Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 12:12:58

[يېڭى ئېنىرگىيە] قۇدۇقتىن سۇ تارتتۇق .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Batush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 12:20  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، قانداق ئەھۋالىڭلار.
مانا ھېيىتنىمۇ ئۆتكۈزۈۋالدۇق ، ئىشلىرىمىزنىمۇ باشلىۋالدۇق .


ئالدىنقى بىر يازمامدا قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ سۇ تارتىش توغۇرلۇق ئازراق چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم . قۇدۇقتىن سۇ تارتىش توغۇرلۇق .

تۆۋەندىكى ئۇلىنشتىن كۆرۈڭ :
قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش(1)


بۇ يىل 5.ئايدا يۇرتقا قايتقاندا ئىلمخۇمار دوست قىرىنداشلىرىم بىلەن بۇ توغۇرلۇق مۇنازىرلەر بولۇندى ھەم بەك قىزىقىدىغانلىقىنى ئىيتىشتى ئەمما قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ 3 سىملىق توك چىقىدىغانلىقىغا پەقەت ئىشەنگۈسى كەلمىدى .
شۇنىڭ بىلەن كەمىنە قاتارلىقلار بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىپ يۇرتتا سىناق قىلدۇق . ئەسلىدە شۇ ۋاقىتتىلا بىر تېما يوللاي دېگەن ، شۇ خىزمەت تۇرمۇش دەپ ھىچ بىر ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ بولالماي ھەم خوشياقماي دېگەندەك ھازىرغا سۆرۈلۈپ كەتتى.
قېنى ئەمسە شۇ ئەمەلىي سىناق جەريانىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى .

مالغا پۇل سىلىپ 12 كۇندىن كېيىن شېنجېندىن قاغىلىققا يېتىپ كەپتۇ . كىلوسى 2 كويدىن كىرا تۆلىدۇق.



تاپشۇرۇۋالغان مال تىزىملىكى :
200ۋاتلىق قۇياش ئىنىرگىيەسى تاختىيىدىن 14 تال .
قۇياش ئىنىرگىيەسى سۇ پومپىسى كونترول قىلىش ئىنۋېرتىردىن بىرتال 2.2كىلوۋاتلىق ، 380 ۋولتلۇق.
50 مېتېر سىم .





شۇنداق قىلىپ مالنىمۇ تاپشۇرۇۋالدۇق ئەمدىكى گەپ ئاشۇ سىستېمىنى قەيەرگە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى .
ئاخىرىدا بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلدۇق . دوست بۇرادەر ئۇرۇق تۇققانلار ئولاش چولاش بىرلىكتە سىسىتىمىنى قوراشتۇرۇپ چىقتۇق .




ماۋۇ يۇقارقىدىكى رەسىم بولسا ئۆزىمىز ياسىغان جازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى .





يۇقارقىسى بولسا قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ سۇ پومپىسىنى كونترول قىلىدىغان ئىنۋېرتېر ۋە سىناپ تەڭشەۋاتقانۋاقىت .






بىز پومپىنى تاشلىغان قۇدۇق .

ئاخىرى سۇ چىقاردۇق . پومپىنى قۇدۇققا تاشلاپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا قۇدۇقنىڭ كۆزىگە توپىلار كىرىپ مۇشۇنداق لاي سۇ چىقىپ قالدى .

يۇقارقى سىستېمىنىڭ پىرىنسىپ لاھىيەسى تۆۋەندىكىدەك :

ئاساسىي پىرىنسىپى ئوپمۇ ئوخشاش . پەقەت ئاشۇ تاختاينىڭ سانى ۋە ئۇلىنىش شەكلى ئوخشىمايدۇ .
قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى ھاسىل قىلغان توك تۇراقلىق توك بولۇپ ، ئاۋۇ كىچىك قارا قۇتا – تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇپ  ئاندىن موتۇرنى قوزغىتىدۇ .


تاختاينى ھەم ئاۋۇ كونترول قىلىش ئىنۋېرتىرىنى زاۋۇتتىن بىراقلا ئەكەلگەچكە خىلى بەك ئەرزان توختىدى . ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى كۆڭۈلدىكىدىن ياخشىراق بولدى .

شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى قەدەمدىكى سۇ تارتىش قۇرۇلۇشىنى مۇشۇنداق ئولاش- چولاشلا پۈتتۈرۋالدۇق .

ئەتىسى نەق مەيدانغا يەنە بېرىپ سىستىمىنى ئەلالاشتۇردۇق .

ساندۇققا ئالدۇق . بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق .


ئەڭ ئاخىرىقى سىناق ئوڭۇشلۇق تاماملاندى .




ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى تامغا مىخلاپ مۇقۇملاشتۇرىۋەتتۇق . سۇ لازىم بولسا ئۈزچاتنى ئۇلاپ ، ئىنۋېرتىرنىڭ يىشىل كۇنۇپكىسى يەنى قوزغات كۇنۇپكىسىنى باسسىلا بولىدۇ .

ئەسىلىدە بۇ سىستىمىنى يەنە ئەتتىگەندە كۈن چىققاندا ئاپتوماتىك قوزغىتىدىغان ، ئاندىن كۈن ئۆچكەندە ئاپتوماتىك ئۆچىدىغان قىلىپ تەڭشەشكىمۇ بولاتتى. لىكىن ھازىرچە ئۇنىڭغا ئىھتىياجىمىز چۈشمىدى .

بۇ قىتىملىق يۇرت سەپىرىم بەكلا قىسقا بولۇپ قالغاچقا ئالدىراپلا قايتىپ قالدىم .
ئەگەر مۇشۇ سىستىما توغۇرلۇق بەكرەك قىزىقىدىغانلار ياكى ئىھتىياجى بارلار بولسا مۇشۇ يەرگە ئۇچۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار ياكى ماڭا ئۇچۇر قىلىڭلار.
قاغىلىقتا ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى قولاي ئائىلە ئېلىكتېر ئۈسكۈنلىرىنى سېتىش ئورنىغا بېرىپ تەپسىلىي ئەھۋالنى  سۈرۈشتۈرسەڭلار بولىدۇ .

5.ئايدا يۇرتقا قايتقاندا ، مۇشۇ تۈرگە قىزىققان ، مېنى قوللىغان ، ئىقتىسادى ،مەنىۋى ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتە ياردەم قىلغان بارلىق شۇ ئەزىز ئىلمخۇمار قىرىنداش دوستلىرىمغا چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن .

بۇ تۈرنىڭ ۋىدىئو ماتىرىياللىرىمۇ بار ئىدى ، كېيىن رەتلەپ ئايرىم يوللاپ قوياي.

ھەرقانداق پىكىر تەلەپ، سۇئاللار بولسا كەمىنە ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن .

ھۆرمەت بىلەن باتۇش يازدىم .
شېنجىن JFY پەن تېخنىكا پاي چەكىلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى.
2014.يىلى 8،ئاي شەھىرى شېجىن.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 12:15:24

قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش(1)


قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش توغۇرلۇق يېزىلغان ئالدىنقى يازما .

freebird يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:24:58

جازىلار پۇختا ئەمەستەك ، بوران چىقسا ئۆرۈۋىتەرمۇ؟
  باتارىيە قوشمىدىڭلارمۇ؟

nuruz0321 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:44:31

ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ نورمال ئىشلەمدۇ ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:44:48

freebird يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 13:24 static/image/common/back.gif
جازىلار پۇختا ئەمەستەك ، بوران چىقسا ئۆرۈۋىتەرمۇ؟
  با ...

جازىلار بەكلا ئاجىز بولۇپ قاپتۇ . بىللە كەلگەن جازا كەم ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىز ياسايلى دەپ مۇنداقلا ياساپ باققانىدۇق .
شامالدا ئۆرۈلۈپمۇ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن قاتتىق تەجرىبە ساۋاق ئىلىپ ، قاتتىق پۇلاتتىن ياسايلى دېيىشكەن .
بۇ سىستىمىغا باتارىيە كەتمەيدۇ. پەقەت شۇ كۈندۈزدىلا ئىشلەيدۇ . لىكىن باتارىيەلىك قىلغىلىمۇ بولىدۇ .
تۆۋەندىكىسى مەن ئالدىنقى ھەپتە لاھىيەلىگەن سىستىمىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىدى . سىناق قىلىمىز دەپ ھىچ ۋاقت چىقمايۋاتىدۇ .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:45:54

nuruz0321 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 13:44 static/image/common/back.gif
ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ نورمال ئىشلەمدۇ ؟

ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ ئىشلەيدۇ، لىكىن ئۈنۈمى سەل تۆۋەنرەك ئىشلەيدۇ .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:46:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 13:51  

بىلىدىغانلار  دەپ باققان بولساڭلا  ،يۇقىرقىدەك سۇ بىلەن قانچىلىك  يەرنى سۇغۇرغىلى بولىدۇ؟

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:48:30

قۇدۇق چوڭقۇرلۇقى قانچە مىتىر  مىنىڭ شۇنى بىلگۈم كەۋاتىدۇ ...................{:112:}

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:51:10

kaman1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 13:46 static/image/common/back.gif
ھەممىسىنى ئەكەلدۇرگەنگە نەچچە پۇل  چىقىم قىلدىڭلار، ب ...

مەن لاھىيەلىگەن بۇ سىستىمىنىڭ ئومومىي قۇۋۋىتى 2.2كلوۋاتلىق ئۈچ سىملىق پومپىنى ئاساس قىلغان. سۇ يېتەرلىك بولسا بىر كۈندە تەخمىنەن 7 مو ئەتراپىدا ئىتىزلىقنى سۇغارغىلى بولغۇدەك .
بۇرۇن چەتئەلدە سىنىغىنىمىزدە 10 كلوۋاتلىق بىلەن 100 مو يەرنى سۇغۇرۇشنى پىلانلىغانىدۇق .
يەنى 10كىلوۋاتلىق (9كىلوۋات ياكى 11 كلوۋاتلىق 3 سىملىق پومپا) پومپا بىلەن 100 مو يەرنى سۇغۇرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن . يەر ئىگىسى ئەسلىدىنلا شۇ 10كلوۋاتلىق پومپىنى موتور بىلەن ئىشلىتىدىكەن، بىز ئۇنى قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:52:59

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 13:48 static/image/common/back.gif
قۇدۇق چوڭقۇرلۇقى قانچە مىتىر  مىنىڭ شۇنى بىلگۈم كەۋاتى ...

بۇ قۇدۇق 15 مېتېر چوڭقۇرلۇقتىكى كىچىك بىر قۇدۇق .
قۇدۇقنىڭ ئىككى كۆزى بار ئىكەن، بىرسىگە ئىككى سىملىق 2.2كلوۋاتلىق پومپا ئورنىتۇغلۇقكەن .
يەنە بىر كۆزىگە بىز مۇشۇ ئۈچ سىملىق پومپىنى سىناق قىلدۇق .
يەر ئېگىسىنىڭ 18 مو چىلانلىق بېغى بار ئىكەن، مۇشۇ قۇدۇق بىلەن شۇ باغنى سۇغۇرىدىكەن .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 14:04:09

بېلىۋالدۇق ،رەھمەت

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 14:15:49

بالىلار پەچەتقۇ! ئىنۋېرتېرنىڭ تىپلىرىنى قالدۇرۇپ قويارسىز..

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 14:27:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 16:29  

ماتىرىياللار قانچە پۇلغا كەلدى؟

15 مىتىرلىق ھەم 50 مىتىرلىق  قۇدۇقلاردىنمۇ قۇياش ئىنىرگىيسىدىن پايدىلىنىپ، سۇ تارتقىلى بولامدۇ؟

بۇ قۇرۇقلارنى قانداق كولايمىز؟ قانداق ئۈسكىنىلەر كىتىدۇ؟

تەپسىلىي جاۋاپ بىرەلەمسىز؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 14:45:18

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 14:15 static/image/common/back.gif
بالىلار پەچەتقۇ! ئىنۋېرتېرنىڭ تىپلىرىنى قالدۇرۇپ قويا ...





ئىشلەتكىنىمىز بولسا شېنجېن ADA شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەلالاشتۇرۇلغان قۇياش ئىنىرگىيەسى پومپا ئىنۋېرتىرى . مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.
شىركەتنىڭ تور بېتى : www.variable-frequencydrives.com

مەھسۇلات لازىم بولسا ، مېىنىڭ ئىسمىمنى چىقارساڭلار ئەرزان باھادا ئالالايسىلەر . :lol

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 14:49:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Batush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 14:52  

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 14:27 static/image/common/back.gif
ماتىرىياللار قانچە پۇلغا كەلدى؟

15 مىتىرلىق ھەم 50 مىتى ...

ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيەدە  ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا 300 مېتېرغىچە ، ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 800 توننا سۇ تارتىپ چىقارغىلى بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىمىزغۇ چەتئەللەردە .
50 مېتىر دېگەن ھىچقانچە گەپ ئەمەس. قالغىنى شۇ سىزنىڭ سالىدىغان مەبلىغىڭىزگە باغلىق .  سۇ پومپىسىغا قانچە چوڭنى ئىشلەتسىڭىز شۇنچە چوڭقۇردىن شۈنچە جىق سۇ تارتقىلى بولىدۇ . شۇنىڭغا چۈشلۇق كېتىدىغان دەسمىيمۇ كۆپرەك بولىدۇ .

قۇدۇقنىغۇ مەن يۇرتقا قايتقاندا بىر مېتېرىنى شۇ 400 كوي ئەتراپىدا كولاۋىتىپتىكەن. بىز شۇ تەييار بار قۇدۇقنىڭ توك ئىشلىرىنى قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپلا ھەل قىلىۋەتتۇق . كېچىچە ئىشلىمەيدۇ . كۈندۈزلۈكى قۇياش بولسىلا ئىشلەيدۇ . ئەگەر جىددى ئىشلىتىمەن دەپ قالسا موتورغا ياكى شەھەر توكىغا چاتسىمۇ ئىشلەۋرىدۇ .

ئەگەر سىزدە بار سۇ پومپىسىنىڭ قۇۋۋىتىنى دەپ بەرسىڭىز مەن سىزگە تەخمىنى لاھىيەسىنى دەپ بېرەي .

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 15:02:05

قۇياش ئېنىرگىيىلىك ئوقەتلەرنىڭ ئاسراش ھەققىنى سەل قىممەت دەپ ئاڭلىغان، مۇشۇ ئەسلىھەلەرنى مۇۋاپىق ئاسراپ ئىشلەتسە، قانچىلىك ۋاقىت يېتىدۇ؟ ھەر يىلى قانچىلىق ئاسراش ھەققى كېتىدۇ؟

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 15:13:21

ئابدۇلئەزىز ھاجىمنىڭ دۇكىنى شۇمۇ .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 15:15:47

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 15:02 static/image/common/back.gif
قۇياش ئېنىرگىيىلىك ئوقەتلەرنىڭ ئاسراش ھەققىنى سەل قىم ...

قۇياش ئىنىرگىيە تاختىيىنى سۇندۇرۋەتمەي ئىشلەتسە ئەڭ ئاز بولغاندا 10 يىل دەپ مۆھلىتى بار . - ئالماشتۇرۇش مۆھلىتى .

بەزىلەر 25 يىل دەپ مال تەمىنلەۋاتىدۇ . ئەگەر ئىشەنچىلىك يەردىن ئالمىغاندا ئاسانلا يېڭىلىغان ياكى كونا مالغا ئىش قوشقان ، يا بولمىسا سۈپەت كاپالىتى يوق ئامباردا بېسىلىپ قالغان ماللارغا ئۇچراپ قىلىش مۇمكىن .

مۇشۇ تاختاي بارلىق سىستىمىنىڭ 90% دىن كۆپرەك مەبلەغنى ئىگەللەيدۇ . قالغىنىنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 5 يىل ، قىسقا بولغاندا 18 ئاي .  بەزى چوڭ سىستىمىلاردا تاختاينىڭ پۇلىلام 98% نى ئىگەللەيدۇ . بۇنداق چاغدا پەقەت تاختاينىڭ ئەڭ نوچىسىنى ئىشلەتسەكلا باشقا چىقىملاردىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدۇ .

ئاسراش ھەققى دېگەندە شۇ تازىلاش دېگەندەك ئىشلار. ئەمەلىيەتتە قىممەت ئەمەس، لىكىن مۇشۇ سىستىما توختاپ قالسا ھاسىل بولغان توكنىڭ تەننەرخى زىيان بولىدۇ.  نۇرغۇن يەرلەردە مۇشۇنىڭدىن ھاسىل بولغان توكنى شەھەر توكىغا يەتكۈزۈپ ھۆكۈمەتتىن پۇل ئالىدۇ . شۇڭا ئاسراش ھەققى قىممەت توختاشنىڭ سەۋەبى شۇ .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 15:17:52

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 15:13 static/image/common/back.gif
ئابدۇلئەزىز ھاجىمنىڭ دۇكىنى شۇمۇ .

ھەئە. ئاشۇ ئابدۇل ئەزىز ھاجىمكامنىڭ قولاي ئېلىكتېر ئۈسكۈنلىرى بازىرىدا مۇشۇ مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى بار. بۇ قىتىم بىز بۇنى بىللە قىلغانىدۇق .

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 15:24:38

بۇ تېخنىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئوموملىشىپ كېتىپ بولالمىغىنىنى ئاددى قىلىپ دەۋىتىڭە. مەن بۇ نەرسىنى بەك ئاجىز شۇڭا داۋاملىق ئىشلەپ تۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغ كۆپ دەپ ئاڭلىغان، گېپىڭىزدىن 25 يىلغا چىدىسا ئۇنچىۋالامۇ كۆپ مەبلەغ كەتمىگۈدەك. ئىش ئۈنىمى بەك تۆۋەنمۇ يا؟
بەت: [1] 2 3 4
: [يېڭى ئېنىرگىيە] قۇدۇقتىن سۇ تارتتۇق .