tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 10:07:48

سىلكىنىش‹‹ھېكايە››-ئايتۇغ

سىلكىنىش

‹‹ھېكايە››
سائادەت ساتتار ئايتۇغ

ساڭا بولغان غەزەپ-نەپرىتىم  نەلەرگىدۇر يوقالدى. ئۆتكەن كۈنلەرنى بىر باشتىن ئەسلەپ، بۇ قىسمەتلەرنىڭ سەۋەپچىسى دەل ئۆزۈم ئىكەنلىكىنى مۇشۇ بىر ئاي ئۆيگە بېكىنىپ يېتىپ ئويلىنىش جەريانىدا تولۇق ھىس قىلىپ  يەتتىم. ساڭا  ھەقىقەتەن بەك كۆپ قەرزدار ئىكەنمەن. شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنە تېخى سەندىن رەنجىپ، نەپرەتلىنىپ، ئۆچمەنلىك قىلىپ كەپتىمەن.
شۇنداق بىز كىچىكلىك قىلىپتۇق. ھەرئىككىلىمىزنىڭ تەنتەكلىكى ۋە مىنىڭ ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان جاھىل مىجەزىم ئىككىمىزنى، ئىككىمىز قۇرغان، باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئىللىق ئائىلىمىزنى، بىر جۈپ پەرزەنتىمىزنىڭ شات كۈلكىلىرىنى نابۇت قىپتۇ. ئويلاپ باقسام، تاھازىرغۇچە سەن بىلەن بىرەر قېتىم ئازادىچىلىك بىلەن ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ بىر ئايدا ئىس-تۈتەككە تولغان، سوغۇق، قاراڭغۇ ياتاق ئۆيۈمنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ سەن بىلەن خىيالەن مۇڭداشتىم. ئەپسۇس...سەن يېنىمدا بار چاغدا ئالدىڭدا مۇشۇنچىلىك ئولتۇرۇشقا ۋاقىت ئاجراتقان، سېنىڭ ئوي-خىياللىرىڭغا چۆكۈپ مۇڭدىشىپ باققان بولسام قانچىلىك خۇشاللىنار ئىدىڭ-ھە؟! دەل شۇنداق قىلالمىغىنىمنىڭ ئۆزى ھازىرقى ھالەتكە كىلىپ قېلىشىمىزغا سەۋەپ بولدى.
سەن شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھەر قانداق بىر ئەركەك زاتى كۆزلىرىڭدە ئېزىققۇدەك گۈزەل قىز ئىدىڭ. تېقىمىڭغا چۈشۈپ تۇرغان قاپقارا، توم چاچلىرىڭنىڭ ئۈستىگە بوشقىنە چىگىۋالغان گاز ياغلىقىڭ سېنى بۇ شەھەردىكى  نۇرغۇن قىزلاردىن پەرقلىق كۆرسىتەتتى،  قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازىڭ دىللارنى زەخمەك ئۇرۇپ چىكەتتى. سېنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدىلا ‹‹ مۇشۇ قىزنى ئالالمىسام مەڭگۈ توي قىلمايمەن›› دەپ ئويلىغان ئىدىم. ماڭا يەر تېگىدىن تەبەسسۇم قىلىشلىرىڭدىن ئۈمىدكە تولۇپ ئاپامغا بىشارەت بەردىم. دەرۋەقە ئاتا-ئاناڭ تۇغقاندارچىلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلدىمۇ، ياكى كېسەلچان ئاپامنىڭ مىڭبىر تەستە ئېغىز ئاچقىنى ئۈچۈن« ياق» دىيەلمىدىمۇ، سېنى مەندەك بىر چەت، تاغلىق كان رايونىدا چوڭ بولغان، مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئۆقىيالمىغان قارا ئىشچىغا بېرىشكە قۇشۇلۇشتى...
سېنى بۇ يەرگە كۆنەلمەسمىكىن دەپ كۆپ ئەنسىرىگەن بولساممۇ، سېنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە ھەرقانداق مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان ئىرادىلىك بىر قىز ئىكەنلىكىڭنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. سەندە بىر قىسىم شەھەر قىزلىرىغا خاس كىبىرنى تاپقىلى بولمايتى. قاچانلا قارىسا سۇس تەبەسسۇمىڭ بىلەن مىيىقىڭدا كۈلۈپلا تۇراتتىڭ. يېشىڭنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئۆي تۇتۇشلىرىڭ شۇنچە تۈجۈپىلىك ئىدى. ئاتا-ئانامنىڭ ۋە مىنىڭ ھۆرمىتىمنى كۈتكىنىمدىنمۇ بەكرەك قىلاتتىڭ. توۋا دەيمەن شۇ چاغلاردا نىمىلەرنى ئويلار بولغۇيدىمكىنتاڭ، ساڭا ئانچە « ۋاي» دەپ كەتكۈم كەلمەيتتى. ئىچىمدە سېنىڭدەك بىر چىرايلىق قىزنى دوست-دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىچە يۆتكەپ ئەكىلەلىگىنىمدىن، پاك ،  ھۈپپىدە ئېچىلغان غۇنچەڭنى ئۈزەلىگىنمدىن يۈرۈكۈم يېرىلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە خۇشال بولساممۇ، بۇ خۇشاللىقىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئاشكارىلاپ قويۇشنى ئۆزۈمگە قىلىنغان ھاقارەتدەك سىزەتتىم. ئالدىڭدا ھەمىشە ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭدىن قەستەن ئېۋەن تاپاتتىميۇ، بىرەر قېتىم چىرايلىقچە ھالىڭنى سوراپ قويمايتىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام، ماڭا ئۇنچىلىك «ھال» نى  كىم قويۇپتۇ؟ دەملىگەن قىززىق چېىيىڭنى ئىچكەچ كۆزۈڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ ؛« مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سېنى ئالغىنىم مىنىڭ بەختىم، سەن ھەقىقەتەن چىرايلىق ئايالسەن...» دىگەندەك راست سۆزلەرنى نىمىشقا قىلمىدىم؟ ھېچبولمىغاندا شۇ سۆزلىرىمنىڭ لەززىتىدە تاتلىق كۈلۈپ ياشار ئىدىڭ. جاپالىرىڭ، ئازاپلىرىڭ...ئۇنتۇلار ئىدى ئەمەسمۇ؟ نەچچە قېتىم ئەركىلەپ تۇرۇپ« مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟» دەپ سورىغىنىڭدا، قوپاللىق  بىلەن« ماڭە، تاينى  يوق گەپنى قىلماي!» دەپ سىلكىۋەتكىنىم، كۆز يېشى قىلغىنىڭدا بولسا« ياخشى كۆرمىسەم سېنى ئەمرىمگە ئالامتىم؟» دەپ مۇجىمەل جاۋاپ بېرىپ قويۇپ چىقىپ كەتكىنىم؛ ئۆينىڭ توك يوللىرى بۇزۇلسا، ئوچاق، سۇپىلىرى چۇۋۇلسا، سۇ تۇرۇبىلىرى يېرىلسا،.. بۇلبۇل بولۇپ يالۋۇرۇپ يېلىنساڭمۇ«ئەتە-ئۆگۈن» دەپ ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرۈۋېرىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىدە سەن ھەممىنى ئۆزۈڭ قىلىدىغان، قىلغاندىمۇ قولى ئەپلىك  ئەرلەردىنمۇ ياخشىراق قىلالايدىغان بولۇپ كەتتىڭ. لېكىن، قىلغانلىرىڭغا ئېرەن قىلىپ قويمايتىم.
ئايلىقىمنى ئۆزۈم تۇتاتتىم. مىڭبىر خىجالەتچىلىك بىلەن ئاران پۇل سورىغىنىڭدا بولسا، خۇددى كىچىك بالىغا ھېيىتلىق بەرگەندەك نەچچە كوينى پاققىدە تاشلاپ بېرەتتىم. بارغانسىرى بۇ قىلىقىمدىن خورلۇق ھىس قىلغان بولۇشۇڭ مۇمكىن. كېيىنچە ئۆزۈمنى بىلىپ بەرمىگۈچە سورىمايدىغان، سوراش ئورنىغا « ئازراق كۆكتات، تۇز ئالغاچ كەلسىڭىز بوپتىكەن» دەپلا قويىدىغان بولدۇڭ. مەن ئۇ نەرسىلەرنى ئالغاچ كەلسەم، تاماق ئىتەتتىڭ، بولمىسا چوڭ ئۆيگە بېرىپ تاماق تەييارلاپ ئاتا-ئانامنىڭ قوسىقىنى توقلىۋېتىپ، ماڭا تاماق ئەكىلىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرىڭمۇ كۆپ ئىدى.
ئوغلۇمىز تۇغۇلغاندىن كىيىن ماڭا بۇرۇنقىدەك ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغان بولدۇڭ. تامىقىمنى ئىتىپ، كىيىملىرىمنى يۇيۇپ، دەزماللاپ تەييارلاپ بېرەتتىڭيۇ، بۇرۇنقىدەك كەيپىياتىڭنى مىنىڭ پوزىتسىيەمگە باغلىۋالمايدىغان، ئولتۇرۇپ-قوپۇشلىرىمغا، ئۆيگە كىرىش-كىرمەسلىكىمگە ئانچە ئىتىۋار بەرمەيدىغان بولدۇڭ. ئوغلىمىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىڭكى، ئۇنى ھەتتا مەندىمۇ قىزغىناتتىڭ. تويماي-تويماي سۆيەتتىڭ. كېچىلىرىمۇ يەرگە قويغۇڭ كەلمەي تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئۇخلىتاتتىڭ.
ئوغلۇمىز ئىككى ياشلارغا كىرگەندە ساڭا تۇنجى قېتىم قول تەككۈزدۈم. ئۇ كۈنى پەرھاتلار بىلەن مەھەللە دوقمۇشىدىكى يېڭى ئېچىلغان دۇكاننىڭ بىر ئۈستەل تۆت ئورۇندۇق قويۇلغان ئايرىمخانىسىغا كىرىپ ئىچىشكەن ئىدۇق. كىيىن يۈسۈپ، ۋەلىلەر كىردى. يېرىم كېچە بولغاندا دۇكان ئىگىسى بىزنى دۇكاننى تاقايمەن دەپ قوغلىدى. ھېچقايسىمىزنىڭ ئۆيگە قايتقۇسى يوق ئىدى. ۋەلى بىلەن يۈسۈپ تېخى ئۆي ئايرىپ چىقمىغان، پەرھاتنىڭ ئايالى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتكەچكە ئۇلار سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ بولغىچە«بولدى، بولدى يۈرۈڭلار بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئىچىمىز» دەپ دۇكاندىن ھاراق-تاماكىلارنى ئېلىپ ئۆيگە باشلاپ كەلدىم. ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپلا كەينىڭگە بۇرۇلدۇڭ.« مىھمان كەلدى، سالاملاشمامسەن؟» دىدىممەن ھەيۋەمنى كۆرسىتىپ ۋاقىراپ. سەن ئۇلارغا يىنىك باش لىڭشىتىپ قويۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭدا چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىپ يىغلاۋاتقان ئوغلۇمىزنى بەزلەش ئۈچۈن كىرىپ كەتتىڭ. كىرىسلوغا چۆكۈپ ھەرەڭ-سەرەڭ ئولتۇرۇشقان ئاغىنىلىرىم قۇرۇق چاي ئۈستىلىنى ئىشارەت قىلىشىپ بىر-بىرىگە قاراپ كۈلىشىۋىدى، سېنى ۋاقىراپ توۋلىدىم. يۈگرەپ چىقىپ چاي دەملىدىڭ. كۆكتات ئاقلاۋاتقىنىڭدا بالا يەنە يىغلىدى. سەن بالىنى بەزلەش ئۈچۈن كىرىپ كىتىۋاتقاندا مەن سېنى ئاغزىمنى بۇزۇپ تىللىدىم. پەرھاتنىڭ بىر رۇمكا ھاراقنى ئىچىۋېتىپ چىرايىنى سەت پۈرۈشتۈرۈپ «ئادىشوي، قەسەم ئىچكەندەك ئاچچىق ھاراقنى قۇرۇق ئىچىۋېرەمدۇق؟» دىيىشى مەستلىكتە كاللامغا بەك تەسىر قىلدى بولغاي، ياتاق ئۆيگە يۈگرەپ كىرىپ، بالىنى پەپىلەپ ياتقان يېرىڭدىنلا چېچىڭدىن سۆرەپ يەرگە چۈشۈرۈپ، قورۇمىنى تېز تەييارلىمىغان گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۇدۇل كەلگەن يېرىڭگە ئۇرۇپ-دەسسەۋەردىم. بالا تېخىمۇ چىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. شۇ چاغدا پۇتلىرىمغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇشلىرىڭغا نىمىشقا ئازراقمۇ رەھمىم كەلمىگەن  بولغىيتتى-ھە؟!
ئەتىسى ئويغىنىپلا بېشىمنىڭ ئاغرىقىدا كۆزۈمنى ئاچالماي تۇرۇپ ئاخشامقى ئىشلارنى ئويلىدىم ۋە سېنى كىتىپ قالغانمىدۇ؟ دىگەن ئەندىشىدە يېنىمغا قارىسام سەن يوق،  يۈگرەپ ھويلىغا چىقتىم. سەن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا سۇ چېچىپ، پاكىزە سۈپۈرۈلگەن ھويلىدا مىنىڭ ئاخشام ياندۇرۇپ تۈگەشتۈرۋەتكەن كىيىملىرىمنى، كىرىسلو، كارۋات كىرلىكلىرىنى يۇيۇۋاتاتتىڭ. ‹‹ئۇھ›› دەپ يۈرىكىم جايىغا چۈشتى. لېكىن بۇ ئەندىشەمنى ساڭا پەقەتلا چاندۇرمىدىم ۋە خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئىشقا كەتتىم. شۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئەھۋاللار پات-پات تەكرارلىنىپ تۇردى. سەن چىدىدىڭ. مەن سىرتتا ئۇچرىغان كىچىككىنە ئازارچىلىق، خىزمەتتىكى ھارغىنلىق، ئىچ پۇشۇقى... ئىشقىلىپ ھەممە دەردىمنى سېنى ساۋاپ ئالىدىغانغا ئادەتلىنىۋالغان ئىدىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردا شۇ قەدەر يولسىزلىشىپ كەتكەن ئىكەنمەن ماھىرە، ھەتتا يىغلىشىڭغىمۇ پۇرسەت بەرمەيتىم. ‹‹ ئۆلۈمىمنى تىلەپ يىغلاۋاتامسەن؟ مەن ئۆلگەندە يىغلا!›› دەپ ئۇنىڭنىمۇ چىقارغىلى قويمايتىم. ساڭا نەدىن كەلگەن چىدام-غەيرەت، ئىتائەتمەنلىك بولغىيدى- ئۇ؟!
ئىككىنجى پەرزەنتىمىز-قىزىمىز تۇغۇلۇپ قىرقى توشمايلا ئانامنى ئۇ ئالەمگە ئۇزۇتۇپ قويدۇق. مانا ئەمدى ئىككى ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئىشلىرى ساڭا يۈكلەندى. دادامنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتىڭ. ئۇچىسىنى كىر، قوسىقىنى ئاچ قويمايتىڭ. چوڭ ئۆيلەرنىمۇ ئانام بار چاغدىكىدەك پاكىز-رەتلىك تۇتاتتىڭ. ئۇ ئۆينىڭ ئىشىنى تۈگىتىپ بۇ ئۆيگە كەلسەڭ، يەنە تېخى ئارا كۈندە بىر  ئاغىنىلىرىمنى باشلاپ كىلىپ ساڭا ئارامچىلىق بەرمەيتىم. بالىلارنىڭ ئىككىلىسى كىچىك، سەن بولساڭ يېڭى تۇغۇتلۇق. چىرايلىرىڭنىڭ سارغىيىپ، يۈزلىرىڭنى ھارغىنلىق، مىسكىنلىك قاپلاپ كەتكىنىنى بايقاپ تۇرساممۇ ‹‹ ھەممە ئايال قىلىدىغان ئىشلارغۇ بۇ›› دەپ ئانچە ئېرەن قىلمايتىم. داداڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا مەندىن يالۋۇرۇپ يۈرۈپ رۇخسەت ئېلىپ داداڭغا نەچچە كۈن قاراشقا كەتتىڭ.ئۈچىنجى كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئۆيۇڭلارغا بېرىپ سېنىڭ‹‹ئۆتۈنۈپ قالاي تاھىر دادامنىڭ ئەھۋالىنى سىزمۇ كۆردىڭىز نەچچە كۈن بېقىۋالاي...››دېگىنىڭگە قارىماي ئۆكتەملىك قىلىپ:‹‹ تۇرساڭ بىراقلا كەتمەسكە تۇر›› دەپ تەھدىت سېلىپ يۈرۈپ ياندۇرۇپ كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى سەھەردە داداڭنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى....
داداڭنىڭ يەتتە نەزىرىنى بەرگەن كۈنى كەچتە سېنى قايتۇرۇپ كەلگىلى مەست ھالەتتە بېرىشىم ئاپاڭغا بەكلا ھار كەلدى بولغاي سېنىڭ قايتىشىڭغا قۇشۇلمىدى. سەن ئۇنى مىڭبىر جاپادا قايىل قىلىپ ئوننەچچە كۈندە قايتىپ كەلگەن بولساڭمۇ ئاناڭ ماڭا تۈگەپ كەتكۈچە تۈزۈك گەپ قىلمىغان ئىدى....
بالىلارمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى. ئوغلىمىز تۇلۇق ئوتتۇرىدا، قىزىمىز تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدا ئۆقۇۋاتقان مەزگىللەردە، مەن خىزمەتنى تاشلاپ پەرھات بىلەن بىرلىشىپ، دورا ئۈسۈملۈكلىرىنى قېزىش كىنىشكىسى بېجىرىپ تاغدىن چاكاندا چاپتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ سېتىپ  قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خېلى كۆپ پۇللۇق بولۇپ قالدىم. قول ئاستىمدا چاكاندا چاپىدىغان، جىڭلايدىغان، ئۆلچەيدىغان، يۈكلەرنى تۇشۇيدىغان ئادەملىرىم خېلى كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ  دۆلىتىدە كۈنبۇيى يەپ-ئىچىپ كېرىلىپ يۈردۈم. ئەتراپىمدا دوستلىرىممۇ كۆپەيدى. بارىدىغان سورۇنلىرىممۇ كۆپەيدى. مەن ئۈچۈن ھازىرلانغان‹‹رەڭلىك سورۇن››لارنىڭ تۆرىدە ئولتۇرغىنىمدا ئەس-ھوشۇمدىن سەن ۋە بالىلار پۈتۈنلەي چىقىپ كىتەتتى.
  ساڭا سالغان زۇلىمىم تۈپەيلى تېخى ئەمدىلا ئوتتۇز ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپلا تېز سۈرئەتتە سۇلىشىپ، قېرىپ كىتىۋاتاتتىڭ. سورۇنلاردا ئۇچراتقان ۋە پىنھانلاردا كۆرۈشۈپ يۈرگەن قىزلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرى ۋە ئەركىلكەشلىرىنى سەندىن تېپىش مۇمكىنمۇ؟ شۇڭا بارغانسىرى سېنى ماڭا ماس كەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم. سەن بىلەن بىرگە كوچىلارغا چىققۇممۇ كەلمەيدىغان. بىرەر ۋاق تاماقنى بىرگە يىگۈم، ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇممۇ كەلمەيتى. سەن ئۈن-تىنسىز ئۆي، بالا ۋە مەن ئۈچۈن پەرۋانە بولاتتىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايتىڭ. بۇ كۈنلەردىكى ئالدىراشچىلىقىمنىڭ ساڭا بولغان پايدىسى- سېنى ساۋاشقىمۇ ۋاقتىم چىقماس ۋە خۇشياقماس بولۇپ قالغان ئىدى.
كېيىنچە باشقا شەھەردە تۇنۇشۇپ قالغان بىر قىزنى ‹‹ دورا زاۋۇتىنىڭ تەكشۈرۈپ، بېكىتكۇچىسى، بىز ئاپارغان چاكاندىلار  مۇشۇ قىزنىڭ ياردىمى بىلەن بىرىنجى ياكى ئىككىنجى دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. بۇ قېتىم يايلاق سۈپىتىنى تەكشۈرگىلى كەلدى. ياخشى كۈت›› دەپ ئۆيگە باشلاپ كىلىپ ھەپتە تۇرغۇزساممۇ ئۈندىمىگەن ئىدىڭ. بىلىمەن سەن ئۇنچە دۆت ئاياللاردىن ئەمەس. ھەممىنى بىلىپ تۇرساڭمۇ تاياقتىن ۋە چوڭ بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ ئىچىڭگە يۈتاتتىڭ. ئۆزۈڭنى ۋە مىنى ئايايتىڭ.
ئۇچۇشۇمنى بىلىپ، چۈشۈشۈمنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۈرىيە بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ سەندىن ساق ئون ياش كىچىك، چىرايلىق، شوخ قىز ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي تارتىشىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭغا بۆلەكچىلا مىھرىم چۈشۈپ، كۆنۈپ قالدىم. ئاخىرى ئۇ تۇرۇشلۇق چوڭ شەھەردىن ئۆيدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزۈمگە نىكاھلىتىۋالدىم. ئۇنىڭ خۇلقى-نازى قانچە كۈچلۈك بولسا تەلىۋىمۇ شۇنچە يۇقىرى ئىدى. ئۇنىڭغا ئاۋات سودا سارايلارنىڭ بىرىدىن كىيىم-كېچەك  دۇكىنىمۇ ئېلىپ بەردىم. ئۆزۈممۇ ھەپتە-ھەپتىلەپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش پەيزىنى سۈرۈپ ئۆيگە قايتمايتىم. ئۇنىڭ بەزى مىجەزلىرى، ياسىنىش، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى كۆزۈمگە سىغمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئانچە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتسىمۇ نىمىشقىكىن ئۇنىڭدىن يەنىلا مىھرىمنى ئۈزۈپ، ۋاز كېچەلمەيتىم.ئۇ خۇددى ناھايىتى ئاچچىق قىزىلمۇچقا ئوخشاش ئادەم يىگەنسىرى ئېغىزنى ئېچىشتۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ خۇمارىدىن ۋاز كەچمەك مۈشكۈل ئىدى.
سودىنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ئاساسەن دىگۈدەك پەرھات پۈتكۈزەتتى.
‹‹ شامال ئۆتۈشمەيدىغان تام يوق، يىشىلمەيدىغان سىر›› دىگەندەك، بۇ ئىشلىرىمىز ئۇ يەر- بۇيەردە مىش-مىش گەپ بولۇپ ئاخىرى قۇلىقىڭغا يەتكەن ئىدى. ‹‹ ئالسىڭىزمۇ مىنىڭ سەمىمگە سېلىپ قويۇپراق ئالسىڭىز خەقتىن ئاڭلىغىنىمدىن ياخشى ئىدى›› دىدىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا تىك بېقىپ قاراپ،زەردە بىلەن. ‹‹ ماڭا ئىشەنمەي خەقنىڭ گىپىگە ئىشەنگەن بولساڭ خېتىڭنى ئېلىپ بېرىپ خەق بىلەن ئۆي تۇت!كۆزۈمدىن يوقال!›› دەپ بېشىڭغا چەينەكنى ئاتتىم. پىشانەڭنى بويلاپ ئاققان قان  يۈز-كۆزلىرىڭ ۋە كىيىم –كېچەكلىرىڭنى بوياپ، پاقالچەكلىرىڭگە چۈشكەندە سەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان غەزەپلىك كۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا تىكىلىپ قارىدىڭ. بۇ قارىشىڭ شۇنچىلىك ئۆتكۈر ئىدىكى كۆزلىرىڭگە قان تولۇپ كەتكەن ئىدى.
-مەن خەقنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغان. لېكىن بۈگۈن ئاشۇ سۈرىيە ئاتلىق ئالۋاستىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىققا باھانە تاپالمىدىم!،-دىيىشىڭدىن بىلدىمكى سۈرىيە ساڭا تېلىفۇن قىلىپ ھەممە ئىشنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئىدى.
سەن كەتتىڭ! بۇ تاغلىق مەھەللىنى قۇيۇق تۇمان قاپلىغان بىر سەھەردە قىزىمنى ئېلىپ بۇ ئائىلە بىلەن ئۈنسىز خوشلىشىپ كىتىپ قالدىڭ. ھەممە قارا قىسمەت سېنىڭ كىتىشىڭ بىلەن باشلاندى. ئېغىر بېسىق، ئىچ مىجەز دادام ئېغىر خۇرسىنىپلا ئولتۇرىدىغان، ماڭا چىراي ئاچمايدىغان بولىۋالدى. بۇرۇتلىرى خەت تارتىشقا تەمشەلگەن، قىز بالىدەك يۈزى تۆۋەن، ئېغىر-بېسىق چوڭ بولىۋاتقان ئوغلۇم  تۇنجى قېتىم ماڭا چىش يېرىپ ‹‹ سەندەك دادىدىن تۇغۇلۇپ قالغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن. سېنى ھامان ئانامنىڭ قىساسى تۇتىدۇ. بۇ ئۆيدىن دوزاق ياخشى!›› دىگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، بىر ئايدىن كىيىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە سولانغانلىق خەۋىرى كەلدى. ئوغلۇمنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۈنى تېخىمۇ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن دادام بىرەر ھەپتە يېتىپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۆينىڭ تۆر تېمىغا ئېسىلغان  رامكىغا ئېلىنغان سۈرەتنى ماڭا شەرەت ئارقىلىق ئەكەلدۈرۈپ، ئانامنىڭ ۋە سېنىڭ سۆرىتىڭگە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قارىدى ۋە تىترەپ تۇرغان جانسىز بارماقلىرى بىلەن سىلىدى... شۇنداق قىلىپ بىچارە داداممۇ ئارمان بىلەن ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. دادامنىڭ نەزىرلىرىنى بېرىپ بولۇپ، بۇ ئۆيدىن خوشلىشىپ بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمنى سۈرىيە بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈش نىيىتىگە كىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇتقان ئۆيۈمگە ئۇنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن كۈنى، ئىشىكتىن كىرىپلا قاڭسىق ھاراق ھىدى ۋە تاماكا پۇرىقىنى پۇرىدىم. شۇ چاغدا سۈرىيەنى بىزنىڭ كارۋىتىمىزدا، يات بىر ئەرنىڭ قوينىدا كۆردۈم...
كېيىن بىز سوتقا چۇشتۇق. سۈرىيە سوتتا ھەممىدىن تېنىۋالغىنى، ئۇ ئەرنى يۈرگىنى، مىنى بولسا تۇنىمايدىغانلىقى ھەققىدە بىرمۇنچە يالغاننى  تۇقۇپ، ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۇنى شۇ كۈنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغىنىم ئۈچۈن بىرمۇنچە تۆلەم تۆلىدىم. پۇلغۇ مەيلى بۇ رىئاللىق ماڭا بەك ھار كەلدى. ئۇنىڭ مىنۇت ئىچىدە ئۆزگەرگەن يۈزسىزلىكىدىن قانچىلىك نەپرەتلەنگەن بولسام، ئۆي ۋە دۇكاننى ئۇنىڭ نامىدا ئېلىپ بەرگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى نەچچىنى كاچاتلىدىم.
مېنە ئىشىمغىمۇ ئويلىمىغان يەردىن چىچەك چىقتى. مەملىكەت بويىچە ئوتلاق قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ھەر قانداق شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ يايلاق ئېچىشى ۋە ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى خالىغانچە چىپىشى چەكلەندى. سودىمىز توختىدى.
قارىمامسەن ماھىرە، ئادەمگە كەلگۈلۈك كەلسە مانا مۇشۇنداق ئارقا-ئارقىدىن يۇپۇرۇلۇپ كىلىدىكەن. ۋادەرىخ! دەرتلىرىمنى تىڭشىغۇدەك بىرەر قېرىندىشىم، سىردىشىم بولسىچۇ كاشكى؟! بۇ دۇنيالىقتا مىنىڭ يىغامغا چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ يىغلىشىدىغان ئايال ئانامدىن قالسا سەنلا ئىكەنسەن. ئەپسۇس، ھازىر ئىككىلەڭلەر مىنى تاشلاپ كەتتىڭلار. ياق، سەن كەتكەن ئەمەس، مەن سېنى قوغلىۋەتكەن.سېنى رەھىمسىزلارچە ھاياتىمدىن، بۇ ئۆيدىن، ئەسلىدىكى ماھىرەلىكتىن بىراقلا قوغلىۋەتكەن قارا يۈز قاتىل پەقەتلا مەن!
مانا شۇ كۈنلەردە سېنىڭ، ئىللىق ئائىلىمىزنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى. سېنى ۋە قىزىمنى سېغىنىپ، سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدىم. نەتىجە مىنىڭ كۈتكىنىمنىڭ ئەكسىچە چىقتى. خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلەر سېنىڭ بىر تۈركۈم ناتوغرا يولدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كىلىش قىلىۋاتقىنىڭنى، توغرا بولمىغان يوللاردا سودا قىلىپ پۇل تېپىۋاتقىنىڭنى، بازارنىڭ ئاۋات يېرىدىن ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، قىزىمىزنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقىنىڭنى ئېيتىشتى. ئۇنىڭسىز مەنمۇ نەچچە رەت تۇنۇش-بىلىش، دوستلىرىمنىڭ ئاغزىدىن سېنىڭ يامان تەرىپىڭنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ بۇلارغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيتى. خىيال ئەينەكلىرىمدە سەن يەنىلا بۇرۇنقى ئاددى-ساددا، يۈزى تۆۋەن، ھايالىق ماھىرە سۈپىتىدە نامايەن بولاتتىڭ.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سېنى شەھەر سىرتىدىكى ئارامگاھتا ئۇچرىتىپ قالدىم.سېنى كۆزلىرىڭدىن تونىۋالمىغان بولسام تونىماي ئۆتۈپ كىتەركەنمەن. ساپسېرىق بويىۋالغان چاچلىرىڭدىن، كىيىۋالغان يېرىم يالىڭاچ كىيىملىرىڭدىن، يېنىڭدىكى پۈتۈن يۈزىنى ساقال-بۇرۇت بېسىپ كەتكەن،پىشانىسىنى كىسىپ ئۆتكەن يىرگىنىشلىك تارتۇقى كىنولاردىكى قاراقچىلارنى ئەسلىتىدىغان، دىۋە سۈپەت، سىمىز ئەرگە قويۇۋەتسەڭلا يىقىلىپ چۈشكۈدەك مەست ھالاتتە ئېسىلىۋالغىنىڭدىن سەسكىنىپ كەتتىم. سەن مىنى كۆردۈڭ، لېكىن قىلچە خىجىللىق ھىس قىلمىدىڭ، ئەكسىچە غالىپلارچە-خەق تاپقان پۇلنى بىزمۇ تاپالايمىز.پۇل تاپقانلار نوچىغۇ بۇ زاماندا...دەپ قاقاھلاپ  كۈلۈپ ئۆتۈپ كەتتىڭ. شۇ چاغدا بىر تەرەپتىن سېنىڭ بۇ ھالىڭغا غەزىپىم كەلگەن، سەسكەنگەن بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ھىسىداشلىقىم  كىلىپ، ئېچىنىپمۇ قالدىم.
ئەركىشىنىڭ قىلمىشلىرى ھەرقانچە ئېشىپ كەتسىمۇ كىشىلەر ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدىكەن، لېكىن، بىر ئايالنىڭ يولدىن چىقىشىنى ھېچكىم  قۇبۇل قىلالمايدىكەن. سېنى شۇنچە يىل ھۆرمەتلەپ، قايىل بولۇپ كەلگەن خوشنا-خۇلۇملارمۇ كىيىنچە ماڭا ھىسداشلىق قىلىدىغان، سېنى تىللاپ يۈرىدىغان،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا مىش-مىش گەپلەرنى قىلىشىپ‹‹توۋا ئادەم ئۆزگىرەي دىسە بىردەملىككەن›› دىيىشىپ ياقا تۇتۇشىدىغان بولۇشتى. بۇ ھاللار مىنىڭ قانچە قېتىم سېنىڭ ئالدىڭغا بېرىپ سېنى كەچۈرۈپ، قايتۇرۇپ كىلىش نىيىتىمنى توساپ قويدى. ئەينى يىللىرى ئۆزىنى يوقاتقان ئاشۇ ئاتالمىش غورۇرۇم شۇ كۈنلەردە ئويغىنىپ كەتكىنىگە ھازىر ئويلىسام ھەيرانمەن.

ئوغلۇم ئۈچ يىلدىن كىيىن تۈرمىدىن چىقتى. لېكىن ئۇنى ئالغىلى بارغىنىمدا ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي باشقا ياققا كەتتى. كىيىن ئۇ تاغقا قايتىپ كىلىپ كۆمۈر كاندا ئىشلەپتۇ. ئۇنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈپ تۇرۇش ئىستىكىدە مەنمۇ بىرمۇنچە يول مېڭىپ، پۇل خەجلەپ يۈرۈپ بۇرۇنقى ئىدارەمگە قايتىپ كىلىۋالدىم.
جاھاننىڭ ئىشلىرى يەنىلا ئۆز نۆۋىتىدە كىتىۋېرىدىكەن. لېكىن پارچىلانغان ئائىلىنىڭ ئورنىنى ھېچنىمە بىلەن تولدۇرغىلى بولمايدىكەن.
.  ئوغلۇمغا  قاراشقا يۈزۈم بولمىسىمۇ، باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتىم. ئۇ ئىشلىگەندىن سىرتقى ۋاقىتتا كاندىن بەرگەن ياتىقىدىن چىقماي ھاراق ئىچىدىكەن....
جاھاننىڭ ئىشلىرى يەنىلا ئۆز نۆۋىتىدە كىتىۋېرىدىكەن. لېكىن ۋەيران بولغان ئائىلىنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش بەسى مۈشكۈل ئىكەن.
ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگىنىمدە ئالدىمغا داستىخېنىڭنى سېلىپ، قىززىق چاي، ئىسسىق تاماقلارنى ئەكىلىپ، قول قوشتۇرۇپ تۇرىدىغان سەن يوق. چىرايلىق سالام قىلىپ كىرىپ قېشىمدا ئولتۇرىدىغان، ئادەم قارىغانسىرى مەسلىكى كەلگۈدەك چوڭ بولىۋاتقان ئوغلۇمنىڭ ھازىر ماڭا قاراشقىمۇ كۆزى يوق. ساقاللىق يۈزلىرىمگە سۈيۈپ، ئەركىلەپ قۇچىقىمغا چىقىپ ئولتۇرىدىغان قىزىمنىڭ شوخ كۈلكىلىرىنى بۇ غېرىپلىق تۈكۈلۈپ تۇرغان ئۆيدىن تاپقىلى بولمايدۇ.  سىلەر يوق بولغاچقا، ئابرويۇممۇ يوقاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ بەزىدە. دوستلىرىمنىڭ ئۆيىگە كىرسەم ئۇلارنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى، توختىماي بالىلىرىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ، سۆيۈنۈش بىلەن سۆزلەپ كىتىشلىرى خۇددى ماڭا ئەتەي كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك ھار كىلىدۇ. ئىچىمنى تۈمەنمىڭ قۇرۇت غاجاۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىمەن. بارغانسىرى ئادەم كۆپ جايلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان، يالغۇز ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىدىغان، ئىچكەنسىرى يىغىلا تۇتىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇرۇن ھاراق ئىچكەن كۈنۈم مەن قوپقۇچە ‹‹ زەھەر قايتۇرۇپ،جىگىرىڭىزنى تازىلايدۇ›› دەپ بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيىنى ماڭا سۇناتتىڭ. ئاچچىق-چۈچۈك سۇيغاش ئىتىپ مەسلىكىمنى يىشىپ، ئىشقا يولغا سالاتتىڭ. مانا ھازىر يېنىمدا ماڭا كۆڭۈل بولگۈدەك ھېچكىشىم يوق.بارغانسىرى ئۈمىتسىزلىك، چۈشكۈنلۈك مىنى قوينىغا ئالدى. ھېچنىمە مىنىڭ دىققىتىمنى تارتالمايدۇ. ھەممە نەرسە ئەھمىيەتسىز، مەززىسىز تۇيۇلىدۇ. يېقىندىن بېرى ‹‹ يالغۇز ئۆيدە ئۆلۈپ قالسام باشقىلار مىنىڭ ئۆلۈكۈمنى بايقىغۇچە سېسىپ كىتەرمەنمۇ›› دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. سېنىڭ قانچىلىك ئاقكۆڭۈل، مىھرىبانلىقىڭ، ئەپۇچانلىقىڭ ماڭا ئايان. ئاخىرى ھەممىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ سېنى قايتۇرۇپ كىلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولۇممۇ قالمىغان ئىدى. سېنى، قىزىمنى، ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ كىلەلىگىنىمدىلا بۇ غېرىپلىقنىڭ، ۋېجدان ئازابىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلىمەن. مەيلى كىشىلەر نىمە دىسە دىسۇن مەن ئۆزۈمنىڭ يوقاتقانلىرىنى بىر-بىرلەپ قايتۇرۇپ كىلىمەن. سەن يەنىلا مىنىڭ مىھرىبان ئايالىم. بالىلىرىمنىڭ غەمگۈزار ئانىسى. بەلكىم سەنمۇ بىر كۈنلىرى مىنىڭ گۇناھىمنى تونۇپ ئالدىڭغا كىلىشىمنى كۈتۈۋاتقانسەن.بەزى يوللاردا ئۆزۈڭ خالىمىساڭمۇ ماڭا قېيىداپ مېڭىپ قالغانسەن. بىلىمەن سەنمۇ ھەقىقى بىر ئائىلىنى، ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ غىزالىنىشنىڭ تاتلىق دەملىرىنى سېغىندىڭ!
مەن ئەرلىك مەسئۇلىيەت ۋە دادىلىق مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ھىس قىلىپ يەتتىم. نىكاھقا، تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسام تەقدىرمۇ ماڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئاللاھنىڭ بەرگەن نىئمەتلىرىنى قەدىرلىمىگەن ئىكەنمەن. ئۇلارمۇ بىر-بىرلەپ مىنى تاشلاپ كىتىپتۇ. ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغۇچە بىر قېتىم گۇناھىمنى يۇيۇش پۇرسىتى بېرىشنى ئاللاھتىن ئۆتۈندۈم ۋە بىر ئاي ئىلگىرى قەتئىي نىيەت بىلەن يىللىق دەم ئېلىشمنى ئېلىپ  سېنى ئىزدەپ باردىم. شۇنچە ئىزدەپمۇ دېرىكىڭنى ئالالمىدىم، قوشنا-خۇلۇملىرىڭ ماڭا غەلىتە بىر خىل ھەيرانلىق نەزىرىدە قاراشتى. ھەممەيلەن سەن توغرىلىق ھېچنىمە دىيىشنى خالىمىغاندەك باش لىڭشىتىشتى. ئارقامغا يېنىپ مېڭىشىمغا بىرسىنىڭ‹‹ بالام سىز ماھىرەنىڭ نىمىسى؟›› دىگىنى ئاڭلاندى كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام 70 ياشلار چامىسىدىكى بىر مومايكەن.‹‹ ھە مەن ئۇنىڭ تۇغقىنى ئىدىم، سىلى ئۇنى تونۇملا؟›› دىدىممەن ‹‹ھەئە بالام مەن ئۇنى تونۇيمەن لېكىن بۇ كەمگۈچە ئۇنىڭ بىرەر ئۇرۇغ-تۇغقىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئۇ ياخشى ئايال بالام، مۇشۇ مەھەللىگە كەلگەندىن بېرى ماڭا كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىپ، كەم-كۇتەمنى تەل قىلىپ بېرەتتى. ئانا-بالىدەك ئۆتكەن ئىدۇق.بىر يەرگە بارماقچى بولسا ماڭا نەگە بارىدىغىنىنى، قاچانلاردا قايتىپ كىلىدىغىنىنى ئېيتىپ قوياتتى. لېكىن، بىرەر ئاينىڭ ئالدىدا سودا ئىشى بىلەن ئىچكىرىدىكى بىر چوڭ شەھەرگە بارىدىغىنىنى، بىر ھەپتىگە قالماي قايتىپ كىلىدىغىنىنى ئېيتىپ يوقاپ كەتكەنچە ھازىرغۇچە كەلمىدى.نەچچە كۈن بولدى مەھەللە دوقمۇشىدا ئولتۇرىدىغان خوتۇنلارنىڭ ئاغزىدىن ساپلا  ئۇنىڭ مىش-مىش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم سۇ بولۇپ كىتىۋاتىدۇ. بولسا ئۇنىڭ بىر دېرىكىنى قىلىپ باقسىڭىز بالام ئادەم قېرىغاندا يا قوپۇپلا بىر يەرلەرگە بارغىلى بولمىغان....›› دەپ كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى.‹‹ ئۇلار ئۇنىڭ قانداق خەۋىرىنى ئاڭلاپتۇ؟ نىمە دەيدۇ؟›› دەپ سورىدىم مەن جىددىيلىشىپ. ‹‹بىرسى تۈرمىدىكەن دەيدۇ، بىرسى ئىچكىرىدە زەھەرلىك چىكىملىك يۆتكەپ تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ... يەنە بىرلىرى ئىچكىرىدە باشقىلار قەستلەپ ئالتىنجى قەۋەتنىڭ دەرىزىسىدىن تاشلىۋېتىپتۇ دىيىشىۋاتىدۇ›› دىدى. بۇ گەپلەردىن يۈرۈكىم ئەنسىز سوققان بولسىمۇ ھېچ ئىشەنمىدىم. قىزىمىزنى ئىزدەپ مەكتىۋىگە باردىم. ئۇنىڭ مەكتەپ پۈتتىرىشىگە بىر ئايلا ۋاقىت قالغانىكەن. لېكىن ئۇ مەكتەپكە كەلمىگىلى ئوننەچچە كۈن بوپتۇ. قىزىمنىڭ دېرىكىنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن تىلىفۇن كەلدى. ئۇ سالام-سائەتسىزلا قوپال تەلەپپۇزدا‹‹ بىزنى ئىزدەپ يۈرۈپتىكەنسەن...ئاپام تۈگەپ كەتتى. ئۇنىڭ جەسىدىنى تۇڭگانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىدىم. ئەمدى مىنى ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بولما، ئۆلسەممۇ ئاپامغا ئوخشاش ئۆلىكىم مۇشۇ كىشىنىڭ يۇرتىدا قالسا قالىدۇكى، بۇ نام، بۇ ئاتاقنى كۆتۈرۈپ يۇرتقا قايتمايمەن!››دەپلا تىلىفۇننى قويۇۋەتتى. ئۇ تىلىفۇن قىلغان نومىرىغا قايتۇرۇپ تىلىفۇن قىلىۋىدىم، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چەت ناھىيەسىدىكى ئاممىۋى تىلىفۇن بوتكىسى بولۇپ چىقتى...
2012-7-13
«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سان

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 11:06:30

مۇنبىرىمىزدىكى ئايتۇغ خانىمنىڭ ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن دېسە ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 13:51:28

ھاراقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلاركەن................
بەت: [1]
: سىلكىنىش‹‹ھېكايە››-ئايتۇغ