ھەۋەسلىنىش
ھەۋەسلىنىش
بالىلار ھەمىشە چوڭلارغا ھەۋەس قىلىدۇ ، چوڭلار بالىلارغا ھەۋەس قىلىدۇ ، ئاددىي كىشىلەر مەشھۇر كىشىلەرگە ، مەشھۇر كىشىلەر ئاددىي كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىدۇ .
ھەۋەسلىنىش تۇيغۇسى ئاساسەن ئوخشاش بۇلىدۇ ، مەغلۇب بولغانلار غالىبلارغا ، كۆرۈمسىزلەر چىرايلىقلارغا ، كەمبەغەللەر بايلارغا ھەۋەس قىلىدۇ .
نۇرغۇن كىشى بىتەلەي ، بەخىتسىز تۇغۇلۇپ قاپتىكەنمەن دەپ ئاھ ئۇرۇپ ، تۇرمۇشتىن ئاغرىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىنى كۆرەلمەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ، بۇ دۇنياغا كېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت ، ساغلاملىقمىزنىڭ ئۆزى بىر بەخىت .
مەيلى كىم بولسۇن ، ھامان تۇنۇش ياكى ناتۇنۇش كىشىلىرىڭىز سىزگە ھەۋەسلىنىدۇ ، سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىز ، ياشلىقىڭىزغا ، قەددى- قامىتىڭىزگە ، ئەقىل - پاراسىتىڭىزگە ھەۋەسلىنىدۇ .......
باشقىلارغا ھەۋەس قىلغاندىن كۆرە ، مەيلى ئازاب چېكىڭ ، دەرد تارتىڭ ، مەيلى ئىلاجسىز ئەھۋالدا قېلىڭ ياكى نام چىقىرالماي ياشاڭ ، يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ باشقا ياخشى تەرەپلىرىمى قەدىرلىگىنىڭىز تۈزۈك ، بۇ ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى پەيىتلىرىدە سىز ئۈچۈن ھاياتىڭىزنىڭ ئىزناسى ، مەڭگۈلۈك ئەسلىمە بۇلۇپ قالىدۇ .
ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ھەۋەسلىنىش بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ ، كەمسىتمەڭ ، چۈنكى سىز باشقىلارغا ھەۋەسلىنىۋاتقان چاغدا ، باشقىلارمۇ سىزگە ھەۋەسلىنىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن ، ھەتتا ئەتە ئۆزىڭىزنىڭ بۈگۈنىگە ھەۋەسلىنىشىڭىز مۇمكىن .
مەنبە:خاتىرەمگە ساقلىۋالغانلىرىمدىن .
راسىت ئەتە ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنىگە ھەۋەسلىنىشىمىز مۇمكىن، چۈنكى ئەتە نېمە ئىشلار يۈز بېرىشى بىزگە نامەلۇم. قەدىرلىسەم بولغىدەك جۇمۇ!! ياخشى يازما!!!{:112:} يازما ئىگىسىگە تەشەككۇر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-7 13:56
مەن چىرايلىق قىزلارغا ھەۋەس قىلسام، چىرايلىق قىزلار مەندەك كىلىشكەن ئەرگە ھەۋەس بىلەن قارىشىپ كىتىدۇ. پىچىرلىشىپ كىتىدىغانلىرىمۇ بار، بىر - بىرىنى قىچىقلىشىپ تىخى..............................قىزلارنىڭ قىززىق قىلىقلىرىنىزە............................................:lol :lol udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:41 static/image/common/back.gif
مەن چىرايلىق قىزلارغا ھەۋەس قىلسام، چىرايلىق قىزلار م ...
سىزنى خېلى قۇرسىقىدا ئۇمىچى بار،ئىلىملىك ئەدەم دىسەم تايىنى يوق لاۋزا،پىس-پاس پاراڭلارنى تۇلا قىلىدىغان بوپ قاپسىزغۇ...
لىكىن يەنە بىر مەشھۇرلارنىڭ ئاددىي كىشىلەرگە ھەۋەسلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.
مۇمكىن دەيدىغانلار قايىل قىلارلىقاق سۆزلەسىلە anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 18:35 static/image/common/back.gif
سىزنى خېلى قۇرسىقىدا ئۇمىچى بار،ئىلىملىك ئەدەم دىسەم ...
مەن سەن بىلەن قەتئىي پىكىرلەشمەيمەن جۇما، سىنىڭ قانداق بالا ئىكەنلىكىڭنى، تور دۇنياسىدىكىلەر بىلىپ بولدى.
ئىنكاس قايتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ.
مىنىڭ ئىنكاسىم كۈلكىلىكتۇ شۇ، بەك يىراقنى كۆزلەپ قالساڭ، ئاشۇنداق بىمەنە تۇيۇلۇپ قالىدۇ. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:41 static/image/common/back.gif
مەن چىرايلىق قىزلارغا ھەۋەس قىلسام، چىرايلىق قىزلار م ...
ئىشلىرى بىلەن پەخىرلەنگەن كىشى مۇتەكەببىردۇر. مۇتەكەببىرلەرنى ئاللاھ ۋەيران قىلۋېتىدۈ.نىمدېگەن كىبىرلىك سۆزلە بۇ نەئۇزۇبىللاھ سىز باشقىلارغا ھەۋەسلىنۋاتقان چاغدا باشقىلارمۇ سىزگە ھەۋەسلىنىۋاتقان بولوشى مومكىن…
بەلەن گەپكەن ماۋۇ ئۇدۇن ئاخۇن ، بەك پەخىرلىك ئىشقا ھەۋەسلىندىكەنلا، ئەمما سىلىگە ھەۋەسلەنگەن قىزلاربەك شور پىشانە ئىكەن . قۇتادغۇ بىلىكتە ، ئايپالتا دەپ بىر تۇرداش شۇنداق ياخشى يىزۋەتكەن ، ئۇزۇن بۇلدى ،ئۇ قىرىندىشىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كۇرمىگىلى
بەت:
[1]