3140 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 20:20:31

‏پىسخىكىلىق تارتىشىش قانۇنى ھەققىدە

‏پىسخىكىلىق تارتىشىش قانۇنى ھەققىدە
‏بايقىسا پۈتكۈل كائىنات قائىدە-قانۇنلار بىلەن ئاپىرىدە بولغان . ئىلىم ئىگىلەش ،بۈيۈكلۈك ئىزدەش مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت .
‏نىيۇتۇن ئۆز زامانىسىدىكى تەبئىي پەن،پەلسەپە،ماتېماتىكا،لوگىكا قاتارلىق بىلىش زاپىسىنى يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئالەملىك تارتىش قانۇنىنى بايقىغان.مىخانىزىملىق دۇنيا قاراش پەلسەپىسى تىكلەنگەندىن كىيىن ئۇنىڭ قانۇنى،تەبئەت قاراشلىرى ،بىلىش مىتوتى،ئىلمى تەتقىقات ئۇسۇلى ئەنگىلىيەنىڭ سانائەت ئىنقىلابى ھەتتا ئىككى ئەسىرلىك ئىنسانىيەت تارىخىغا مىسلىسىز تەسىر قىلغان .
‏پەلسەپېۋى نوقتىدىن ئىنسانىيەت ئىككى ماسسىغا ئىگە جىسىم ئۆزئارا تارتىشىدۇ ،دىگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كىيىن،تەبىئەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ،بىر سېستىما ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بايقىغان .
‏مۇشۇ نۇقتىدىن ،تەبئىي پەن قانۇنىيەتلىرى بىلەن ياكى تەبئىي پەن قانۇنىيەتلەرىگە شەكىلداش قانۇنلار بىلەن ئىجدىمائىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار بولغان ھەم ھازىرمۇ بار . ئىلىم پەن تارىخچىللىرى ئىچىدە ئېنىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزەريىسى بىلەن پىكاسونىك كۇبىزىملىق ئۇسلۇبىنى سېلىشتۇرما تەتقىق قىلغانلار بار . كوپىرنىكنىڭ يېپيېڭى ئالەم مودىلى بىلەن موزارتنىڭ مۇزىكا ئۇسلۇبىدىكى بۆسۈشىنى سېلىشتۇرما قىلغان تارخچىلار بار . ئالىملار ئىچىدىمۇ ئابدۇسالام ئىسلامىي دۇنياقاراشنىڭ،نىيوتۇن خىرىستىيان ئەقىدىللىرىنىڭ ئېينىشتىيىن كانت،ماخ قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ،بور بۇددا دىنىدىكى بىلىش ۋە مەۋجۇتلۇق قاراشلىرىنىڭ تەسىگە ئۇچرىغان . ماھىيەت جەھەتتە بارچە ئىلىم يەر ئاستىدا بىر پىلەكتە تەڭ تەرەققى قىلىپ كەلگەن .قاراشتا ئاجىز ئىنسان تەبئەتنى تەبئى،ئىجدىمائىي كاتوگورىيەگە ئارىپ تەققىق قىلىشقا كۆنگەن بولسىمۇ ،بىر تۈپ پەلسەپىۋى ئاڭ ئالدىنقى شەرت بولۇپ كەلگەن.
‏فىزىكا ئىلمىدە تارتىش قانۇنى ئىككى ئايرىم ماسسىلىق نوقتا ئارىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ۋە تەسىرنى شەرھىلىدى . تارتىش قانۇنى تۈپ قانۇن بولسا بىز يەنە باشقا مەنادىمۇ بىلىمگە ئىرىشەلەيمىز . مەسىلەن:ئادەم بىلەن ئادەم تارتىشىدۇ ،ئادەم خىلى بىلەن مال تۈرى بىلەن ؛ دىنداش ،مىللەتداشلار ئاسان ئۆم بولىدۇ ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېڭى ئۆزئارا تارتىشىدۇ؛ پۇل پۇلنى تاپىدۇ ،كاپىتال ئۆزئارا تارتىشىدۇ ؛خۇش چىراي ئادەم سورۇن ئەھلىنى ئىللىتىدۇ ،كەيپىياتمۇ تارتىشىدۇ ........
‏ئادەم پىسخىكىلىق پائالىيىتى بىلەن ئۇنىڭ رىئاللىقى ئارىسىدىمۇ تارتىش قانۇنى مەۋجۇت. يەنى ئادەم نىمىگە زىېھنى بىلەن دىققەت قىلسا شۇ نەرسىگە ئىرىشىدۇ . دىققەت قىلماق-كۈچ چۈشۈرمەك،نەتىجە تەسىر كۈچ-نەتىجە.تۇرمۇشىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى دەل ئاشۇ نەتىجىلەرنىڭ ئورتاق نەتىجىسى . ھەرقانداق ئادەم ئەمەلىيەتتە بىر ماگىنىت .ياكى بىر مەيدانغا ئىگە.ئۇتارتىشىش قانۇنىيتى بويىچە ئۆز رىئاللىقىنىڭ نىمىشقا ھازىرقىدەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ .
‏مىسالەن : ئا  ئادەم ئۈمىدۋار،يۇمۇرلۇق،ئوچۇق .(چۈنكى ئۇنىڭ خاراكتېرى مۇشۇ خاراكتېر مەۋجۇت بىر تارتىشىش مەيدانىدا يىتىلگەن ) ئۇ ئەتراپىغا ئەلۋەتتە ئۆزىدەك ئادەملەرنى جەلىپ قىلىدۇ (ئادەم خىلى بىلەن )، شۇڭا ئۇ ئىش قىلغاندا ياخشى نەتىجىنى كۈتىدۇ(يامان نەتىجىدىن ھوشيار تۇرىدۇ ئەمەس) ،ئىشنىڭ ياخشى تەرپىنى كۆرىدۇ .(ۋايجان ئىسسىپ ئۆلەي دىدىم ئەمەس، شۈكىرى ئافرىقىدىن مىڭ ياخشى دە بىزنىڭ يۇرتلار) ،ئادەملەرگە مۇھەببەتلىك قارايدۇ . ( كىشىلەر ماڭا ياخشى قىلىدۇدەيمەن،ئادەم دىگەن ئاچكۆز ئەمەس ) ..... دىمەك بىراۋغا ئاتا قىلسىڭىز ئايلىنىپ ئۆزىڭىز ئىرىشىسىز .
‏تارتىشىش قانۇنى ،خۇددى مۇھەببەتنى چۈشەندۈرگەندەك ھەممە ئىنسان رىئاللىقىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنىدۇ.مۇھەببەتتىمۇ قارشى تەرەپتىن قانچىلىك كۈتسىڭىز ئۆزىڭىز شۇنچىلىڭ ئاتا قىلۋەتسىڭىز مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى ئشقا ئاشۇرغاندەك، نىمىگە دىققەت قىلىش سىزنىڭ نىمىنى ئۆزىڭىزگە تارتىۋاتقانلىقىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ ،بۇ نىمىگە ئىرىشىشىڭىزنى  بەلگىلەيدۇ .
‏ئەڭ ئەجەللىك ،ئەڭ زىل پەرق شۇكى : يامان نەتىجىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زىھىن بىرىش بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشكە زىھىن بىرىش قارمۇ قارشى نەتىجە بىرىدۇ،گەرچە مەقسەت ئوخشاش ياخشىلىققا يۈزلىنىش بولسىمۇ.(يوشۇرۇن ئاڭ،تارتىشىش قانۇنى بۇخىل لوگىكا ئالدىدا قارىغۇ)   مەسىلەن: سىز دارۋاز بولسىڭىز چۈشۈپ كەتسەم قانداق قىلارمەن دىگەنگە دىققەت قىلىپ ئىزچىل چۈشۈپ كەتكەندىكى مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز،پۇتلىرىڭىزنىڭ ،شامالنىڭ،تەڭشەكنىڭ سىزنى دەھشەتلىرىنى ئويلىسىڭىز سىز چۈشۈپ كىتىسىز .چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىنىرگىيىسى بىلەن چۈشۈپ كەتمەك دىگەننى رىئاللىقىڭىزغا قەدەممۇ-قەدەم تارتىۋاتىسىز.  ئەكىسچە ئۆتۈپ كەتسەم ،مەن ھىلىمۇ بەك ياخشى مېڭىۋاتىمەن،كەيپىياتىم مۇقىم دىگەنلەرگە زىھنىڭىزنى بەرسىڭىز ئاكتىپ رىئاللىققا ئىگە بولىسىز .
‏ناپالىئۇن مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش دىگەن. خەنزۇلاردىمۇ مۇداپىيەلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھۇجۇم قىلىش دەيدىغان گەپ بار. لىكىن تارتىشىش قانۇنى(The law of attraction) غا ئاساسەن مەغلۇنىيەتتىن ساقلىنىش بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش   ۋە   مەجبۇرىي قوغدىنىش بىلەن ئاكتىپ ھۇجۇم ئوخشىمايدىغان پىسخىكىلىق جەريان. دىققەت كۈچى(تارتىش كۈچى) ئىنىرگىيىڭىزنى تەقسىم قىلىدۇ ،دىگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن ئۆچ نەرسىلەردىن ساقلىنىشتىن كۆرە ئامراق نەرسىلەرگە ئىنتىلىش سىزنى بالدۇرراق بەخىتلىك قىلىدۇ .
‏بىلىم ئىگىلەش،پۇل تېپىش،مۇھەببەت،ئائىلە تۇرمۇشى، ساغلاملىق ھەتتا نەلەرگە بېرىش كىملەر بىلەن يۈرۈش، نىمىلەرنى يىيش،نېمەخىزمەت قىلىش،جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىز، ماكرو ھالدا بىر دۆلەت،بىر مىللەتنىڭ پىسخىكا ۋە ئىجدىمائىي قىياپىيى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ روھى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تارتىشىش قانۇنىيتى نوقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزسە ئۆزگىچە ھاسىلاتلارغا ئىرىشكىلى بولىدۇ .  

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 07:48:44

تارتىش كۈچى دېگەندىن كۆرە، جەلىپ كۈچى دېگەن سەل مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن.
تارتىش بولسا بىر يەرسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ مەجبۇرىي تارتقاننى بىلدۈرىدۇ، جەلىپ بولسا تۇتۇش ھاجەتسىز، پەقەت يىراقتا تۇرۇپلا ئۆزىگە مەپتۇن قىلغانلىقىنى، ھەتتا قەلبىدىن تۇتۇپ تارتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان «مەخپىيەتلىك» دېگەن بىر فىلىم بار، سۆز- جۈملىرىنى ياخشى ئالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇنى ئىنتايىن ياخشى. ھازىر كومپىيتېرىمدا ساقلاغلىق، قاچانلاردىن تۇردىن چۈشۈرىۋالغىنىم ئېسىمدە يوق، كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا ئېلخەت مەنزىلىڭلارنى يېزىپ قويساڭلار ئەۋەتىپ بېرەي.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 07:54:13

توۋەندىكى ماقالىدا يۇقىرىدىكى مەزمۇنغا ئائىت مەزمۇنمۇ بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 07:55  

ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

توۋەندىكى ماقالىدا يۇقىرىدىكى مەزمۇنغا ئائىت مەزمۇنمۇ بار:

بىلىمخۇمار: غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى
http://bbs.misranim.com/thread-90186-1-1.html

3140 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 08:57:05

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 07:54 static/image/common/back.gif
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

توۋەندىكى ماقالىدا يۇقى ...

‏سزگىمۇ كۆپ رەھمەت،مەن بەك چولتا يېزىپتىمەن.مەن ئىنگىلىزچە بىر قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ تەسىرات شەكىلدە يازغان ،سىزنىڭ مۇكەممەل،ئەتراپلىق ئىكەن ،رەھمەت سىزگە!

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 10:14:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 10:20  

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 07:48 static/image/common/back.gif
تارتىش كۈچى دېگەندىن كۆرە، جەلىپ كۈچى دېگەن سەل مۇۋاپى ...

كۆرەپ باقىنى قېنى
   qq.com@38565662

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 22:17:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-9 22:21  

بۇنداق تەھلىل ھەقىقەتەن قىزىقارلىق     ئازراق كاللا قاتۇرسىڭز  بۇنداق باغلاشتىن نەچچنى قىلغىلى بولدۇ مەسلەن: بىز ئۇنتۇپ كەتكەن نەرسىلەرنى قانداق ئەسلەيمىز   نيوتوننىڭ 2-قانىۇنى ئارقىلىق ئەسلەيمىز     ئەسلەش كۈچى= ئەسلەش تىزلىنىشى *ئەسلىگەن ئۇچۇرنىڭ مىقدارى ،  بۇلادىن سىز ئادەمدە ئەسلەش قارشىلقىنىڭ بولدىغانلىقىنى كۆرۋىلالايسىز ، يىغىندى  ئەسلەش كۈچى ئەسلەش قارشىلىقىدىن چوڭ بولىغاندىلا سىز ئۇنتۇپ كەتكەن نەرسىلەرنى ئەسلىيەلەيسز  كچىك بوپ قالسا  بىشڭىزنى قاشلاپ تۇرغىنىڭز تۇرغان :P         بۇنداق سىلىشتۇرۇش ماڭدامدا .ئۇچىراپ تۇرىدۇ ،  شۇڭا مۇھىمى بۇنى نرسىلەرنى دەپ قويۇش بولماستىن مۇشۇ نەرسىلەر ئارقىلىق روھىتىمىزدە يوشۇرنۇپ ياتقان ئىقتىدارلارنى ئېنىقلاپ چىقالىساق  بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئەھمىيتى بولدى دەپ قارساق بولدۇ  ، ئەمما شۇنسى ئېنىقكى تەبىي پەن قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ روھىيەتنى تەتقىق قىلىش  مەنچە ئايرىم ئىلىم سۈپتىدە تەتقىق قىلنسا بولدىغان ساھە  .

3140 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 09:38:29

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-9 22:17 static/image/common/back.gif
بۇنداق تەھلىل ھەقىقەتەن قىزىقارلىق     ئازراق كاللا قات ...

دەل شۇنداققۇ . بۇ بىر ئىلىملا ئەمەس پۈتكۈل ئىلىمنىڭ بىرخىل يېڭى شەكلى . مەن پەقەت بىر فىلىمدىن تەسىرات يازغان ،تىرەن سىستىمىدىن جىق يىراق ،قېرىنداشلارغا سىز دىگەندەك يېڭى پىكىر نوقتىسىدىن ھىس قىلغانلىرىمنى دەۋاتىمەن .

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 10:10:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-11 11:31  

3140 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 09:38 static/image/common/back.gif
دەل شۇنداققۇ . بۇ بىر ئىلىملا ئەمەس پۈتكۈل ئىلىمنىڭ بى ...

مىنڭ دېمەكچى بولغىنىم      سىزفىزىكىدىكى  تارتشش كۈچى قانۇنى بىلەن ئوخشىتىپ  پخسىكىلىق تارتىش كۈچى دېگەن ماقالىنى يېزىش ئارقىلىق روھىيەتتە قانداق يېىڭى نەرسىلەرنى بايقىدىڭىز (بۇرۇن بايقىلىپ بولغان بولسىمۇ بولدۇ)؟    بىزنى شۇ نەرسىلەربىلەن تەمىنلىسىڭز دەيمەن .   

3140 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 14:26:27

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 10:10 static/image/common/back.gif
مىنڭ دېمەكچى بولغىنىم      سىزفىزىكىدىكى  تارتشش كۈچى  ...

:)
بەت: [1]
: ‏پىسخىكىلىق تارتىشىش قانۇنى ھەققىدە