Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 19:10:18

[تەشۋىق فىلىم] يات تەن (ئۇيغۇرچە خەتلىك)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
مەكۇز تەشۋىق فىلىمنى ھېيىتتىن بۇرۇنلا ئەركان ئەپەندىم تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى ھەم مەنمۇ شۇ چاغدىلا پرېسلاپ بولغان ئىدىم. ئەپسۇس تورنىڭ ئاستىلىقىدىن بۇنى يوۋكۇغا يوللاشقا ئىمكان بولماي مانا بۈگۈن ئاران يوللىنىپتۇ. شۇڭا ھەرقايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا ئەمدى سۇنۇلدى.

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzUwMDcyMDcy/v.swf

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 20:58:30

تەرجىمە فىلىملارغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن . قاچانلاردە كۈرۈش نىسىپ بۇلار{:92:}

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 21:24:34

خەنزۇچە ئىسمنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ،خېلى نوچى كىنودەك قىلىدۇ.

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 21:29:06

超体。 Lucy  بۇ مۇشۇ فىلىمنىڭ ئىسمىكەن

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 23:19:43

بۇ تېخى كىنوخانىلاردىمۇ قويۇلمىغان فىلىمكەن ھە ... ،  كىنوخانىدا كۆرۈشكە تېگىشلىك كىنوكەن ، قاچان قويىدىغاندۇ كىنوخانىدا ؟

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 11:36:58

ما كىنونى كۆسەك بوغۇدەي زادى...
لېكىن ئەدەمنى سەل خىيالپەرەس قىپقۇيامدۇ نىمە؟:funk:

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 11:41:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 13:42  

كۈلكە ئەپەندىم:

مەن ئاق بۈركۈت تورىدىن كورىينىڭ  رەزىل دۇنيا ناملىق فىلىمنى چۈشۈرۈپ كۆرگەن ئىدىم.  تەرجىمىسى ياخشى چىققان بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم يەردىكى تەرجىمىدە سەت گەپلەرنى بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ قويغان، بۇندىن كىيىن تەرجىمە خىزمىتىنى ئۆتىگۈچىلەرگە تەربىيە قىلىپ قويسىڭىز.

كىنونىڭ ئەسلى تەرجىمىسىگە ئاساسەن، بەزى گەپلەرنى بىۋاستە تەرجىمە قىلىشقا بىئەپ بولسا،مەنىسى يىقىنراق، چىرايلىق سۆزلەرگە ئالماشتۇرۋىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


مەسىلەن : كىنونىڭ ئاخىرلىشىش سىكۇنتىدا، لىزىچىڭ ئەمدى نىمە قىلغىلى بارىمىز دىسە،  دىڭچىڭ سىرىق كىنو كۆرگىلى دىدى.

كىنو كۆرگىلى دەپ تەرجىمىسىنى يىزىپ قويسا كۇپايە بولاتتى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 12:16:38

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 11:41 static/image/common/back.gif
كۈلكە ئەپەندىم:

مەن ئاق بۈركۈت تورىدىن كورىينىڭ  رەزى ...

ئاق بۈركۈتنىڭ كىنوسىنى ئاقبۈركۈتكە دەڭ. مەن ئاق بۈركۈت ئەمەس ھەم ئۇ بېكەتنىڭ تەرجىمانلىرىغا ئانى قىل مانى قىل ئانى ئال مانى ئال دېيەلمەيمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:18:34

نېمە بوپتۇ سېرىق كىنو كۆرگىلى  بارىمىز دېگەن بولسا ؟
مىللىتىمىز بۇزۇلۇپ كېتەرما‹

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:25:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 15:32  

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 15:18 static/image/common/back.gif
نېمە بوپتۇ سېرىق كىنو كۆرگىلى  بارىمىز دېگەن بولسا ؟
مىللىتىمىز بۇزۇلۇپ كىتەرما...

سىرىق دىگەن گەپ سىزگە ئانچە تەسىر قىلمايىدىغان بوپ قالغان چىغى، دورىنى كۆپ ياساپ، كۆپ ساتقاندىكىن، سىلى بىلەن  مەنپەئەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن ئوخشايدۇ.

ۋىنتىسى بوشاپ قالغان يەرنى بايقىغانلار بولسا، كۇلۇچ بىلەن چىڭىتىپ قويىدىغانلار چىقار.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:26:39

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 14:16 static/image/common/back.gif
ئاق بۈركۈتنىڭ كىنوسىنى ئاقبۈركۈتكە دەڭ. مەن ئاق بۈركۈ ...

ئانداغ قىلاي ئەمىسە. خۇدايىمغا ئامانەت، ئۇزاتمىدىم ئەمىسە.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 13:32:49

ۋەھشى كىنودەك قىلامدۇ نىمە تۇتۇش بۇيرىقى دىگەن كىنودەك

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 21:08:30

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 11:41 static/image/common/back.gif
كۈلكە ئەپەندىم:

مەن ئاق بۈركۈت تورىدىن كورىينىڭ  رەزى ...

مەن مۇ كۆرگەنغۇ ئۇ كىنونى سەت گەپلەرنى  س گ  دەپلا ئېلىغلىققۇ

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 10:45:27

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 11:41 static/image/common/back.gif
كۈلكە ئەپەندىم:

مەن ئاق بۈركۈت تورىدىن كورىينىڭ  رەزى ...

رەزىل دۇنيا ئەمەس ، يېڭى دۇنيا ! مېنىڭچە كىنو ئىنتايىن توغرا تەرجىمە قىلىنغان ، سىز سەل سەزگۈر بوپ قاپسىز ، ئۇلار دېگەن كورىئان ، ئۇيغۇر ياكى تۈرك ئەمەس ! شۇڭا نېمە دېسە دەۋەرمەمدۇ ؟ بەرىبىر بىزگە تەسىر قىلمايدۇ ! ھېلىمۇ ھوللىۋودنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىنولىرىدەك قېلىن كىنو ئەمەس ئۇ ! ئۇلار دەل شۇنداق ئەينەن تەرجىمە قىلغاچقىلا كىنو شۇنچىلىك تەبىي چىققان ! 80 ــ يىللار كەتتى بۇرادەر ، سەرگەردان فىلىمى قويۇلسا ھەممە ئوغرى بولۇپ ، خاڭكوڭنىڭ چامباش فىلىمىنى كۆرسە باش يېرىشىدىغان … ئەنسىرىمەڭ ، سېرىق فىلىم كۆرگىلى دەپ قويغانغا ياشلىرىمىز سېرىق كۆرگىلى كەتمەيدۇ !
بەت: [1]
: [تەشۋىق فىلىم] يات تەن (ئۇيغۇرچە خەتلىك)