Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 18:59:16

[دەرسلىك] تەرجىمە فىلىملەرنىڭ يېزىقىنى تەھرىرلەش سىن دەرسلىكى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان كونا يېڭى تەرجىمانلار كېلىپ كېتىپ تۇردى. كونىلارمۇ يېڭىدىن كىرگەن ئەھۋاللارمۇ بار. لېكىن تىلىمىز بىر، يېزىقىمىز بىر بولغان بىلەن ئوقۇتقۇچىمىز ۋە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز ئوخشىمىغاچقا ھەم ھەر خىل يەرلىكتىكىلەرنىڭ يېزىققا ۋە تىلغان بولغان تەلەپپۇزلىرى، يېزىق ئىشلىتىش ئورنىدا پەرق بولغاچقا كىنو تەرجىمە قىلغاندا ئاز تولا خاتالىقلار سادىر بولۇپ كەلدى. بۇ خاتالىقلارنى جاپاكەش تەھرىرلەر يېپىپ ئوڭشاپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن كۆزدىن قېچىپ يەنىلا تاشلىنىپ قالدى ۋە فىلملەرگە شۇ بويىچە ئورۇن ئالدى.
قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىمىز تەرجىمە سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاندىن باشقا يەنە تىنىش بەلگە، ئىملا خاتالىقلىرىنىمۇ مۇھىم بىلىپ ئىزچىل سۈپەتنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ يۇقارقىدەك تەرجىمانلارنىڭ قولىدىن چىققان تەرجىمىلەردە تىنىش بەلگە، ئىملا خاتالىقلىرى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغاچقا تەھرىرلەرگە جاپا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر كىنو تەرجىمىسى پۈتۈپ 3-4 كۈن ئىچىدە چىقىدىغان ئىش كەينىگە سۆرىلىپ بىرەر ھەپتىگە ھەتتا بىرەر ئايغا سۆرەلدى. شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن ئازراق ۋاقىت ئاجىرتىپ گاچا دەرسلىكتىن بىرنى تۈزۈپ چىققان ئىدىم. گەرچە دەرسلىك قىسقا بولغان بىلەن تەرجىمانلارغا ۋە تەھرىرلەرگە ئاز تولا پايدىسى بولار دەيمەن. خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا توغرىسى بويىچە مېڭىپ كۆرۈپ تۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

دەرسلىك ۋاقتى: 15 مىنۇت
ئېنىقلىقى: 1920x1080
ھۆججەت فورماتى: AVI
تىلى: يوق (گاچا دەرس:lol  )
يېزىقى: ساپ ئۇيغۇرچە
سىغىمى: 54 مېگابايىت

دەرسلىكنى چۈشۈرۈش
http://kuai.xunlei.com/d/qovKAwKlMAAWgd9Tc37

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 22:45:48

ئەلا
بەت: [1]
: [دەرسلىك] تەرجىمە فىلىملەرنىڭ يېزىقىنى تەھرىرلەش سىن دەرسلىكى