jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 16:34:30

ئۆي بېزەشتىكى18 قەدەم باسقۇچى

ئۆي بېزەشنىڭ18 قەدەم باسقۇچى
جاھانزات تەرجىمىسى

ئېلاۋە:ئۆي بېزەشتىن ئىبارەت بۇ ئىش مېنىڭمۇ بېشىمغا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، بۇ نۇرغۇنىمىزنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان، نەتىجىسىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى ھەممىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا تەسىرى زور بولغان ئىش بولغاچقا، توردىن ئۇچراپ قالغان ماقالىنى  ئۆزەم  ئۆگەنگەچ  كۆپچىلىك بىلەن بەھىرلىنەي دېدىم. بىر ياندىن تەرجىمە قىلىپ بىر ياندىن يوللايمەن.
1.قۇرال جابدۇقلارنى تەقلەپ ھازىرلىنىش
بېزەشنى باشلاشتىن بۇرۇن، تۈۋەندىكى نەرسىلەرنى سومكىڭىزغا تەق قىلىشىڭىز كېرەك. يۆگەلمە مېتىر(5متىرلىق، 3مېتېرلىق بولمايدۇ)، ھىسابلىغۇچ،قەلەم، دەپتەر ياكى ئىش قەغىزى، ھۆججەت قىسقۇچ(تالون، ھۆجەتلەرنى قىسىمىز)، بۇندىن باشقا يەنە كونا لۈڭگە (يۇمشاق پاختىلىقى، چاقچۇق چاپلاپ بولغاندىن كىيىن سۈرتىمىز)،سۇلياۋ خالتا (توربا ئېغىزىغا يۆگەپ قويساق نەرسىلەرنىڭ كىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز)

2. ياخشى كۈننى تاللاپ ئىش باشلايمىز
ئىشچىلار كىلىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى ئۆينىڭ بولۇڭ پۇچقاقلىنى بىرقۇر ئۆلچەپ خاتىرلىۋېلىڭ، ئېنىق بەلگە قويۇڭ، ھەرگىز ھۇرۇنلۇق قىلماڭ. ئۆلچەيدىغان يەرلەر تۈۋەندىكىچە:
1)        بېزىلىدىغان يەرلەرنىڭ يۈزىنى ئېنىقلىۋېلىڭ،  بولۇپمۇ چاقچۇق چاپلايدىغان يۈز قانچىلىك، سىرلايدىغان يۈز قانچىلىك ، تام قەغىزى چاپلايدىغان يۈز قانچىلىك، تاختا يېيىتىدىغان يۈز قانچىلىك دىگەنلەنى ئېنىقلىۋېلىڭ.
2)        ئۆي جاھازىلىرنى قويىدىغان تام يۈزىنى مۆلچەرلەڭ
*******بۇ ۋاقىتتا سىز ئسىسسىقلىق تارقاتقۇچنى سېتىۋېلىپ تەييار قىلىشىڭىز زۆرۈر***********
3. ئاساسلىق قۇرۇلمىنى چېقىپ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش
ئاساسى قۇرۇلمىنى چېقىش ئەڭ دەسلەپكى تۈر، ئاساسلىقى تام چېقىش، تام كېسىش، تام سۇۋاقلىرىنى قىرىش، پارنى چۇۋۇش، سۇلىاۋ، پولات دېرىزىلەرنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇزۇپ چەققاندىكى ئەخلەتلەرنى پاكىزە تازلاپ، بىزەكچىلىك خىزمىتىگە قۇلايلىق يارىتىش كېرەك.
****** بۇ چاغدا سىز ئىىشىكنى تاللاپ بولىشىڭىز كېرەك*******

*******ئەڭ ياخشىسى ئاشخانا ئىشكابى،ئىس تارتقۇ، ئۇچاق، سۇ ئىسىتقۇچ دىگەنلەرنىمۇ تاللاپ بولۇڭ*******
داۋامى بار.....

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 19:42:02

ئەڭ ئۈستىدىكى ئۆينىڭ لايىھە كۆرۈنۈش رەسىمىنى قايسى دىتالدا ياسايدۇ ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 21:20:46

بىزەكچىلىكنىڭ ئازراق ئۆرنەكلىرىنى چىقىراي دىسەم،  كومپىيۇتىرىمدىكى رەسىمنى چىقىرىش ھوقوقى ئوچوق ئەمەسكەن.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-8-7 12:05):
ie دىن باشقا تور كۆرگۈدە نورمالكەن، بىراق تىلىفۇندا تارتقان سۈرەتنىمۇ چوڭكەن دەپ مۇنبەرگە يوللاشقا بولم...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 21:33:26

ماشتا تېما بولسا كۆرۈپ تۇرراي مەنمۇ 10-ئايلاردا ئاچقۇچ ئېپ قالسام بېزەك ئىشلىرىدا ياردىمى بولا

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 08:02:00

مەنمۇ ساقلىۋالاي:)

laqin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 08:41:17

بۇ تور بەتلەرنى كۆرسەڭلەرمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالىسىلەر...
http://www.bizakqi.com/forum.php

http://yarxari.biz/

yawa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 09:49:46

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 19:42 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئۈستىدىكى ئۆينىڭ لايىھە كۆرۈنۈش رەسىمىنى قايسى دى ...

3Dsmax design دا ياسىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قوراللارمۇ بار، sketchup دېگەندەك. ئادەتتە بىر نەچچە دېتالنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندىلا ئاندىن ئۈنۈم رەسىمىنى ياسىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن AutoCAD+3Dsmax+Photoshop

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 10:08:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 14:00  

قايسىڭلار بىزەكچىلىك رەسىمىنى كىچىكلىتىپ، مۇنبەرگە چىقىرىپ بىرىمەن دىسەڭلار، ئەۋەتىپ بەرسەم مۇنبەرگە چىقارساڭلار بولىدۇ.


تور بىكەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىدىغان رەسىملەرنىڭ چوڭلىقىغا قارىتا چەكلىمىنى بىكار قىلساڭلار بولمامدۇ؟

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 21:56:40

بېزەكچى تاللىغاندا سىزگە قانچە يات يىراق بولسا شۇنچە ياخشى، ئۇرۇغ تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىڭىزنى ھەرگىز تاللىماڭ، چۈنكى نۆۋىتى كەلگەندە قاتتىق-قۇرۇق گەپ قىلغىلى كانىيىنى بوغۇپ، ئېڭەكتىن ئىلغىلى بولماي قالىدۇ. بۇمۇ ئۆي بېزەش جەريانىدا قىلىدىغان ياكى قىلغىڭىز كېلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 22:11:29

مەنپەئەت بېرىدىغان تىمىكەن، ساقلىۋالدىم

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 23:54:58

داۋامى

5.سۇ-توك ئورنىتىش،ھەربىر بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ياخشى پىلانلاش
سۇ-توك پىلانلىق ئورنىتىلمىسا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق بولۇپ قالىدۇ. چاقچۇقنى چاقلاپ بولۇپ، تورۇسنى بېزەپ بولۇپ ئاندىن توك چاتقۇچنى ئورنىتىش بەسى مۈشكۈلدۈر. سۇڭا ئۇزچات، توك چاتقۇچ، چىراق، مۇنچا، كىرئالغۇ دىگەنلەرنىڭ ئېنىق ئورنىنى پىلانلاش كېرەك.
سۇ-توك ئورنىتىشتىن بۇرۇن، ئاشخانا ئىشكابىنى ياسىغۇچى كىلىپ سۇ توك ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگىنى ياخشى.
سۇ ئىسىتقۇچنىمۇ ئەڭ ياخشىسى سىز تاللىغان تىپقا ئاساسەن توك مەنبە، ئۇلاش ئېغىزىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن.
ھاۋا تەڭشىگۈچ تۆشۈكى ۋە توك مەنبەسى ئەڭ ياخشىسى كارۋات بېشى تەرەپكە ئورنىتىلسۇن، كېيىن ھاۋا تەڭشىگۈچ شامىلىنىڭ ئادەمگە بىۋاستە تىگىپ بىئارام قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
توك چاتقۇچ بىلەن تور سىمىنىڭ ئارىلىقى 20 سانتىمىتىردىن يېقىن بولۇپ قالمىسۇن.
5. توربىلارنى قاپلاش، سەت كۆرۈنىدىغان توربىنىڭ سىرتىنى قاپلايمىز

ئاشخانا بىلەن خالا ئاسان نەم بولىدىغان بولغاچقا ياغاچ ماتېرياللارنى ئىشلەتمەڭ، سۇ ئۆتكۈزمەس سىرلىغان بولسىمۇ مەيلى، يىنىك پولات جاھازا ياكى قىزىل خىش ئىشلىتىڭ، پولات جاھازا يىغىنچاق، قىزىل خىش مۇستەھكەم بولىدۇ.
(木龙骨 ياغاچ جاھازا، 轻钢龙骨پولات جاھازا دەپ ئىشلەتتىم ، لۇغەتتە كىل –كېمىنىڭ ئۇمۇرتقۇسى دەپتۇ)

**********بۇ ۋاقىتتا  چاقچۇق، ئەنكاپلاش سۇيۇقلۇق (勾缝剂) قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش زۆرۈر******************
*********ئۆي جاھازىلىرىنى ئىش باشلاشتىن ئون كۈنلەر بۇرۇن تاللاپ بولۇڭ****************************
6. چاقچۇق چاپلاش، تۇنجى ئۆي بېزىگەنننىڭ تۇيغۇسىنى بېرىدىغان ئىش
چاقچۇق چاپلاشتىن بۇرۇن، مونچىغا ئورنىتىدىغان يەر سۇ چىقىرۋېتىش تۇربىسىنى (地漏)سېتىۋېلىش كېرەك.

سۇ ئۆتمەس قىلىش، يۇلما سۇۋاق (拉毛)لاردىن كېيىن چاقچۇق چاپلاشقا ھازىرلىنىمىز.
چاقچۇق چاپلىغاندا چاقچۇقنى سۇغا چىلاش، سايىدا قۇرۇتۇش، پۇچۇقلىرىنى كېسىشكە قالدۇرۇشتىن سىرت يەنى ئومومى گۈزەللىكىگە دىققەت قىلىمىز. مەسىلەن تامغا چاپلىغاندا 10سانتىمىتىردىن تار چاقچۇقلارنى ئىشلەتمەڭ. بۇنداق بولغاندا سەتلەشتۈرۈپ قويۇڭ، شۇڭا ئۇستامغا ئاۋال جىكىلەپ قويۇڭ ،ئەلۋەتتە بۇنداق بولغاندا ئازراق ئىسراپچىلىق بولىدۇ.
7.سىرلاش خىزمىتى
ئەگەر تەييار ئىشىك سېتىۋالماي ئۆزىڭىز ياساتقاندا پەنەركە (大芯板)نىڭ ئۈستىگە بېزەك قاپلىما (饰面板)  چاپلاپ ئاندىن  سىرلاڭ، بىۋاستە سىرلىساڭ بولىدۇ دىگەنلەرگە قۇلاق سالماڭ ۋە ھۇرۇنلۇق قىلماڭ، ئەگەر بېزەك قاپلىما چاپلىمىغاندا ئۇزاق ئۆتمەيلا سىر ئاجرىلىپ كېتىدۇ.
ئارلاشما سىرنى (混油) سۈرۈش كەتمەيدۇ، پۈركۈيدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئىشىكنىڭ ئىچى تەرپىنى توك سائەت ھاندۇقى بىلەن بىرلىكتە ئاق رەڭ پۈركۈتۈڭ، تىجەشلىك ھەم چىرايلىق بولىدۇ.
تام ئاقلاشنىڭ دىگۈدەك يېرى يوق، تۈز تەكشىلىكى، ئۈنۈمى پۇتۇنلەي بېزەكچىلەرنىڭ ھۈنىرىگە باغلىق .

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 09:04:17

ياخشى تىمىكەن.رەھمەت!.

raziman يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 23:51:15

خەتكۈچ
بەت: [1]
: ئۆي بېزەشتىكى18 قەدەم باسقۇچى