choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 10:07:41

سوغۇق شامال( تەرجىمە ئەسەر)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   choice تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 10:10  

سوغۇق شامال
لىيۇ لىياڭ چېڭ

قار لەپىلدەپ چۈشۈشكە باشلىدى،ئاشۇ يىللاردىمۇ قار مۇشۇنداق ياغقان ئىدى، ئەمدى مەن بۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەس بولغان ئىدىم،چۈنكى  30 ياشقا كىرگەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدا قار ياغقاندىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىشلار بولىۋاتاتتى،     قىشنىڭ كېلىشى بىلەن كارىم بولمىغاندەك قىلساممۇ،  يۈرۈكىم  يەنىلا  قارنىڭ لەپىلدەپ يەر يۈزىگە چۈشكەن  تىۋىشلىرىغا قۇلاق سېلىۋاتقاندەك،   ئاپپاق قار گۈللىرىنىڭ ئۈن تۈنسىز ھالدا سەھرايى كەبىردىكى ئېتىز ئېرىقلارنى ئاق لىباسقا چۆمكىشىنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئوچاق بېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ھاياتلىقىمدىكى  ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆمۈر مۇساپەمنىڭ مەلۇم بىر دەقىقىلىرىنى ئىللىتماقچى بولدۇم.بۇ دەقىقىلەردىن باشقا بارلىق ھاياتلىق دەقىقىلىرىم، ھەتتاكى ئۇرۇق تۇغقان قېرىنداشلىرىمىنىڭ ئۆمۈر  دەقىقىلىرىمۇ ئۆيۈمدىن يىراقتا قالغان ئاشۇ قاتتىق قارنىڭ سوغۇق شامىلىدا  تىترىمەكتە ئىدى.
تېخى ئالدىنقى كۈنىلا مەن خۇددى قاتتىق قار يېغىشىنى بىلگەندەكلا يېرىم ئايغا يېتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ دەرىزە تەكچىسى يېنىغا رەتلىك قىلىپ تىزىپ ، ھويلا- ئاراملارنى پاكىز سۈپۈرۈپ،گويا ئۇزۇن يىل كۆرمىگەن ئەزىز مېھمىنىمنى كۈتىۋالماقچى بولغاندەك، تۇرمۇشۇمدىكى بەزى ئىشلارنى قايرىپ قويۇپ، ئاپپاق قار ئۈچۈن يېڭىدىن پاكىزە سورۇن ھازىرلىغان ئىدىم.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن ئېتىزغا بېرىپ چۆگىلەپ كەلدىم، بىراق كېسىپ كەلگەن بۇرمۇنچە ئاپتاپپەرەس غولىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانغا چولام تەگمەي قالدى، بۇلار چوقۇم بىر قىش چىققىچە مانا مۇشۇنداق قار ئاستىدا تۇرۇشى مۈمكىن. ھەر يىلى قار يېغىشتىن بۇرۇن ئويلاپ باقسام بىرقانچە ئىشلارنى قىلىشقا چولام يەتمىگەنلىكتىن بۇ ئىشلار قىشىچە تۇرۇپ قالاتتى.
قىشتا قانچىلىغان كىشىلەر بىر يىل بويى قىلىپ بولالمىغان ئىشلار تاشلاپ  قويۇپ، ماڭا ئوخشاش مۇزدەك قوللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنى باشتىن ئاياق ئەسلەپ ئۆتىشەتتى.
ئۆي ئىچى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى ، قارنى كۆرەلمەي قالدىم،،. بىراق قارنىڭ ئۆگزىدىكى ئاشۇ غۇنچىلارغا، پاكىز ھويلا ئىچىگە،يىراق يېقىندىكى يوللارغا ئاستا- ئاستا لەپىلدەپ چۈشۈپ،  پۈتۈن زىممىنى قاپلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم. قار توختىغاندىن كېيىن ئاندىن سىرتقا چىقىشنى ئويلىدىم، چۈنكى ھازىر مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قارا سوغۇقنىڭ  جۇشقۇن ياشلىقىمنىڭ پېيىگە چۈشكەنلىكىنى چۈشەنمەي يېتەلمەي،  قار ياغسىلا  لەمپە ئاستىدا تۇرۇپ بىر ھازا قار مەنزىرىسىگە قاراپ چۈشۈنىكسىز ھاياجانغا چۆكىدىغان؛ ياكى  ئاپپاق قارغا دۇنيادا مەندەك بىرەيلەننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن قار ئىچىگە يالاڭباش شۇڭغۇپ كىرىدىغان خۇيلىرىمنى تاشلىغان ئىدىم.نۇرغۇن قارا قىشلار بېشىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مەن بارا -بارا قاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى، ئۆيۈمگە تۈگۈلۈپ كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ، قىشتىن يىراق بىريەرلەرگە قىچىپ بېرىۋالساممۇ ،لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان قار بەرىبىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىرىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدىم . ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى كەڭ كەتكەن  قاقاسلىقتەك ئەركىگە قويىۋەتكەندە ئۆزىنى ئوبدان باشقۇرالماس بولۇپ قالىدىكەن. مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئوچاق يېنىدا تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئىسسىتماقچى بولغىنىم بىلەن بەزى بىر ئۇستىخىنىم يەنىلا شىۋىرغاندا توڭۈپ كەتكەندەك توختىماي ئاغرىيتى، بۇ  نەچچە  يىل بۇرۇن سوغۇق سەۋەپلىك بولغان ئىش بولسىمۇ بىراق ھازىر  شىۋىرغاندا سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەن بۇ سۆڭەكلىرىمنى كوچىدىن تېپىۋالغان كالا سۆڭەكلىرىنى ئەكىلىپ ئوچاقتا ئىسستقاندەك ئىستتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۈمكىن ئەمەس ئىدى، چۇنكى ئۇلار تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنقى ئاچچىق شىۋىرغانلىق سوغۇق قار ئىچىدە قېپ قالغان ئىدى.شۇ يىلدىكى قىشتا مەن 14  ياشتا بولۇپ، كالا ھارۋىسنى ھەيدەپ قۇملۇققا ئوتۇن تەرگىلى باردىم، ئۇ چاغلاردا پۈتۈن يېزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا قۇملۇقتىكى سۆك -سۆك دەپ ئاتلىدىغان بىرخىل چاتقالنى ئوتۇن قىلىپ ئىشلىتىشەتتى، ھەممەيلەن توختىماي كېسىپ چېپىپ ئىشلىتىۋەرگەنلىكتىن يېقىن جايدىكى سۆك- سۆكلەر تۈگەپ، ئوتۇن تېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ يىراق جايغا بارمىساق بولمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئادەتتە   بىر ھارۋا ئوتۇن ئەكىلىش ئۈچۈن بىر كېچە كۈندۈز ۋاقىت كېتەتتى، ھەر قېتىم ئوتۇن تەرگىلى ماڭغىنىمدا ئاپام تۇن كېچىدە تۇرۇپ تاماق ئېتىپ، ماڭا يولدا يەيدىغان ئوزۇق -تۈلۈكلەرنى تەييارلاپ قوياتتى، بەزىدە داداممۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھارۋا قېتىشىپ بېرەتتى. شىۋىرغاننىڭ ئاچچىق سوغۇقىنى مەن ئاشۇ كېچىلەردىن باشلاپ بىلىپ يەتكەن ئىدىم.
ھارۋا بىلەن يېزىدىن چىقىشىمىزغىلا ئاچچىق سوغۇق ھەر تەرەپتىن يۇپۇرۇلۇپ كېلەتتى-دە، ئويدىن چىققاندىكى ئىللىقلىقنىڭ  ھەممىسى زەھەردەك سوغۇقنىڭ نەشتىرىدە يوق بولۇپ كېتەتتى. ئۇ كېچە باشقا كېچىلەردىكىدەك ئۇنچىۋالا قاتتىق سوغۇق ئەمەس بولۇپ ، مەن ئۆزۈم يالغۇز كالا ھارۋىسىنى ھەيدەپ قۇملۇققا قاراپ يولغا چىقتىم، ئىلگىرى يېزىدىن چىقىپلا يىراق- يېقىندىن كېلىۋاتقان   ھارۋىلارنىڭ قاردا ماڭغان ئاۋازلىرىنى، ھارۋا ھەيدەپ ماڭغانلارنىڭ كالا ھەيدەشلىرىنى غۇۋا ئاڭلاپ تۇرغىلى بولاتتى، ئەگەر تېزراق ماڭساق  كۈلرەڭلىك قىشنىڭ قارا كېچىسىدە سەپ بولۇپ كېتىۋاتقان ئوتۇن تەرگىلى ماڭغان ھارۋىلارغا يېتىشىۋالغىلى بولاتتى. ئۇنداق كېچىلەردە سوغۇق شامال يالغۇز مېنىلا ئەمەس  بەلكى  يېزىمىزدىن  ۋەياكى قوشنا يېزىلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەرنى بىراقلا سوقۇدىغان بولغانلىقتىن    ماڭا تونۇش ياكى ناتۇنۇش بىر توپ ھارۋىلار كېچە قاراڭغۇلىقىدىكى ئاچچىق شىۋىرغاننى ئاز تولا توسۇپ قالالايتى.
.ھالبۇكى بۇ قېتىم دەشتى چۆلنىڭ سوغۇق شامىلى  جان جەھلى بىلەن ماڭا تاقابىل تۇرماقچى بولغاندەك يالغۇز مېنىلا سوقاتتى. قارا كېچىنىڭ سوغۇق يولىدا مەن   ئاچچىق سوغۇقتىن قورقۇپ تېرە چۈۋامنىڭ ئىچىگە تۈگۈلۈپ كىرىپ ،مىدىر- سىدىرمۇ قىلماي ئولتۇراتتىم، ھەتتا ئاۋاز چىقارسام سوغۇقنىڭ نەشتىرى ھازىرقدىنمۇ بەكرەك كۈچىيىپ كېتىشىدىن قورقۇپ  ئاۋازىمنى ئۈنلۈكرەك چىقىرىپ كالىنى ھەيدەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتىم. ئاشۇ كېچىدىن باشلاپ مەن نەشتەردەك ئاچچىق سوغۇق شامالغا يولۇققاندا ئۆزۈمدە ئازغىنە بولسىمۇ ئىللىقلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ، ئۇنى ھەتتا ئۆزۈممۇ تاپالمايدىغان چوڭقۇر سىرلىق بىر  جايغا ئاز- ئازدىن يىغىپ   قوغداپ قېلىشنى، ئاندىن بۇ سىرلىق  يوشۇرۇن ئىللىقلىقنى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن  مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشۇمدا ئېھتىيات بىلەن ئاياپ ئىشلىتىشنىڭ قەدرىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم.
يېقىنلىرىم مېنى ناھايىتى سوغۇقنەپەس دىيىشىسىلەر، ئەمىلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مەن ئۆزەمدە قالغان ئازغىنە ئىللىقلىقنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە بەردىم.  
مەن ئۆزۈمچە يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە شىۋىرغاننىڭ ئۈشۈككى تېخى ئۆتمىدى، ئۇنى ئوت بىلەن ئىسىتىپ كېتەلەيمەن  دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن، بىراق نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنكى سوغۇق شامال يۈرۈكۈمنى سوقۇشقا باشلىغاندا ئاندىن ھەرقانچە قېلىن كىيىنىۋالسامۇ ھىچ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، ھاياتلىقتا ئەسلىدىن قىش مەۋجۇت بولۇپ  ئۇ ئاللىقاچان  كېلىپ بولغان ئىكەن.
تاڭ ئاتقاندا ھارۋىنى ھەيدەپ ئاخرى ئوتۇن بار جايغا يېتىپ كەلدىم. بىر پۈتۈم سوغۇقتا مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن بولۇپ ھىچنمىنى سەزمەيتتى، يەنە بىر پۇتۇم بىلەن ھارۋىدىن چۈشۈپ تاياققا تايىنىپ بىر مەھەل ھەركەت قىلىپ، ئوت يېقىپ خېلى ئۇزۇن قاقلانغاندىن كېيىن ناھايىتى تەستە يەنە بىر پۇتۇم بىلەن ماڭالايدىغان بولدۇم، لېكىن پۇتۇم  گويا يىڭنىنى بىرى كۈچەپ ئۇستىخنىمغا تىققاندەك شۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىدىكى-- مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئاچچىق ئاغرىقنى  ھىس قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن.بۇ ئاغرىق ئازابى كېيىنكى بارلىق قىش كۈنلىرى ۋە يازنىڭ سالقىن كۈنلىرىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى.
قاش قارايغاندا ھارۋاغا يېرىم ھارۋا ئوتۇن قاچىلاپ ئۆيگە قايتتىم، دادام كۆرۈپلا :-<< ئاران مۇشۇنچىلىك ئوتۇن ئەكەلدىڭمۇ، ئىككى كۈنگىمۇ يەتمىگۈدەك>> دىدى، مەن ئۈن چىقمىدىم، ئۆيدىكىلەرگىمۇ پۇتۇم ئۈششۈپ قالغان ئىشنى ئېيتىمىدىم، ئۇزۇنغا قالماي ئىسسىپ قالارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ناۋادا ئاشۇ يىلقى قىش سەل قىسقا بولغان بولسا، ئۆيىمىزدىكى مەش بەكرەك ئىسسىغان بولسا، ياكى پۇتۇمنىڭ ئىشىغا ئوبدانراق كۆڭۈل بۆلگەن بولسام بەلكىم ئىسسىپمۇ قالار بولغىيدىم. ئەمدىلىكتە بۇ مۈمكىن بولمايتى، قانچىلىغان پەسىللەردىن كېيىنكى بۇ كېچىدە  مەش يېنىدا ئولتۇرغىنىم بىلەنمۇ ئاشۇ يىراق قارا  قىشتا قالغان تېنىمنى ھەرقانچە قىېلىپمۇ ئىسسىتقىلى بولمايتى؛ مەكتەپكە كېتىۋتىپ مۇز ئورىغا چۈشۈپ كەتكەنلىرىم... پۈتۈن بەدىنىم مۇز ھالدا .يۈگۈرۈپ قايتىپ  كېلىپ، توڭلاپ قېىتىپ كەتكەن پۇتلىرىمنى يەرگە ئۇرۇپ ،قۇلاقلىرىمىنى چڭ  ئېتىپ. ئىشىك تۈۋىدە تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەنلىرىم... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى  ئەمدى بولغاندا ئىللىق مەش  يېنىغا چاقىرىپ كەلگىلى بولمايتى.
بۇ يىل قىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئوتۇن تەييارلىۋالغان ئىدىم. ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ قىشتىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتىمەن دەپ ئويلايتىم. بىراق مېنىڭچە چوقۇم ئەتراپىمدا  بەزىلەر قىشتىن ماڭا ئوخشاش ئۆتۈپ كېتەلمەي، قىش بىلەن تەڭ قېپ قالاتتى، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قىش ھەمىشە بىر ئادەمنى ئاز ئازدىن ئاخىرى تولۇق توڭلىتىپ قوياتتى...
قىشنىڭ سوغۇق شامىلى  ئاۋال بىرەر پۇتنى، بىرەر ئۇستىخاننى توڭلىتىپ ، چىراي ئىپادىسى، روھى ھالەتتىن ئاخىرى پۈتكۈل ھاياتقا ئۆتۈپ باراتتى...
زىمىستان سوغۇق بولغان بىر كۈنى سەھەردە پۈتۈن تېنى مۇز بىلەن قاپلانغان يولىچىنى ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىپ ئۇنىڭغا بىر پىيالە ئىسسىق چاي سۇندۇم، بۇ بىر ياشىنىپ قالغان كىشى بولۇپ، نۇرغۇن قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇق كەچمىشلىرى بۇ كىشىنىڭ  ئۈستى بېشىدىن تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ھەتتاكى مەشتىكى ئوت يالقۇنلىرىمۇ ماڭا تاتىرىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ سورىمىدىم، مەشنىڭ ئۇ ئولتۇرغان تەرىپىدىن بۇ   كىشىنىڭ ئىچ –ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن شىۋىرغان پۇراقلىرى پۇرايتى.ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، بەلكىم سۆزلىرىمۇ سوغۇقتا توڭلاپ قېتىپ كەتكەندۇ، بىردەمدىن كېيىن ئېرىپ ئاندىن ئەسلىگە كېلەر دەپ ئويلىدىم، ئالاھىزەل بىرەر سائەتلەردىن كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا باش لىڭشىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئىسىسپ بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئاڭلىسام يېزىمىزنىڭ غەربىدە بىرەيلەن توڭلاپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ، بېرىپ قارىسام   ياشانغان كىشى ئىكەن، يۈزىنىڭ يېرىمى قاردا كۆمۈلۈپ قاپتۇ، بۇ مېنىڭ توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان كىشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى،، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتى. مېنىڭچە بولغاندا  ئۇنىڭ ھاياتىدا چوقۇم بىز كۆرۈپ يېتەلمەيدىغان ئازغىنە بولسىمۇ ئىللىقلىق يوشۇرۇنچە ساقلىنىپ قالغان بولىشى مۈمكىن،   بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جان تىركەشكەندىكى ئاجىز ئىڭراشلىرىنى ئاڭلاشقا بىز قادىر بولالمايمىز.
ئۇ ياشانغان  كىشىنى ئۆلدى، تەل- تۆكۈس توڭلاپ قېتىپ كەتتى دىيىشتى. شۇنداق ئىكەن ئۇنىڭدا قانداقسىگە ئازراق ئىللىقلىق ساقلىنىپ قالغان بولسۇن؟  ھەم بۇ ئىللىقلىق نىمىگە تايىنىپ ساقلىنىپ قالىدۇ دەيسىز؟!..   يىرتلىپ تۆشۈك ئېچىلىپ ، پاختىلىرى تېشىغا چقىپ قالغان كونا پاختىلىق چاپان  ياكى ئاستى ئۇپراپ تېشىلىپ بىر تەرىپى ئېىچلىپ قالغان كونا ئاياق  ۋ ە ياكى سوغۇقلۇقتا قانچىلغان قىشلارنىڭ زەھەردەك ئاچچىق سوغۇقلىرىدنمۇ بېسىپ چۈشىدىغان ئاشۇ   سوغۇق  قەلبى ئازغىنە ئىللىقلىقنى ساقلاپ قالالايتىمۇ؟... بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىگە ياغقان قار ئىزناسىنىڭ ھەممىسىنى بىز بىر جۈپ كۆزىمىزگە تايىنىپ كۆرۈپ يېتەلەيمىزمۇ؟
ھەممە ئادەم ئۆز ھاياتىدىكى  قىشتىن  يەككە يىگانە ئۆتۈشكە مەجبۇردۇر، بىز ھىچكىمگە ياردەم بېرىپ بولالمايمىز، مەن ئۇ كىشىگە ئاتا قىلغان كىچىككىنە مەشتىكى ئوت يالقۇنى  بەلكىم بىر ئۆمۈر نامراتلىقتا ئۆتكەن بۇ كىشى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن غايەت زور  قارا سوغۇق ئالدىدا  گوياكى تۆگىنى چۆچەكتە سۇغارغاندەكلا ئىش  ئىدى.
مېنىڭ بىر كىچىك ئاپام بولىدىغان  ئۇ دەريانىڭ يەنە بىر قېتىدىكى يېزىدا تۇراتتى، نۇرغۇن يىللار ئاۋالقى ئاشۇ قىشلاردا ئاكا-ئۇكا بىرقانچىمىز   مۇز توڭلاپ كەتكەن دەريادىن بېسىپ ئۆتۈپ ئۇنى يوقلاپ باراتتۇق، قايتىشىمىزدا ئۇ ھەمىشە  : ھاۋا ئىسسىغاندا ئاپاڭلار كېلپ ئولتۇرۇپ كەتسۇن . دىگەن سۆزنى تەكرارلايتى. ئۇ كېسەلچان بولۇپ دائىم قىشتىن ئۆتەلمەسلىكىدن ئەندىشە قىلاتتى، شۇڭا ھاۋا سوۋۇغان ھامان پاكار كەپىسىدىن چىقماي مەش بېشىدا باھارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ كۈن ئۆتكۈزەتتى.
ئادەم قېرىغانچە باھارغا شۇنچىلىك ئىنتىزار بولىدىكەن، گەرچە باھار كېلىپ  بىرەر تال يوپۇرماق ياكى گۈل بەرگى ئاتا قىلمغان تەقدىردىمۇ پەقەت باھارنىڭ قەدىمى زىمىن قوينىغا قەدەم قويسا، باشقىلارنىڭ ھاياتىغا ئاياق باسسىمۇ  كىشى يەنىلا  شىۋىرغان دەستىدىن   باھارغا   ئىنتىزار بولىدىكەن.كىچىك ئاپامنىڭ بۇ گېپىنى ھەر قېتىم ئۇنتۇپ قالماي ئاپامغا يەتكۈزەتتىم. ئاپام ماڭا قاراپ قويۇپ ئۆز ئىشى بىلەن ھەلەك بولاتتى.ئاپام قىشنى ئۆزى يالغۇز ئەمەس بەلكى 5، 6 چۆچۈرىدەك ئۇششاق باللىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزەتتى، بىزنى قىشتىن ئامان ئېسەن ئۆتكۈزۈش  ۋە بىرەرسىمىمىزگىمۇ سوغۇق ئۆتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشاتتى ھەم ئۇمۇ گوياكى كىچىك ئاپامغا ئوخشاش باھارنى زارىقىپ كۈتەتتى.
ھاۋا ئىللىشقا باشلىغاندا ئاپام بىزنى ئېلىپ دەريادىن ئۆتۈپ قارشى قىرغاقتىكى ئۇ يېزىغا كىچىك ئاپامنى كۆرگىلى باراتتى، كىچىك ئاپاممۇ قىش بويىچە چىقماي ياتقان توپا كەپىدىن چىقىپ ھويلىدىكى ئىللىق ئاپتاپ نۇرىدا بىز بىلەن خوشال ئولتۇرۇپ مۇڭدىشاتتى، شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغلاردا كىچىك ئاپام دائىم:---< كۈن  پەقەتلا ئىسسىمىدى  دەيدىغان>،  دەرۋەقە ئۇنىڭ دىگىنىدەك بىز زارىقىپ كۈتكەن ئاشۇ باھار   كەلمەيلا قويدى.
كىچىك ئاپام كېتىپ قېلىپ بىرقانچە يىللاردىن كېيىنكى مەلۇم  قىشتا چاغاننى ئۆتكۈزگىلى ئۆيگە قايتتىم، ئېسىمدە تۇرۇپتۇ --ئۇ چاغاننىڭ 4-كۈنى بولۇپ، ئاپامغا ھەمرا بولۇپ   ئېرىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قارلىق يوللارنى بويلاپ ماڭدىم، يولدا ماڭغاچ ئاپام  ماڭا : كىچىك ئاپاڭ تۈگەپ كەتتى دىدى. ئۇ بۇ گەپنى دىگەندە گويا ئۇ ئولۇم بىلەن ئالاقىسى يوق بىر ئىشنى سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
قانداق بولۇپ تۈگەپ كەتتى_ مەن مۇنداقلا سورىدىم.
ئاپام سۇئالىمغا جاۋاپ بەردىمىدى، پەقەت: ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا چوڭ ئاكاڭ  بىلەن ئۇكاڭ بېرىپ ياردەملەشتى دەپ جاۋاپ بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن بىز خېلى بىرۋاقىتقىچە پاراڭلاشماي ئۇن-تۇنسىز ماڭدۇق، ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئاپام توساتتىن: ھاۋا ئىسسىپتۇ دىدى. بېىشمنى كۆتۈرۈپ ئاپامغا قارىدىم.  ئۇ ھەقىقەتەن ئىسسىغاندەك قىلاتتى ،   بەلكىم پىيادە  خېلى ماڭغانلىقىمىز  ياكى ھاۋا راسلا ئىسسىغانلىقى سەۋەپ  بولسا كېرەك.مانا ئەمدى ئاپام ئۈچۈن    قىش كېتىپ ھاۋا ئىللىشقا  باشلىغان ئىدى.
‹‹شۇەن شۈەن، قارىغىنا جاھان ئىللىشقا باشلىدى›› ھاممامنىڭ بۇ گېپىنى يەنە ئ ەسلەپ قالدىم، بىراق بۇ قېىتملىق ئىللىق باھار ھاممامغا تەۋە  بولمىدى، گەرچە ئۇ نۇرغۇنلىغان زىمىستان قىشلارغا بەرداش بەرگەن   بولسىمۇ بۇ قىشتىن چىقالمىغان ئىدى. بوۋام موماملارمۇ ئېسىمدە قېلىشىچە نەچچە يىل بۇرۇن قىشتىن چىقالمىغان ئىدى، ھازىر پەقەت ئاپاملا ھايات تۇرىۋاتىدۇ. تۇرۇپ مۇنۇلارنى ئويلاپ قالدىم، بۇ دۇنيادا يېقىن ئۇرۇق –تۇغقانلىرىمىز بارغانسېرى ئازلاپ بارىدىكەن.
مەيلى ئىسسىق ياكى زىمىستان سوغۇق بولسۇن ھەممىمىز دائىم ئاپامنى  يوقلاپ كېلىپ تۇرايلى – دىدىم  ئۆز- ئۆزۈمگە شىۋىرلاپ .
ئاپام 7 بالىنى قاتارغا قوشۇپ بولغىچە  ئۆزى قېرىپ كەتكەن ئىدى، 7 بالا ئەمدىلىكتە چوڭ بولۇپ بويلىرىمىز ئۆستى، بەلكىم ئاپام ئۈچۈن ئازغىنە سوغۇقنى توسۇشقا بولسىمۇ دال بولالارمىز. ھەر قېتىم بىز قېرىنداشلار ئويگە  جەم بولغىنىمىزدا ئۆي ئىچى قىزغىن كەيپىياتقا تولۇپ، خوشاللىقتىن ئاپامنىڭ چېھرىدە كۈلكە چاقناپ كېتەتتى.
شۇغۇنىسى ئاپامنىڭ ئاق سانجىغان چېكە چاچلىرىغا قاراپ ئاپام ئۈچۈن قىش پەسلى  يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلاتتىم. بىلىپ تۇرۇپتىمەن:ـ-  ئەگەر شۇ كۈن كېلىپ قالسا توزىغان سوغۇق قار گۈللىرى، توڭلىغان مۇز- قىرولار ھەرگىزمۇ ئېرىمەيدۇ،  ئەگەر شۇ كۈن كېلىپ قالسا   ھەرقانچە ئىللىق باھارمۇ،  بالىلارنىڭ چەكسىز ۋاپادارلىقى مېھرى-مۇھەببىتىمۇ كار قىلمايدىغانلىقى ئېنىق.
30 يىللىق ھايات مۇساپىسىدىن مەن  قارا قىشنىڭ تەنھالىقىدا  ئاپامنىڭ يۈرىكىنى توڭلاتقان   ئاچچىق سوغۇقنى ھىس قىلىپ يەتكۈدەك بولغان بولساممۇ ئەمما بۇنىڭغا ئامالسىز ئىدىم.
قار تېخىمۇ قاتتىق يېغىشقا باشلىدى.
ئوچاققا يېقىن  ئولتۇرۇپ  ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھايات مۇساپەمدىكى مەلۇم بىر پەيتنى ئىللىتماق بولدۇم،شۇغۇنىسى يىراق قىرلاردىكى سوغۇق قارنىڭ ئاچچىق شامىلى مەن ئىللىتماقچى بولغان بۇ پەيتتىن   ئۆزگە يىللاردىكى ھايات مۇساپەم ۋە  سۈيۈملۈك يېقىنلىرىمنىڭ يىللار ئىزناسىنى  ئۇچۇرتۇپ يۈرمەكتە...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 13:08:56

كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقتىم، بەزى جۈملىلىرىڭىز باغلاشمىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا،  راۋان ھەم راھەت تەرجىمە بوپتۇ دەپ ئويلۇدۇم.
مۇمكىن بولسا ئاپتۇرنى بىر تۇنۇشتۇرۋەتمەمسىز، بۇ ئەسىرىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:21:50

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 13:08 static/image/common/back.gif
كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقتىم، بەزى جۈملىلىرىڭىز باغلاشمىغ ...

كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈپ سەمىمىي تەنقىد بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، قايسى جۈملىلەرنى باغلاشمىغاندەك ھىس قىلدىڭىز، بۇ ئاپتۇرنىڭ 寒风吹切 ناملىق نەسىرى، بۇ نەسىرنى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان بىر خەن يولداش تەۋسىيە قىلغان ئىدى، تەرجىمە قىلىش جەريانىدا نەسىر ئىچىگە يوشۇرۇنغان چوڭقۇرلۇقنى ھىس قىلغان ئىدىم، ماڭا تەۋسىيەقىلغۇچى يولداش بۇ ئەسەر ماڭا بەك تەسىر قىلغان ھەجمىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس دىگەن ئىدى، بۇنى تەرجىمە قىلغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، بۈگۈن مۇنبەرگە يوللىدىم، پىكرىڭىز بويىچە ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تارىخنى بەيدۇدىن ئىزدەپ قىسقىچىلا تەرجىمە قىپ قويدۇم:


لىيۇ لىياڭ چېڭ 1962-يىلى شىنجاڭ قۇربان تۇڭغۇت قۇملىقىنىڭ يېنىدىكى بىز كىچىك يېزىدا دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ‹سېرىق توپىلىقتىكى قۇياش نۇرى› ناملىق شېئىرلار توپلىمى،‹ شامالدا قالغان قورۇ ›،>تەنھا كىشىنىڭ كەنتى› ،‹ كۇچار› قاتارلىق نەسىرلەر توپىلىمى بار بولۇپ, سوغۇق شامال ناملىق بۇ نەسىر ئۇنىڭ تىپىك ۋەكىللىك ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ، ئۇ 20-ئەسىردىكى جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى نەسىرچى ۋە ‹ يېزا پەيلاسوپى › دەپ نام ئالغان.  
بۇ كىشى ئاساسەن شىنجاڭنى، ۋە شىنجاڭدىكى يېزا قىشلىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ ئەسەر يازغان ئىكەن.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:44:35

سالام شەھلا! ئەسەرنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈپ تەنقىدىي پىكىر بەرگىنىڭزگە رەھمەت! ئەسەرنىڭ خەنچدىكى ئەسلى نامى 寒风吹切 ، ئەسەرنى نەچچە ئوقۇپ ئىچىدىكى چوڭقۇرلۇقنى ھىس قىلغان ئىدىم، نەچچە يىل ئىلگىرى  ئۆزۈم تونشىدىغان بىر خەن يازغۇچىغا ئۆزۈڭگە بەكرەك يارايدىغان، ھەجرىمى بەكمۇ چوڭ ئەمەس ، جەمئىيەتتە تەسىرى بار ئەسەر بولسا تەۋسىيە قىلساڭ دىسەم ، ئۇ مۇشۇ ئەسەرنى تەۋسىيە قىپتىكەن، تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ قويغىلى خېلى ۋاقىت بولغان، بىراق مۇنبەرگە بۈگۈن يوللىدىم، سىزچە قايسى جۈملىلەر باغلاشمىغاندەك قىلىدۇ، مەن يەنە بىر سېلىشۇرۇپ كۆرەي.
تۆۋەندە ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرشىنى توردىن ئىزدەپ ئىخچاملاپ تەرجىمە قىپ قويدۇم.
لىيۇ لىياڭ چېڭ 1962-يىلى شىنجاڭ قۇربان تۇڭغۇت قۇملىقىنىڭ يېنىدىكى بىز كىچىك يېزىدا دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ‹سېرىق توپىلىقتىكى قۇياش نۇرى› ناملىق شېئىرلار توپلىمى،‹ شامالدا قالغان قورۇ ›،>تەنھا كىشىنىڭ كەنتى› ،‹ كۇچار› قاتارلىق نەسىرلەر توپىلىمى بار بولۇپ, سوغۇق شامال ناملىق بۇ نەسىر ئۇنىڭ تىپىك ۋەكىللىك ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ، ئۇ 20-ئەسىردىكى جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى نەسىرچى ۋە ‹ يېزا پەيلاسوپى › دەپ نام ئالغان.  

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:44:54

ئازراق بىكار ۋاقتىم باردەك قىلىدۇ، جۈملىنىڭ باغلاشماسلىقى خېلى ئېغىردەك بىلىندى، مەن بايقىغىنىم بۇيۇنچە سىزنىڭ تەرجىمىڭىزنى ئوڭشاپ باقاي، لېكىنغۇ مەنمۇ تايىنلىق، شۇنداق بولسىمۇ تەڭ ئۈگەنمەمدۇق-ھە!
لېكىن نەسىرنىڭ ھېسسىي چوڭقۇرلىقىغا مەھلىيا بولۇپ قالدىم، كۆز  ئالدىمغا كېلىۋاتقان مەنزىرىلەر، ھەم بىر ھەقىقەت نەپىسىمنى بۇغدى.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:45:13

ھازىر ئىنكاسمۇ تەستىقتىن ئۆتىدىغان بوپ قالدىمۇ؟ نەچچە ئىنكاس يازسام ئۆتمەيدىيا :o

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:47:26

قار لەپىلدەپ چۈشۈشكە باشلىدى،ئاشۇ يىللاردىمۇ قار مۇشۇنداق ياغقان ئىدى، لېكىن ئەمدى بۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەس بولۇپ قالغان ئىدىم،چۈنكى  30 ياشقا كىرگەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدا قار ياغقاندىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىشلار بولىۋاتاتتى،     قىشنىڭ كېلىشى بىلەن كارىم بولمىغاندەك قىلساممۇ،  يۈرۈكىم  يەنىلا  قارنىڭ لەپىلدەپ يەر يۈزىگە چۈشكەن  تىۋىشلىرىغا قۇلاق سېلىۋاتقاندەك،   ئاپپاق قار گۈللىرىنىڭ ئۈن تۈنسىز ھالدا سەھرايى كەبىردىكى ئېتىز ئېرىقلارنى ئاق لىباسقا چۆمكىشىنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئوچاق بېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ھاياتلىقىمدىكى  ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆمۈر مۇساپەمنىڭ مەلۇم بىر دەقىقىلىرىنى ئىللىتماقچى بولدۇم.بۇ دەقىقىلەردىن باشقا بارلىق ھاياتلىق دەقىقىلىرىم، ھەتتاكى ئۇرۇق تۇغقان قېرىنداشلىرىمىنىڭ ئۆمۈر  دەقىقىلىرىمۇ ئۆيۈمدىن يىراقتا قالغان ئاشۇ قاتتىق قارنىڭ سوغۇق شامىلىدا  تىترىمەكتە ئىدى.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:47:29

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 14:44 static/image/common/back.gif
ئازراق بىكار ۋاقتىم باردەك قىلىدۇ، جۈملىنىڭ باغلاشماس ...

ياخشى گەپ بولدى، خەنچىنى يوللاپ بېرەي، سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ ئەمىسە.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:57:08

ئەمدى ياخشى بولدى، ئەسلىسىنى چاپلىۋىلىپ ئولتۇرۇپ ياسايلى ھە مانى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:57:16

寒风吹彻
散文作者: 刘亮程  -新疆有著名的作家, 他的散文《今生今世的证据》以及《寒风吹彻.》等散文纳入高二语文课本(2012苏教版)里
  
雪落在那些年雪落过的地方,我已经不注意它们了。比落雪更重要的事情开始降临到生活中。三十岁的我,似乎对这个冬天的来临漠不关心,却又好像一直在倾听落雪的声音,期待着又一场雪俏无声息地覆盖村庄和田野
  我静坐在屋子里,火炉上烤着几片馍馍,一小碟咸菜放在炉旁的木凳上,屋里光线暗淡。许久以后我还记起我在这样的一个雪天,围抱火炉,吃咸菜啃馍馍想着一些人和事情,想得深远而入神。柴禾在炉中啪啪地燃烧着,炉火通红,我的手和脸都烤得发烫了,脊背却依旧凉飕飕的。寒风正从我看不见的一道门缝吹进来。冬天又一次来到村里,来到我的家。我把怕冻的东西一一搬进屋子,糊好窗户,挂上去年冬天的棉门帘,寒风还是进来了。它比我更熟悉墙上的每一道细微裂缝。
  就在前一天,我似乎已经预感到大雪来临。我劈好足够烧半个月的柴禾,整齐地码在窗台下;把院子扫得干干净净,无意中像在迎接一位久违的贵宾--把生活中的一些事情扫到一边,腾出干净的一片地方来让雪落下。下午我还走出村子,到田野里转了一圈。我没顾上割回来的一地葵花秆,将在大雪中站一个冬天。每年下雪之前,都会发现有一两件顾不上干完的事而被搁一个冬天。冬天,有多少人放下一年的事情,像我一样用自己那只冰手,从头到尾地抚摸自己的一生。
  屋子里更暗了,我看不见雪。但我知道雪在落,漫天地落。落在房顶和柴垛上,落在扫干净的院子里,落在远远近近的路上。我要等雪落定了再出去。我再不像以往,每逢第一场雪,都会怀着莫名的兴奋,站在屋檐下观看好一阵,或光着头钻进大雪中,好像有意要让雪知道世上有我这样一个人,却不知道寒冷早已盯住了我活蹦乱跳的年轻生命。
  经过许多个冬天之后,我才渐渐明白自己再躲不过雪,无论我蜷缩在屋子里,还是远在冬天的另一个地方,纷纷扬扬的雪,都会落在我正经历的一段岁月里。当一个人的岁月像荒野一样敞开时,他便再无法照管好自己。
  就像现在,我紧围着火炉,努力想烤热自己。我的一根骨头,却露在屋外的寒风中,隐隐作疼。那是我多年前冻坏的一根骨头,我再不能像捡一根牛骨头一样,把它捡回到火炉旁烤热。它永远地冻坏在那段天亮前的雪路上了。那个冬天我十四岁,赶着牛车去沙漠里拉柴禾。那时一村人都是靠长在沙漠里的一种叫梭梭的灌木取暖过冬。因为不断砍挖,有柴禾的地方越来越远。往往要用一天半夜时间才能拉回一车柴禾。每次拉柴禾,都是母亲半夜起来做好饭,装好水和馍馍,然后叫醒我。有时父亲也会起来帮我套好车。我对寒冷的认识是从那些夜晚开始的。
  牛车一走出村子,寒冷便从四面八方拥围而来,把你从家里带出的那点温暖搜刮得;干二净,让你浑身上下只剩下寒冷。
  那个夜晚并不比其他夜晚更冷。
  只是这次,是我一个人赶着牛车进沙漠。以往牛车一出村,就会听到远远近近的雪路上其他牛车的走动声,赶车人隐约的吆喝声。只要紧赶一阵路,便会追上一辆或好几辆去拉柴的牛车,一长串,缓行在铅灰色的冬夜里。那种夜晚天再冷也不觉得。因为寒风在吹好几个人,同村的、邻村的、认识和不认识的好几架牛车在这条夜路上抵挡着寒冷。
  而这次,一野的寒风吹着我一个人。似乎寒冷把其他一切都收拾掉了。现在全部地对付我。
  我掖着羊皮大衣,一动不动趴在牛车里,不敢大声吆喝牛,免得让更多的寒冷发现我。从那个夜晚我懂得了隐藏温暖--在凛冽的寒风中,身体中那点温暖正一步步退守到一个隐秘的有时连我自己都难以找到的深远处--我把这点隐深的温暖节俭地用于此后多年的爱情生活。我的亲人们说我是个很冷的人,不是的,我把仅有的温暖全给了你们。
  许多年后有一股寒风,从我自以为火热温暖的从未被寒冷浸入的内心深处阵阵袭来时,我才发现穿再厚的棉衣也没用了。生命本身有一个冬天,它已经来临。
  天亮时,牛车终于到达有柴禾的地方。我的一条腿却被冻僵了,失去了感觉。我试探着用另一条腿跳下车,拄着一根柴禾棒活动了一阵,又点了一堆火烤了一会儿,勉强可以行走了。腿上的一块骨头却生疼起来,是我从未体验过的一种疼,像一根根针刺在骨头上又狠命往骨髓里钻--这种疼感一直延续到以后所有的冬天以及夏季里阴冷的日子。
  天快黑时,我装着半车柴禾回到家里,父亲一见就问我:怎么拉了这点柴,不够两天烧的。我没吭声,也没向家里说腿冻坏的事。
  我想很快会暖和过来。
  那个冬天要是稍短些;家里的火炉要是稍旺些,我要是稍把这条腿当回事些,或许我能暖和过来。可是现在不行了。隔着多少个季节,今夜的我,围抱火炉,再也暖不热那个遥远冬天的我;那个在上学路上不慎掉进冰窟窿,浑身是冰往回跑的我;那个跺着冻僵的双脚,捂着耳朵在一扇门外焦急等待的我......我再不能把他们唤回到这个温暖的火炉旁。我准备了许多柴禾,是准备给这个冬天的。我才三十岁,肯定能走过冬天。
  但在我周围,肯定有个别人不能像我一样度过冬天。他们被留住了。冬天总是一年一年地弄冷一个人,先是一条腿、一块骨头、一副表情、一种心情......尔后整个人生。
  我曾在一个寒冷的早晨,把一个浑身结满冰霜的路人让进屋子,给他倒了一杯热茶。那是个上了年纪的人,身上带着许多冬天的寒冷,当他坐在我的火炉旁时,炉火须臾间变得苍白。我没有问他的名字,在火炉的另一边,我感到迎面逼来的一个老人的透骨寒气。
  他一句话不说。我想他的话肯定全冻硬了,得过一阵才能化开。
  大约坐了半个时辰,他站起来,朝我点了一下头,开门走了。我以为他暖和过来了。
  第二天下午,听人说村西边冻死了一个人。我跑过去,看见这个上了年纪的人躺在路边,半边脸埋在雪中。
  我第一次看到一个人被冻死。
  我不敢相信他已经死了。他的生命中肯定还深藏着一点温暖,只是我们看不见。一个最后的微弱挣扎我们看不见。呼唤和呻吟我们听不见。
  我们认为他死了;彻底地冻僵了。
  他的身上怎么能留住一点点温暖呢?靠什么去留住。他的烂了几个洞、棉花露在外面的旧棉衣?底磨得快透了一边帮已经脱落的那双鞋?还有他的比多少个冬天加起来还要寒冷的心境?......
  落在一个人一生中的雪,我们不能全部看见。每个人都在自己的生命中,孤独地过冬。我们帮不了谁。我的一小炉火,对这个贫寒一生的人来说,显然杯水车薪。他的寒冷太巨大。
  我有一个姑妈,住在河那边的村庄里,许多年前的那些个冬天,我们兄弟几个常手牵手走过封冻的河去看望她。每次临别前,姑妈总要说一句:天热了让你妈过来喧喧。
  姑妈年老多病,她总担心自己过不了冬天。天一冷她便足不出户,偎在一间矮土屋里,抱着火炉,等待春天来临。
  一个人老的时候,是那么渴望春天来临。尽管春天来了她没有一片要抽芽的叶子,没有半瓣要开放的花朵。春天只是来到大地上,来到别人的生命中。但她还是渴望春天,她害怕寒冷。
  我一直没有忘记姑妈的这句话,也不只一次地把它转告给母亲。母亲只是望望我,又忙着做她的活。母亲不是一个人在过冬,她有五六个没长大的孩子,她要拉扯着他们度过冬天,不让一个孩子受冷。她和姑妈一样期盼着春天。
  ......天热了,母亲会带着我们,越过河,到对岸的村于里看望姑妈。姑妈也会走出蜗居一冬的土屋,在院子里晒着暖暖的太阳和我们说说笑笑......多少年过去了,我仍一直没有等到这个春天。好像姑妈那句话中的"天"一直没有热。
  姑妈死在几年后的一个冬天。我回家过年,记得是大年初四,我陪着母亲沿一条即将解冻的马路往回走。母亲在那段路上告诉我姑妈去世的事。她说:"你姑妈死掉了。"
  母亲说得那么平淡,像在说一件跟死亡无关的事情。
  "咋死的?"我似乎问得更平淡。
  母亲没有直接回答我。她只是说:"你大哥和你弟弟过去帮助料理了后事。"
  此后的好一阵,我们再没说这事,只顾静静地走路。快到家门口时,母亲说了句:天热了。
  我抬头看了看母亲,她的身上正冒着热气,或许是走路的缘故,不过天气真的转热了。对母亲来说,这个冬天已经过去了。"
  "天热了过来喧喧。"我又想起姑妈的这句话。这个春天再不属于姑妈了。她熬过了许多个冬天还是被这个冬天留住了。我想起爷爷奶奶也是分别死在几年前的冬天。母亲还活着。我们在世上的亲人会越来越少。我告诉自己,不管天冷天热,我们都要常过来和母亲坐坐。
  母亲拉扯大她的七个儿女。她老了。我们长高长大的七个儿女,或许能为母亲挡住一丝的寒冷。每当儿女们回到家里,母亲都会特别高兴,家里也顿时平添热闹的气氛。
  但母亲斑白的双鬃分明让我感到她一个人的冬天已经来临,那些雪开始不退、冰霜开始不融化--无论春天来了,还是儿女们的孝心和温暖备至。
  隔着三十年这样的人生距离,我感觉着母亲独自在冬天的透心寒冷。我无能为力。
  雪越下越大。天彻底黑透了。
  我围抱着火炉,烤热漫长一生的一个时刻。我知道这一时刻之外,我其余的岁月,我的亲人们的岁月、远在屋外的大雪中,被寒风吹彻

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 14:59:59

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 14:57 static/image/common/back.gif
寒风吹彻
散文作者: 刘亮程  -新疆有著名的作家, 他的散文《今生今世的证据》以及《寒风吹彻.》等散文纳 ...

بىر بىرلەپ كېلىدىغان بولدۇق دە ئەمدى! مەن ھازىرلاندىم

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 15:41:53

ئىشىم چىقىپ قالدى، لېكىن ئىسىل نەسىردىن ھوزۇرلاندۇرغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.:lol

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 16:14:13

:o

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 17:20:02

choice يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 16:14 static/image/common/back.gif


ئەجەپلەنمەڭ ، بۇ شۇنداق زامانكى ، تەرىتى بوش بولۇپ قالسا ئىشى چىقىپ قالىدىغان زامان . ھەرگىزمۇ مەن قىلالمىغىدەكمەن دىگەن گەپ چىقمايدۇ ...
ئاھ ! ئاشۇ كەمتەر پېتى ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنى سېغىندىم !

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 10:34:51

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 17:20 static/image/common/back.gif
ئەجەپلەنمەڭ ، بۇ شۇنداق زامانكى ، تەرىتى بوش بولۇپ قا ...

نىمە دەي ئەمدى؟ ئەسلى شەھلانىڭ تەرىتى بوش ئەمەس، بۇنىسى ماڭا ئايان،مۇنبەر يۈزىدە بىۋاستە ئۇدۇل تەنقىد قىلىشنى توغرا كۆرمىدى بولغاي، بەلكىم كۆڭلۈمنى ئاياپ قالغاندۇ، ۋە بەلكىم ئاخىرىنى مۇنبەرداشلارغا ، كۆپچىلىككە قويۇپ بەرگەندۇ، ئىزدىنىش ھەممەيلەننىڭ تەڭ ئىزدىنىدىغان ئۆگۈنىدىغان سورۇنى ، شۇڭا مەن بۇ يەرنى كۈندە نەچچە مارايمەن:P
بەت: [1]
: سوغۇق شامال( تەرجىمە ئەسەر)