(bilgejan) ئەپيۇن (كۆكنار) غوزىكى چېيىنىڭ سىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-5 11:32ئەپيۇن (كۆكنار) غوزىكى چېيىنىڭ سىرى
ئاپتور: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن! يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان خىزمەتتىكى ئالدىراشچىلىقىم تۈپەيلى توردا بولالمىدىم، بۇ جەرياندا ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى كۆپلىگەن قېرىنداشلار ماڭا ئۇچۇر يېزىپ ئەھۋال سوراپتۇ. ھەممىڭلارنىڭ سالاملىرى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! سالاملار بىلەن بىللە يەنە بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىم مەندىن نۇرغۇن ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك سوئاللار سورىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى مېنىڭ ئالاھىدە دېققىتىمنى قوزغىدى. بۇ مەسىلە خۇددى ««چوشقا-قوي»نىڭ سىرى» ناملىق يازمامدىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك ئىستىمالى ۋە سالامەتلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بىلەن مەن ئالدىراشلىقىمنى قويۇپ جىددىي بىر تېما يېزىپ قېرىنداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈي دېدىم.
سوئال: ئەپيون چىقىدىغان كۆكنارنىڭ پوستى سۇيۇۋېلىنغان شاكال غۇزىسىدا چاي دەملەپ ئىچىش ھازىر خىلى كۆپ ئۇچرايدۇ. شاكال غۇزىسى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟ زىيىنى بار بولسا زىيىنى ئادەتتىكىچىمۇ ياكى خەتەرلىكمۇ؟
بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقىنى - كۆكنار غوزىكى چېيىنى ئىچىش-ئىچمەسلىك مەسىلىسى بولۇپ، بۇنى چۈشىنىشتىن ئاۋۋال بىز كۆكنار، يەنى ئەپىيۇن توغرۇلۇق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. ئەپيۇن بىز ناھايىتى كۆپ ئاڭلىغان سۆز بولۇپ 19-ئەسىردىكى ئەنگىلىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئەپيۇن ئۇرۇشى دەل مۇشۇ ئەپىيۇن سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان. ئەپيۇن كۆپ ھاللاردا ئەپىيۇن گۈلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى ئەپيۇنلۇق ئىشقارلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەپيۇن گۈلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ يەرلىكتە كۆپىنچە كۆكنار دەپ ئاتىلىدۇ. ئەپيۇن ناھايىتى چىرايلىق چېچەكلەيدىغان بىر خىل گۈل بولۇپ ئۇنىڭ مىۋىسى دەل ئەپىيۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان قىسمىدۇر. گەرچە ئەپيۇن قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ بېرىدىغان مېۋىسى دەل خىروئىن، كوكايىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ بىردىنبىر مەنبەسىدۇر.
ئەپيۇن تېرىش قانۇنسىز بولسىمۇ، بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردا پايدىسىنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئەپيۇن تېرىلىدۇ. ئەپيۇن مېۋىسى تېخى يېشىل، پىشمىغان پەيتكە توغرىلاپ ئەپيۇن دەرىخى ئۇچىدىكى غوزەككە جايلاشقان ئەپيۇن مېۋىسىنىڭ سىرتقى قىسمىنى سىزىقچە شەكلىدە كېسىش ئارقىلىق ئەپيۇن مېۋىسى ئىچىدىكى ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئايرىۋىلىنىدۇ. بۇ ئەپيۇن دەپ ئاتالغان ئاق رەڭلىك ماددىنىڭ ئاساسلىق ئاكتىپ خېيمىلىك تەركىبى ناركوز قىلىش رولىغا ئىگە ئىشقارلىق ماددىلار بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىقى مورفىن، كودايىن قاتارلىقلار ئايرىۋىلىنىدۇ. بۇ ئاق رەڭلىق ئارىلاشما ماددا دەل ئەپيۇنلۇق دورىلار دەپ ئاتالغان كۈچلۈك ناركوز قىلىش رولىغا ئىگە خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىنسان مەركىزى نېرۋا سىستىمىسىدىكى كۈچلۈك مەست قىلىش ئۈنۈمىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. ئەپيۇن مىۋىسىدىن ئېقىپ چىققان بۇ ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقتا كۆپ بولغاندا 21% مورفىن ۋە 25% كودايىن بار بولۇپ، بۇ ئىككى خېمىيىلىك ماددا تەبئىي ئۇچرايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ناركوزلىغۇچى دورىلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مورفىن ئەڭ تىپىك ئەپيۇن تىپىدىكى خېمىيىلىك ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن تۆۋەندە مورفىننىڭ فارماكولوگىيىلىك (دورا) تەسىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرىمەن:
مورفىن ئىنسان مەركىزى نېرۋا سىستىمىدىكى ئەپيۇن قوبۇللىغۇچى ئاقسىللىرىنى غىدىقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، مورفىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە قان ئارقىلىق مېڭىگە يېتىپ بارىدۇ ۋە مەركىزى نېرۋا سىستىمىسىدىكى مىيۇ ۋە كاپپا قوبۇللىغۇچى ئاقسىللارنى قوزغىتىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى مەسىت قىلىش، ھەدىدىن زىيادە ھاياجاندا خۇش قىلىش (دەل مۇشۇ سەۋەب ئاق چەككۈچىلەر دەسلەپ بۇ دورىغا ئىنتىلىدۇ)، ئاغرىق سەزمەسلىك، نەپەسنى ئاستىلىتىش، جىسمانىي جەھەتتىن تايىنىدىغان بولۇپ قىلىش، ئاشقازان ھەرىكىتى ئاستىلاش ۋە ئىچى قېتىش، كۆز قارچۇقى يوغىناش... قاتارلىق بىر قاتار فىزىئولوگىيلىك تەسىرلەرنى قوزغايدۇ. مورفىن ئەڭ دەسلەپ مېدىتسىنادا ئوپراتسىيە جەريانىدا ناركوز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ بىر قاتار كېسەللەر ئۈچۈن ئاز مىقداردا مورفىن تەركىبلىك دورىلار بېرىلىدۇ. مورفىننىڭ فارماكولوگىيىلىك تەسىرى ئاغرىق توختىتىش، باش قايدۇرۇش، ئەقلىي غۇۋالىشىش، روھىي بېسىمنى يەڭگىللىتىش، ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس ھېس قىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مورفىننىڭ يەنە مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر قىسىم دورىلىق تەسىرى بار بولۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ تومۇرلارنى كېڭەيتىش، ھىستامىن تىپىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدىغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىش (شۇڭا گىلى قىچىشىپ يۆتىلىش)، نەپەسنى ئاستىلىتىش، تىرىنى قىززىتىش ۋە ئىشىتىش، ھامىلدار ئاياللاردا تولغاق ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بالا تۇغۇلۇشىنى كېچىكتۈرۈش، ئىچى قېتىش ۋە سۈيدۈكنى ئازايتىش قاتارلىق تەسىرلەرگىمۇ ئىگە.
مورفىن كېسەل داۋالاشتا ئاساسلىقى ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. مورفىن خۇمار قىلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئىشلەتكەنسىرى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە خۇمار قىلىش جەريانى ئاغرىق سەزمەسلىك، ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش، نەپىسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ياندىشىپ كىلىدۇ. دېمەك، ئومۇمەن ئېيتقاندا مورفىن ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بىر خېمىيىلىك ماددا بولۇپلا قالماي، كۈچلۈك خۇمار قىلىش رولىغا ئىگە بولغاچقا مورفىننى كۈچلۈك زەھەرلىك ماددا دەپ قاراشقا، مورفىن تەركىبلىك چېكىملىكلەرنى زەھەرلىك چېكىملىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى مورفىن دەل خىروئىن تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددا شۇ بولۇپ، مورفىننى ناھايىتى ئاددىي خېمىيىلىك رىئاكسىيە ئارقىلىق خىروئىنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرى مورفىننى خىروئىنغا ئايلاندۇرۇپ بازارغا سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىروئىن بەدەنگە كىرگەندە ئېنزىملارنىڭ تەسىرىدە پۈتۈنلەي مورفىنغا ئايلىنىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق يۇقىرىدە سۆزلەنگەن تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەمدى گەپكە قايتىپ كەلسەك، يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كۆكنار غوزىكى بىلەن دەملەنگەن چاي - كۆكنار غوزىكى چېيى ئىچىش مودىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەپسۇسكى، ئەپيۇن غوزىكى يەنى كۆكنار غوزىكى تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا مورفىن بارلىقى ئىسپاتلانغان ۋە بىر قىسىم زەھەر ئەتكەسچىلىرى دەل قۇرۇتۇلغان كۆكنار غوزىكىدىن خام ئەشىيا قىلىپ مورفىنلىق دورىلارنى ياساپ قانۇنسىز ساتىدۇ. بۇنىڭ جەريانى مۇرەككەپ، كېتىدىغان ئىش كۆپ، ئايرىۋىلىنىدىغان مورفىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن كۆكنار غوزىكى بىر قەدەر ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ. بۇ توغرىدا نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا دۇنياغا مەشھۇر ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرستېتى ئالىملىرى تەرىپىدىن «خۇمار» ناملىق داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان بىر ئىلمىي ماقالىنىڭ ئۇلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك بايانلار بار قىسمىنى رەسىمىنى قىستۇرۇپ قوياي:
http://onlinelibrary.wiley.com/doi/10.1111/j.1360-0443.2006.01409.x/full
ھالبۇكى يېقىندا ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر ماقالىدە (http://bbs.apandim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=4280&extra=page%3D1) بۇ رىئاللىق ئېتىراپ قىلىنماي، ئەكسىچە بۇ خىل كۆكنار غوزىكى چىيى دەپ ئاتالغان ئەپيۇنلۇق چاي ئىچىىشنىڭ زىېينى يوقلۇقى ۋە ھالال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دەرۋەقە كۆكنار ئۇرۇقى تەركىبىدە مورفىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۆكنار ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلىنغان ماي قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش زىيانسىز ۋە ھالال دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما مورفىن تەركىبى بار بولغان كۆكنار غوزىكى چېيى ئېنىقكى ئىنسان تېنىگە زىيانلىقتۇر. بۇ زىياننىڭ قانچىلىك بولۇشى ئەلۋەتتە قانچىلىك غوزەك سېلىنغانلىقىغا باغلىق. بۇ خىل چاينى ئىچكەندە دەسلەپ ئازراق كۆڭلى ئېلىشىش تۇيغۇسى بولىدىغان بولۇپ، مىقدارىنى كۆپەيتىپ ئىچكەندە خۇمار قىلىش رولىغا ئىگە ئىكەن. خۇلاسىلىسام، مەيلى ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن كۆكنار غوزىكى چېيى تەركىبىدە مورفىندىن ئىبارەت ئىنسان تېنىگە زىيانلىق ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل چاينى ئىچىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر، بەلكى پەرىزدۇر.
بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى:
http://onlinelibrary.wiley.com/doi/10.1111/j.1360-0443.2006.01409.x/full
https://www.erowid.org/plants/poppy/poppy_info2.shtml
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ كۆپلەپ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت! ئەسلى مۇنداق كەندە ، رەھمەت بىلۋالدۇق . رەھمەت ئاداش، ئەمدى بۇنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقىتىشقا بولىدۇغۇ ھە:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-5 13:53
غوزەكتىن ئىقىپ چىققان ئاق سۇيۇقلۇق دەل خىرۇئىننىڭ مەنبەسىكەندە!
لىكىن بۇ ئەپيۇنگۈل دىگەن نەرسە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۆستۆرۈلمەيدۇ. ئاففانىستاندا ئۆستۆرىلىدۇ.
رەھمەت يەنە بىر بىلىمگە ئىگە بۇلۇۋالدىم . چوڭقۇر تىگى-تەكتى ھەم ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشەنگەن ئاساستا ...
كۆكنارنىڭ رەسىمىنى تۇنجى قېتىم كۆرەۋاتىمەن. ئىلگىرى گىزىت تورلاردا جىق ئوقۇغان ھەم ئاڭلىغان ئىدىم بۇنەرسىنى....
ئەرەپ قىزىلگۈل چىلىمى دەپ ئۇچۇق ئاشكارە ۋىۋىسكا چىقىرىپ دۇكان ئېچىپتۇغۇ بۇنى قانداق چۈشەنسەك بۇلا مۇشۇ جەنۇبى شىنجاڭ تەۋەسىد يەنى(خوتەندە) قەشقەر تەرەپلەردە غوزەك چېيى ئىچىپ خۇمار بوپ كەتكەنلەر كۆپكەن رەخمەت سىزگە بىلگەجان. بارىكاللاھ ،ھەربىركىشى ئۆزى بىلىدىغان ساھەدە سۆزلىسە نېمىدىگەن ياخشى ، ئاللاھ ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنى كۆپەيتىپ بەرسۇن! ئاللا بىلگىجاننىڭ ئىمانىنى ۋە ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن ، بۇ چاي توغۇرلۇق ئىختىلاپلارنى بۇ تىمىسى ئارقىلىق ئىنىق بىر يەكۇن چىقىرىپتۇ يەنى بۇ چاينى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھەقىقى ھاراملىقى ئىسپاتلىنىپتۇ ، مەنمۇ بۇ ھىيىتتا تاسلا قالغانتىم ئىچىپ سالغىلى ئەمدى بۇنىڭ ھاراملىقىغا بۇ تىما دەلىل بولدى ، باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلاي ، رەھمەت بىلگىجان . ئاڭلىمىغان گەپكەن ماۋۇ، بوممىسىغۇ راۋۇرۇس تور موللىسىتىم مەن، ئەپيونگۈلى دەپ تۇرسا ئەپيون ئەمەس بۇ، غوزىكى دەپ ھالال قىلىۋالغانلارنىڭ چوقۇم ئاففانىستاندا ئۇرۇق تۇققانلىرى بار. رەخمەت قېرىندىشىم بۈگۈن ئەتىگەن بىلگەجان ھەجەپ يۇقاپ كەتتى دىگندەك خىياللارنى قىلغانتىم بىلگەندەكلا يازما يوللاپسىز سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تىنىنڭ سالامەت بۇلۇشىنى ئاللادىن تىلەيمىز رەھمەت سىزگە.زادى بىر غەشلىك بار ئىدى مۇشۇ چاي توغرۇلوق،ئەمدى ياخشى بولدى. كەندىر توغۇرلۇق يېزىشقا بولارمۇ؟ بىلىۋالدىم . رەخمەت سىزگە يەنىلا كەسىپ ئەھلىدە سىز . Comeon يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 16:59 static/image/common/back.gif
كەندىر توغۇرلۇق يېزىشقا بولارمۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ. كەندىرمۇ يەنە بىر ئوخشىمىغان مىخانىزىم بىلەن مەركىزى نېرۋا سىستىمىسىغا تەسىر قىلغۇچى ئۆسۈملۈك. كەندىردىن نەشە ئايرىۋىلىنىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى مېنىڭ مەھەللەمدە كۆپلەپ تېرىلاتتى ۋە نۇرغۇن كىشىلەر نەشە چېكەتتى. نەشە چەككەنلەرنى بەڭگى دەپ قوياتتۇق. بىزنىڭ خوشنىمىزنىڭ ئەجداد لەقىمى بەڭگى بولۇپ، دائىم ئۇ كىشىنى باشقا ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم (كۆزلىرى بەكمۇ ئولتۇرۇشقان بولغاچ قورقۇنچلۇق تەسىر بېرەتتى)، كېىيىن بالدۇرلا تۈگەپ كەتتى رەھمەتلىك. ھازىر كەندىرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. پات ئارىدا ۋاقىت چىقىرىپ بۇ توغرۇلۇقمۇ يازاي. تەكلىپىڭىزگە رەھمەت! ئامرىكىدا نەشە چېكىش بەك مودا بوپ كېتىپ بېرىمىشقۇ ھەم قانۇنلۇقكەنمىشقۇ
راستىنلا شۇنداقمۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-5 19:28
yurak-sadasi يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 19:20 static/image/common/back.gif
ئامرىكىدا نەشە چېكىش بەك مودا بوپ كېتىپ بېرىمىشقۇ ھەم ...
ئامېرىكىدا نەشە ھەقىقەتەن ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر، سوغۇق يۇمۇرلار ۋە كەسكىن تەنە تۈسىنى ئالغان ماقالىلەر كۈندە دېگۈدەك مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. نەشىنىڭ ئاغرىقنى سەزدۈرمەسلىك رولى بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىدا دوختۇرنىڭ رىتسىپى بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىش ھېس قىلىدىغان بىمارلار قانۇنلۇق ھالدا دورىخانىلاردىن نەشە سېتىۋالسا بولىدۇ.
ئەمما شەخسىي ئىشلىتىش ھازىرچە پەقەت كولورادو شىتاتىدىلا قانۇنلۇق، باشقا شىتاتلاردا قانۇنسىز. شۇنداق بولغاچقا، باشقا شىتاتتىكىلەرنىڭمۇ قانۇنلۇق قىلغۇسى كىلىپ توختىماي نامايىش قىلىپ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خىلى بېشىنى ئاغرىتىپ قويىدۇ ۋە مۇشۇ توغرىدا ئوباما پات-پات سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدا دۆلەت بويىچە نەشىنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىدا ئۈمىد زور ئەمەس. 99999 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 20:09 static/image/common/back.gif
پوستى خەشخاش دەپ زىققا، يۆتەل قاتارلىق دورىلارغا ھازى ...
شۇنداق، خەشخاشنىڭ دورىلىق قىممىتى بارلىقى مەلۇم، ئەمما كېسەل ئەمەس ساق ئادەملەرنىڭ ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن چاي دەملەپ ئىچىپ خۇمار بولۇشىنى توغرا دېگىلى بولمايدۇ. مۇشۇ ئۆسۈملۈكتىن ھەسەل ھەرىسى ئايرىپ چىقارغان ھەسىلىچۇ؟ بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز؟
بەت:
[1]
2