كەسپى يالغان سۆزلەر
يۇلۇچىلار ئاپتۇبۇسى شوپۇرى : ماشىنا دەل ۋاختىدا قوزغۇلىدۇ .ئاشپۇزۇل كۈتكۈچىسى : قورۇما ھازىرلا چىقىدۇ .
شىركەت خىزمەتچىسى :ئەتىدىن باشلاپ ئىشلىمەيمەن .
سودىگەر : زىيىنىغا بېرىۋەتتىم ، بەك ئەرزان بولۇپ كەتتى .
كارخانا خۇجايىنى : بىزنىڭ كارخانا بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە مەنسۈپ .
دوختۇر : بۇ ئۇكۇلنى ئۇرسا ئازراقمۇ ئاغرىمايدۇ .
كىنو چولپىنى : بىز پەقەتلا دوسىت .
فۇتۇگىراف : سىز مەن كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق قىز .
كىيىم - كىچەك دۇكىنى خۇجايىنى : بەك دەل كەلدى ، خۇددى سىزگە بۇيرۇتۇپ تىكتۈرگەندەكلا .
ئايرۇپىلان باشلىقى : يۇلۇچىلار ھۇدۇقماڭلار ، ئايرۇپىلاندىن كىچىككىنە كاشىلا چىقتى .
ئامانلىق خادىمى : ھەر قانداق جىنايەتچىنىڭ قېچىپ كىتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمەن .
سىياسەتۋاز : مەن بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمىدىم .
رەھبەر : مەن يەنە ئىككى ئېغىز قۇشۇمچە قىلاي .
رىياسەتچى : ئالدىرىماڭلار ، ئۇيۇن ھازىرلا باشلىنىدۇ . يازغۇچى: يازغانلىرىمنىڭ مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق.:funk: تورداش:نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي{:92:} سېستىرا: جىددىيلەشمەڭ ئاغرىتماي ئۇرۇپ قويىمەن
كىراكەش: بىردەمدىلا بارىمىز
سۈرەتچى: 10مىنۇتتىلا سۈرەت چىقىرىمىز
ساقچى: ئىدارىغا بىر كېلىپ كەتسىڭىز
مېھمان: ۋاقىتلىرىنى ئالماي
شاڭجاڭ: قىيىنچىلىقىڭلارنى ھەل قىلىمەن
ئىمام: خۇلاسە كالام،سۆزىمىزنى تۆگەتسەك
زابوي: قەسەم قىلىۋەتتىم،ئەمدى ئىچمەيمەن
تېلېگراف خادىمى: ئېتىبار مۇلازىمەت بېجىرىپ بېرەي
دورا ساتقۇچى: بىر باسقۇچتىلا ساقىيدۇ
مەھەممەتجان دوختۇر: پايدا قىلىدۇ، پايدا قىلىدۇ،
-: قۇلاق ئاغرىيدۇ،
-: پايدا قىلىدۇ،
-: پاچاق ئاغرىيدۇ،
-:پايدا قىلىدۇ،
-:قوساق ئاغرىيدۇ،
-پايدا قىلىدۇ،
-: دۈمچەم ئاغرىيدۇ،
-پايدا قىلىدۇ:lol:lol مىھمان: تاماق بەك ئوخشاپتۇ،
ئوقۇتقۇچى: بارلىقىمىز بالىلار ئۇچۇن.
تىلۋۇزۇر: ئىلانلار بەك سەرخىل، قانالنى يۆتكىمەڭ. مابالىنى 2 يىل سولايدىغان يەرگە يىتىپتۇ .
قاسساپ : سىزگە گۆشنىڭ ئەڭ ياخشى يېرنى بەردىم
ناۋاي: بۇتېخى بايا ياققان نان
گۆركار: سىزگە ئېپ قويغان يەرلىك ئەڭ ياخشى،ئىشەنمىسىڭىز يىتىپ بېقىڭ.
رەھپەر: بۇ مەسىلىڭىزنى چوقۇم ھەل قىلىمىز.
قاتناش ساقچىسى: ئاۋۇ گۆركارنىڭ سەت كەپتۇ:lol:lol:lol:lol چاۋشەن : خەلقىمىز دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك خەلىق ، ئۇلۇغ داھىمىز چوشقا باش دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ رەھبەر {:92:} ئەر : خوتۇن بۇگۇن ئازىراق ئىشىم چىقىپ قالدى، ئۆيگە كەچ قايتىمەن .
رەھبەرلەر :خىزمەت تەكشۇرۇپ كەلگەنلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
شوپۇر ؛ قاتناش ساقچىسىغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىنچلىق تۇردۇڭلىما ؟
birmoo يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 12:01 static/image/common/back.gif
چاۋشەن : خەلقىمىز دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك خەلىق ، ئۇلۇغ ...
چاۋشەن : خەلقىمىز دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك خەلىق ، ئۇلۇغ داھىمىز چوشقا باش دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ رەھبەر
قىزىل خەت راس گەپ بولۇپ قاپتۇ {:194:} مۇنبەر: تېمىڭىز تەستىقلىنىۋاتىدۇ... بىزنىڭ پونكىت باشلىقى : ئىدارىدە يېقىندا يۆتكەش ئىلىپ بارىدىكەن ....
ئوغلۇم : بىردەم ئويىنىۋالاي ....
قىزىم : ئەتىدىن باشلاپ يادلايمەن ....
مەن : ئەمدى ئاز ئۇخلايمەن .....
مەن:كىيىن چۇقۇم جىق پۇل تاپىمەن{:92:} تىۋىپ : بۆرەك ئاجىزلاپ كىتىپتۇ. قاسساپ ، پاقلاننىڭ كۆشتى بايا سويغان {:92:} قاسساپ ، پاقلاننىڭ كۆشتى بايا سويغان {:92:} قاسساپ،ئۇستام قوزىنىڭ گۆشىمۇ يا؟ھەئە قوزىنىڭ ئانىسىنىڭ گۆشى{:92:}{:92:}
بەت:
[1]
2