tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 18:03:35

بۇددالار سارىيى ۋە قومۇل ۋاڭ ئوردىسى

بۇگۇن ئەتىگەن  خىزمەتدىشىم جاڭ خانىم بىلەن ئسىمىنا ئالماشقاچ ئۇنىڭ شىزاڭ ساياھىتى توغۇرلۇق قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق . مەن شىزاڭدىكى لىخاسا دىكى بۇددالار سارىيىغا بارغان بارمىغانلىقىنى ، ھەم لىخاسادىكى تۆت مۇسۇلمان مەسچىتىنى كۆرگەن كۆرمىگەنلىكىنى سوراپ كەتتىم . خىزمەتدىشىمنىڭ دىيىشچە ئۇلار بۇددالار سارىىيغا بېرىپتۇ ، ئەمما كۇندە پەقەت 2300  ساياھەتچىنى قوبۇل قىلىدىكەن ، شۇڭا چوقۇم بىر نەچچە كۇن بالدۇر بېلەت ئېلىشى لازىمكەن .گەپ ئارلىقىدا مەن بېلەت باھاسى نەچچە ئىكەن دەپ سورىشىمغا جاڭ خانىم تولغۇنۇپ كەتكەن ھالدا ئۇگۇلۇنىپ تۇرۇپ ئادەم كۆپ بېسىق چاغلاردا بىر بىېلەت 200 كوي ئىكەن ئادەم بېسققان چاغلاردا پەسىللەردە بىر بېلەت 100 كوي ئىكەن دەپ كىلىپ ئەمما لىخاسادىكى يەرلىكلەردىن پەقەت ئىككى يۇەنلا بېلەت ئالىدىكەن ، دەپ قاقشاپ كەتتى . جاڭ خانىم ئىككىمىز تەبىئلا قومۇل ۋاڭ ئوردىسىغا ئېلىنىدىغان مەيلى قومۇللۇق بولسۇن ياكى ئىچىكىرسىلىك بولسۇن ۋە ياكى چەتئەللىك  بولسۇن بەرىبىر بىر ئادەمگە 40 يۇەن ئالدىىغانلىقىنى  ئويلاشقان بولساق كېرەك ، ھارامتاماق دەپ تاشلىدۇق . جاڭ خانىم قاتتىق ئەپسۇسلانغان ھالدا قارىغىنا شىزاڭدا يەرلىكلەر ئۇچۇن قانداق ياخشى سىياسەتلەر چىقىرىلغان ، بۇددالار سارىيىنىڭ بېلەت باھاسى باشقا يەرلىكلەرگە قارىغاندا ئۆزى ئىچدە 100ھەسسە ئەرزان ئىكەن دەپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى . مەن دىدىم قومۇل ساياھەت ئىدارىسىدىكىلەر قومۇللۇقلار ئۇچۇن 100 ھەسسە ئەمەس ئون ھەسسە ئەرزان قىلىپ  قومۇل ۋاڭ ئوردىسى ، قومۇل ۋاڭ ئالتۇنلۇقنىڭ بېلەت باھاسىنى قومۇل خەلقى ئۇچۇن 4 يۇەندىن  قىلىپ قويغان بولسا  قومۇلدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان بولاتتىدە بىز شۇنداق سۆزلەشكەچ قومۇل ساياھەت ئىدارىسىنى غايىبانا ئىنساپسىز دەپ غەيۋەت قىلغان پېتى ئىسمىنا ئالماشتۇرۇپ خوشلاشتۇق .

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 20:28:47

تىبەتلەر  بىلەن  بىزنى سېلىشتۇرۋاتامسىز  .......چۆچۈرىنى خام ساناپ  تاتلىق خىيال قىلغىنىمىز قالىدۇ....

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 21:05:34

قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ گىپى چىقسىلا ئۇچىغا چىققان بىر تۈركۇم ئىنسانلار كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ. ۋاڭ ئوردىسىمۇ باشقىچىلا ئۇسلۇپتا.{:92:}

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 23:10:17

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 04:38:36

   ۋاڭ     دىگەەن  خان  

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 09:45:52

تىبەتلەر ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازالىسا ئالىي مەكتەپتە ھەقىسز ئوقۇيدىكەن دەپ ئاڭلىغان 20يىللار بۇرۇن ،تىبەت رايونىدا بىر يىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلغىلى بولمايدۇ ،نوپۇس قاتتىق كونتىرول قىلىندۇ، چاغاننىڭ ئالدى كەينىدە نوپۇسى تىبەتتە بولمىغانلار بىردەك بۇرايوندا تۇرۇشقا بولمايدۇ.

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 10:34:25

سەيباشاۋ دەپ زاڭزۇ ئاغىنەم باتتى ، تېلفونىغا زاڭ فونتىنى قاچىلاپ ، زاڭ ئۇسلۇبىنى قاچىلىۋاپتۇ ، قىزىقىپ سورىسام ، يۇرتقا بارغاندا تىللايدۇ مۇشۇنداق قىلمىسام دەيدۇ !!!

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 20:03:03

بۇددالار سارىيىنىڭ بىلەت باھاسى ۋە بىر كۇندە چەكلىك سېتىلىدىغان 2300 بېلەتتىن شۇلارنى ھىس قىلالايمىزكى بۇ يەردە ساياھەتچىلىككە پايدىلىق بولغان بىر قاتار ئەپچىل چارىلەر بار ،

بۇلارنىڭ 2300 بېلەتنى بىر كۇندە ساتسا 46 تۇمەن پۇل تاپىدىكەن ،

ئەمىليەتتە بولسا بۇ 2300 بېلەتنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى يەرلىك  تۇبۇتلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىن يەنى ئىككى يۇەنلىك بېلەت يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ ،
بۇنداق بولغاندا قاينام تاشقىنلىق ۋەزىيەت پەيدا بولۇپ ساياھەتچىلەردە تەقەززالىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ ، ۋە شۇ كۇنى بېلەت ئالالمىغان ساياھەتچىلەر تىبەتتە يەنە بىر قانچە كۇن ئارتۇق تۇرۇشنى   ئويلىشىدۇ ،
بۇنداق غازنى كۆپەيتىپ تۇخۇم تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى نىمە دىگەن ئاقىلانىلىق ،
ئەمما بىزنىڭ قومۇلدا بولسا دەل ئەكسىچە يەرلىكلەرنى يېققىىن كەلتۇرمەي غازنى قاچۇرۇپ تۇخۇمنى قۇرۇتۇشتەك ھاماقەتلەرچە ئۇسۇل قوللۇنىلماقتا


ئالتۇنلۇقتىنكى قومۇل ھېيتىگاھ مەسچىتمۇ ھېچ بولمىغاندا جۇمە نامىزىغا ئېچىۋېتىلگەن بولسا يىراق يېققىنىدىن كەلگەنلەر ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئورۇپ ئادەت كىيىم كىچەكلىرى بىلەن يېققىندىن ئۇچۇراشقان بولاتتى ،

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 22:52:22

بۇددالا سارىيىمۇ پوتالا ساريمۇ?

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 07:40:11

ئۇرساڭ (بۈدالا) سارىيىغا كىرىش بېلىتىنىڭ بۇنچىۋالا قىممەتلىكىنى ئويلىماپتىمەن.
ئەگەر بېرىپ قالسام، ئېنىقكى 200 كويغا قارنىم ئاغرىيدۇ، تېشىدىنلا كۆرۈپ كېتىشىم مۇمكىن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 01:26:47

ئىككسى بىر دەرىجدىكى ئۇقۇم ئەمەس. تىبەتكە بىر بېرىپ كېلىڭ .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 13:49:21

{:101:}

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 20:06:56

ھېيت كۈنى ھەقسىزغۇ.....ھەقسىز بولا شۇنچە بولا:lol{:136:}

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 17:39:41

بىزنىڭ بۇ يەردە بىلەتنىڭ ئوخشاش قىممەت بولۇشى باراۋەرلىكنى ئەكس ئەتتۈرەمدىكىن؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 08:15:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 08:22  

ئەخمەتجاننىڭ بىر يۇمۇرى ئېسىمگە كەلدى تېمىنى ئوقۇۋېتىپ.  يىراق يېزىدىن ئىككىسى شەھەرگە كىرىپ ئىگىز سېلىنغان بىنالارغا ھەيران قېلىپ، نەچچە قەۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ساناپ باقماقچى بولغاندا بىر مەست كېلىپ: سىلەرنى سانىۋالدۇ دەپ سەپ قويغانمۇ بۇ بىنالارنى؟!  ھەر بىر قەۋىتىنى سانىساڭ 10 كوي....

پىچان قۇملۇقىغا ھەر يىلى نۇرغۇن كىشىلەر قۇمغا كۆمۈلگىلى بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇمغا كىرىشكە قۇلايلىق يېرىنى توسىۋېلىپ ئىشىكىدىن كىرسە، پىچان نوپۇسىدىكىلەردىن پۇل ئالمايدىكەن، باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن كىشىلەردىن 30 يۈەن ئالىدىكەن. بۇ قۇملارنى ئادەملەر دۆۋىلەپ قويغان بولسا 3000 يۈەن ئىشىك بېلىتى ئالار بولغىيمىدى دەپ ئويلىدىم.

تۇرپاندا شور ئارشاڭ دەپ بىر يەر باركەن.  بۇرۇن تۇز ئېلىپ تاشلىۋەتكەن كۆلچەككە سۇ يىغىلىپ قالغان كۆلچەكلەر ئوخشايدۇ. ھەر يەرلەردىن شۇ تۇزلۇق سۇغا ئىسسىقتا چۆمۈلۈشكە بارىدىكەن. ئۇ يەر چوڭ يولدىن 20 نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۇرۇن ياسىغان، تېگى شور بولغاچقا ھازىر ماشىنىلار ئاران ماڭدىغان بولۇپ كەتكەن يولى باركەن . ئۇ يەرگە يېقىنلىشىپ قلغان يەردە يولنى تۇساپ ئادەم بېشىغا 20 يۈەن ماشىنىغا 10 يۈەن ئالىدىكەن. نىمىشقا پۇل ئالسىلەر ھەم ماشىنىغىمۇ پۇل ئالىسىلەر؟ دىسەم، ماشىنا تۇختىتىشقا لەمپە قىلىپ ياساپ قويغان دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرگە بارساق ماشىنا تۇختىتىشقا لەمپە قىلىپ قويغانكەن. ماشىنىنىڭ ئىگىسىنىڭ باشقا تاللىشى يوقكەن.  مەن ئويلىدىم، بۇ يەرگە ھېچكىم كەلمىگەن بولسا بۇلارنىڭ ھېچ كارى بولماس ئىدى. كىشىلەر تۇز كۆلگە چۈشۈپ بەزى كىسەللىكلەرگە شىپا بولۇپ قالار دەپ يىراقلاردىن كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپلا بۇ يەرگە ئادەم كەلسە پۇل ئالىدىغان بولىۋاپتۇ.
مۇشۇنداق ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي تاغ رايوى ، بۇغدا كۆلى دىگەندەك يەرلەرگە بارمەقچى بولسىمۇ يېرىم يولدا ئىشىك بېلىتى ساتىدىكەن.  يىراقتىن بارغان ئادەمگە باشقا تاللىشى يوق پۇل تۆلىمەي ئامالى يوقكەن.  مۇشۇنداق يەرلەرنىڭ مۇلازىمىىتى ئۈچۈن پۇل ئالغان بولسۇنمۇ دەيلى، بىراق باھاسىنى نىمىگە ئاساسەن شۇنداق بېكىتىۋالىدىغاندۇ؟
بەت: [1]
: بۇددالار سارىيى ۋە قومۇل ۋاڭ ئوردىسى