dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 21:26:32

ھاممام گۈلزىرەم(ھېكايە)

                                                                      ھاممام گۈلزىرەم
     مىنىڭ ھاممام گۈلزىرەمنىڭ مەندىن چوڭ بىر، مەندىن كىچىك ئىككى قىزى بار . مەن ئۆزۈمنى خېلى تەسەۋۋۇر كۈچى بار دەپ يۈرۈيمەن،لىكىن،ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا مەن بىر نان تىلەپ يەيدىغانلادىن.ئۇنىڭ چوڭ قىزى ئايسۇم  تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بويىغايىتىۋىدى،مەلىمىزدەقۇلاق ئاغرىغى بولدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ 16-17 ياشلىق قىزىنىڭ چېچىنى تال-تال ئۇششاق ئۆرۈپ ، ئۇچىغا ئىنچىكە رەڭلىك يىپلارنى گۈل شەكلىدە چىگىپ قويۇپ ،كەلگەنلەرگە :قاراڭلار قىزىم تېخىچە بويىغا،يېشىغا  تۇشلۇق ئىش قىلمايدۇ ،قېلىقى بەئەينى بويى چوڭ گۈدەكتەكلا. دەپ ھەممىنى ياندۇرۇپ ئۇنى بىرئوبدان ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇۋالدى.ئۇئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈۋىدى ،قىزىنىڭ تۆت يىلدى بىرى يىلدى يىلغا قىسقاراپ،ساغىرىپ كەتكەن چاچلىرى،تاتىرىپ كەتكەن، رەڭسىزلەشكەن  چىرايىنى كۆرۈپ:بۇزاماننىڭ قىزلىرىنى زە. دەپلا قويۇپ ،قىزىنى ھەرھەپتىدە بىرقېتىم داڭلىق پەردازئورنىغا ئەۋەتىپ،ئۇنى پەردازخانىغا بارىدىغان كۈنىلا يۇيۇندۇرۇپ، ئالتە –يەتتە ھەپتە شۇنداق قىلىۋىدى،ئۇنى پىنسىيىدىكى ھاكىمنىڭ سودىگەر ئوغلى ئىككى بالىسىنىڭ ئانىسىنى يولغا سېلىپ بۇ نەۋرە ئاچامنى چوڭ نىكالاپ ئالدى .ھازىر بۇ ئاچامنىڭ مەن بىلىپ ئالتىجى ئېرى بۇيىل روزاھېيتتا پەتىلەپ كەلدى.
       ھازىر ھاممامنىڭ غېمى كىچىك قىزى ئايتۇنەمنى تالالىق قىلىش .لىكىن بۇ قىز كىملا كەلسە ياق دەپ ھاممانىڭ بېشىنىڭ تۆت تەرەپ سەككىز بۈرجىگىنى گىرانىت تاشتەك قاتتۇرغان ئىدى.بۇقىزنىڭ نىشانى بولسا ئۆزئالدىغا بىر ئىگىلىك تىكلەش،ئاندىن توي ئىشىنى ئويلشىش.ھاممام بولسا ئۇنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بىرە مەكتەپمۇياكى ئىدارىمۇ،بىرەسىدە تۈمۈر تاۋاقلاشتۇرۇش ئىدى.قىزھەرقانچە چۈشەندۈرسىمۇھاممام ئۇنىڭ بۇ ئويلىرىنى يەتتىجى ئىرى بولمىش تاغامنىڭ گېپىدەكمۇ ئىتىۋارغا ئېلىپ قويمىدى.بىركۈنى ئايتۇنەم مىنى ئىزدەپ كىلىپ:ئاكاماڭا ۋاقىتلىق يىگىتتىن بىرنى تېپىپ بەر ئانامنى بېسىقتۇرغاچتۇراي.دىمەسمۇ.بۇھاممامنىڭ:سەن دىگەننى چوڭ  ئاكامنىڭ ئەڭ ياراملىق ئوغلى سىنى ئىقلىم چوڭ  دىسە ھەممە بىلىدۇ،ئېۋۇ ئايتۇنەمنىڭ بېشىنى ئوڭلايدىغانغا سەندىن ئادەمرەك(بۇدىگىنى سەندىن  بايراق ،سەندىن كىلىشكەنرەك دىگىنى ) بىرە تۇنۇشىڭ بولسا تۇنۇشتۇر، بالىسى، خوتۇنى دىگەننى ئۇڭشايمىز. دىگىنى بىلەن زەپ ماس كەلدى.بىركۈنى بىزنىڭ ئۆيدە ئايتۇنەمنىڭ توي ئىشى مۇھاكىمەقىلىندى. بۇنى ھاممام ئاتايىن شۇنداق قىلغىنى ئىنىق ئىدى.
-ئايتۇنەم ئەمدى19ياشقا كىرىپتۇ يەنە 3-5يىل ئىگىلىكىنى قەنى بىر تەرەققىقىلدۇرۇپ كۆرۈپ  باقسۇن،ئانا بۇلۇشنى،بىرئوچاقنىڭ تۈتۈنىنى بىلىسۈن،ھېچبولمىغاندا شۇنى  ھېس قىلسۇن ،ئاندىن كىمگەبەرسەڭلابىرنىكاھ بىلەنلاكونا بۇلىدۇ .دىدىم مەن. ھاممامنىڭ كىچىك بەرسە تىزلا خوتۇن بولۇشنى بىلىۋالىدۇ سەپسەتىسىگە قارىتا .  
-ھازىر قىزبالىنىڭ يېشىغا ئەمەس بويىغا قارايدۇ.دىدى ئايسۇم.-ئايتۇنەمنى ۋاقتىدا ئەرگەبەرمىسەك يەنە 2-3يىل ئۆتسە،ئۇنى ئوقۇش پۈرتگىلى ئۇزۇن بولۇپتۇ قېرىقىزكەن دەپ ياراتمىسا كىم ئالىدۇ بۇنى.
-شۇ گەپ .دىدى ھاممام .
-مەن مۇنداق بىرئىشنى بىلىمەن ،بىرسىنىڭ قىزىغا خېرىدار كەپتىكەن، قىزنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتۈرگىنىگە 5يىل بولغانكەن،لىكىن ئۇقىزئەمدىلا 25ياشقا كىرىپتۇ ،باشقىلارمۇشۇنداق:« نەۋاق ئوقۇش پۈتتۈرگىلى» دىيىشىپتىكەن ،قىزنىڭ داداىسى ئاچچىغىدا قىزىڭ كىملىكىنى ، دېپلومىنى ، ماگىستىرلىق كىنىشكىسىنى نۇسخىلاپ قارشى تەرەپكەئەۋەتىپ:مىنىڭ قىزىم ئەمدى  25ياشقا كىردى،قېرى قىزمىكەن .دەپ گەپ ئەۋەتىپتىكەن ،يىگىت تەرەپ باشقىدىن چاي ئەكىلىپتۇ .دىدىم .
-توختا بۇئامالنى مەن نىمانداق ئويلىمىدىم ھە.دىدى  ھاممام، كالتا يوپكىسىنىڭ بىرغېرىچ ئاستىدىن چىقىپ تورغان تىزىغا قاسلا بىرئۇرۇۋېتىپ قىزلىرىنى ،كۈيئوغلىنى باشلاپ چىكەتتى . مەن ھىيتتىن كىيىنلا سودا ئىشى بىلەن تەستە ئالغان پاسپورتىمنى ئېلىپلا  مېڭىپ ھازىر چەتئەلدە بىركۈنى بىر تېلىفۇن ئالدىم مىنى تويغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان ،ئىنىقى مەجبۇرلىغان توي تەكلىۋى ئىدى. لىكىن، بۇ ئايتۇنەمنىڭ ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ 8ياش چوڭ تۆت ئەردىن چىققان ئاچىسى ئايپەرىنىڭ ئىدى.ئاڭلىسام ھامما پەقەت ئالتۇنلا تۇيلۇق سالغانمىش. بۇ ئۇنىڭ كونا ئادىتى.ھاممام  ئانامغا سىڭلىمنىڭ تويىنىڭ ئالدىدا:كىيم دېگەن بازاردا بارھەم يىڭىلىنىدۇ ،بىرى چىقسا كونىسى بىرپۇڭسىز بۇلىدۇ ،ئاجراشسا زاڭ مال قالىدۇ ،ساتساپۇل بۇلىدۇ  ئەمەسمۇ. دېگىنى ئىسىمگە كەلدى . ئۇنىڭ تېلىفۇندا قىلغان ھەيۋىلىك، قاتتىق ئارىلاش سۆزلىرىدىن يەنە بىر بايقۇشنى كەلتۈرگىنى، مىنى باراڭغا چىقارماقچىلىغى ئىنىق ئىدى .لىكىن مەن بۇتويغا بولسىمۇ قاتناشمايمەن .
مەنبىيى ئۆزۈم 07‏/08‏/2014‏ 12:08:03 دىللانى ،خوتەن .    تېگىللا كۆك قورۇق

boranjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 22:33:17

تويلۇققا ئالتۇننى جىق سېلىپ،ئاجىرىشىپلا مال-دۇنيا يىغىشنى كۆزلەش يېڭى مودىغا ئايلىنىپ قالدىمۇ نىمە -ھوي؟!
زىيالى بايغا تەس بوپتۇدە يانا:lol

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 22:48:06

ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەرتىشنى چۈشىنەلمىدىمغۇ مەن ؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 22:49:47

تېگىللا كۆك قورۇق دىگىنى نىمە ئۇ؟

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 22:55:37

begtash يوللىغان ۋاقتى  2014-08-07 22:49:47 static/image/common/back.gif
تېگىللا كۆك قورۇق دىگىنى نىمە ئۇ؟
يەرجاي نامىدەك قىلدىغۇ،مەن شۇنداراق چۈشەندىم ئىشقىلىپ

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 23:03:27

گۇجانباغدا يېزىلدى دەڭ !

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 09:29:40

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2014-08-07 23:03:27 static/image/common/back.gif
گۇجانباغدا يېزىلدى دەڭ !
ھە، مۇنداقكەندە.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 15:11:32

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 23:03 static/image/common/back.gif
گۇجانباغدا يېزىلدى دەڭ !

شۇنداق ،  خوتە شەھەر گۇجانباغدا يېزىلدى .  لىكىن   كۆك قورۇق     نى پەقەت  مەن  ئۆزۈملا بىلىمەن .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 15:13:00

qasim يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 22:55 static/image/common/back.gif
يەرجاي نامىدەك قىلدىغۇ،مەن شۇنداراق چۈشەندىم ئىشقىلى ...

شۇنداق  تېگىللا   كەنتىنىڭ نامى .  كۆك  قورۇق   مىنىڭ مەھەللەم .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 17:39:09

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 17:13 static/image/common/back.gif
شۇنداق  تېگىللا   كەنتىنىڭ نامى .  كۆك  قورۇق   مىنىڭ مەھ ...

ھاممىڭىز راسلا  ياخشى ئايال ئەمەسكەن، قىزىنى سىز ئىلىپ قالغان بولسىڭىز، سىزنىمۇ يولغا سىلىپ قويۇشتىن يانمىغۇدەك.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 21:08:23

قىزىق  ئىكەن

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 14:16:40

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 17:39 static/image/common/back.gif
ھاممىڭىز راسلا  ياخشى ئايال ئەمەسكەن، قىزىنى سىز ئىلى ...

بۇنىڭدىكى ئىككى باياننى مەن بىرىدىن ئاڭلغان .بىرى :تويلۇققا ئالتۇنلا سېلىش .يەبىرى :قىزىنى قېرى قىزكەن ياراتمىغا ن بىرسىنىڭ  قىزىنىڭ كىملىكىنى نۇسخىلاپ ئەۋەتكىنىنى ئاخىرىدا بۇنىڭ بىرقىزىقچىلىق بولغىنى .
  لىكىن نەدىمۇ دادىسىنىڭ جىيەن قىزىنى تويلاپ ئالغان بار .
بەت: [1]
: ھاممام گۈلزىرەم(ھېكايە)