irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 18:11:58

تىلەمچىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

تىلەمچىنىڭ دۇنياغا كېلىشى
(ھېكايە)

يىمىڭ

ئۇ ئادەتتىكى بىر دېھقان ئىدى، ئېلېكتىر چىرىغىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تاغلىق كەنتلىك دېھقان ئىدى.
ئۇ پۇت قولى بېجىرىم، كۈن بىلەن تەڭ تۇرۇپ، كۈن ئولتۇرغاندا ئارام ئالىدىغان، ئۆز جېنىنى ئاران باقىدىغان دېھقان ئىدى. ئۆزى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگەچكە ئۇ ئۆز تۇرمۇشىدىن  ھېچقانداق نورمالسىزلىق ھېس قىلمايتى.
مەلۇم بىر كۈنى ئۇ باشقىلارنىڭ شەھەرگە چېپىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شەھەرگە كىرىپ باققۇسى كېلىپ شەھەرگە كىردى.
ئۇ شەھەرلىكلەرگە، ئاسمان پەلەك ئېگىز بىنا ۋە بارلىق نەرسىلەرگە ئەيمىنىش ۋە قىزىقىش نەزەرى بىلەن قارايتى.
شەھەرلىكلەرمۇ ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى جۇل-جۇل كىيىملىرىگە، قاسماق باسقان يۈزىگە، ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى جەمئىيەتتىن يوقالغىنىغابىر نەچچە ئەسىر بولغان ئەسكى تاغارغا ۋە پۈتۈن ئۈستى بېشىغا قىزىقىش نەزەرىدە قاراشماقتا.
ئايلىنىۋېرىپ قورسىقى ئاچتى، ئۇ چوڭ بىر تۇڭنىڭ يېنىدا ئاق رەڭلىك قۇتىلارنى، ۋە بەزى قۇتىلارنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك بارلىقىنى كۆردى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن قۇتىدىكى يېمەكلىكنى يېيىشكە باشلىدى، مۇنداق يېمەكلىكنى ئۇ ھەتتا ھېيت-بايراملاردىمۇ تېتىپ باققان ئەمەس ئىدى.
ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شەھەرلىكلەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشماقتا، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى شەھەرلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئەقىلغە سىغمايدىغان ئىش ئىدى.
ئۇنىڭ قورسىقى تويۇپ ئۇيقىسى كەلدى-دە، تاغىرىنى ياستۇق قىلىپ شۇ جايىدىلا ئۇيقىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ نورمال ئەھۋال ئىدى، چۈنكى يۇرتىدىمۇ ئېتىز باشلىرىدا مۇشۇنداقلا ئۇخلاۋېرەتتى.
بىر چاغلاردا بىر قىزچاق ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇ بايا تاماق يېگەن تېز تاماق قۇتىسىغا بىر يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى تاشلاپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن يولدىن ئۆتكەنلەرمۇبىر-بىرلەپ قۇتىغا پۇل تاشلاشتى، ئۇزۇن ئۆتمەي قۇتا پۇلغا لىق توشتى.
بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئويغىنىپ ئالدىدكى پۇلغا قاراپ ھەيران قالدى، شۇ ھەيرانلىقتا تۇرغاندا يەنە بىرەيلەن كېلىپ قۇتىغا پۇل تاشلىدى.
ئۇ خۇشلىقىدا” ئاھ تەڭرىم،بۇ يەردە بىكار ئولتۇرسىمۇ باشقىلار پۇل تاشلاپ بېرىدىكەن-ھە! بۇ پۇل مېنىڭ يېرىم يىل تېرىقچىلىق قىلىپ تاپقان كىرىمىمدىنمۇ كۆپكەن ئەمەسمۇ! “ دېگەنلەرنى خىيالىدىن كەچۈردى.
شۇنىڭ بىلەن كوچىدا يەنە بىر تىلەمچى كۆپەيدى.

«تاللانغان مىكرو ھېكايىلەر» ژورنىلى 2005-يىللىق 17-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 19:53:56

بۇ پەقەت بىر تەرىپى بولۇشى مۇمكىن.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 13:33:13

بۇ دىگەن ھىكايىكەن، ئەمەلىي تۇرمۇش ئەمەس.
مەكتەپتە ھىكايىنى ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئاشۇرۇپ يازىدۇ دەپ ئۈگەنگەن.
ھازىرقى تىلەمچىلەر ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق كۈپىيەمدىكىن دەيمەن

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 17:47:51

بەلكىم ھەممىسىلا ئۇنداق بولماس...بۇ دېگەن بىر مىكرو ھېكايە.. شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامالسىز تىلەمچى بوپ قالىدىغانلىرىمۇ بار ھورۇنلۇق قىلىپ ، ساختىپەزلىك قىلىپ تىلەمچى بولىۋالىدىغانلىرىمۇ كۆپ..گەپ بىزنىڭ ئۇلارنى توغرا ئايرىپ سەدىقە بېرشىمىزدە

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 19:07:10

مەن ھازىر تىلەمچى دىگەنگە پەقەتلا سەدىقە بەرمەس بولدۇم.

سەدىقە بەرسەم ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا خۇددى ئالدانغاندەك تۇيغۇۈا كەپ قالىدىغان بوپ قالغاچقا ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ بىر تىيىنمۇ بەرمەس بولدۇم:lol:lol:lol:lol:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 21:17:27

بۇ ھىكايىدە سۆزلەنگىنى پەقەت بىر قىسمى ......

جەۋلاننىڭ بىر يۇمۇرى بۇلىدىغان ، رابىيە داسانىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۈگدەپ قاپتىمەن ، نەدىندۇر بىر ئاياق قېپى ئالدىمغا كىلىپ قاپتۇ ، ئۆتكەن كەچكەنلەر ئۇنىڭغا پارچە پۇللىرىدىن بىر ئىككى يۈەندىن تاشلاپ مېڭىپتۇ ، بەزىلەر ، چىرايى بىر ئوبدان بالىكەن ، ئەجەپ تىلەمچىلىك قىلىپ قاپتۇ ،دىيىشىۋېتىپتۇ ....
بەت: [1]
: تىلەمچىنىڭ دۇنياغا كېلىشى