mariya يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 08:18:23

پەرزەنىتلىرىمىز قەدىرلەشكە مۇھتاج

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    mariya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 08:22  

پەرزەنىتلىرىمىز قەدىرلەشكە مۇھتاج
‹‹سەن مەيلى مىڭغا كىر، مەيلى ئون سەككىز،
                    تۇگەيسەن ، قويۇپ كەت بىر ياخشى ئىز ››.           —  يۈسۈپ خاس ھاجىپ
    پەرزەنت چوڭ جەھەتتىن بىر جەمئىيەت ، بىر مىللەتنىڭ ، كىچىك جەھەتتىن بىر جەمەت ، بىر ئائىلىنىڭ نەسەبىنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئىزباسار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئاتا–ئانا بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تۇيغۇ ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي  شەرەپلىرىدىن بىرىدۇر . بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس، ئەگەر ئاتا–ئانىدىن ئىبارەت شەرەپ ئىگىسى بىلەن پەرزەنتتىن ئىبارەت ھاياتلىق مەشئىلىنى ياندۇرۇپ تۇرغۇچى بولمىغان بولسا ئىدى ، ئىنسان بىلەن ئىنسان ، ئاتا–ئانا بىلەن پەرزەنت ، شۇنداقلا ۋە يەنە باشقا نۇرغۇن شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى–مۇھەببەت ئوتلىرى يېلىنجىمىغان بولاتتى . مانا بۇ خىل يۈكسەك مۇھاببەت بارلىق گۈزەل نەرسىلەرنىڭ مەنبەسى ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئىللىق قۇياش ، شىپالىق يامغۇردۇر.
چەت دۆلەتتە بىر كىچىك بالا سوتچىنىڭ ئالدىغا ناھايىتى خاپا ھالدا كېلىپ ، بىرىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچى بوپتۇ . سوتچى مېھىربانلىق بىلەن بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ‹قېنى ئېتقىنە بالام ئۇ ئادەم  قانداق گۇناھ قىلدى › سەن ئۇستىدىن شىكايەت قىلماقچى بولغان كىشى يادىرو ئۇرۇشى قوزغىماقچىمىكەن ؟ دەپ سوراپتۇ .
-ياق ، بالا بېشىنى چايقاپتۇ .
-ئۇ باشقىلارغا زەھەر سېتىپ مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدىمۇ ؟
- ئۇنداق ئەمەس .
ئۇ بۇلاڭچىلىق ،ئوغىرلىق قىلدىمۇ ياكى ئايالى ۋە باللىرىغا زوراۋانلىق قىلىپ ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردىمۇ ؟
ـ ياق .
- ئۇنداقتا ئۇ زادى قانداق گۇناھ سادىر قىلدى ؟
چىرايىدىن مەيۈسلۈك چىقىپ تۇرغان بالا :‹ئۇھەر كۈنى ئۆزىنى دادا دەپ چاقىرىدىغان
شۇنداقلا ئۇنى چىن قەلبىدىن  سۆيىدىغان يۈرەك پارىسىغا  بىر ئىش توغىرىسىدا
ۋەدە بېرىپ ، ۋەدىسىدە  تۇرالمىغان  ئېشەنچىسىز  دادا ›دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ……   
بالىدىمۇ بالىغا خاس غۇرۇر ، ئىشەنىچ ، ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسى بار . ئۇلارمۇ چوڭلاردەك ئاتا – ئانىللىرنىڭ ، ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ، جەميەتنىڭ  ئىتىراپ قىلشىغا  ، ماختشىغا
مۇھتاج بولىدۇ . قانداق قىلغاندا بالىنى قەدىرلىگىلى بولىدۇ ؟ بالىغا بولغان ئىشەنىچ ، قەدىرلەش بالىنىڭ كۆزگە كۆرىنمەس ھاياتىنى بېسىپ تۇرغان ئۆزىنى كەمسىتىش قورام تاشلىرىنى  ئىرغتىۋىتەلەيدۇ ، شۇندىلا  بالىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارى يانار تاغدەك پارتىلاپ ، تاغنى تالقان قىلالايدۇ . ئەگەر بىز  بالىمىزغا ئىشەنسەك ، چوڭلارچە مۇڭداشساق ئۇنىڭمۇ ھالىمىزغا يېتىدىغانلىىنى ھېس قىلىمىز .
بىرنەچچە يىل ئاۋۋال يېڭى مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن يولدۇشۇم ئىككى ئوغلۇمغا بۇ ئۆينى ئالىمىز دەپ ئاپاڭلار ئۈچ يىلدىن بېرى مۇئاش ئالماي بانكىغا قەرىز تۆلەۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستۈگە يېقىندىن بېرى دۇككاننىڭ سودىسىمۇ ياخشى ئەمەس شۇڭا بىز ئۈچ ئەركەك  ئىقتىساتچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشقا كۈچ چىقارمىساق بولمايدۇ ، سىلەرمۇ  چوڭ بولدىڭلار پۇلنىڭ قانداق كېلدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر دېۋىدى .
نەچچە كۈندىن بېرى ماڭا ماركىلىق سومكا ئېلىپ بېرىسىز دەپ جىدەل قىلۋاتقان چوڭ ئوغلۇم دەرھاللا‹ مىنىڭ سومكام يەنە بىر يىل يارايدۇ ، بولدى سومكا ئالمايمەن › دېسە كىچىك ئوغلۇممۇ خانىسىگە كىرىپ كېتىپ ، ئۆتكەن مەۋسۇمدىن ئېشىپ قالغان بىر مۇنچە دەپتەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بۇ دەپتەرلەرنى يەنە ئىشلەتكىلى بولدىكەن دېدى مەن يولدىشىمغا لاپپىدە قاراپ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بۇنچە تېز تەسىر قىلغىنىغا ھەيران قالدىم مانا بۇ ئىشەنچنىڭ ، بالىغا مەسۇليەت يۈكلەشنىڭ مەھسۇلى ئېدى .
مەن كۆرگەن بىر ماقالىدا «بالىلىرى ئاسان جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئائىلىلەر ئويۇن-تاماشىغا بېرىلگەن ئائىلىلەر بولۇپ ، بۇنداق ئائىلىلەر بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلانمايدۇ . دائىم تۈرلۈك ئويۇن– تاماشا بىلەن بولۇپ كېتىپ ، بۈگۈنكى كىچىككىنە سەۋەنلىكنىڭ ئەتە قانداق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ ، ھەم بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدىمۇ باش قاتۇرمايدۇ »  دەپ يېزىلغان . شەھەرگە بارغىنىمدا ئۆتۈشمە يولغا چۈشىدىغان پەلەمپەيدە كىتاب  ،دەپتەرلىرى  سېىلىنغان ئاغزى  ئوچۇق سومكىسىنىڭ يېنىغا ئاياغنىڭ قېپىنى  قويۇۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئالتە ياشلار چامىسىدىكى سەبئى قىزچاق ..... گېزىتكە بېرىلگەن سۈرەتلىك خەۋەردىكى ئاتا–ئانىسى ئۆيدە بولمىغاچقا ئامالسىز ئەتيازنىڭ جانىدىن ئۆتكۈدەك سوغۇقىدا بىر كېچىنى يەر ئاستى ئۆتۈشمەيولىدا ئۆتكۈزگەن ،مۇزدەك سېمونت يەردە دۈمبىسىنى خىش تامغا يۆلىگىنىچە ئىككى تىزىغا بېشىنى قويۇۋېلىپ ئۇخلاۋاتقان 12 ياشلىق ئوغول بالىنىڭ كىشىنىڭ ئىچىنى سىرىيدىغان بىچارە ھالىتى ......  ئوتتەك ئوقۇغۇسى بولسىمۇ لايغەزەل ، قىمارۋاز ھەمدە مەسۈليەتسىز دادىسىنىڭ دەردىدە 14 ياشقا كىرمەيلا ئوقۇشتىن چىكىنىپ باشقىلارنىڭ كۆكتات دۇككىنىدا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان قىز  ....بەلكىم تالادا قالغان بۇ بالىنىڭ ئاتا–ئانىسى خىزمەت ، تىجارەت ياكى باشقا مۇھىم ئىشلار بىلەن ئۆيگە قايتالمىغان، ئەر ئايالىغا ياكى ئايالى ئېرىگە ئىشنىپ بالىنىڭ تالادا قېلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق تىلەمچى قىزچۇ؟ ! ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تىلەمچىلىك قىلشىقا مەجبۇر بولغانلىقىنىڭ تېگىگە ھەر قانچە ئويلاپمۇ يېتەلمىدىم. يۇقۇرقىلار پەقەت مەن كۆرگەن بىر قىسىم تۇرمۇش كارتىننىلىرىدىن ئىبارەت  خالاس .
   كاماندىروپكىغا چىقماقچى بولغان ئايال خىزمەتداشلىرىم كېچىچە ئۇخلىماي تۈگرە تۈگۈپ ، قورىما قورۇپ ، گوشنان ياكى مانتا پىشۇرۇپ تامىقىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ ، بىرنەچچە كۈننىڭ قالايدىغان كۆمۈرلىرنى سولياۋ خالتىغا قاچىلاپ ، ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ كىيىدىغان كىيىمىدىن تارتىپ تەييارلاپ ، ئېرىگە بالىلارنىڭ يوتقىنىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقىنى، تاپشۇرۇقىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى ، مەكتەپكە كېچىكىپ قالماسلىقىنى قايتا–قايتا جېكىلەپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلىمەن ، شەخسەن ئۆزۈممۇ شۇنداق قىلىمەن . چۈنكى ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاتا–ئانا بولغۇچىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى . بىزنىڭ شۇنچە جاپا تارتىپ ، پۇل تېپىشىمىز زادى كىم ۋە نېمە ئۈچۈن ؟ ئەگەر پەرزەنتلىرىمىز غەمخورلىققا، مېھىر–مۇھەببەتكە ، تەربىيەگە مۇھتاج بولۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتلەردە ، بىز ئۇلارغا بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىنى بېرەلمىسەك ، بالىلىرىمىز ئويۇن–تاماشىغا ، زەھەرگە، قىمارغا، ئوغرىلىققا ۋە يەنە باشقا نۇرغۇن يامان ئىشلارغا ئۆگىنىپ قېلىشى مۇمكىن . نەتىجىدە ، ئۇلار لۈكچەك ، ھۇرۇن ، لايغەزەل ، تەييارتاپ ، تاشيۈرەك خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈۋېلىپ ، جەمئىيەتنىڭ داشقىلىغا ئايلىنىپ قالسا، بىزنىڭ تاپقان پۇلىمىز نېمىگە ھېساب بولىدۇ ؟ ئاتا–ئانا بولغۇچىلار پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئۈزۈل–كېسىل مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قالمامدۇق؟ ئۇ چاغدا ھەرقانچە پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كېلەمدۇ؟
بالا تەڭىرنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ ئالىي نىممىتى ، ۋاقىتلىق  مېھمىنى ، بۇ نىممەتتىن قانداق پايدىلنىش ، بۇ مېھماننى قانداق قىلىپ لايىقىدا يولغا سېلىش يەنىلا ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ تەدبىرىگە باغلىق . بالىلار قىيىنچىلىقتىن قورىقمايدۇ ، ماددى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىنمۇ قورىقمايدۇ بەلكى يۈزىنىڭ تۆكىلىىشىدىن ئۇياتقا قېلىشىدىن قورقىدۇ .
بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىشەنىچ  ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشتىن ئېبارەت ئىككى روھ بولىدۇ ، ئۇلار دائىم بىر – بىرى بىلەن مۇسابىقە قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ تالىشىشنىڭ نۇقتىسى : مەن يارايمەنمۇ ياكى يارىمەيمەنمۇ ؟  تۈگەشتىممۇ ياكى تۈگەشمىدىممۇ ؟ باشقىلار مېنى كۆزگە ئىلامدۇ ياكى ئىلمامدۇ ؟ دېگەندىن ئىبارەت . بالىلارنىڭ ئىشلىرى مۇۋە پەقيەتلىك بولغاندا ئوڭايلا ئاتا – ئانىلارنىڭ قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۇرىشىگە ئېرىشدۇ . بالىلار قىيىنچىلىققا ئۇچىرغاندا ، ئاتا – ئانىلار كۆكرەك كىرىپ ئوتتىرغا چىقىپ ، بالىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۈۋىلىشىغا ياردەم بېرىشى ، بالىلاردا قايتا ئىشەنىچ تۇرغۇزىشى لاز ىم . شۇندىلا  بالىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارى يانار تاغدەك پارتىلاپ ، تاغنى تالقان قىلالايدۇ . مېنىڭچە جاھاندىكى ئەڭ كۆيۈمچان ، ئەڭ لاياقەتلىك ئاتا–ئانا پەرزەنتلىرىنى يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ تەربىيەلەيدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن نى مۈشكۈل جاپالارغا بەرداشلىق بېرىپ ، تەربىيەنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ بەختىنى ، كېلەچىكىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىدىن ، كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئىزلەيدۇ .مانا مۇشۇنداق ئاتا–ئانىلارلا ھەقىقىي لاياقەتلىك ئاتا–ئانىلاردۇر !



Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 08:47:39

توغرا،ئۇلار بىزنىڭ  بالىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن  ئۇلار سەبى ئاقكۆڭۈل بولسىمۇ  ئۇرىمىز،تىللايمىز  ئەمما ئاشۇلارمۇ ھۆرمەتلىنىشقا مۇھتاج،بولسا گەپ سۆز ئىش-ھەركەتلىرىمىز بىلەن خىجىل قىلساق تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
بەت: [1]
: پەرزەنىتلىرىمىز قەدىرلەشكە مۇھتاج