musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 16:34:03

ئاپا،دادامنى تىللىماڭ

   ھەشەمەتلىك بېزەلگەن كاتتا رىئوستىران،كىرىپ -چىقىۋاتقان مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى،ئىشك ئالدىدا مەخسۇس گىرىمخانىدا گىرىم قىلغۇزۇپ گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن چاي ئىگىسى گۈلنار ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولۇپ تۇرۇشقان، كەچلىك مۇراسىم كىيىملىرى بىلەن چىرايلىق تۈسكە كىرشىپ رەڭگا -رەڭ كېپىنەكلەرنى ئەسلىتىپ قويغان  بىر توپ دوستلىرى  چايغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈش ۋە ئورۇن كۆرسىتىش بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى، ئىشىكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە  ئەر ساھىبخان،گۈلنارنىڭ  يولدىشى ئابلەت ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرى بىلەن چايغا كەلگەن ئەر مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى.بۈگۈنكى بۇ چاي ئابلەت بىلەن گۈلنارنىڭ توققۇز ياشقا كىرگەن  ئوغلىنىڭ سۈنئەت تويى بولۇپ ،چايغا كەلگەنلەر ئىشىكتىن كىرىپلا ئەر -ئايال ساھىبخاننى قىزغىن تەبرىكلىشەتتى ،بولۇپمۇ ئايال مېھمانلار گۈلنارنىڭ بۈگۈن بەكلا چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ماختىشاتتى.مانا مېھمانلارنىڭ كېلىدىغىنىمۇ بىرەر قۇر كېلىپ بولدى .ئۇرۇق -تۇققانلار سۆرەتكە چۈشۈش، سۈنئەت تويى بولغان ئوغۇل تەبرىكنانە ئوقۇش، بالىلارغا ئويۇنچۇق تارقىتىش...قاتارلىق بىر قاتار رەسمىيەت تەرىقىسىدىكى  ئىشلار تاماملىنىپ ،ئۈستەلگە تاماق، سەي -پەيلەر تارتىلىپ سورۇن رەسمىي باشلانغان ئىدى،نۆۋەتتە  ئايال ساھىپخان گۈلنار   مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىشىپ گۈلدەك بولۇپ كەتكەن بىر توپ يانداش  دوستىلرى بىلەن ئۈستەل -ئۈستەلگە بېرىپ پۇل يىغىش ۋە سۆرەتكە چۈشۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
- گۈلنار،ئا ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىرنەچچە مېھمانلار بەك ئالدىرايدىكەن، ئۇلارنىڭ يەنە بارىدىغان باشقا  چايلىرى بار ئىكەن، شۇڭا سىنئالغۇچى ئۇلارنى سۆرەتكە تارتىۋالسا بوپتىكەن،- دېدى يولدىشى ئابلەت گۈلنانىڭ قېشىغا كېلىپ.
- ماقۇل، ھازىر ، مۇشۇ بىر رەت چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ماڭدۇراي، -دېدى گۈلنار. ئابلەت ئەر مېھمانلار بار ئۈستەل تەرەپكە كەتتى.بىر ئەمەس بىرنەچچە رەت پۇل يىغىش، سۆرەتكە چۈشۈشلەر داۋام قىلىۋەردى، ئەر تەرەتىكى بىرنەچچە ئۈستەل قۇرۇقدىنىپ قالدى، گۈلنار سىنئالغۇچىنى تېخىچە  ئەرلەر ئولتۇرغان ئۈستەل تەرەپكە ماڭدۇرمىغان ئىدى.
  - گۈلنار، ئەرلەر ئولتۇرغان بىرنەچچە ئۈستەلدىكىلەر كېتىپ قالدى، سىنئالغۇچى  بېرىپ ئەرلەرنىمۇ بىرقېتىم سىنئالغۇغا  ئالسۇن،- دېدى  ئابلەت گۈلنارنىڭ قېشىغا كېلىپ.
  - نېمانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىسىز،ئەرلەر سۆرەتكە چۈشمىسە نېم بوپتۇ؟ كەتسە كېتىۋەرمەمدۇ؟قېپ قالغىنى ئولتۇرا؟ شۇنچە كۆپ ئاياللار تۇرسا،‹‹ ئەرلەر  كەتسە ئوينايدىغان ئادەم چىقماي قالارمىكىن›› قورقۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق....- يەنە نېمىلەرنىدۇ دېدى گۈلنار ئاچچىق بىلەن زەردە قىلىپ.
  - نېمە دەۋاتىسىز، ئەرلەرمۇ بىزنىڭ مېھمانلىرىمىز، ئۆزىمىز چايغا چاقىرىپ يەنە ئۆزىمىز ئۇنداق دېسەك قانداق بولىدۇ؟ سىزدە ئادىمىگەرچىلىك دېگەن نەرسە بارمۇ  يوق؟-دېدى ئابلەت ئاچچىقلىنىپ، بىراق ئۇ مېھمانلارنىڭ ئالدىدا‹‹ سەت تۇرمىسۇن ››دەپ ئويلىدىمۇ قانداق، ئاۋازىنى بوشراق چىقىردى.
   - نېمە دەيسەن سەت گاچا، مەن ئادىمىگەرچىلىكنى بىلمەيدىكەنمەنما؟ سەن بەك بىلىدىغان ئوخشىمامسەن ئادىمىگەرچىلكنى.....!- ئوغلىنىڭ  سۈنئەت تويى ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدىمۇ قانداق،  گۈلنار  نومۇس دېگەننى قايرىپ قويۇپ ئابلەتنى تىللاپلا كەتتى، ھېلىمۇ ياخشى مۇزىكىنىڭ گۈمبۈر -گۈمبۈر ئاۋازى بىلەن مېھمانلارنىڭ ۋارڭ -چۇرۇڭلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ ئابلەتنى تىللاشلىرىنى قېشىدا تۇرغان يانداش دوستلىرى بىلەن ئابلەتنىڭ دوستلىرىلا ئاڭلىدى.ئۇلار ھەدەپ گۈلنارنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ھەم  مېھمانلارغا چاندۇرماسلىق  بىلەن ئاۋارە ئىدى،
  - ئاپا، دادامنى نېمىشقا تىللايسىز؟ ئۆيدىغۇ داۋامىلق ‹‹ گاچا، دەلتى، ساراڭ ....›› دەپ تىللايسىز، ئەمدى ئاكامنىڭ چېيىدىمۇ، شۇنداق جىق مېھمانلار تۇرسا يەنە تىللاۋاتىسىز، ئاياللار ئەرلەرنى ئۇنداق تىللىسا بولمايدۇ، بۇنى چوڭ ئانام ماڭا دەپ بەرگەن، سىز دادامنى داۋاملىق تىللايسىز، ئادەم بار يەردىمۇ سىلكىشلەيسىز،ئۇنداق قىلىسىڭىز دادامنىڭ كۆڭلىگە كەلمەمدۇ؟  سىز دادامنى ئۇنداق تىللىسىڭىز باشقىلار قانداقمۇ ھۆرمەتلەيدۇ.....؟  ،- قېشىغا قايسى ۋاقىتلاردا پەيدا بولۇپ ،بولۇنغان گەپ -سۆزلەرنى قانداق ئاڭلاپ قالدىكىن، ئۇلارنىڭ ئالتە ياشلارغا كىرىپ قالغان قىزى گۈلزىبا تۇيۇقسىز گۈلنارغا چۇڭۇلداپ تۇرۇپ نەسىھەت قىىلپ كەتتى
    - ماڭ ،بېرىپ ئويۇنۇڭنى ئوينا،چوڭلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي...-دېدى گۈلنار ئاچچىقى بىلەن قىزىنى سىلكىپ.
   - مېنى سىلكىشلىسىڭىز مەيلى، مەن دېگەن سىزنىڭ قىزىڭىز،  لېكىن دادامنى سىلكىشلىمەڭ،تىللىماڭ.... ئۇ دېگەن سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس، مېنىڭ ۋە ئاكامنىڭ دادىسى،سىز تىللاپ ،سىلكىشلەيدىغان كىچىك بالا ئەمەس، -دىدى قىزى گۈلنارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ . گۈلنار قولىنى كۆتۈرۈپ قىزىنى ئۇرماقچى بولغان ئىدى، دوستىلرىدىن بىرسى ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى.
  - ما دېگەن ئابلەت بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ئوغلىنىڭ سۈنئەت چېيى جۇمۇ، نېمە بولدىڭىز گۈلنار؟ نومۇس قىلسىڭىزچۇ؟ مېھمانلارنىڭ ئالدىدا چاڭچىلە قويۇپ بېرەي دەمسىز؟  سىزنىڭ ئابلەتنى مېھمانلار ئالدىدا سىلكىشلىگىنىڭىز  خاتا، بۇنى  ئالتە ياشلىق قىزىڭىز جېنىدا بىلىپتۇ، سىز ئىككى بالىنىڭ ئانىسى تۇرۇپ نېمىشقا بىملەيسىز؟ دېمىسىمۇ سىز ئابلەتنى ئادەم بار -يوق دېمەي سەتلەيسىز،ئەل -ئاغىينىلەرمۇ بەك تولا نەسىھەت قىلپ كەتتۇق سىزگە بۇ توغرۇلۇق، ‹‹ ماقۇل›› دەپ قويۇپ ،يەنە ئۆزىڭىز بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرىۋەردىڭىز،ھېلىمۇ بۇ دوستۇم شۇنداق ئېغىر، گەپ قىلماي ئىچىگە تىنىپ  ئۆتكۈزىۋېتىدۇ، مەندەك ئادەم بولسا بۇ چاغقا نەچچە قوۋۇرغىڭىز سۇنۇپ بولاتتى.بولدى، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا سەت بولىدۇ، گەپنى ئاۋۇتماي،  مېھمانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭ، سىنئالغۇچى ئەرلەر بار ئۈستەل تەرەپكە بېرىپ ئەرلەرنىمۇ سۆرەتكە تارتسۇن، ئەر مېھمانلارمۇ مېھمان.....- دېدى ئابلەتنىڭ يېقىن ئاغىينىسى، ئاچچىقى يامان ئابدۇرېھىم، گۈلنار ئابدۇرېھىمدىن سەل تەپتارتتاتتى.شۇڭا باشقا گەپ قىلمايلا دوستلىرىنىڭ قولتۇقلىشى بىلەن ئايال  مېھمانلار ئولتۇرغان ئۈستەل تەرەپكە ماڭدى. گۈلنار مېھمانلارنى كۈتىۋاتسىمۇ بايا قىزىنىڭ ۋە ئابدۇرېھىمنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى كۆڭلىدە ئويلاۋاتتاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ بەكمۇ  ئېشىپ كەتەكنلىكىنى ھېس قىلدى، دېمىسىمۇ  ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ سۈنئەت تويىدا، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئېرىنى ھاقارەتلەش بەك چەكتىن ئېشىپ كەتەكنلىك ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئابلەتنى داۋاملىق كەمسىتىشلىرى، بالىلىرىنىڭ ئالدىدا سىلكىشلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن نومۇس قىلدى، پۇشايمان قىلدى، ئۇنىڭ يۈرىكىگە قىزىنىڭ‹‹ دادام سىزنىڭ بالىىڭز ئەمەس، بىزنىڭ دادىمىز، دادامنى سىلكىشلىمەڭ.....،› دېگەن سۆزلىرى ئۆتكۈر خەنجەردەك ئۇرۇلماقتا ئىدى. ئۇ ئەڭ يېقىن دوستىنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇ پىچىرلىدى ۋە دوستى بىلەن ئەرلەر ئولتۇرغان ئۈستەل تەرەپتە ئەرلەرنى كۈتىۋاتقان ئابلەتنى چاقىرىشقا بىرسىنى بۇيرىدى، ئابلەت ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى.
  - مېنى كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىپتىمەن،  قىزىم مېنى  تەربىيىلدى،ئادەم قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى سىلكىشلىمەيمەن، كۆڭىلڭىزگە ئازار بەرمەيمەن، مېنى كەچۈرۈشىڭىزنى چىن دىلمدىن ئۈمىد قىلىمەن، -دېدى گۈلنار  ئابلەتكە قاراپ.گۈلناردىن بۇنى كۈتمىگەن ئابلەت دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى ۋە سەلدىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ:
   - بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلمىسىڭىزلا ، مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭمۇ كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتسىڭىزلا بولدى ، سىز ئەمدى كۆزۈمگە بەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىسىز گۈلنار، سىزنى.....- دېدى ئابلەت كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ھە، گۈلنارنى مېھمانلارنىڭ ئالدىدا سۆيۈپ قوياي دېگەنمۇ؟ ئۇنى ئۆيىڭىزگە بارغاندا جۇمۇ...،- دېدى گۈلنارنىڭ ھېلىقى گەپچى دوستى،ئۇلار كۈلۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭغىچە ئۇلارنىڭ قېشىغا يەنە بىرنەچچە مەسلەھەت سورايدىغانلار ۋە مەسلەھەت كۆرسىتىدىغانلار كەلدى.  سۈنئەت توي مەرىكىسى كۆڭۈللۈك داۋاملاشماقتا ئىدى، گۈلنارمۇ يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ خوشال كەيپىياتتا ئۇسۇل ئوينىماقتا ئىدى.


مەنبە : ئۆز قەلىمىم

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 09:50:08

ئالتە ياشلىق قىزنىڭ پەۋقۇلئادە چوڭ ئادەملەرچە گەپ قىلىشى ، ئىككى ئېغىز ۋاراڭ چۇڭدىكى نەسىھەت بىلەنلا ، سەلبى پىرسوناژنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىغا تۆۋە قىلىپ كېتىشى - ئەمەلىيەتكەخېلى زىت . پېرسوناژ خاراكتىرىنى ، ئۆزگىرىشلىرىنى سەل ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەسۋىرلەش كېرەك.
ئاندىن ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ماز چاقچاقلار ...
مۇۋاپىقىيەت بولمىغان ئەسەر!

Heqiqet2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 11:13:26

مېنىڭچىمۇ مەزمۇنىنى بەك ئىخچام قىلىمەن دەپ قالغان چېغى، قېرىندىشىمىز. يەنە تىرىشىڭ! قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن..

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 12:44:49

ئەخلەتكەن.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 21:45:54

bariber يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 12:44 static/image/common/back.gif
ئەخلەتكەن.

ما ئىنكاستىن ئەخلەتنىڭ نىملىكىنى ھىس قىلۋاتىمەن

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 21:58:34

تەسۋىرلەش ئىقتىدارىڭىز ياخشىكەن.. يېزىقچىلىقنى كۆپلەپ يېزىپ مەشىق قىلىپ بەرسىڭىزلا تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازالىغۇدەكسىز.. تىرىشىڭ!!{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}
بەت: [1]
: ئاپا،دادامنى تىللىماڭ