tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 11:05:20

ئوشۇق

ئاپتورى: رەشىدە سېيىت
ئۆيىمىز تار كېلىپ، بالكوننى ئەپچىل بىر ئۆي قىلىۋالدۇق. سىڭلىم بىلەن ئىككىمىزنى خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلسۇن، دەپ ئانام بىلەن دادام ياتاق ئۆيىنى سىڭلىمغا بەردى، ئۆزلىرى بولسا بالكوندىكى ئۆيىدە يېتىپ قوپۇۋاتىدۇ.. ئەمدى سىڭلىمنىڭ “مەنمۇ سىلەرنىڭ بالاڭلار، نېمىشقا ماڭىمۇ ئاكامنىڭكىدەك ئايرىم ياتاق ئۆي قىلىپ بەرمەيسىلەر” دەپ كوتۇلداشلىرى تۈگىدى، بىزنىڭمۇ قۇلىقىمىز تىنچىپ قالدى. لېكىن ئىككى كىشىلىك كارىۋات ئاران سىغقان شۇ بالكوندا ئۇلار قانداقمۇ ياتار؟ ئانام بىلەن دادامىڭ بىزنى مىڭبىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ، يەنە بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ كەڭرى - ئازادە بىر ياتاق ئۆيگە ئېرىشەلمىگەنلىكىگە كۆڭلۈم يېرىم بولدى. چوڭ بولغاندا پۇل تېپىپ ئۇلارنى ئازادە ئۆيلەردە ئولتۇرغۇزۇپ كۈتىمەن، كاتتا داچا ئېلىپ بېرىمەن، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ جاپادا قويمايمەن دەپ ئويلىدىم. ئانام بىلەن دادام ئۆيىمىز كىچىك بولسىمۇ، خاتىرجەم ياشىساق بولدى دەپ قارايتتى. بىز ھەر كۈنى بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ كۆڭۈللۈك غىزالىناتتۇق. بىر كۈنى مەن تاماق يەۋېتىپ قاچامغا چىققان سۆڭەكتىن بىر تال ئوشۇقنى ئايرىۋېلىپ ئۇنى پاكىزلاپ قويدۇم. ئانام ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇپ ئوشۇقنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. دادام:
- فۇرقەت، ئوشۇقنى نېمە قىلاتتىڭ ئاناڭنىڭ كۆزىنى ئالا - چەكمەن قىلىپ؟ بىر قىسىم يامان بالىلارغا ئەگىشىپ ئۇنداق نەرسىنى ئويناپ سالما جۇمۇ، - دېدى. شۇ چاغدا كۈلگۈم كەلدى. ئۇلار نېمانچە ئەنسىزدۇ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرەي دەپ قالغان تۇرسام يەنە مەندىن ئەنسىرەپ يۈرگىنىنى، نېمىنىڭ يامان، نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىمكى مەن.
بىر كۈنى ئانام بىلەن دادامنىڭ ئوشۇق ئېتىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ ئاۋازى تۆۋەن بولسىمۇ، نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى.
- ئەكىلىڭە مەن ئېتىپ باقاي، فۇرقەت ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەمدۇ يوق، - دەيتتى ئانام دادامنىڭ قولىدىكى ئوشۇقنى تالىشىپ.
- ياق، مەن ئېتىپ باقاي، سېنىڭ ئانچە تەلىيىڭ يوق. ئۆتكەندە لاتارېيە بېلىتى سېتىۋالغاندا ساڭا ھېچنېمە چىقمىدى، ماڭا ئارقا - ئارقىدىن مۇكاپات چىققان، ئېسىڭدە باردۇ؟ يەنىلا مەن ئاتاي، - ئانام كۈلۈپ كەتتى. دادام ئوشۇقنى ئاتتى. ئوشۇق سىيا چۈشكەن چېغى، ھەر ئىككىلىسى خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە خۇشلۇقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىدى.
- مانا، مانا قارا، فۇرقەت ئالىي مەكتەپكە ئۆتىدىكەن.
- ئوغلۇم ئەقىللىق تۇرسا ئۆتمەمتى.
- ئۇ ھارماي تىرىشىۋاتسا، چوقۇم ئۆتىدۇ.
شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇلار پات - پات ئوشۇق ئېتىپ بەزىبىر ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار ھەتتا سىڭلىم گۈلنەزەرنىڭمۇ ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئوشۇق ئېتىپ جەزملەشتۈرۈپ بولدى. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوشۇقنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ كىچىككىنە سۆڭەكنىڭ شۇنچىلىك قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە، شۇنچىلىك كارامەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا، ئانام بىلەن دادامنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك، تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقان ئاتا - ئانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئانام بىلەن دادامنىڭ ئارزۇسى سىڭلىم بىلەن مېنى ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش. دادام ئانچە غەم يېمەس ئادەم، لېكىن ئانام ئۇنداق ئەمەس. ئۇ ھەر كۈنى، ھەر سائەت بىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنى ئويلايدۇ. ئانامغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، دادامدىن خېلى كىچىك بولسىمۇ، قارىماققا دادامدىن چوڭ كۆرۈنىدۇ. ئانامنىڭ دوستلىرى ئاز، باشقا ئاياللاردەك ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ ياسىنىشنى بىلمەيدۇ. دادامنىڭ بەرگەن پۇلىنى تېجەشلىك خەجلەپ بىزنىڭ ئوقۇشىمىز ئۈچۈن يىغىدۇ، بۇنى ئويلىسام يىغلىغۇم كېلىدۇ.
ئىمتىھان ۋاقتى كۈن ساناپ يېقىنلاشماقتا. ئۆيىمىزدىكى ئوشۇقنىڭ سىيا چۈشمەيدىغان ۋاقتى يوق، ئانام بىلەن دادام خۇشلۇقىنى باسالمايدۇ. مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغانلىقىمغا يۈزدە يۈز ئىشەنچىم بار، سىڭلىممۇ تىرىشىۋاتىدۇ. مەن گاھى ئوشۇققا ئىلتىجا قىلىمەن، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ چۇ چۈشۈپ قالماسلىقىنى، ئانام، دادامنىڭ شېرىن خىياللىرىنى بۇزۇۋەتمەسلىكىنى تىلەيمەن. بۇ كىچىككىنە سۆڭەك خۇددى مېنىڭ ئارمانلىرىمنى چۈشەنگەندەك ئانام بىلەن دادامنى نائۈمىد قويمىدى.
مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم، سىڭلىممۇ شاڭخەيدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتى. سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۆيدىن ئايرىلىشىمىز ئانامغا ئېغىر كەلدى. ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرى ئانامنىڭ بىزگە چىدىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. بىزنى ئۇزاتقاندىن كېيىن ئانام ئوشۇقنى بىزنىڭ ئامان - ئېسەن تۇرغان - تۇرمىغانلىقىمىزغا ئاتىدىغان بولدى. ئوشۇق بەزىدە ئانامنىڭ ئۈمىدىدىكىدەك چۈشمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇنداق چاغدا ئانام بىزگە تېلېفون قىلىپ ئاۋازىمىزنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ ئاندىن خاتىرجەم بولاتتى. ئانامنىڭ يىغىسىغا چىدىماي ئوشۇقنى تاشلىۋېتىشنى ئېيتتىم. لېكىن ئانام زادىلا ئۇنىمىدى، ئۇ ئانامنىڭ نەزەرىدە ئائىلىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق نەرسىسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.
قىشلىق تەتىل قىلىپ بارغاندا ئانامنىڭ خېلىلا جۈدەپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ چېكە چاچلىرىغا ئاق سانجىغان، چىرايىمۇ سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. ئۇ نېمىنىدۇ مەندىن يوشۇرغاندەك قىلاتتى. دادامغا قاراپ ھەيران قالدىم، دادام ئەسلىدىمۇ كېلىشكەن ئادەم ئىدى، ھازىر قارىسام تېخىمۇ روھلىنىپ، پۇزۇر كىيىنىپ يۈرىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. تېخى ئانچە - مۇنچە ھاراقمۇ ئىچىپ قويىدىكەن، ئۇ بەزىدە ئۆيگە كەچ كىرىدۇ. مەن ھازىرغىچە دادامنىڭ ھاراق ئىچىپ جېدەل قىلغانلىقىنى كۆرۈپمۇ، ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدىم، ئۆيگە كېلە - كەلمەي دادامنىڭ جېدىلىدىن جاق تويدۇم. ئۇ جېدەل قىلىپ بىر نەرسىلەرنى چاقسىمۇ مەيلى ئىدى، ئانامنى ئۇرۇپ، تىللايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىدىم. دادامنىڭ يولسىزلىقى مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇ خۇددى بالىلار ئوقۇشقا كەتسە قىلغۇلۇقنى قىلمىسام، دېگەندەك ئىش قىلىۋاتاتتى. بىر كۈنى ئانام خېلى قاتتىق ئاغرىپ قالدى، ئۇ كۈنى كېچىدە دادام ئۆيگە كىرمىدى. ئانامنى ئۇنىمىسا، ئۇنىماي دوختۇرغا ئېلىپ بارماقچى بولدۇم، ساندۇقتىن پۇل ئالاي دەپ ئاچقۇچنى ئىزدەپ ئانامنىڭ يانچۇقىغا قولۇمنى سالدىم. قولۇمغا ھېلىقى ئوشۇق ئۇرۇلدى. ئانام نېرۋا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى، دادام ئۆيگە كەلمىسە ياكى كەچ قالسىلا، ئانامنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىپ كېتەتتى. باشقا خەتەرلىك ئەھۋال بولمىغاچقا بىز دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلدۇق. ئانام دورا ئىچىپ ئۇخلاپ قالدى. مەن ئوشۇقنى ئېلىپ قارىدىم، ئۇ شۇنداق كىچىك ھەم پارقىراق ئىدى. مەن ئۇنى دېرىزە ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ يىراققا ئېتىۋەتمەكچى بولدۇم، لېكىن توختاپ قالدىم. ئۇ بىر ئادەتتىكى ئوشۇق بولسىمۇ ئانامغا تەسەللى بولۇپ كېلىۋاتاتتى. دادام كۈن - تۈن ئۆيگە كىرمىگەن چاغلاردا ئانامغا ھەمراھ بولىۋاتاتتى. ئانامنىڭ كۆڭۈل سىرىنى بىلگەن، ئانامنىڭ دەرد - ھەسرەتلىرىگە ئورتاق بولغان، ئانامنىڭ غايىۋانە ئارمانلىرىنى قاندۇرغانىدى. شۇ چاغدا كۆڭلۈمگە بىر ئىش كەلدى. دادامنىڭ باشقا ئايال بىلەن... ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ كەتتى. مەن ئوشۇقنى ئېلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىردىم - دە، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ئۇنى كارىۋىتىمنىڭ ئۈستىگە ئاتتىم. يۈرىكىم سېلىپ ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى. ئوشۇق كىرلىك ئۈستىدە دادامنىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. شۇئان ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالدىم، مەنمۇ 20 −19 گە كىرىپ قالغان بولغاچقا، تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارنى بىلىپ قالغانىدىم. دادامدەك ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ ئۆيىنى بۇزۇۋەتكەن بىر قسىم قىزلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرىنىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. ھازىرقى جاھاندا ئانامدەك ئۆزىنى ئويلىمايدىغان ئاياللارنىڭ دادامدەك كېلىشكەن ئېرىنى چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۇشى قىيىن ئىدى. بۇنداق تۇرمۇش يوشۇرۇن خەۋپتىن خالىي بولالمايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىياللىرىمنىڭ پەقەت بالىلارچە خىيال، ئوشۇقچە گۇمان بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن ئۇنى تېزلا قولۇمغا ئالدىم، يەنە ئېتىپ باقماقچى بولدۇم. بۇ قېتىم ئۆيىمىز بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ - كەتمەمدۇ؟ دەپ ئاتتىم. بۇ قېتىم ئۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. دېمەك ئۇلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىدى. مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم دەپ مەن ئوشۇقنى يەنە بىر قېتىم ئېتىپ باقماقچى بولدۇم. لېكىن ئۆزۈمنى سەل توختىتىۋېلىشنى ئويلاپ دېرىزە ئالدىغا كېلىپ ئاسمانغا قارىدىم. قىش ئاسمىنى ناھايىتى تۇتۇق ئىدى. ئاسماندا يۇلتۇزلارمۇ يوق بولۇپ ئاينىڭ يۈزىدىكى داغمۇ ناھايىتى سۇس كۆرۈنەتتى. يالىڭاچلىنىپ قالغان دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىدىكى قالدۇق غازاڭلار سارغايغان تېنىنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتى. بەزىدە ئاچچىق شامال زەربىدىن تىترەپ - تىترەپ توختايتتى. سائەتكە قارىدىم، سائەت ئىسترېلكىسى بىرنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. دادام تېخىچە قايتىپ كەلمىدى، مەن يەنىلا گۇمانىي خىياللارنىڭ قورشاۋىدا ئىدىم. شۇ تاپتا ئوشۇققا يالۋۇرۇپ يىغلىغۇم كەلدى. ئۇ خۇددى ئانامنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىدىغاندەك، بەختىنى تۇتۇپ قالىدىغاندەك ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن قارايتتىم. مەن ئۇنى يەنە ئاتتىم، دادام بىلەن ئانام ئاجرىشىپ كېتىپ بىز يېتىم بولۇپ قالامدۇق - يوق؟ كۆزۈمدىن ئوت يېنىپ كەتتى. ياق! ئوشۇق ماڭا قاراپ شۇنداق ۋارقىرىدى. شۇ تاپتا ئۇنى ئېلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ سۆيگۈم كەلدى. ئوتتەك ئىككى تامچە يېشىم مەڭزىمدە توختاپ قالغانىدى. مەن ئوشۇقنى قولۇمغا ئالدىم، ئۇنى باغرىمغا تېڭىپ يۈرىكىمنىڭ ھاياجانلىق دۈپۈلدەشلىرىنى ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ قويدۇم. چىراغ نۇرىدا كۆزلىرىم يالتىرايتتى. يۈرىكىم ئېرىپ كەتكەندەك بولاتتى. ئانام ئۈچۈن، سىڭلىم ئۈچۈن، ئۆزۈم ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتاتتىم. مەن ئاستا چىقىپ ئوشۇقنى ئانامنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم، ئانام دورىنىڭ كۈچى بىلەن قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.
- داداڭنىڭ ئەمىلى ئۆسمىگەن بولسا بوپتىكەن، - دېدى ئانام ئەتىسى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا. دادام چۈشتىمۇ ئۆيگە كەلمىگەنىدى. بىزنىڭ ئۆيدە دادام داستىخانغا كەلمىگۈچە تاماققا قول ئۇزارتمايتتۇق. ئانام بىزگە كىچىكىمىزدىن تارتىپ شۇنداق ئۆگەتكەنىدى. ناۋادا دادام خىزمەت بىلەن سىرتلاردا تاماق يەپ قالسا “بۈگۈن داداڭلار يوق، تاماق يېگەندەك بولمىدىم” دەيتتى ئانام، ئانامنىڭ گېپىگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. تامىقىمنى تېز - تېز يەپ، دۇئادىن كېيىن دوستلىرىم بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆيدىن چىقتىم. بۈگۈن يېقىن بىر ئاغىنەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ئۇ بىزنى “ياۋا قومۇش” رېستورانىغا تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە تەكلىپ قىلغانىدى. بۇ رېستوران يېڭى ئېچىلغاچمىكىن بېزىلىشى باشقىچە چىرايلىق ئىدى. بىز ئىككىنچى قەۋەتتىكى زالغا چىقتۇق. تېخى سورۇنىمىز باشلانماي تۇرۇپ قارشى تەرەپتە خېلى نېرىدىكى بىر ئۈستەلدە دادامنى كۆرۈپ قالدىم. دادام ئەر - ئايال بولۇپ رەڭلىك ئولتۇرغاندەك قىلاتتى. سىنچىلاپ قاراپ ئۇلارنىڭ ئايال ئەمەس، كىچىك قىزلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ياش قۇرامى مەندىن سەل چوڭدۇر ياكى مەن بىلەن تەڭدۇر. بىر چاغدا بىرسى مېنى بېقىندىدى:
- فۇرقەت، داداڭ! داداڭ بىر قىز بىلەن تانسىغا چۈشتى، - بېشىمنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئاغىنىلىرىم “قايسى، قايسى” دەپ بويۇنداپ قاراپ كېتىشتى. دادام مېنى كۆردىمۇ بىلمىدىم. شۇ چاغدا ئانام يادىمغا كىرىۋالدى، شۇ تاپتا ئۇ دادامنى كېلىدۇ دەپ تاماقنى ھېلى ئىسسىق ساقلايدىغان قاچىغا سېلىپ، ھېلى داستىخانغا يۆگەپ ئولتۇرغاندۇ. ئاددىي كىيىنىدىغان، ئەتىدىن - كەچكىچە ئۆي تازىلاپ، قازان بېشىدىن نېرى بولالمايدىغان ئانامنى ھەرگىزمۇ دادام بىلەن تانسا ئويناۋاتقان سورۇندا تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. ئۇ ھازىر دادامنى دەپ كېسىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى، ئىچىدىغان دورىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. مەن باشقىلارغا ئۆزرە ئېيتىپ رېستوراندىن قايتىپ چىقتىم. ئۆيگە كەلسەم ئانام ياتاق ئۆيدە ئىكەن، مېنىڭ كىرگىنىمنىمۇ تۇيمىدى. ئۇ ھەدەپ ئوشۇق ئېتىۋاتاتتى، ئاتقانسېرى كۆڭلى يېرىم بولاتتى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقاتتى. ئانام ئ−وشۇق−نى ئ−ۆز بەختىگە ئېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئانامنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاچچىققا تولدى، دادامغا بولغان نەپرىتىم ئاشتى. بايا رېستوراندا دوستلىرىمنىڭ “داداڭ قالتىسكەن جۇمۇ...” دېگەنلىرى ئېسىمگە كەلدى. يۈرىكىمدىكى ئاچچىق ئەمدى ئاغرىققا ئۆزگەردى، گېلىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بىئارام بولدۇم. مەن سەل ئېسىمنى تېپىپ ئانامنىڭ قېشىغا كىردىم، زورىغا كۈلۈمسىرەپ چۈشلۈك دورىسىنى ئىچكەن - ئىچمىگەنلىكىنى سورىدىم.
- نېمانداق بالدۇرلا قايتىپ كەلدىڭ؟ - ئانام كۆزلىرىدىكى ياشنى مەندىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراپ يۈزىنى سىلىدى، ئاندىن ئالدىدىكى ئوشۇقنى يېنىدىكى تەكچىگە تاشلاپ قويدى.
- پاراڭلىرىمىز تۈگەپ قالدى، سوغۇقتا كوچا ئايلانغۇمىزمۇ كەلمىدى، شۇڭا باشقا بىر كۈنى كۆرۈشەيلى، دەپ تارقىلىپ كەتتۇق، - دېدىم. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئاناممۇ، مەنمۇ جىمىپ كەتتۇق. ئانام ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. چىرايىدىن تېگى - تەكتىدىن سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. بېشىمنى سىلاپ بويۇمنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، ياداپ كەتكەنلىكىمنى دېدى. ئانام بۇ گەپنى مەن كەلگەندىن بېرى بەش - ئالتە قېتىم تەكرارلىغانىدى.
- ساۋاقداشلىرىڭ ياخشىدۇ؟ - دېدى ئانام سىنىپىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىسى كەلگەندەك. مەن ئانامغا سىنىپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ پارىڭىنى قىلىپ بەردىم. ئىلاج بار ئانامنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان، خاتىرجەم قىلىدىغان گەپلەرنى قىلدىم. سىنىپىمىزدىكى 60 بالىنىڭ 20 سى قىز، قالغىنىمىزنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇلارغا ئامراق ئىكەنلىكىمنى، يىراق سەھرادىن كەلگەن بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىمىزنىڭ ناۋايلىق ھۈنىرىنىڭ قالتىسلىقىنى، ئۇنىڭ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى بىر ناۋايخانىنى ئىجارىگە ئېلىپ يېرىم كېچىدە قوپۇپ نان يېقىپ، سەھەردە سېتىپ، دەرسكە قاتنىشىپ، تاپقان پۇلىنى ھەم ئاتا - ئانىسىغا ئەۋەتىپ ھەم ئوقۇش پۇلىنى تۆلەۋاتقانلىقىنى، بىر قىز ساۋاقدىشىمىزنىڭ بىر تەرەپتىن ئوقۇغاچ ئۆي تازىلاش، توي - تۆكۈنلەرگە ياردەم بېرىش مۇلازىمەت تىپىدىكى بىر شىركەت قۇرغانلىقىنى، ھازىر قول ئاستىدا 40 قىز بالا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئۇمۇ ئاتا - ئانىسىغا ئېغىرىنى سالماي ئوقۇش پۇلىنى ئۆزى تۆلەۋاتقانلىقىنى دېدىم. بۇلارنى ئاڭلاپ ئانام ناھايىتى ھاياجانلاندى.
- ئانا، - دېدىم مەن، - مەنمۇ كېلەر تەتىلدە بىر يەردە ئىشلەي دەيمەن، سېنىڭچە قانداق؟
ئانام يۇمشاق قوللىرى بىلەن يۈزۈمنى سىلاپ خۇش بولۇپ كەتتى.
- سېنى سېغىنىپ كەتسەم قانداق قىلىمەن؟ تەتىلگىچە كۈن ساناپ ئاران چىدىغان تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىشلىق تەتىلدە سىڭلىڭ كېلەلمەيدىكەن، ئۇ مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىلى بەكلا ئازكەن، كېلىمەن دېسە ۋاقىت يولغىلا كېتىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ چىدىماي ئاران تۇرۇۋاتسام...
- سېنىمۇ ئېلىپ كېتىمەن، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدا 200 يۈەنگە بىر ئايلىقىنى ئىجارىگە بېرىدىغان ئۆيلەر بار، سىڭلىم ئۈرۈمچىگىلا كەلسە يولى قىسقىرايدۇ، ئۈچىمىز بىللە تۇرمامدۇق؟ - ئانام بەك خۇش بولۇپ كەتتى.
- داداڭنى دېمەيسىنا، ئۈچىمىز بىر بولۇۋېلىپ داداڭنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ جازالامدۇق - يا؟
- دادام دېگەن ئۈرۈمچىنى تولا كۆرگەن، سەن پەقەت بېرىپ باقمىغان، شۇڭا دەۋاتىمەن، - شۇ چاغدا ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى شاراقشىتىپ دادام كىرىپ كەلدى. ئانام دادامغا تاماق بېرىمەن دەپ ئاشخانىغا ماڭدى.
- ھە يىگىت، تەتىل بولغاندىن كېيىن ئۇيان - بۇيان چېپىپ تازا ئوينىماي ئۆيدە مۇشۇنداق ئولتۇرامدۇق؟ - ئۇشتۇمتۇت ھاۋا بۇزۇلۇپ قارا بۇلۇت ئاسماننى قاپلىغاندەك قاپىقىم تۈرۈلۈپ، بايىقى خۇشال كەيپىياتىم قاياقلارغىدۇ ئۇچتى، ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ياپتىم. دادام مېنىڭ رېستوراندا ئۆزىنى كۆرۈپ قالغىنىمنى بىلمىگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئارقامدىنلا تاپ بېسىپ كىرىپ كەلدى.
- نېمە بولدۇڭ؟ يېڭى شەھەرنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ، كونا شەھەرنى چوتاغا بەرگەندەك قاپاقلىرىڭ تۈرۈلۈپ كېتىپتىغۇ؟ ئاناڭ ئۇ يەرگە بارساڭ ئاق بولىدۇ، بۇ يەرگە بارساڭ كۆك بولىدۇ دەپ سېنى چۈشەپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟
- مەن باردىم، ئوينىدىم، يەنە نەگە بارسام بولاتتى! سەندەك ئوينىسام ئاندىن ئوينىغانغا ھېساب بولامتى؟ مېنى يىگىت دەپ كەتتىڭ، مەن يىگىت بولغىلى نىكەم. سەن مېنىڭ يىگىت بولغىنىمنى ئەمدى بىلدىڭمۇ؟ سەن تانسا ئويناپ يۈرگەن قىزلار ئۇقۇشماستىن ماڭا ئۇچراپ قالمىسۇن، مېنىڭ تاللىشىم بولۇپ قالمىسۇن، ئاڭلىدىڭمۇ؟ سەن بويىغا يېتەي دەپ قالغان بىر قىز بىلەن راۋۇرۇس بىر يىگىتنىڭ دادىسى. سەن يەنە سەن ئۈچۈن قولىنى كۆسەي، چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ ياشاۋاتقان ۋاپادار بىر ئايالنىڭ يولدىشى. سەن يەنە بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى. ئاشۇنداق يۈرسەڭ تەشكىل ساڭا يەنە ئىشىنەمدۇ؟ خىزمەتداشلىرىڭ، يەنى قول ئاستىڭدىكىلەر سېنى ھۆرمەت قىلامدۇ؟ - مەن خۇددى بومبىدەك پارتلاپ دادامنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتىم. ئۇ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ئاغزىمغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. گەپ قىلىشتىن توختىۋېدىم، دادام غىپلا قىلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ شەنبە، يەكشەنبە ئىككى كۈن تالاغىمۇ چىقمىدى، ھەدەپ تاماكا چېكىپ پۇشۇلداپ ئولتۇراتتى، ئاناممۇ شۈك بولۇپ كەتكەنىدى.
تەتىل توشۇپ قالاي دېدى. دادام قاينىغان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەكلا بولۇپ قالدى. ئەتىگەندە ئىشقا بارىدۇ، چۈشتە كېلىپ بىز بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يەيدۇ، كەچتە كېلىپ ماتېرىيال كۆرىدۇ ھەم بىر نەرسىلەرنى يازىدۇ. مەن بىر تەرەپتىن خاتىرجەم بولۇپ قالغان بولساممۇ، يەنە بىر تەرەپتىن دادامنىڭ كېيىن يەنە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ماڭىدىغان چاغدا دوستلىرىم بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن يىغىلدۇق. ئۇيان - بۇيان پاراڭ قىلىپ ئولتۇراتتۇق، بىرسى توساتتىن چاقچاققا دادامنى قېتىۋالدى.
- فۇرقەت داداڭ كەلتۈرۈشكە ئۇستا ئىكەن. تانسا ئوينىغان قىزغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇ غۇلام ۋالىينىڭ قىزى، داداڭنىڭ ئېپى باركەن، جۇمۇ؟
- ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئېپى بولمىسا كىمنىڭ ئېپى بولاتتى، ئىگىسىنى سېغىنساڭ ئىتىغا سۆڭەك سال، دەپ ئۇنداق قىلمىسا قانداق ئۆسىدۇ؟ - ئۇ بىر نېمە دەپ، بۇ بىر نېمە دەپ دادامنى بۇزۇق، ئەمەلپەرەس، پارىخورغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىراپتۇ، دەپ ئۇ گەپلەر ماڭا قاتتىق ئەلەم بولدى. يۈگۈرۈپ قوپۇپ تولىراق سۆزلىگەن بىرسىنىڭ گېلىدىن ئېلىپ ئۈستەلگە ئىككىنى ئۈستۈردۈم. باشقىلار ھاي، ھۇي دەپ ئاجرىتىۋالدى، بولمىسا ئاغزىنى يىرتىۋېتەتتىم. خوشلىشىش سورۇنى كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى. ئاچچىقىمدا ئۆمرۈمدە قىلمىغان ئىشنى قىلىپ ئازراق پىۋا ئىچتىم، ئاندىن ئىككى تال تاماكا چەكتىم. يۈزلىرىم ئوتتەك قىزىۋاتاتتى، تازىلىق ئۆيىدىكى ئەينەكتە كۆزلىرىمنىڭ تېخىچە غەزەپلىك چاقناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، لېكىن قەلبىم ئازابلىنىۋاتاتتى، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغان بىچارىدەك ھېس قىلاتتىم. مەن ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىغا بۇنداق كىرەلمەيتتىم، شۇڭا ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندا كىرىش ئۈچۈن دوستلىرىمدىن ئايرىلىپ بىر - ئىككى سائەت مەقسەتسىزلا كوچا ئايلاندىم.
ئۆيگە كىرسەم سافادا ئانامنىڭ چاپىنى تۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭ يانچۇقىدا ھېلىقى ئوشۇقنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم، ئۇنى ئالدىم. ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ھال رەڭلىك ئۈستەل چىرىغىنى ياقتىم. ياتاق ئۆيۈم تىمتاسلىق ئىچىدە خىيالىي چاقناپ تۇراتتى. كاللامدا نۇرغۇن ئىشلار - دادامنىڭ كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى يەنە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرۈش - يۈرمەسلىكى، ئانامنىڭ بۇ ئازابلارنى كۆتۈرەلمەي كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ بىزنىڭ يېتىمچىلىك كوچىسىدا سەرسان بولۇشىمىز، سىڭلىمنىڭ بۇ زەربىگە چىدىيالماي ياخشى ئوقۇيالماي قېلىشى ... كاللامغا بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى تىزىلىپ كېلەتتى. مەن ئوشۇقنى ئېتىپ باقماقچى بولدۇم. نېمىگە ئاتىمەن، قايسىسىغا ئاتىمەن؟ بۇ قىلىقلىرىم، خىياللىرىم ئۈچۈن يەنە بىر خىل ئازاب يۈرىكىمنى مۇجۇيتتى. ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى زاماندىكى كاللىسى ئوچۇق بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى ئويلىغىنىمدا تېخىمۇ ئازابلىناتتىم. ئادەملەر ئۈمىدسىزلىككە پاتقاندا تەڭرىنى ئىزدەيدىكەن، تەڭرىدىن پاناھلىق تىلەيدىكەن، مەن شۇ خىلدىكى ئادەملەر تىپىدىنمۇ؟ بۇنى بىلەلمىدىم. لېكىن بىر خىيالىي كۈچ مېنى ئوشۇقنى ئېتىپ كۆرۈپ بېقىشقا دەۋەت قىلاتتى. مەن ئۇنى كارىۋات ئۈستىگە ئاتتىم، رەسمىي يوسۇندا “بىسمىللا” دەپ ئاتتىم، لېكىن ئوشۇق تىلىكىمنى يەردە قويدى. مەن ئۇنى يەنە قولۇمغا ئالدىم. قانچە قېتىم ئاتقىنىمنى بىلمەيمەن، ئۇ چۇ چۈشۈۋەردى. ئۇ كۆزۈمگە شۇنداق سەت كۆرۈندىكى، دۇنيادا ئۇنىڭدىن يىرگىنىشلىك نەرسە بولماس. ئۇنىڭدىن قاتتىق بىزار بولدۇم، شۇ كىچىكككىنە نەرسە ئانامنى ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە تاشلاپ قانچە قېتىم يىغلاتتى - ھە؟ ئەمدى مېنى ئەنسىزچىلىككە سېلىۋاتىدۇ.
مەن ئوشۇقنى ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇم. ئۇنى ئانامغا قالدۇرماسلىقىم كېرەك. ماڭىدىغان كۈنى دادام، ئانام مېنى پويىز بېكىتىگە ئاچىقىپ قويدى، پويىز قوزغالغاندا ئانام يىغلىغانچە قالدى.
پويىز باغلاردىن ئۆتۈپ تاغلارغا، تاغلاردىن ئۆتۈپ سايلارغا قەدەم باسماقتا. يولۇچىلارنىڭ كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئىلغا قىلماي پۇتلىرىنى ھەر تەرەپكە سوزۇپ يېتىشلىرى، قايسىبىر ۋاگوندىن ئاڭلىنىۋاتقان گىتار ئاۋازى ۋە دۈم - دۈم ئوينىغاندىكى كۈلكە، ۋارقىراپ - جارقىراشلار، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى، قاچىلىق تاماقلارنى ساتىدىغانلارنىڭ كىچىككىنە تۆمۈر ھارۋىنى ئىتتىرىپ توختىماي ئۇيان - بۇيان ئۆتۈشلىرى، ئۆيدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى خېلى ئۇنتۇلدۇرغانىدى. لېكىن ئارقامدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بەش - ئالتە ئاغىنىلەرنىڭ قارتا ئويناۋېتىپ، “بۇ قىمار ئەمەس ئىچ پۇشىقى” دېگەن گېپى بىلەن ئوشۇق ئېسىمگە كەلدى، ئۇنى قولۇمغا ئالدىم. يېرىم كېچە بولاي دېگەندە پويىز بىر بېكەتتە توختىدى. ئۇنىڭ قەيەرلىكىنىمۇ بىلمەيمەن ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتتىم. شۇڭا چۈشۈپلا بىر - بىرىگە مىنگىشىپ تۇرغان تاغلارنىڭ باغرىغا قارىتىپ ئوشۇقنى ئاتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۆزۈمدىن يوقالدى، مەنمۇ ھەممە دەرد - ئەلەم، غەم - قايغۇم ئاشۇ چۆلدە قالغاندەك يەڭگىللەپ قالدىم.
مەكتەپكە كېلىپ يېڭى بىر مەۋسۇمدىكى ئوقۇش ھاياتىمنى تېخىمۇ جىددىي كەيپىيات ئىچىدە كۈتۈۋالدىم. ئۆزۈم تۈزگەن ئۆگىنىش پىلانىمغا قارىغاندا كۈنلىرىم ناھايىتى جاپالىق، ۋاقتىم جىددىي ئۆتىدىغاندەك قىلاتتى.
شۇنداق، ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە ھەر بىر دەقىقىنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت ئىدى، شۇڭا جاپالىق ئۆگەنمىسەم بولمايتتى. مەن يەنە مۇشەققەت ۋە ئازاب ئىچىدە بارلىق ئۈمىدىنى ماڭا باغلىغان ئانام ئۈچۈن، كېچىكىپ بولسىمۇ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئويىغا كەلگەن دادام ئۈچۈن، مەندىن پەخىرلىنىپ مېنىڭ نەتىجىلىرىم ئاساسىدا ئۆزىدە ئىرادە ۋە نىشان يارىتىدىغان سىڭلىم ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆگىنىشىم كېرەك ئىدى.
ئالدىراش ياتاققا كېتىۋاتسام ئۆيدىن تېلېفون كەلدى، تېلېفوننى ئانام بەرگەنىدى. ئانام مېنىڭ ئامانلىقىمنى سوراپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى دېدى، دادام ھەققىدە ھېچنېمە دېمىدى. كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ دادامنىڭ ئەھۋالىنى سوراي دەپ تۇرسام، ھېلىقى ئوشۇقنىڭ گېپىنى قىلدى.
- بالام، ھېلىقى ئوشۇقنى كۆرمىگەنسەن ھە؟ ئۇ يانچۇقۇمدا ئىدى، يوق تۇرىدۇ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۆينى قېزىۋەتتىم، تاپالمىدىم.
تېلېفون تۇتقان قولۇم تىترەپ كەتتى. مەن ئوشۇقنى تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن ئانامغا دېيىشنى ئويلاشماپتىمەن. ئانام دادامنىڭ ئۆيدىن تالاغا چىقماي، ھاراق - شاراب ئىچمەي، قەدىمىنى رۇسلاپ خىزمىتى بىلەن بولۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ خېلى خاتىرجەم بولغانىدى. ئەمدى يەنە نېمە بولغاندۇ؟ مەن كەتكەندىن كېيىن دادامنىڭ كېسىلى يەنە قوزغالغانمىدۇ؟
- ئانا، ئۇنى نېمە قىلاتتىڭ؟ مەن كۆرمىدىم، - ئانامغا يۈزتۇرا قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىۋاتقاندەك يۈزۈمدىن ئوت يېنىپ كەتتى.
- بوپتۇ بالام، بىر يەردىن چىقىپ قالا، خوش، - ئانامنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش چىقتى. تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىنمۇ بىر ۋاققىچە نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. ئانامغا مەن ئۇنى تاشلىۋەتتىم، سەن ئەمدى بەختىڭنى ئۇ بارماقچىلىك سۆڭەكنىڭ ئۇنداق - بۇنداق چۈشكىنىگە تاپشۇرما، سەن ئوقۇغان ئايال، دېمەكچى ئىدىم، لېكىن ئۇنداق دېيەلمىدىم. ئانامغا تەسەللى بولۇۋاتقان ئۇ خىل تۇيغۇنى پۈتۈنلەي بىت - چىت قىلىۋەتكۈم كەلمىدى. ئانام ئۆزى ھېس قىلغۇچە شۇنداق يۈرۈۋەرسۇن.
بۈگۈنكى پىلانىم بىر تېلېفون بىلەنلا ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. دادامغا نېمە بولغانلىقىنى سورىمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، تاكى كەچ كىرگىچە قالايمىقان خىياللاردا بولۇپ تاماققىمۇ چىقمىدىم. كارىۋىتىمدا تورۇسقا قاراپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، چۈشۈمدە ئانامنى كۆردۈم، ئانام ياتاق ئۆيىدە يالغۇز تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىدەك، ئالدىدا بىر ياغلىق بادام، ئۇ باداملار بىر قارىسام ئوشۇقلارغا ئايلىنىپ قالغانمىش، يەنە ئانامنىڭ ئىككى قولىدا بىردىن ئوشۇق تۇرۇمىش. ئانام قولىدىكى ئوشۇقلارنى، ئالدىدىكى ئوشۇقلارنى بىر - بىرلەپ ئاتقۇدەك، ئوشۇقلارنىڭ بىرسىمۇ سىيا چۈشمىگۈدەك، ئانام يىغلايمىش، ئوشۇقلار ئۆيگە تولۇپ كەتكۈدەكمىش. ئانام بىلەن ئىككىمىز ئۆيدە ئۇياندىن - بۇيانغا قاچقىدەكمىز، ئوشۇقلار بىزنى قوغلىغۇدەكمىش. شۇ چاغدا دادام قاپقارا بىر ئوشۇققا ئايلىنىپ قاپتۇمىش، ئۇ توختىماي ناخشا ئوقۇپ، ئۇسسۇل ئويناپ ئاخىر سەكرىگەن پېتى دېرىزىدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىپتىمىش، بىزنى ئاق ئوشۇقلار قىستاپ تىنالماي قاپتىمىز، مەن قولۇمدا ئوشۇقلارنى سۈرۈپ، ئىتتىرىۋېتىپ ئانامنى قۇتقۇزماقچى بولۇپ قاتتىق ۋارقىرىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم.
دەككە - دۈككۈچىلىك ئىچىدە يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى. مەن تاشلىۋەتكەن ئوشۇقنىڭ ئاخىرقى بېشارىتى بىلەن ئانامنىڭ بىچارە ھالىتىنى، تېلېفوندىكى ھەسرەتلىك ئاۋازىغا باغلاپ تەھلىل قىلاتتىم. دادام ئەقلىنى يوقىتىپ يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەندۇ؟ مەندەك بىر بالىنىڭ گېپى ئەللىكنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بىر چوڭ ئادەمگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەر؟! ئەتىسى يەنە شۇ خىياللار بىلەن كېتىپ بارسام تېلېفونۇم سايرىدى. يېقىندىن بېرى تېلېفوننىڭ ئاۋازىمۇ قۇلىقىمغا ۋەھىمىلىك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالغانىدى، تېلېفون ئۇرغان ئانام ئىدى.
- ۋەي بالامما؟ - ئىشەنچكە تولغان ئاۋازدىن ئانامنىڭ ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، - سالامەت تۇردۇڭمۇ بالام؟ مەن ئوشۇقنى تاپتىم.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ھەم قورقۇپ كەتتىم. ئۇ ئوشۇقنى ئانام قانداقسىگە تاپىدۇ؟ مەن ئۇنى تاغنىڭ ئارىسىغا چۆرۈۋەتكەن تۇرسام، چۈشۈمدىكىدەك ئۇ ئوشۇق ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالدىمۇ يە؟
- ئانا، نېمە دەۋاتىسەن، ئوشۇقنى تاپتىم دېدىڭما؟ ئۇنى نەدىن تاپتىڭ؟
- ۋاي بالام، ئۇ ئوشۇقنى تاپمىدىم، شۇنداق ئوشۇقتىن بىرنى تاپتىم. داداڭ قايسى كۈنى بىر پۇت گۆش كۆتۈرۈپ كىرىپتىكەن، شۇنىڭدىن... - ئانامنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئانامنىڭ ئوشۇقتىن بىرنى ناھايىتى ئاسان تاپالايدىغانلىقىنى نېمىشقا ئويلىمىغاندىمەن؟ بالا قىلغان ئىشى چالا، دەپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتساممۇ مەن يەنىلا بىر بالىكەنمەن. تېلېفون ئۈزۈلدى، كۆزلىرىمگە قاپساپ كەلگەن ئاچچىق ياش پۈتۈن بەدىنىمگە تارايتتى. دادام قانداقراق تۇرغاندۇ؟ بۇنى بەكمۇ بىلگۈم كېلەتتى. مەن نېمىلا بولمىسۇن تەقدىر بىلەن رېئاللىق تەڭ قىيناۋاتقان ئانامنى قۇتقۇزمىسام بولمايتتى.

مەنبە : تارىم تورى

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 11:34:35

ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىۋاتىسىز !!ھارماڭ

self يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 14:22:42

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 11:34 static/image/common/back.gif
ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىۋاتىسىز !!ھارماڭ

ما ئادەمگە بۇنداق گەپ قىلساق كۆندا 100 تېما كۆچۈرۈپ چاپلايدىغان چىراي

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 01:23:40

كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس ئىش
http://tarimweb.com/html/uyghur/hekaye/hoxuk.html

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 15:08:19

تىما يوللاش ۋەزىپىسى باردەك كۈندە نەچچە تىما يوللايدىكەن،يوللىغانلىرىنىڭ مەزمۇنىغۇ ياخشىكەن،لىكىن ئىزدىنىشلىقلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ كۆچۈرۈپ يوللىسا قانداق بولىدۇ؟
بەت: [1]
: ئوشۇق