tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 10:11:56

خىيانەتچىنىڭ بايانى


سوتچى: -ئىسمىڭ نېمە؟ خىيانەتچى: -رويىخەتتىكى ئىسمىم ياۋفۇگۇي،ئەركىلەتمە ئىسمىم ياۋجيەنگو،ياۋكېمىڭ،ھازىر ياۋفۇگۇي دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىۋاتىمەن. يېشىم ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن،ئانام مېنى 58 ياش دەيدۇ،كىملىكىمدە 56ياش. ئارخىپىمدا 50 ياش،تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈشىدە 48 ياش،كاتىپىم 40ياش،ماشىنىست بولسا 28 ياش دەيدۇ،زادى قانچە ياشقا كىردىمكىنتاڭ! مەن بولسام تەشكىلنىڭ ئادىمى،شۇڭا بۇ ھەقتە تەشكىلنىڭ گىپىنى ئاڭلايمەن. سوتچى: -ئاساسلىق جىنايىتىڭ نېمە؟ خىيانەتچى: -مەن ئەزەلدىن پۇلغا بېرىلىپ باقمىغان،بىر قېتىم يولداشلار چۈشۈرۈپ قويغان پۇلنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئالمىغان،بۇنىڭغا ئايالىم گۇۋاھ. سوتچى: -باشقىلار نەچچە پۇل چۈشۈرۈپ قويغانىكەن؟ خىيانەتچى: -بىر سېنىت. سوتچى: -سەن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش نېمە؟ خىيانەتچى: -ساختا مەھسۇلات بىلەن ئۇيقۇمنىڭ ياخشى بولماسلىقى. سوتچى: -كونكرېتراق چۈشەندۈر! خىيانەتچى: -پۇل،ئالتۇن - كۈمۈش،ئۈنچە - مەرۋايىتلارنىڭ ساختا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. باشقىلار بەرگەن سوۋغىنى قوبۇل قىلسام پەقەتلا ئۇخلىيالمايمەن،قوبۇل قىلمىسام تېخىمۇ ئۇخلىيالمايمەن. سوتچى: -شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساڭا قانداق كۆز قاراشتا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟ خيانەتچى: -بىلىمەن،بىر قېتىم باھار بايرىمىدا ئۆزۈمنىڭ پاك - دىيانەتلىك ئىكەنلىكىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن <<مېھمانلارنى قارشى ئالىمىز،سوۋغا - سالام قوبۇل قىلىنمايدۇ>>دەپ يېزىپ دەرۋازىغا چاپلاپ قويسام، ئەتىسى كىشىلەر ئۇنى <<مېھمانلارنىڭ پۇل ئېلىپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز،سوۋغا ئۈچۈن نەرسە سېتىۋېلىش ھاجەتسىز>> دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ،خەلق دېگەن ھەقىقەتەن قائىدە چۈشىنىدۇ - دە! يەنە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغىنىمدا، دوختۇر كېسەللىك ئارخىپىمغا <<غەم - ئەندىشىسى بولمىسىمۇ،ئەمما قاندىكى ماي مىقدارى قويۇق؛ئىقتىدارى، سەۋىيىسى ئانچە ئۈستۈن بولمىسىمۇ،ئەمما قان بېسىمى بەك يۇقىرى؛ھەر خىل يىغىنلارغا تولا قاتنىشىپ،جىق ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكتىن مەزى بېزى ياللۇغلانغان،خىزمەتتىكى نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولمىسىمۇ،ئەمما بەل ئۇمۇرتقىلىرى بۆرتۈپ چىققان>>دەپ يېزىپتۇ. سوتچى: -تەپتىشنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا پىكرىڭ بارمۇ؟ خىيانەتچى: -ئەيىبنامىدە مېنى 500 مىڭ يۈەن پارا ئالغان،دېيىلگىنى توغرا بولماپتۇ،ئەينى چاغدا خۇشلۇقتىن بېشىم قېيىپ كېتىپ،نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئالمىغان بولغاچقا،ئۇنىڭ ئىچىدىن 300 مىڭ يۈەن پۇل ساختا چىققان. قانۇن بويىچە بۇ 300 مىڭ يۈەن ساختا پۇل ئىناۋەتسىز،شۇڭا سوتنىڭ ئۇنى ئومۇمىي ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىشىنى ھەمدە جازانى يەڭگىللىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. سوتچى: -تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن قانداق ئويۇڭ بار؟ خىيانەتچى: -كەمىنە تەقدىرگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا،تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك سان - سىپىرلارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىمەن،ماڭا قاراڭ، پىكاپىمنىڭ نومۇرى9988 ،تېلېفون نومۇرۇم6868، قول تېلېفۇن نومۇرۇم1818،شۇڭا تۇرمىگە كىرگەندىن كېيىن ياتىدىغان كامېرىمنىڭ نومۇرى1698 بولسىكەن دەيمەن،رەھمەت! سوتچى: -ھازىر جاۋابكار ئەڭ ئاخىرقى سۆزىنى ئېيتىدۇ. خىيانەتچى: -بۇگۈنكى يىغىنغا تەييارلىقسىزلا كېلىپ قاپتىمەن، شۇنداق بولسىمۇ سىلەر سۆزلە،دەپ تۇرۇۋالغاندىكىن،تۇزۈت قىلماي بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلاي! كەمىنە ئىناۋەتكە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەممەن، ئەينى يىللاردا ئولتۇرىدىغىنىم ئالىي ماشىنا،تۇرىدىغىنىم ئالىي مېھمانخانا، ئېچىدىغىنىم ئالىي ھاراق، كۆڭۈل ئاچىدىغىنىم ئالىي خېنىملار ئىدى، گەرچە ھازىر چاتاق چىقىرىپ قويغان بولساممۇ، ئەمما يەنىلا ئىناۋەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇم يوق. شۇڭا مەزكۇر دېلونى ئالىي سوتنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. سوتچى: -جاۋابكار سوت خاتىرىسىگە ئىمزا قويسۇن! خىيانەتچى سوت خاتىرىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا <<قوشۇلىمەن>>دېگەن خەتنى يازغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا يەنە ئادىتى بويىچە<<مەزكۇر ھۆجەت ھەرقايسى بۆلۈم ،كومىتېت، ئىدارىلەرگە تارقىتىلىپ ئۆگىنىلسۇن ھەمدە مۇزاركىرە قىلىنىپ تۈزىتىش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەر يۇقىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىنسۇن...!>> دەپ تەستىق سالدى.

مەنبە:مىراس ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 10:24:51

:'(:'(:'(:'(

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 11:13:25

شى رەئىس ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا خىيانەتچىلەرنى بىزمۇ بۇنداق تىللىيالمايتتۇق ، ئەتە ئۆگۈن يەنە بىرسى چىقىپ قانۇننى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھوقۇقىدىن خالىغانچە پايدىلانغانلارنى جازالىسا خېلى يېنىك بوپقالارمىز …

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 11:23:11

يۇمۇردىن بىرنى ئوقۇغاندەك بولدۇم

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 12:54:25

gepnoz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 11:13 static/image/common/back.gif
شى رەئىس ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا خىيانەتچىلەرنى بىزم ...

شى رەئىس چىقىشتىن بۇرۇن سىزچە خىيانەتچىلەرنى تىللىغىلى بولمامتى؟  جۇڭگۇدا قەدىمدىن تارتىپ تىللاپ كىلىكلىك،  خىيانەتچىلەرمۇ ياشاپ كىلىكلىك، چوماقچىلارمۇ مەدھىيلەپ كىلىكلىك.
بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق بۇلىدۇ

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:55:13

نەچچە كۈن بۇرۇن باغداشتا كۆرگەنتىم.

akpar777 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 16:09:27

                      (زىرىكتىم)

ئەي تېلىۋۇزۇر بىمەنا، ئېلانىڭدىن زىرىكتىم،
ئېلان بىرلە پۇل تاپار، پىلانىڭدىن زىرىكتىم.
بىزار قىلىپ قۇلاقنى، غەيرى توۋلاپ كاكرىدىڭ،
زورلاپ ساتار بىدىكتەك، زوۋانىڭدىن زىرىكتىم.

ساختا مالنى پۇل ئۈچۈن، «تەۋەرۇك» دەپ مىڭ قېتىم،
ھېرىپ قالماي ماختىغان، شۇئارىڭدىن زىرىكتىم.
پۇللا بەرسە تاشنىمۇ، ماختاركەنسەن «گۆھەر» دەپ،
ئۈمىتلىرىم دەل ئەكسى، بۇ ھالىڭدىن زىرىكتىم.

ھۇزۇرلىنىپ يا خەۋەر، گاھى كىنو كۆرىۋاتسام،
نەدىن چىقتىڭ يۈزى داپ ،تەكرارىڭدىن زىرىكتىم.
پىكىر قىلساق نەچچە رەت، ھەر ئىشنىڭ بار چىكى دەپ،
يۈرىۋەردىڭ خۇپسەن بوپ، پەرۋايىڭدىن زىرىكتىم.

كۆرۈرمەننىڭ ۋاقتىنى، ئىسراپ قىلما مۇنچىلا
ھىچ تۈگىمەس ئېلانىڭ-جەريانىڭدىن زىرىكتىم.
سەن چىققاندا ھۆ قىستاپ، بەدەر چاپتىم ھويلىغا،
سەسكەندىم مەن شۇ قەدەر، ئىكرانىڭدىن زىرىكتىم.

بەرگىن ئېلان تەم بىلەن، قۇلاق ئىككى گەپ بىردۇر،
بەش مىنۇتتا بىر تۇتقان، خۇمارىڭدىن زىرىكتىم.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 19:39:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulhamid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 19:40  

تۇنۇر بېشىدا قاغا غاقىلدايدۇ  ناۋايدەك ،،،،، ن ،

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 20:23:54

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 22:09:56

بىزنىڭ مايەردىكى كىچىك چاشقانلارغا قاچان نۆۋەت كىلەر ؟؟؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 22:36:36

نۆۋەت كەلمەيدۇ

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 20:46:28

بەت: [1]
: خىيانەتچىنىڭ بايانى