aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 22:25:19

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى (1)

          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىمىز ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بۇ مۇنازىرە مۇنبىرىدە، بىر بىرىمىزنىڭ تىما-ئىنكاسلىرىمىز ئۈستىدە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىۋاتىمىز.ئەلۋەتتە، بۇ مۇنازىرە سۇپىسى بولغىنى ئۈچۈن، مۇنازىرە جەريانىدا ئاتا بوۋىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن، قىممەتلىك، مەنىسى چوڭقۇرماقالە-تەمسىللەرنى دەلىل كەلتۈرۈشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز، بەزىلىرىمىز ئۆزىمىز دەلىل كەلتۈرگەن شۇ ئاتىلار ھىكىمىتىنىڭمەنىسىنىمۇ ئىيتىپ بىرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، شۇڭا مەن بۈگۈن، ئۆزۈم ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتقان،<ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىۋە ئۇنىڭ مەنىسى> دىگەن، شۇ ئاتىلار سۆزىنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلگەن كىتاپتىن، ئازراق ئۈزۈندىلەر تەييارلىغانىدىم، ياقتۇرغايسىلەر.


بىرىنجى بۆلەك


<ۋەتەن، ئەل-يۇرىت ھەققىدە>


(1)ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس.
مەنىسى: بۇ، ۋەتەندە تىنىچ-ئىتىپاقلىق مۇھىتى بولغاندىلا كىشىلەر شاد-خۇرام، بەخىتلىك تۇرمۇش شارائىتىغا ئىرىشەلەيدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

(2)ئەل بار يەردە ئەر بار
مەنىسى: بۇ، خەلىق ئارىسىدىن نى-نى ئالىيجاناپ، پەزىلەتلىك، قەيسەر، باتۇر ئادەملەر چىقىدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(3)ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي
مەنىسى: بۇ، ھەر ۋاقىت ھەممە ئىشتا ئاممىدىن ئايرىلماي، جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ جامائەت بىلەن بىللە بولۇش لازىم، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(4)ئەل قوزغالسا تەخىت قوزغىلار
مەنىسى: بۇ، قەيەردە زۇلۇم كۆپەيسە، شۇ يەردە قارشىلىق كۈچىيدۇ، خەلىق ئىتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتكە كىلىپ كۆرەش قىلسا، مۇقەرەر ھالدا غەلبە قىلىدۇ، دىگەن مەنىنىبىلدۈردۇ.

(5)ئەلگە باققان خار بولماس
مەنىسى: بۇ، ھەر كىم يۇرتىنى، خەلىقىنى سۆيۈپ، بارلىقىنى خەلىقىگە بىغىشلاپ، ئىتىپاقلىقنى قوغدىغاندىلا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىرىشىپ، قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشايدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(6)ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك
مەنىسى: بۇ، خەلىقنىڭ ھىممىتى، مىھرى-شەپقىتى زور بايلىق، خەلىق دوستقا، سەمىمى، ئاقكۆڭۈل ئادەمگە قوينىنى كەڭ ئىچىپ، ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، غەمخورلۇقنى ئايىمايدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(7)ئەل رەھمىتى خۇدا رەھمىتى
مەنىسى: بۇ، ھەر قاچان خەلىقنىڭ، جامائەتنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدى، رازىلىقى بىلەن قىلغان ئىش ئاللانىڭ رازىلىقى، رەھمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(8)ئەل سۆيمىگەن ئەر- مىۋىسىز دەرەخ
مەنىسى: بۇ، خەلىقتىن يۈز ئۆرىگەن، زىيان سالغان ئىنسانى قەدىر-قىممىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، خۇددى مىۋىسى يوق قۇرۇپ قالغان دەرەختەك ئاقىۋەتكە قالىدۇ، دىگەنمەنىنى بىلدۈرىدۇ.

(9)ئەل قايان، سەن شۇيان
مەنىسى: بۇ،ھەر قانداق كلىشى تۇرمۇشتا جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ ئامما بىلەن بىرگە بولۇپ، ئاممىنىڭ رايى بويىچە ئىش قىلىپ، ئاممىدىن ئايرىلماسلىق دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ

(10)ئەل ھىممىتى دەريا
مەنىسى: بۇ، خەلىقنىڭ دوستقا ۋە ئاق كۆڭۈل، سەمىمى كىشىلەرگە نىسبەتەن قوينى كەڭ، مىھرى-شەپقىتى چەكسىز، مەرھىمىتى، ياخشىلىقى، ياردىمى ھىساپسىز ئىكەنلىكىنى، بىلدۈردۇ.

(11)پادىشاھلىق ئەل بىلەن، تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن
مەنىسى: بۇ، ھەر قانداق باشلىق، رەھبەر ئاممىغا تايىنىش، ئاممىغا كۆيىنىش بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ، ھۈنەرۋەن ھۈنىرىگە تايىنپ داڭ چىقىرىدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(12)تۇغۇلغان يەرنىڭ تىشى گۆھەر، سۈيى كەۋسەر
مەنىسى: بۇ، ھەر كىمنىڭ قەدىر- قىممىتى، ئىززەت-ئابرۇيى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدا، ئۆز ۋەتىنىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.

(13)كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول
مەنىسى: بۇ، ھەر كىم ئۈچۈن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ۋەتىنى ھەممىدىن ئەزىز، مۇقەددەس، ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ.

(14)خەلىقنى ئالدايمەن دىگىنىڭ، ئۆزۈڭنى ئالدىغىنىڭ
مەنىسى: بۇ، تۇرمۇشتا ساختىپەزلىك قىلماي، سەمىمى، ئاق كۆڭۈل بولۇش، سودا- سىتىقتا ئادىل، گەپ-سۆزدە راستچىل بولۇش كىرەكلىكىنى بىلدۈردۇ.

(15)خەلىق ئىيتماس، ئىيتسا خاتا ئىيتماس
مەنىسى: بۇ، توغرا ئىش ياكى سۆز-ھەركەتكە ئامما قارشى چىقمايدۇ، ناتوغرا ئىشلارغا قارشى تۇرۇپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە خاتا بولمايدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(16)خەلىق ياقتۇرغان چىراغنى پۈۋلىگەننڭ ساقىلى كۆيەر
مەنىسى: بۇ، خەلىق رايىغا قارشى ئىش تۇتقانلار ئاخىرى ھالاكەتكە يۈز تۇتۇپ ئۆز بىشىنى يەييدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(17)دەريادىكى بىلىقنىڭ باھاسى يوق
مەنىسى: بۇ، ھەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزى ۋۇجۇتقا كەلگەن ۋە ياشىغان يۇت-ماكاندا ۋە ۋەتىنىدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.

(18)دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى <ئوچۇق>
مەنىسى: بۇ، كۆڭلى يۇمشاق، رەھىمدىل ئادەم باشقىلاردىن ھىچنىمىسىنى ئايىمايدىغان، مەرد-سىخى بولىدىغانلىقىنى، يۇرتىنى، خەلىقىنى قەدىرلەيدىغان، ئىسىل پەزىلەتلىك
ئادەمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى دىگەن كىتاپتىن ئالدىم.

بەت: [1]
: ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى (1)