent يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 16:07:43

ئاۋۇ قارساق دېگەن سۆز تەتۈر ئوقۇسا قاسراق بولىدىكەن ، شۇڭا ئۇنى سىز دېگەن تۈرگە قېتىپ قويۇڭ .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 16:12:47

تۆت
ئىككى
قالاق
تات
تۇت
پوپ
رادار
ساس

naqis يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 19:08:18

رەسمىي تەكشۈرۈپ كۆرسەك، بۇنداق سۆزلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلىكىنى بايقايدىكەنمىز. مېنىڭ يادىمغا كەلگىنى :
تۈزۈت
كىچىك
قىرىق
قۇرۇق
قىزىق
ئالا
لال
دۇرۇد
يۇي
يەي
نامان(كىشى ئىسمى)
ئەتە
تارات
ئايا(ئاسرا، ئاۋايلا)
ئادا
ئابا

يەنە ئەسلىسەك كۆپ بۇنداق سۆزلەر. خاتا بولسا ئۆزرە

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 20:36:47

ياخشى تېمىكەن

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 23:41:14

خەنزۇچە 回文词 دەيمىزمۇ؟
بۇ تېما بەك ئىسىلكەن، قىزىقىپ قالدىم. ماتېماتىكىدا سىممىتېرىك سانلار بار . مەسلەن ، 121 ، 1331  ..دېگەندەك.
ئۇنى خەنزۇچە 回文数 دەيمىز.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 01:29:59

ئالىم ئەھەت مۇئەلللىمنىڭ ئۆزىنىڭ يازمىسى
http://www.alimahat.com/?p=3333

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 10:38:18

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 12:14 static/image/common/back.gif
قارساق دېگەن نېمە دېگەن گەپ ؟
بۇنى تەتۈرسىگە ئۆرىسەك  ...

{:92:}

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 16:25:17

پوپ، ئالا، قاق، قالاق،  ئاچا (ئاچا تىرەك)
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچە سىممېتىرىك سۆزلەر